ئۇزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرى ئاياللار رەڭگى-رۇخسارىنى ساقلاشتا <تۆت قىزىل> نى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا،بەدەننى قۇۋەتلىكەندىن سىرىت، ھۆسنىنى گۈزەللەشتۈردىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلدى.
ئاتالمىش‹تۆت قىزىل> قىزىل پۇرچاق،چىلان،خاسىىڭ ۋە قار شېكەرنى كۆرسىتىدۇ.قىزىل پۇرچاقنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمىتلار بار بولۇپمۇ تۆمۈر ۋە ۋىتامىن B12قان تۇلۇقلاش ۋە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە.ھەيزى ۋاقتى ئۇزۇن،كەلگەن قاننىڭ مىقدارى كۆپ كىشىلەر قىزىل پۇرچاقنى كۆپ يەپ بەرسەبولىدۇ،ھامىلدارلار كۆپ يەپ بەرسە،سۈت كەلتۈرىدۇ.
خاسڭ : تەركىبىدە ئاقسىل،تۇيۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول بولۇپ،قۇۋەتنى ئاشۇرۇپ تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ.قان تۇلۇقلاپ،قان تۇختىتىشتەك رولى بار، بولۇپمۇ خاسىڭنىڭ پوستى قان پىلاستىنكىللىرىنڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئاشۇرىدۇ.قان كەملىكنى داۋالاشتا ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە،خاسىڭ پوستىدا يەنە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن B1،ۋىتامىنB2ۋە ۋىتامىن E بار بولۇپ،ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە.شۇڭا،قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
چىلان:ئاشقازاننى قۇۋەتلەپ،نېرۋىنى تىنىچلاندۇرىدۇ،بولۇپمۇ يېڭى چىلاننىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C كالتىسىي ۋە تۆمۈر ماددىسى مول بولۇپ،كۆپ يەپ بەرسە،ئوتتۇرا ياش ئاياللاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قار شېكەر:قاننى جانلاندۇرۇپ،سوغۇقنى ھەيدەيدۇ،قان تۇلۇقلاپ قۇۋەتنى ئاشۇرىدۇ.جۇڭيى تىبابىتى رېستىپلىرىداقاراشېكەر ئەڭ ياخشى قۇشۇمچەدورا بولۇپ،60گىرام قاراشېكەر ۋە ئالتە گىرام چوڭ چىلانغا 15گىرام كونا زەنجىۋىل ۋە مۇۋاپىق مىقدارىداسۇ قۇشۇپ قاينىتىپ،چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە،ھەيز قالايمىقانلىشىش،ھەيز تۇتۇلۇش قاتارلىق ئاياللار كېسەللىكلىرىگە ناھايىتى ياخشى مەنپەت قىلىدۇ.
قىزىل پۇرچاق:ئادەتتە چىلان،خاسىڭ ۋە قارا شېكەردىن تەييارلانغان شوۋىگۈرۈشنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يوقىرى،شوۋىگۈرۈش تەييارلاشتا گۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ،ئەڭ ياخشىسى نومى گۈرۈچى ئىشلىتىش كېرەك،گۈرۈچنىڭ ئاز كۆپلىكىگە ئاساسەن،مۇۋاپىق مىقداردا چىلان ،خاسىڭ ۋە قىزىل پۇرچاق قاتارلىقلارنى قۇشۇپ پىشۇرغاندا ياكى جىنىگە تاماقنى ئۇسىغاندىن كېيىن قارا شېكەر قوشسا بولىدۇ،تەمى مەززىلىك،تاتلىق بولۇپ،ئادەمكە قۇۋەت تۇلۇقلىغاندىن سىرىت،ھۆسنىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
مەنبە:
http://www.tansak.cn/web/art/?action=mazmun&id=853.shtml