گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 323|ئىنكاس: 2

Wordتىكى ئەپچىل ماھارەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
18
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1140
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 154
تۆھپە : 15
توردا: 14
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-3-7
ئاخىرقى: 2012-8-25
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 12:29:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Wordتىكى ئەپچىل ماھارەتلەر
بەت لايىھىلەش كۆزنىكىنى تېز ئېچىش
بەت لايھىلەشتە ھۆججەت تىزىملىكىدىكى بەت لايىھىلەش تۈرى ئارقىلىق بەت لايھىسىنى بېكىتىشكە بولىدۇ،لېكىن بۇنى تېز سۈرئەتتە قىلماقچى بولساق ھۆججىتىنى ئېچىپ بەتتىكى شكالا بار ئۇرۇننىڭ ئۈستىگە مائۇسنى قوش چەكسىڭىز بەت لايىھىلەش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.
نىڭ ھالەت سىتونىدىكى بەت،قۇر،ئورۇن دېگەن نام بار جاينى قوش چەكسىڭىز ئالماشتۇرۇش ۋە ئىزدەش كۆزنىكىنى تېز ئېچىش مەقسىدىگە يېتەلەيسىز.
نىڭ قورال سىتونىدىكى بوش ئۇرۇنغا چەكسىڭىز تىزلەتمە قورالنى قۇشۇش ۋە چىقىرىۋېتىشنى ئۆزى بەلگىلەش كۆزنىكىنى تېز سۈرئەتتە ئاچالايسىز.
تىك ۋە توغرا شەكىلدىكى بەتلەرنى ئارىلاش لايىھىلەش ئۇسۇلى
1.قىستۇرۇش تىزىملىكىدىن نى تاللايمىز.
2.ئېچىلغان كۆزنەكتىن كىينكى بەتنى تاللاپ چېكىنىمىز،بۇ چاغدا نۇر بەلگە ئىككىنچى بەتكە ئۆتىدۇ،بۇ بەتتە تۇرۇپ بەت لايھىسىنى قانداق بېكىتسەك شۇ بويىچە لايىھىلەش مەقسىدىگە يېتەلەيمىز.

Word دا تىز سۈرئەتتە تەرتىپ نومۇرى كىرگۈزۈش
بىز Word دا جەدىۋەل بىر تەرەپ قىلغان ۋاقتىمىزدا، كۆپىنچە ھاللاردا تەرتىپ نومۇرى كىرگۈزىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ. لىكىن Excel دەك چاشقىنەك بىلەنلا سۈرۈپ قىلغىلى بولماىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن:
    ئالدى بىلەن تەرتىپ نومۇرى سالماقچى بولغان كاتەكچىلەرنى تاللايمىز. ئاندىن 格式—项目符号和编号 نى تاللاپ项目符号和编 دىئالوگ رامكىسىدىن 编号 تاللاش كارتىسىنى چىكىمىز. سولدىن سانىغاندا ئىككىنچى تۈردىكى 1. 2. 3. دىگەننى تاللايمىز. ئاندىن ئاستىدىكى 自定义 كونۇپكىسىنى بىسىپ، چىققان دىئالوگ راكىسىنى 字体 نىڭ سول تەرىپىدىكى رامكىنىڭ ئىچىدىكى .1نىڭ يېنىكى چىكىتنى ئۆچۈرۈۋىتىپ، جەزىملەشتۇرشنى باسىمىز. شۇنداق بولغاندا بىز خالىغان بىر قۇرنى ئۆچۈرىۋەتسەك، ئاستىدىكى قۇر تەرتىپ نومۇرى ئاپتوماتىك ھالدا تەرتىپ بويىچە ئۇلىشىپ ماڭىدۇ.

Wortتا پۈتۈن جەدىۋەلنى ئۆچۈرۈشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى

ئەگەر سىز  word  ھۆججىتى ئىچىدىكى جەدىۋەللەرنى ئۆچۈرمەكچى بولۇپ delete كۇنۇپكىسىنى  باسسىڭىز جەدىۋەل ئۆچمەي، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئۆچۈپ كېتىدۇ. قانداق قىلغاندا پۈتۈن جەدىۋەلنى بىراقلا ئۆچۈرىۋەتكىلى بولىدۇ؟ ناھايىتى ئاددى، سىز پەقەت پۈتۈن جەدىۋەلنى تاللاپ، ئاندىن Shift+delete       كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا پۈتۈن جەدىۋەل ئۆچۈپ كېتىدۇ. بۇ بىرلەشمە كۇنۇپكا ئارقىلىق يەنە بىر جەدىۋەلدىكى پۈتۈن قۇر ياكى پۈتۈن رەتنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ. يەنى ئالدى بىلەن پۈتۈن قۇر ياكى پۈتۈن رەتنى تاللاپ، ئاندىن   Shift+delete    بىرلەشمە كۇنۇپكا بىسىلسا پۈتۈن قۇر ياكى پۈتۈن رەتنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغىلى بولىدۇ.


