گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 466|ئىنكاس: 1

كۆزدە نېمىشقا چاپاق پەيدا بولىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

يوقلىما
239
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3341
تۆھپە : 408
توردا: 137
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-30
ئاخىرقى: 2012-10-17
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 08:59:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    چاپاق ۋە كۆزدىكى كېسەل ئالامىتى چاپاق كۆزدىن چىقىدىغان ياغسىمان ئاجرالما بولۇپ، ئادەتتە سۇس سېرىق، يېپىشقاق كېلىدۇ. ئۇ ئاساسەن قاپاق بېزى ياغلىق ئاجراتمىسى ۋە ياش سۇيۇقلۇقىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ئاز مىقداردا بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياكى مۈڭگۈز پەردىنىڭ ئۈستۈنكى توقۇلمىلىرىنىڭ تۆكۈلمىلىرى، كۆزگە كىرىپ كەتكەن چاڭ - توزانلار، قىسمەن مىكرو جانلىقلار، قىسمەن قان، ھەتتا يەللىكلەنگەن ھۈجەيرىلەرمۇ بولىدۇ. چاپاقنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسى بىرىكتۈرگۈچى پەردە بولۇپ، ئۇ ئاجرالما چىقىرىش فۇنكسىيىسىگە ئىگە، ئۇ چىقارغان يېپىشقاق ماددا كۆز ئالمىسىنى قوغداش ۋە نەمدەپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. كۆزدە كېسەل كۆرۈلگەندە، يەنى بىرىكتۈرگۈچى پەردە يەللىكلىنىپ قالغاندا، ئۇ ئاجرىتىدىغان يېپىشقاق ماددا كۆپىيىدۇ، بۇ ماددا كېسەل تۇغدۇرغۇچى باكتېرىيىلەر، ياش ۋە يەللىكلىنىش سەۋەبلىك قان تومۇرلاردىن چىققان ھۈجەيرىلەر ۋە باشقىلار بىلەن قوشۇلۇپ، يېپىشقاق ئاجراتمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. چاپاق مىقدارى كېسەل تۇغدۇرغۇچى باكتېرىيىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ۋە كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ بەزىدە كۆپ، بەزىدە ئاز بولىدۇ. سوزۇلما خاراكتېرلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە يەللىكىنىڭ كېسەل ئالامىتى ئادەتتە يېنىكرەك بولۇپ، ئەتىگەندە ئورۇندىن تۇرغاندا كۆز مۈڭگۈزىدە ئازراق چاپاق پەيدا بولۇپ قالىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە يەللىكىنىڭ كېسەل ئالامىتى ئېغىرراق بولىدۇ، كۆپىنچە ئاستى --- ئۈستى قاپاق كىرپىكلىرى چاپلىشىپ قېلىپ، كۆزنى ئېچىش قىيىن بولىدۇ. چاپاق خاراكتېرىگە قاراپ سۇيۇق چاپاق، يېپىشقاق چاپاق ۋە يىرىڭلىق چاپاق دېگەنگە ئوخشاش تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. چاپاق سۇيۇق بولسا، تولاراق ۋىرۇسلۇق بىرىكتۈرگۈچى پەردە يەللىكى بولغانلىقنى، يېپىشقاق بولسا زىيادە سەزگۈر بىرىكتۈرگۈچى پەردە يەللىكى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، يىرىڭلىق ئاجرالمىنىڭ كۆپلەپ پايدا بولغانلىقى تولا چاغلاردا جىددىي بىرىكتۈرگۈچى پەردە يەللىكىنىڭ تىپىك ئالامىتى بولىدۇ. ئومۇمەن چاپاقنىڭ پەيدا بولۇشى بىرىكتۈرگۈچى پەردىدە كېسەل ئالامىتى كۆرۈلگەنلىكىنىڭ بېشارىتى بولۇپ، ئۇ چاپاق بىرىكتۈرگۈچى پەردىنىڭ ئۆزىدە كېسەل كۆرۈلگەنلىكىدىن پەيدا بولۇشىمۇ، كۆز ئالمىسىنىڭ باشقا قىسىملىرىدا كۆرۈلگەن كېسەللەرنىڭ بىرىكتۈرگۈچى پەردىگە تەسىر قىلغانلىقىدىن كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا كۆزدە كۆرۈلگەن چاپاق ئاز بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا سەل قارىماي، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك
مەنبە: http://www.tansak.cn/web/art/?action=mazmun&id=877.shtml


بىلىم ئىزدەنگۈچىلەرگەھەمرا . تۇرسۇن نىياز

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  422
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 656
تۆھپە : 24
توردا: 47
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-30
ئاخىرقى: 2012-10-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 22:37:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنڭ كۈزنمدىنغۇ جىق چاپاقلارمۇ ئۆرلەپ كەتمەيدۇ،ئاللاھ ئىگەم ئۇنداق كىسەللەردىن يىراق قىلغاي،


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 11:24 , Processed in 0.199537 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش