گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1292 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چوغلان 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاللا ئىشلىرڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،  ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن !

  • ئەتىرگۈل 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخشام يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ ئۇيغىنىپ كەتتىم، ئىسىمنى يىغسام ئۆي لەپەڭشگىلى تۇرۇپتۇ

  • نائىل 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار كەمىنە نائىلدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

  • مەردان105 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

      

  • سادىر 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تۇرۋاتامسىلەر دوستلار

  • مۇخلىسە 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق دوسلار ئەھۋالىڭلار كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،سالامەتچىلىكمۇ؟

  • تۇرغۇن13325 2013-1-20 21:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوسلار ،سورەت تارتىش بىلەن ئالدىراش بوپ كىتىپ بۇگۇن مۇنبەرگە قايتىپ كەلدڭم يېڭى يىلىڭلارغا بۇبا.....

كۆرۈش: 1138|ئىنكاس: 3

ئاق چاچنى خالىغانچە يۇلماڭ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

115

تېما

34

دوست

6133

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 4

يوقلىما
262
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3575
تۆھپە : 416
توردا: 150
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-31

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 09:05:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىمايلا چاچقا ئاق چۈشسە ھەقىقەتەن كىشىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. بەزىلەر بېشىدا ئاق چاچنى كۆرسىلا يۇلۇۋېتىدۇ،  بەزىلەر بىرنى يۇلساڭ ئونى چىقىدۇ، دەپ قاراپ ئاق چاچنى يۇلۇۋەتمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر چاچقا ئاق چۈشۈشنىڭ سەۋەبىگە قاراپ، دورا ئىشلەتسە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۇنى خالىغاچە يۇلۇۋېتىشنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: چاچقا ئاق چۈشۈش ھەم تۇغما، ھەم ناتۇغما بولىدۇ، تۇغمىسى ئىرسىيەت جۈملىسىگە كىرىدۇ. ئىرسىيەتلىك چاچ ئاقىرىشمۇ ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، كېسەل سەۋەبلىك چاچ ئاقىرىش بولۇپ، چاچ، قاشلار بىردەك ئاقىرىپ كېتىدۇ. يەنە بىرى، كېسەل سەۋەبسىز چاچ ئاقىرىش بولۇپ، بالىلار ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىلا چېچى ئاقىرىشقا باشلايدۇ. بۇ ئىككى خىل ئىرسىيەتلىك چاچ ئاقىرىشنى داۋالاش ئادەتتە قىيىن. ناتۇغما چاچ ئاقىرىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
    ناتۇغما چاچ ئاقىرىشقا تولاراق ئېغىر بېسىمغا ئۇچراش ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەب بولىدۇ. خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى ئېغىرلاپ، روھىي جىددىيلىك كۆرۈلسە ئاق چاچ كۆپىيىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ روھىي زەربە زىيادە بولغاندا، ئالايلۇق، ئائىلىدە ئۆلۈم يېتىم كۆرۈلگەندە، چاچنىڭ ئاقىرىشى تېزلىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، يېمەكلىك تەڭپۇڭسىزلىقى، مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ يېتىشمەسلىكىمۇ چاشنىڭ ئاقىرىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
   ئاق چاچ يۇلۇۋېتىلسە تۈك خالتىسى يەللىگلىنىپ قالىدۇ. كىشىلەرنىڭ تولىسى ئاق چاچنى ئۇدۇللۇق يۇلۇۋېتىدۇ. خەلق ئارىسىدا بىرنى يۇلساڭ چىقىدۇ، دېگەن گەپ بار. مۇتەخەسسىسلەر بۇ گەپنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق، دەپ قاراش بىلەن بىللە، مۇنداق كۆرسىتىدۇ: قارا چاچنى ئاساسەن چاچ خالتىسى يىلتىزىدىكى قارا پىگمېنت ھۈجەيرىسى ئۆستۈرىدۇ، ئىنسان يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چاچ يىلتىزىدىكى پىگمېنت ھۈجەيرىسىنىڭ قارا پىگمېنت ئىشلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ دە، چاچ ئاقىرىشقا باشلايدۇ. ئاق چاچ يۇلۇۋېتىلسە، ئاق چاچ ئاۋۇپ كەتمىگىنى بىلەن چاچ يىلتىزى زەخىملىنىدۇ، بولۇپمۇ يۇلۇش  كۆپەيسە تۈك خالتىسى يەللىگلىنىدۇ. دېمەك، بىر ئىككى تال چېچىڭىز ئاقىرىپ قالغان بولسا، يۇلۇۋەتسىڭىزمۇ، يۇلۇۋەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن ئاق چاچ بىردىنلا كۆپىيىپ كەتسە، يۇلۇۋېرىش زىيانلىق.
   چاچ بوياشنىڭ يوشۇرۇن زىيىنى كۆپ. چېچى ئاقىرىپ كەتكەنلەر چېچىنى قارا ۋە باشقا رەڭلەردە بويىتىۋالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارايدۇ: چاچنىڭ تەبىئىي بولغىنى ياخشى، چاچ بوياقلىرىنىڭ راك پەيدا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق يەكۈن تېخى چىقمىغان بولسىمۇ، بوياقلار تەركىبىدىكى خىمىيىۋى ماددىلار زىيادە سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باش تېرىسى مېڭىگە ئەڭ يېقىن بولغاچقا، ئۇ خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىۋەرسە، بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرى مۇقەررەر زەخىملىنىدۇ. بولۇپمۇ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلار چېچىنى بوياتسا بولمايدۇ.
   چاچ ئاقىرىشقا باشلىغاندا  ياخشىسى دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، سەۋەبىنى تېپىپ توغرا داۋالىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىگە مىكرو ئېلېمېتلارنىڭ كەم بولۇشى سەۋەب بولغان بولسا، چاچقا پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى، ئالايلۇق، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت، بەرەنگى، كولكار قاتارلىق ئوتياشلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم، بۇنداق يېمەكلىكلەر روھىي جىددىيلىك ۋە بېسىمنى پەسەيتىپ، روھىي كەيپىياتنى تەڭشەپ، قايتا قارا چاچ چىقىرىش رولىنى ئوينايدۇ.
مەنبە:زوقمەن تورى.
مەنبە:http://www.tansak.cn/web/art/?action=mazmun&id=775.shtml


بىلىم ئىزدەنگۈچىلەرگەھەمرا . تۇرسۇن نىياز

3

تېما

30

دوست

2653

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  641
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1267
تۆھپە : 6
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-12-13

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 10:18:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا مەنمۇ ئاق چاچلارنى يۇلماي قويسام بولغىدەك تە


نائەھلىلەر قىسماي قۇلاققا،تاشلاپ كەتسە مىنى تۇپراققا.غۇرۇرۇمنى ساقلاپ قالماققا،ئايلىنارمەن تىكەن-يانتاققا

0

تېما

0

دوست

37

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1275
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 19
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-14

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 15:21:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ  يۇلۇۋەرسە  ئازلىماي تېخىمۇ ئاۋۇپ كىتىدىكەن ...


0

تېما

0

دوست

57

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  695
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 18
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-6

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 13:40:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇغۇ شۇ بۇ ئاق چاچنى بۈگۈن بىرنى يۇلسا ئەتىسى ئونى كۆپىيدىكەن .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2013-2-1 06:33 , Processed in 0.166171 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش