1 . چىش چوتكىلاڭ ۋە يۈز يۇيۇڭ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چىش چوتكىلاش ئەتىگەندە چوتكىلىغاندىنمۇ مۇھىم، چۈنكى ئېغىزدىكى تاماق قالدۇقلىرىنى پاكىز تازىلاپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ، بۇ چىشنى قوغداش بىلەن بىللە يەنە ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ.
2. چاچ تاراڭ. ئەتىگەندە ۋە كەچتە ئىككى قولنىڭ بارمىقى بىلەن باشنىڭ تېرىسى قىزىرىپ قىزىغىچە تارىغاندا، باشنىڭ قان ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، چاچ يىلتىزىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، يەنە چاچنى قوغداپ، چاچ چۈشۈشنى ئازايتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ چارچىشىنى تۈگىتىپ، نورمال ئۇخلىغىلى بولىدۇ.
3. سەيلە قىلىڭ. سالماق قەدەم بىلەن 10 – 20 مىنۇت سەيلە قىلغاندا، قان ئايلىنىش راۋان بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ بەدەن تېرىسى ‹&lsaquoجانلىق›› قوغدىلىنىشقا ئېرىشىدۇ. ياتقان چاغدا، كىتاب، گېزىت ئوقۇماڭ، تىنىچلىنىڭ، شۇ ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ پائالىيىتىنى ئازايتىڭ.
4. ھەسەل قوشۇلغان كالا سۈتى ئىچىڭ. ئۇخلاشتىن بىر سائەت ئىلگىرى ھەسەل قوشۇلغان بىر ئىستاكان كالا سۈتى ئىچسە، ئۇخلاشقا ياردىمى بولىدۇ.
5. دېرىزىنى ئېچىپ ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇڭ. دېرىزىنى ئېچىپ، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاڭ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى دېرىزىنى يېپىۋېتىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، تاتلىق ئۇخلايسىز. ئۇخلىغاندا بېشىڭىزنى پۈركىۋالماڭ.
مەنبە:
http://www.tansak.cn/web/art/?action=mazmun&id=776.shtml بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۇرسۇن نىياز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-1 09:08