گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1292 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چوغلان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاللا ئىشلىرڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،  ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن !

  • ئەتىرگۈل 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخشام يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ ئۇيغىنىپ كەتتىم، ئىسىمنى يىغسام ئۆي لەپەڭشگىلى تۇرۇپتۇ

  • نائىل 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار كەمىنە نائىلدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

  • مەردان105 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

      

  • سادىر 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تۇرۋاتامسىلەر دوستلار

  • مۇخلىسە 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق دوسلار ئەھۋالىڭلار كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،سالامەتچىلىكمۇ؟

  • تۇرغۇن13325 2013-1-20 21:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوسلار ،سورەت تارتىش بىلەن ئالدىراش بوپ كىتىپ بۇگۇن مۇنبەرگە قايتىپ كەلدڭم يېڭى يىلىڭلارغا بۇبا.....

كۆرۈش: 1046|ئىنكاس: 1

ئۇنۇتقاقلىق سزدە بارمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

115

تېما

34

دوست

6133

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 4

يوقلىما
262
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3575
تۆھپە : 416
توردا: 150
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-31

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 09:17:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنۇتقاقلىق (نىسيان) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، نىرۋا خىزمىتى چىكىنىش ياكى مىڭىگە ئۇزۇقلۇق، قان ۋە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكى سەۋەبدىن ئويلاش، ئەسلەش، خىيال قىلىشنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى بۇزۇلۇشتىن ئەستە تۇتۇش، خىيال قىلىشتەك پائالىيەتلەرنىڭ نۇرمالسىزلىقىغا قارىتىلغان.
بۇ كىسەل (3)كە بۆلىنىدۇ:
1) ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ بۇزۇلۇشى؛ 2) ئويلاش كۈچىنىڭ بۇزۇلۇشى؛ 3) خىيال سۈرۈش كۈچىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئىبارەت.
1- ئەستە ساقلاش قابىلىيتىنىڭ بۇزۇلۇشى
سەۋەبى: 1) روھى كەيپىياتنىڭ نۇرمالسىزلىقى، غەم-قايغۇ، قېرىلىق، ھەسرەت-نادامەت، داۋاملىق غەم ئەندىشىدە ياشاش قاتارلىقلار.  2) ئۇنۇتقاقلىق پەيدا قىلىدىغان ھۆل سۇغۇق تەبىئەتتىكى يىمەك ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىھتىمال قىلىش (كۆك يۇمغاقسۈت، كاللەك بەسەي، يىسىۋىلەك) قاتارلىقلار؛ 3) تۆت خىل خىلىتنىڭ بۇزۇلۇشى، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى سەپرادىن بولسا ئاسان تۇتىۋېلىپ ئاسان ئۇنتۇپ قالىدۇ، سەۋدادىن بولسا تەستە تۇتۇۋېلىپ تەستە ئۇنتۇيدۇ، قاندىن بولسا تۇتىۋېلىشى تىز، ئۇنتۇپ قېلىشى ئاستا بۇلىدۇ، بەلغەمدىن بولسا تۇتۇۋېلىشى ئاستا، ئۇنتۇپ قېلىشى تىز بۇلىدۇ.
ئالامىتى:
ئۇيقۇسى كۆپ بۇلۇش، گەجگە قىسمى ئېغىر بۇلۇپ، ئېغىزدىن دائىم شالۋا ئېقىش، باشنىڭ ئارقا قىسمى ئېغىر بۇلۇش ئالامەتلىرى بۇلىدۇ.
غىزاسى: كەپتەر، كەكلىك گۆشى، نۇقۇت سۈيى، قىرغاۋۇل گۆشى، ياڭاق مېغىزى، ئۈرۈك مېغىزى، يېغى قاتارلىقلار پايدىلىق.
سۇغۇق تەبىئەتتىكى غىزالاردىن يىمەك-ئىچمەكلەر ھەم سۇغۇق سۇدا كۆپ يۇيۇنۇشتىن پەرىز قىلىش كىرەك.
2- ئويلاش كۈچىنىڭ بۇزۇلۇشى
ئويلاش كۈچىنىڭ بۇزۇلۇشى بىرەر ئىشقا پىكىر يۈرگۈزەلمەسلىك، ئويلاشتا ھۇرۇنلۇق قىلىش، بىر نەرسىنى يادىدا تۇتالماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، بۇ دىۋەڭلىك كىسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
سەۋەبى: 1) زىيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك غىزالارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، يەنى (بەلغەم خېلىتىدىن بولغاندا)؛ 2) غەيرى سەۋدا خىلىتىنىڭ ئوتتۇرا مىڭىگە تەسىر قىلىشى؛ 3) كۆيگەن سەپرانىڭ مىڭىگە تەسىر قىلىشى؛ 4) جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش، جەلق قىلىش، كۆپ ئىھتىلام بۇلۇش سەۋەبىدىن؛ 5) كۆپ ھاراق ئىچىش ۋە زەھەرلىك چىكىملىكلەرنى ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن؛ 6) ھەر خىل ئۇرۇلۇش، سۇقۇلۇش سەۋەبىدىن باش ساھەسىنىڭ ئېغىر زەخمىلىنىشى قاتارلىقلار.
ئالامىتى: باش ئېغىر بۇلۇش، ئۇيقۇسى كۆپ بۇلۇش، بىرەر ئىشقا پىكىر يۈرگۈزەلمەسلىك ھەم بىرەر نەرسىنى ئەستە تۇتالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۈرۈلىدۇ.
3-خىيال سۈرۈش كۈچىنىڭ بۇزۇلۇشى
خىيال قىلىش ئورنى مىڭىنىڭ ئالدىنقى قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، بۇ ھىسسىي مۇشرەكتە ئىدراك قىلىنىپ كۈڭۈلگە تىزىلغان سۈرەتلەرنىڭ ساقلىنىش قابىلىيىتىنىڭ كېمەيگەنلىكى ياكى بۇزۇلۇشقا قارىتىلغان.
سەۋەبى: 1) بەدەننىڭ ئاجىزلىشىشى ھەم ھىسسىي مۇشتىرەكنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن؛ 2) قىزىتمىلىق كىسەللەر سەۋەبىدىن؛ 3) بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرى ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن.
ئالامىتى: كۆرگەن نەرسىلەرنى نىمە ئىكەنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزەلمەسلىك، كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى دىيەلمەسلىك ئالامەتلىرى كۈرۈلىدۇ.
داۋالاش: كىسەللىكنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بەلغەمنىڭ مۇنزىجىنى 9كۈن بىرىپ، ئۇندىن كىيىن ئايارەنجى پەيقىرا بىرىپ ماددىنى پاكلاش لازىم، ماددا پاكلانغاندىن كىيىن مائۇلئەسەل، شەربىتى ئۈستىقۇددۇس، ماددەتۇلھايات، جاۋارىش جالىنۇس، ئامىلە نۇشدارى بىرىش ياخشىدۇر.
غىزاسىغا: قۇرۇق ئۈزۈم بىلەن ياڭاق مېغىزىدا سوقماق قىلىپ بىرىلىدۇ ھەمدە ئۇچار قاناتلارنىڭ گۆشلىرىنى بىرىشكە بۇلىدۇ، يىمىشلەردىن: ئالما، ئۈزۈم، ياڭاق قاتارلىق قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك ئۇزۇقلۇقلار بىرىلىدۇ.
مەنبە:  http://www.tansak.cn/web/art/?action=mazmun&id=784.shtml


بىلىم ئىزدەنگۈچىلەرگەھەمرا . تۇرسۇن نىياز

6

تېما

19

دوست

2895

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  241
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1398
تۆھپە : 29
توردا: 103
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-26

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 21:47:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يېقىندىن بېرى بەك ئۇنۇتقاق بولۇپ كەتتىم.ئىزدىمەكچى بولغان نەرسە قولۇمدا بولسىمۇ،بىر ھازا ئىزدەپ،تۇيۇقسىز قولۇمدا تۇرغانلىقىغا كۆزۈم چۈشىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2013-2-1 06:33 , Processed in 0.140402 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش