1.پىشانىدىكى قورۇق: چۈشكۈنلۈك، قايغۇرۇش كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
پىشانىسىدە بۇنداق دولقۇنسىمان قورۇق چۈشكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە قايغۇرۇش، ئازاب ۋە روھىي بېسىم كۈچلۈك بولۇپ، كۆپىنچە قايغۇرۇش ياكى يېنىك روھىي غەمكىنلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەر تۇرمۇشتا تەركىي دۇنيا ھالەتتە تەنھا ئۆزى بىلەن ئۆزىلا ياشىماي تەدىرجى دوست تېپىشى ،مېھرى -مۇھەببەتلىك ياشىشى ھەمدە ئۇسسۇل ئويناش،ناخشا ئېيتىش، دوست- بۇرادەرلىرى بىلەن مۇۋاپىق ھالدا چاي ئويناش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى خۇش قىلىشنى بىلىشى ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، يېمەك-ئىچمەك، ئۇزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
2.مەڭزدىكى قورۇق: بۇ قان- تومۇرلاردا مەسلە كۆرۈلگەنلىكنىڭ ئىنكاسى.
مەڭز-بىر قەدەر نازۇك، نېپىز تېرە جايلاشقان ئورۇن بولۇپ، قان تومۇرلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى ناھايىتى تېزلا ئاشكارىلاپ بېرەلەيدۇ.مەسىلەن، ئوڭ تەرەپ مەڭزدىكى قورۇق سول تەرەپتىكىگە قارىغاندا چوڭقۇر ۋە ئېنىق بولسا، بۇ جىگەر ئىقتىدارىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىدىن بېشارەت، ئەگەر مەڭزگە يانتو قورۇق چۈشكەن بولسا، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار -يوقلىغىنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈش كېرەك. ئەگەر جاۋغاي سۆڭى تەرەپكە ئورغاق شەكىللىك قورۇق چۈشكەن بولسا، پۇت تەرەپتە كېسەللىك بارلىقىدىن بېشارەت.
بۇ خىلدىكى كىشىلەر يېمەك-ئىچمەك، بەدەن چېنىقتۇرۇش، كۈتۈنۈشكە دىققەت قىلىشى كېرەك.
3. كۆز ئاستىدىكى قورۇق: زەھەر چىقىرىش ئىقتىدارىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
كۆز ئاستىڭىزدىكى قورۇقلار بۆرەك ۋە دوۋساقنىڭ بەدەندىكى زەھەرلىك ئاجرالمىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ، ئەگەر كۆزىڭىزنىڭ ئاستىدا كۆز خالتىسى پەيدا بولغان بولسا، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەشكە ئەھمىيەت بېرىڭ. ئەگەر كۆز ئاستىڭىزدا يېرىم ئاي شەكىللىك قورۇق پەيدا بولغان بولسا، بۆرەك، دوۋسۇن، يۈرەك قاتارلىق ئەزالىرىڭىزدا كېسەللىك پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى. بۇنداق ئەھۋالدا قېلىن كىيىنىپ، قورساقنى ياخشى توقلاپ ئاپتاپقا كۆپرەك قاقلىنىپ، يېمەك-ئىچمەك، كەيپىياتىڭىزغا دىققەت قىلىڭ.
4. كالپۇك ئەتراپىدىكى قورۇق:ئاشقازان-ئۈچەينىڭ خىزمىتىگە دىققەت قىلىڭ.
ئوڭ تەرەپ كالپۇك بۇرجىگىدىكى قورۇق جىگەر بىلەن ئۆتنىڭ خىزمىتىنىڭ ناچارلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرسە، سول تەرەپ كالپۇك بۇرجىگىدىكى قورۇق تالنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. كالپۇكنىڭ بىرجىكىدە يەنى جاۋغايدا قىسقا قورۇق بولسا ، بۇ ئاشقازان كېسىلىنىڭ بېشارىتى. ناۋادا دائىم كېچە سائەت بىر-ئىككىلەر بىلەن ئويغىنىپ كېتىپ، قايتا ئۇخلىشىڭىز تەس بولسا، جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدىغان دورىغا مۇۋاپىق مىقتاردا ئۇيقۇ دورىسى قوشۇپ ئىچىپ بېرىڭ ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىڭ ، نەشپۈت، تاۋۇز، قارا ئۈجمە، قارا ئۆرۈك، ئەنجۈر، ئالىقات قاتارلىق مېۋىلەرنى يەپ بەرسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
مەنبە:
http://www.tansak.cn/