word دا جەدۋەلدىكى يېزىق چوڭ-كىچىكلىكىنى ئاپتۇماتىك تەڭشەش ئۇسۇلى

WORD تا جەدۋەلگە يېزىق كىرگۈزگەندە، ئەگەر يېزىق بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، جەدۋەلنىڭ سىتون كەڭلىكى يېزىققا ماس ھالدا چوڭىيىپ كېتىدۇ ياكى ئاستىغا بىر قۇر چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەگەر سىتوننىڭ كەڭلىكى ئۆزگەرمەسلىك شەرت قىلىنغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تەڭشەش ئۈچۈن ئاۋارىچىلىق كۆرىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خەت ئارىلىقىنى ئاپتۇماتىك تەڭشەپ، جەدۋەل سىتونىغا مەسلىشالايدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويساق، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىدەك:
1. WORD كۆزنىكىدە تەييارلانغان جەدۋەلنى تاللاپ تۇرۇپ، تىزىملىك سىتونىدىكى جەدۋەل (表格)  نىڭ ئىچىدىكى [ جەدۋەل خاسلىقى(表格属性)] بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ جەدۋەل خاسلىقى كۆزنىكىگە كىرىمىز.
2. [جەدۋەل(表格)] تاللانما تۈرىدىن [تاللاش تۈرى(选项)]كۇنۇپكىسىنى چېكىپ،[جەدۋەل تاللانما تۈرى(表格选项)] رامكىسىنى ئېچىپ، [ئاپتۇماتىك تەڭشەپ، مەزمۇنغا ماسلاشتۇرۇش(自动重调尺寸以适用内容)] دىگەن تۈرنىڭ ئالدىدىكى بەلگىنى ئېلىۋېتىپ ، [جەزملەشتۇرۇش(确定)] كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، [ جەدۋەل خاسلىقى ( 表格属性)] دىگەن كۆزنەككە قايتىپ كېلىمىز.
3. [ئېلىمىنت(单元格)] دىگەن تاللانما تۇرنىدىن [تاللاش تۈرى(选项)]كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، [ئېلېمىنت تاللانما تۈرى(单元格选项)] دىگەن رامكىنى ئېچىپ، [يېزىقنى ماسلاشتۇرۇش(适用文字)] دىگەن تۈرنى تاللاپ [جەزملەشتۇرۇش(确定)] كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. ئاندىن [جەدۋەل خاراكتىرى( 表格属性)] كۆزنىكىگە قايتىپ،[جەزملەشتۇرۇش(确定)] كۇنۇپكىسىنى چېكىپ كۆزنەكنى تاقايمىز.   قېنى ئەمدى سىناپ بېقىڭ، ئەمدى جەدۋەلگە يېزىق كىرگۈزسىڭىز، يېزىقنى جەدۋەل سىتونىغا ماسلاشتۇرۇپ تىزىپ بېرىدۇ.


Word 2003 دا بەت سېلىشتىن بىر ھۈنەر

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئادەتتە ماتىرىيال بېسىپ چىقارغاندا كۆپىنچە ھاللاردا ئۇنىڭ بىرىنچى بتى ئۇنىڭ چاپىنى(تېشى) بولىدۇ، ئەگەر بىز بۇ ماتىرىيالغا ئادەتتىكىدەك بەت سالغاندا ماتىرىيالنىڭ تېشىغىمۇ بەت سېلىۋىتىدۇ، ئادەتتە بىز ماتىرىيالنىڭ تېشىغا بەت سالمايمىز.
ئەمدى مۇشۇ مەسىلىنى مۇنداق ھەل قىلساق بولىدۇ .
1. ماتىرىيالنى ئۇرۇپ بولغاندىن كىيىن 插入 دىن 页码  نى تاللايمىز .
2.  位置 دىن 页面底端(页脚 نى ئاندىن، 对之方式 دىن  ئوتتۇرا، ئوڭ، سول،.. دىگەنلەرنىڭ ماس كىلىدىغىنىنى تاللايمىز. 首页显示页码 نىڭ ئالدىدىكى تاللىنىشنى ئېلىۋېتىمىز.
3. ئاستىدىكى 格式 نى ئاچىمىز، ئۈستىدىكى 数字格式دىن ماس كىلىغاننى تاللاپ، ئاستىدىكى 起始页码 نىڭ ئالدىغا بەلگە ئۇرۇپ، ئوڭ تەرىپىدىكى سان(ئادەتتە 1 بولىدۇ) نى 0 گە تەڭشەيمىز.ئەمدى جەزىملەشتۈرۈپ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.




Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  422
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 656
تۆھپە : 24
توردا: 47
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-30
ئاخىرقى: 2012-10-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 11:29:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3890
تۆھپە : 91
توردا: 1378
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2012-10-11
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 01:15:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ
ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 10:59 , Processed in 0.128477 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش