گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 1167|ئىنكاس: 12

جىن تۇتىۋالدىم     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
55
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 5
تىللا: 1618
تۆھپە : 344
توردا: 36
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-11
ئاخىرقى: 2012-7-28
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 23:31:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جىن تۇتىۋالدىم


ۋاقىت خېلى بىر كەم بولغان بولسىمۇ ھېچ ئۇيقۇم كەلمەي كومپىيوتېر ئېكرانى ئالدىدا يالغۇزدىن يالغۇز ئولتۇرۇپ تور ئارلاپ ئۇنى-بۇنى كۆرۈۋاتاتىم.تۇيۇقسىز سىرىتتىن تونۇش بىر قىزنىڭ مېنى چاقىرغىنى ئاڭلاندى:
_جېلىل!
_ھە...،_دېدىم-يۇ،يۈرۈكۈم ئېغىپ كەتتى.كومپىيوتېرنىڭ ۋاقىت كۆرسەتكۈچى ئەتىگەن سائەت بىرنى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى.بۇ تەڭ كېچىدە مېنى چاقىرغان تونۇش ئاۋاز كىمنىڭ ئاۋازى بولغىيتى؟ئاپلا!ئانام رەھمەتلىك<<كېچە بىركىم ئىسمىڭىزنى چاقىرسا،ئۈچ قېتىم قىچقارمىغۇچە< ھە> دېمەڭ،جىن-ئالۋاستىلار ئۇرۇق-تۇغقان،ئەل-ئاغىينىلىرىڭىزنىڭ ئاۋازنى دوراپ چاقىرىدۇ،ئۈچ قېتىمغىچە ھە دېمىسىڭىز  ئۇ ئۆزلىكىدىن كېكەچلەپ قېلىپ سىزنى چاقىرالماي كېتىدۇ>>دېگەندەك قىلغان.ئەستا ئەمدى قانداق قىلارمەن.
_ئولتۇرسام بولامدۇ؟!
چۆچۈپ ئارقامغا قارىدىم.رەڭگىنى بىلىۋالغىلى بولمايدىغان،سانىۋالغىلى بولغۇدەكلا ئاز چاچلىرى ساڭگىلاپ يەر سۈپۈرۈپ تۇرىدىغان،ئىگىز بوي،ئانىدىن تۇغما يالىڭاچ بىر قىز ئارقامدا قاراپ تۇراتتى.
_سىز...سەن...سەن كىم بولىسەن؟!
_تونىمايۋاتىمسىز يىگىت،مەن سىزنىڭ سۆيگىنىڭىز بولىمەن،كېلىڭە بىردەم كۆڭۈل ئاچايلى!
شۇ ئەسنادا ھېلىلا تېخى ئون ئادەم ئىتەرسىمۇ ئېچىلمايدىغان بىخەتەرئىشىكنى ئىچىدىن تاقىغانلىقىم يادىمدىن كەچتى.
_سەن،سەن ئۆيگە نەدىن كىردىڭ؟
_ھى-ھى،سىز شۇنى بىلمەكچىمۇ؟مەن سىم بىلەن بىرگە ئاۋۇ تۇرۇبىنىڭ ئىچىدىن كىردىم.قانداق يامانمىكەنمەن.
ئۇ ئاۋال كومپىيوتېرغا چېتىلغان تېلېفۇن سىمىنى،ئاندىن سىمنى ئۆيگە ئېلىپ كىرگەن تامغا ئورنىتىلغان بارمىقىمدەك چوڭلىقتىكى سۇلياۋ تۇرۇبىنى كۆرسەتتى.شۇ ھامان مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.
_ئۇ...ئۇ يەردىن قانداق پاتتىڭ؟
_مەن تۇرۇببىدىنلا كىرمىدىم.سىمنىڭ قېپى ئىچىدىكى تور سېگناللىرى بىلەن بىرگە كىردىم.
_تېز...تېز يوقال ئالۋاستى!سېنى كۆرەر كۆزۈم يوق!
_لېكىن مېنىڭ سىزنى كۆرگۈم بار،ئەمدى مېنى چىقىرۋېتەلمەيسىز،
مەن ھەر كۈنى كېچىدە يېنىڭىزدا بولىمەن.
ئاھ خۇدا،ئۇ قىچارغاندا نېمىشقىمۇ <<ھە>>دېگەندىمەن!كومپىيوتېرنى نېمىشقىمۇ تورغا ئۇلاتقاندىمەن!ئەمدى مەن قانداق بولۇپ قالارمەن،ساراڭ بولۇپ قالارمەنمۇ،گاچچىمۇ؟بۇ جىن مېنىڭ ئۆپكەمنى ئېلىپ چىقىپ كېتەرمۇ،يۈرۈكۈنمى ئېلىپ قېچىپ كېتەرمۇ؟بىرەر ئايەت ئوقۇپ باقسام قانداق بولار؟ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى قاچۇرۇپ،ئۆزەم بىلىدىغان ئايەتلەرنى يادىمغا ئېلىشقا تىرىشتىم.شۇغۇنسى بىرمۇ ئايەت يادىمغا كەلمىدى.جىن بولسا يالىڭاچ بەدەنلىرىنى ماڭا سۈركەپ ئەتىراپىمدا ئەگىپ يۈرەتتى.ئۇنىڭدىن قۇتۇلىشنى ئويلاۋېتىپ تۇيۇقسىزلا بوۋامنىڭ <<جىننىڭ چېچىدىن بىر تال يۇلىۋېلىپ پىچاق ياكى سۈپۈرگىگە چىگىپ قويسا جىن ئادەمنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ،نېمە دېسە ئادەمنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلايدۇ>>دېگەن سۆزلىرى ئېسىمگە كەلدى.
مەن پەم بىلەن ئۇنىڭ كونۇپكا تاختىسى ئۈستىگە ساڭگىلاپ تۇرغان چېچىنى خۇددى كېچىدە قونداقتىكى كەپتەرنىڭ پۇتىنى تۇتقاندەك <<كاپ>>قىلىپلا مەھكەم تۇتىۋالدىم.ئۇ ئېچىنىشلىق چىقىرىپ  كەينىگە ئۆرۈلۈپ قاچتى.بىر تۇتام يىرىك چاچ قولۇمدا قالدى.شۇندىلا ئۇنىڭ باياتتىن مەن پەقەت كۆرمىگەن ئارقا تەرىپى كۆز ئالدىمدا ئايان بولدى.جىننىڭ دۈمبىسى ۋە چوققىسىدىن تاپىنىغىچە بولغان جايلىرى خۇددى چوڭ تىراكتورنىڭ تاش دېيىنىڭ ئىچىدەك كامار ئىدى.
جىن گەرچە قاچقان بولسىمۇ،ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ يەنە كەينىگە قايرىلدى.ئەمدى ئۇنىڭ چىرايىدا باياتىنقى خوشاللىقنىڭ ئىزناسىمۇ يوق ئىدى.ئۇ كۆزۈمگە تولىمۇ بىچارە كۆرۈنۈپ كەتتى.بوۋامنىڭ ئېيتقانلىرى ھەقىقەتەن راستكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.
تۇرۇپلا مەندىكى باياتىنقى قورقۇنچ ئاللىقاياقلارغا غايىپ بولدى.
_جېلىل مۇئەللىم،چېچىمنى قايتۇرۇپ بېرىڭ!_دېدى ئۇ ئايانچلىق ئاۋازدا.
_بۇ ئۆمرۈمدە ئاران ئېرىشكەن چاچنى قايتۇرۇپ بېرەمدىمەن؟ مۇمكىن ئەمەس!
_مەن سىزگە نېمە دېسىڭىز،شۇنى قىلىپ بېرەي،چېچىمنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز!
_سەن ماڭا نېمە قىلىپ بېرەلەيسەن؟
_نېمە قىلىپ بەر دېسىڭىز،شۇنى قىلىپ بېرەي.
_شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە ئاۋۇ ماتېماتىكا تاپشۇرۇق دەپتەرنى تەكشۈرەلەمسەن؟
_تەكشۈرەلەيمەن!تەكشۈرەلەيمەن!
_ئەمىسە تەكشۈرە!مەن بىر كۆرەي.
مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنگۈم كەلمەي،قولۇمدىكى چاچلارنى بوۋامدىن قالغان تەۋەرۈك پىچاقنىڭ سېپىغا يۆگەپ قويۇپ ئۇنىڭ تاپشۇرۇق تەكشۈرشىگە سەپ سالدىم.ئۇ قىرىق دانە دەپتەردىكى تاپشۇرۇقلارنى بىردەمدىلا شۇنداق توغرا ۋە ئۆلچەملىك تەكشۈرۈپ تۈگۈتىۋەتتى.
_جېنىم ئاكا،ئەمدى چېچىمنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز!
_نېمە قىلىسەن تۆت تال چېچىڭنى؟
_ئەگەر بىر چېچىم كەم بولسا،شاھىمىز مېنى جىنلار قەۋمىگە ئاياق باستۇرمايدۇ.شۇڭا...
_ئۇنداق بولسا،مېنىڭ ئۆيۈمگە نېمىشقا كىردىڭ؟
_شۇنچە ۋاقىت چ چ دە مۇڭدۇشۇپتىمىز،بۈگۈن قارىسام،سىز ئۆيىڭىزدە يالغۇز قاپسىز، شۇڭا مەن شۇ كۆڭلۈمنىڭ كەينىگە كىرىپ كىرىپ ساپتىمەن.ئەمدى ھەرگىز ئۆيۈڭىزگە يېقىن يوللىمايمەن!
-مەن سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قانداق ئىشىنىمەن؟
_ئەمىسە مەن ھازىرلا ،يەتمىش يەتتە مىڭ ئاكا-ئىنى،ھەدە-سىڭىللىرىمنىڭ ھەممىسىنى چاقىراي،ھەمىمىز بىرلىكتە قەسەم قىلىپ بېرەيلى.
_سېنىڭ يەتمىش يەتتە مىڭ ئاكا-ئىنى،ئاچا-سېڭىلىڭ بارما تېخى!
_ياق،ياق،مەن راست گەپ قىلاي،سەكسان سەككىزمىڭ قېرىندىشىم بار!
-سەن ئۇلارنى قانداق چاقىرىپ بولالايسەن؟
- چ چ دا ئۇچۇر يولللىسام،بىردەمدىلا يېتىپ كېلىدۇ.
_مەن سىلەرنىڭ قەسىمىڭلەرگە نېمە دەپ ئىشەنگۈدەكمەن؟
_ئەمىسە،سىزگە دەخلى قىلماسلىق ھەققىدە بېتىم تۈزەيلى،ماقۇلمۇ؟
قانداق قىلسام بولار؟ ئۇلار بىلەن بېتىم تۈزسەم،ئۇلار ۋەدىسىدە تۇرارمۇ؟ياكى ئەتە تاڭ ئاتقاندا قەغەزگە يازغانلىرىنىڭ ھەممىسى غەيىپ بولۇپ كېتەرمۇ؟مەنغۇ ئەزەلدىن بېتىم دېگەن نەرسىگە ئىشەنمەيتىم.
_ھەي جىن،سەن بۈگۈن قايتىپ كېتىپ،ئەتە كەل!مەن بىر مۇنبەردىكى تورداشلىرىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كۆرەي،چېچىڭنى بەرگۈدەك بولسا ئەتە بېرەرمەن.
_ماقۇل.
ئۇ تېخىمۇ ئىگىزلەپ ئىنىچكىرگەن پېتى بېشىچە بىر شۇڭغۇپلا مائوسنىڭ ئاستىغا كىرىپ كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولدى.ماڭا ئوخشاش كېچىدە تورغا چىقىدىغان تورداشلار،بولۇپمۇ قىز تورداشلار ھازىر توردا بولساڭلار بۇ جىندىن ھەرگىز قورقماڭلار،ئۇنىڭ چېچى مېنىڭ قولۇمدا!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-16 22:27  



ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىق تىللا تۆھپە يىغىش سەۋەبى
ئابدۇغېنى + 5 + 5 جاپا چەكتىڭىز
ئەتىرگۈل + 20 + 5 بولىدىكەن

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5  تىللا + 25  تۆھپە + 5   باھا خاتىرىسى

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3890
تۆھپە : 91
توردا: 1378
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2012-10-11
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 01:21:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aa
« ئۇ تېخىمۇ ئىگىزلەپ ئىنىچكىرگەن پېتى بېشىچە بىر شۇڭغۇپلا مائوسنىڭ ئاستىغا كىرىپ كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولدى.» ماۋۇ قۇرلارنى ئۇقۇۋېتىپ ئىختىيارسىز مائۇسقا قاراپ كىتىپتىمەن دىسە

يېرىم كىچىدە ئۇقۇپ سەل قورقۇنچ باسقانتى، ئۇنىڭ چېچىنىڭ سىزدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ خاتىرجەم بولدۇم


ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  641
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1167
تۆھپە : 6
توردا: 87
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2012-10-17
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 14:37:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمانچە قورقۇنچلىق ھېكايە بۇ ..............
ئوقۇۋتىپ ئۆزەمچە سەل قورقۇنچ باسقانتى، ئەممائۇنىڭ چېچىنىڭ سىزدە بىلىپ خاتىرجەم بولدۇم  ئاغنە


نائەھلىلەر قىسماي قۇلاققا،تاشلاپ كەتسە مىنى تۇپراققا.غۇرۇرۇمنى ساقلاپ قالماققا،ئايلىنارمەن تىكەن-يانتاققا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1110
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 648
تۆھپە : 12
توردا: 40
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2012-10-13
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 22:28:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مەن ئۇيقۇم كەلمىگەن كۈنلەردە تورغا چىقىپ ئولتۇراتىم ، ئەمدى بۇ ھېكايە يادىمغا كىلىپ قالسا قورقۇم كىلدىغان بولدى دە ، بۇمۇ بولغىنى ھېچ بولمىسا كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا ئاز ئولتۇرغۇدەكمەن ، ياخشى يېزىپسىز


Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1673
تۆھپە : 156
توردا: 198
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2012-10-20
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 22:40:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورغا ئۇزۇن مۇددەت چىقىدىغانلار دىققەت قىلسا بولغۇدەك جۇما؟ ياخشى يېزىپسىز؟ قەلىمىڭىز ھېرىپ قالمۇسۇن دوستۇم،


دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 611
تۆھپە : 36
توردا: 38
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-19
ئاخىرقى: 2012-10-19
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 12:00:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا قاملاشتۇرۇپسىز ،ئادەمگەا خۇددى راستەكلا تۇيغۇ بىردىكەن


Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  241
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1218
تۆھپە : 23
توردا: 94
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 23:20:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىن چېچىنى ئالغىلى ئەتىسى كەلمىگەن ئوخشىمامدۇ.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1235
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 11
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-6-30
ئاخىرقى: 2012-7-6
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 20:03:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ۋاي  خۇدا  مەن  ئەمدى  تۈگەشىتىم  ،كەچىتە  تورغا  چىقاي  دەپ  ئويىلغان  ئەمدى  ئۇ  جىننىڭ  بىرەر  ئۇرۇق  -ئەۋلادى  كىرىپ  قالسا  قانداقمۇ  قىلارمەن  !!!!!!!


ياخشى كۆرۈش گۇناھمۇ؟

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1371
تۆھپە : 400
توردا: 112
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-5-24
ئاخىرقى: 2012-9-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 20:29:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلسارە يوللىغان ۋاقتى  2012-7-1 18:03
ۋاي  خۇدا  مەن  ئەمدى  تۈگەشىتىم  ،كەچىتە  تورغا  چىقاي   ...

يېڭى كەلگەن قورقۇنچاق دوستۇم،قورقماڭ بىز بار سىزنى قوغدايمىز خاتىرجەم تورغا چىقىۋىرىڭ


گۈزەل باي توى بىزنىڭ ھەم سىزنىڭ ئىللىق ماكانىمىز

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1226
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 571
تۆھپە : 18
توردا: 39
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2012-10-8
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 16:39:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېچىنى ھەر گىز بەرمەي داۋاملىق  ئىشىڭىزغا سېلىپ تۇرۇڭ ..


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 10:42 , Processed in 0.196982 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش