گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 224|ئىنكاس: 5

يىگىت بول (مۇزاتى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
152
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  516
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1953
تۆھپە : 312
توردا: 117
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2012-9-24
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 22:01:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يىگىت بول

مەخمۇت ئاۋۇت
(مۇزاتى)



ئاتا-ئاناڭ ئىزىدىن قالمايدىغان يىگىت بول،
ۋاپادار بوپ ئۇلارغا ھارمايدىغان يىگىت بول؛
پەسكەشلەرنىڭ يولىغا ماڭمايدىغان يىگىت بول،
قەھرىتان سوغ، تومۇزدا ئۆڭمەيدىغان يىگىت بول.



چىقارمىغىن ئېسىڭدىن تۇتساڭ ئەمەل ئەسلىڭنى،
ساقلا ئەسلى خىسلىتىڭ، ئادىمىيلىك نەسلىڭنى؛
شەيتان سۆرەر دوزاخقا قويۇۋەتسەڭ نەپسىڭنى،
ھالال ئەجىر يولىدىن يانمايدىغان يىگىت بول.



ئەلنىڭ ئوغلى، پەخرىسەن قەدىرلىگىن ئۆزۈڭنى،
كۆپ مۇرەككەپ جاھان بۇ روشەن قىلغىن كۆزۈڭنى؛
بېرىلىپ مەي-شاراپقا يەر قىلمىغىن يۈزۈڭنى،
بىۋاپانى قوينىغا ئالمايدىغان يىگىت بول.



يىگىت ئىدىم بىر چاغدا قىلغان مەنمۇ بەڭباشلىق،
خۇدۇم بىلمەي قاتىراپ قىلىپتۇرمەن ھەم شاشلىق؛
ھەر كويلارغا سالاركەن شۇ ەۆدەكلىك،شۇ ياشلىق،
ھاڭ لېۋىگە ئالدىراپ چاپمايدىغان يىگىت بول.



ھاياتىڭنى قەدىرلە رۇسلاپ ماڭغىن يولۇڭنى،
تېخنىكىدا ، ھۆنەردە پۇختىلىغىن ئۇلۇڭنى؛
مىشچانلىقنى تاشلىغىن قىسقا قىلار قولۇڭنى،
بېيىغاندا ئاجىزنى ئويلايدىغان يىگىت بول.



قىز-ئاياللار خالىماس تۇتامى يوق يىگىتنى،
قەدىرلەيدۇ ھەر جايدا يىلىكى توق يىگىتنى؛
يار قوينىغا ئالمايدۇ كۆڭلى سۇيۇق يىگىتنى،
يۈرىكىدە ئوتى بار ، ئۆچمەيدىغان يىگىت بول.



سۆيگۈنىڭگە كۆيۈمچان چىن ۋاپادار يىگىت بول،
قېرىنداشقا مېھرىبان ھەم يۆلەك-يار يىگىت بول؛
مۇھاببىتىڭ ، نەپرىتىڭ ھەم ئېنىق بار يىگىت بول،
ئەل ئىچىدە غۇرۇرلۇق يار نومۇس-ئار يىگىت بول.



شېئىرىنىڭ ئاپتورى: باي ناھىيىسىدىن: ماخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەتىرگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-19 23:55  



Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  422
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 656
تۆھپە : 24
توردا: 47
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-30
ئاخىرقى: 2012-10-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 23:48:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aa
يىگت بول مەرۇ_ مەردانە ياشا،
پۇل ئۈچۈن ۋىژدان غۇرۇڭنى ساتما.
ئادەمدەك خىسلەت بىلەن ياشاپ،
مىللەت ئۈچۈن دوزاختىن يانما.


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3890
تۆھپە : 91
توردا: 1378
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2012-10-11
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 00:10:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە ماۋۇ شېئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ مىنىڭچە، ئىسىل شېئىرلىرىڭىز ئارقىلىق مۇنبەردىكى مەزمۇنلارنى بېيتقىنىڭىزغا رخمەت، بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن


ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  403
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1698
تۆھپە : 10
توردا: 167
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-28
ئاخىرقى: 2012-9-11
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 12:30:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  ماقۇل مۇزاتكا يىگىت بۇلاي


ئۆز يۇلۇمدا مېڭۋاتىمەن ...

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  641
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1167
تۆھپە : 6
توردا: 87
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2012-10-17
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 19:59:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەتقۇ ................
ئېسل شېئرلار مۇنبەردىن ئۈزۈلۈپ قالمسۇن !!


نائەھلىلەر قىسماي قۇلاققا،تاشلاپ كەتسە مىنى تۇپراققا.غۇرۇرۇمنى ساقلاپ قالماققا،ئايلىنارمەن تىكەن-يانتاققا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1380
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 254
تۆھپە : 14
توردا: 12
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-9-22
ئاخىرقى: 2012-10-22
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 17:40:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ياقتۇردۇم ماۋۇ شئىرنى كەچتە ئۇكامغا ئوقۇپ بېرەيچۇ!!!!!


مۇنبەر ئىچىلماي ھەجەپ ئىچىم سىقىلدى.......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 10:04 , Processed in 0.163155 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش