1.سەپكۈن پەيدا قىلىدۇ.
ئادەم ئاچچىقلانغاندا ، كۆپ مىقداردىكى قان باش تەرەپكە ئاقىدۇ ، بۇ چاغدا قاندىكى ئوكسىگېننىڭ مىقدارى ئازلاپ ، توكسىن كۆپىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن توكسىن تۈك خالتىلىرىنى غىدىقلاپ ، تۈك خالتىلىرى ئەتراپىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ياللۇغلىنىشىغا سەۋەب بولۇپ سەپكۈن پەيدا قىلىدۇ .
2.مېڭە ھۈجەيرىسىنى قېرىتىدۇ.
ئاچچىقلانغاندا، كۆپ مىقداردىكى قان باش قىسىمغا ئېقىپ ، مېڭە قان تومۇرىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قاندىكى توكسىن كۆپىيىپ ، ئوكسىگېن ئازلايدۇدە، مېڭە ھۈجەيرىسىنى قېرىتىۋېتىدۇ.
3.ئاشقازان يارىسى پەيدا قىلىدۇ.
ئاچچىقلىنىش سىمپاتىك نېرۋىنى غىدىقلاپ ، بىۋاستە يۈرەك ۋە قان تومۇرلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيدىكى قاننىڭ ئېقىش مىقدارىنى ئازايتىپ ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاستىلىتىپ ، ئىشتىھاسىزلىققا سەۋەپ بولىدۇ . ئېغىر بولغاندا ئاشقازان يارىسىنى پەيدا قىلىدۇ.
4.يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قان كۆپ مىقداردا چوڭ مېڭە ۋە يۈز قىسىمغا ئاققاندا يۈرەك تەمىنلىنىدىغان قان ئازلاپ، يۈرەك مۇسكۇلىدا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇدە، يۈرەك بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەسسىلەپ ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن يۈرەكنىڭ رىتىمى قالايمىقانلىشىدۇ.
5.جىگەرنى زەخمىلەندۈرىدۇ.
ئاچچىقلانغاندا ئادەم بەدىنى كاتېخولئامىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ، مەركىزىي نېرۋىغا تەسىر كۆرسىتىپ ، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىپ ، قان ۋە جىگەر ھۈجەيرىسىدىكى توكسىننى كۆپەيتىۋېتىدۇ .
6.قالقانسىمان بەز كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئاچچىقلىنىش ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەنلىكتىن ، قالقانسىمان بەز ئاجرىتىپ چىقارغان ھورموننىڭ مىقدارى كۆپىيىپ ، تەدرىجىي قالقانسىمان بەز كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
7.ئۆپكىنى زەخىملەندۈرىدۇ.
كەيپىيات جىددىيلەشكەندە نەپەسلىنىش تېزلىشىدۇ، ھەتتا نەپەس سىقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى ئۈزلۈكسىز كېرىلىپ يىغىلىدىغانغا ۋاقىت بولمايدۇدە، ئۆپكە ئارام ئالالماي، ئاخىرىدا ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ .
8.ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئاچچىقلانغاندا چوڭ مېڭە بەدەنگە خولېستېرىندىن ئۆزگەرگەن پوستىلاق سترول ئاجرىتىشقا بۇيرۇق قىلىدۇ . بۇنداق ماددا ئادەم بەدىنىدە ئۈزلۈكسىز يىغىلىۋەرسە ، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنىڭ ھەركىتىگە توسالغۇ بولۇپ ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىۋېتىدۇ.
مەنبە:
http://www.tansak.cn/web/art/?action=mazmun&id=780.shtml بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۇرسۇن نىياز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-3 21:14