گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 492|ئىنكاس: 10

ئاخىرقى تىنىقتا يېزىلغان خەت-ھېكايە(تۇرسۇنگۈل مۇھەممەت سەلكىن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 13Rank: 13Rank: 13Rank: 13

يوقلىما
79
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  375
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 4058
تۆھپە : 300
توردا: 51
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2012-10-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 16:19:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاخىرقى تىنىقتا يېزىلغان خەت

  
                 ( ھېكايە)
           تۇرسۇنگۈل مۇھەممەت سەلكىن
       بۈگۈن سەھەردىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، دەرھال يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ ناشتا قىلدىم-دە، دەرسخانىغا قاراپ يول ئالدىم. ئىيۇل  ئايلىرى بولغاچقا، ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق ھەم ساپ ئىدى.  يولنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ھۆپپىدە ئېچىلغان گۈللەرنىڭ پۇرىقى گۈپۈلدەپ دىماغقا ئۇرىلاتتى. ئادەتتە ئىنتايىن جانلىنىپ كېتىدىغان ئوقۇتۇش بىناسى بۈگۈن بىردىنلا سىرلىق تۈسكە كىرىپ، جىمجىتلىققا تولغان  ئىدى.
       ياتاقتا ماتېرىياللىرىمنى بىر قۇر رەتلەپ، سىنىپقا قاراپ يۈگۈردۈم.    سىنىپىمدىكى ئوقۇغۇچلارنىڭ ھەممىسلا كۆزۈمگە تولىمۇ چۈشكۈن، مەيۈس كۆرۈنەتتى، مەن بۇ رۇھىي ھالەتنى كۆرۈپ سەل جىددىلىشىپ قالدىم، ھەم كۆڭلۈم بىردىنلا بىرەر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولۇپ،  قاتتىق ئېغىپ كەتتى. پارتىدىشىم ئەركىن يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپلا، خۇددى ئىچىمدىكى مەقسىدىمنى چۈشەنگەندەك، بىر خىل مەيۈس ھالەتتە:
      -گۈلمىرە ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ ئاخشام گۈلگىنە خانىم تۈگەپ كېتىپتۇ.
  -نېمە؟! بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟! -دېگىنىمچە يۈرىكىمنى بىر نەرسە قاماللىغاندەك بولۇپ قالدىم، ۋە بۇ كۆيۈمچان ئۇستازىم توغرۇلۇق ئويلىنىشقا باشلىدىم. «توۋا، تۈنۈگۈن چۈشتىلا تېخى مەن، پەرىدە، مېھرىئاي، شامىل، نىغمەت بەشىمىز دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنى يوقلاپ كەلگەندە، بىر ئوبدانلا ياتتاتتى. چىراي ئىپادىسىمۇ شۇنداق ياخشى، روھى-كەيپىياتىمۇ كۆتىرەڭگۈ ئىدى. خانىمىمىزنى بۇ ھالەتتە كۆرۈپ، ھەممىمىز خاتىرجەم قايتىپ كەلگەن ئىدۇق».
  مەن سەل تۇرۇپ، بۇ ئىشلارنىڭ جەريانىنى ئەركىنگە تەپسىلى دەپ بەرگەچ، ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتم. دەل شۇ پەيتتە مەكتەپ مۇدىرى ئەخمەت مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپ كەلدى، ۋە:
   -ساۋاقداشلار، سىلەرگە بىر ياخشى بولمىغان خەۋەرنى يەتكۈزەي، ئاخشام كەچ سائەت 8:30 دا بىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق خىزمەتدىشىمىز، سىلەرنىڭ 6 يىللىق كۆيۈمچان ئۇستازىڭلار، ۋە مېھرىبان ئاپاڭلار گۈلگىنە ئاپپاي جىگەر راكى كېسىلى بىلەن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. گەرچە ئۇ قازا قىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇستازنىڭ روھى بىز بىلەن مەڭگۈ بىرگە! ھەممىمىز چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە بۇ مېھرىبان ئۇستازنى مەڭگۈ ئەسلەپ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز. ئۇنىۋېرسىتېتتىكى، جۈملىدىن فاكۇلتېتىمىزدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر قاتتىق قايغۇردۇق. بىراق نېمە ئامال!؟ جان بار يەردە قازا باركەن، ھەممىمىز قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇشنى ياخشى تاماملاپ، ئەلا نەتىجىمىز بىلەن بۇ كۆيۈمچان ئۇستازغا ياخشى جاۋاب قايتۇرايلى! ئونىڭ روھى مەڭگۈ ئەمىن تاپسۇن! ۋاقتىڭلار چىقسا ئۇستازىڭلارنىڭ تۇپراق بېشىغا بىرىپ ئۇنى يوقلاپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!  ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك سۆزلەي، ئارتۇق ئويلاپ كۆڭلۈڭلەرنى يېرىم قىلماي، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى ياخشى يېزىپ، شانلىق نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن غەيرەت قىلىڭلار! ئەمدىكى ئۈمىد سىلەردە قالدى. ھە راست، يەنە بىر گەپ، ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان ئوقۇغۇچىدىن بىرنى فاكۇلتېتىمىزغا ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلدۇق. ئىدىيەڭلەردە تەييارلىق كۆرۈپ قويۇڭلار. شۇڭا تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشى تىرىشچانلىق كۆرسۈتىڭلار! خوش ساۋاقلاشلار! ئەمىسە ئۆز ئىشىڭلارنى باشلاڭلار! مەكتەپ مۇدىرى كۆزەينىكىنى سۈرتكىنىچە سىنىپتىن چىقىپ كەتتى.
    ھەممە ساۋاقداشلار بىر-بىرلەپ مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى. مەنمۇ يىغلاۋاتىمەن. بىردىنلا ئۆپكەم قاتتىق ئۆرۈلۈپ، ئۆزۈمنى پەقەت تۇتىۋالالمىدىم. ئۆزۈمنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدىنى يوققا چىققاندەك ھېس قىلىپ، كۆز ياشلىرىم تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى. شۇنداق ۋارقىراپ يىغلىغۇم كەلدى. لېكىن بۇ مۇمكىنمۇ؟! سىنىپ ئىچى جىمجىت سۈكۈتكە تولدى. باشقا بالىلارمۇ خۇددى قۇش بالىلىرى ئانىسىدىن ئايرىلىپ، قاياققا ئۇچۇشنى بىلمەي، تەرەپ-تەرەپكە بوينىنى سوزغاندەك، كۆڭلىمىز يېرىم ھالدا بىر-بىرىمىزگە بىچارىلەرچە قارىشىپ ئولتۇراتتۇق. تەخمىنەن يېرىم سائەتلەردىن كېيىن سىنىپنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، ئەخمەت مۇدىر يەنە ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى. ھەممىمىز دەرھال ساڭگىلاپ كەتكەن باشلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ، ئالدىراش كىتابلىرىمىزنى ۋاراقلاشقا باشلىدۇق.  مۇدىر:
-ساۋاقداش گۈلمىرە سىرتقا چىقىڭ، سىزگە دەيدىغان گەپ بار!
مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ، مۇدىرنىڭ كەينىدىن سىرتقا  چىقىتىم.
  -مەڭ، بۇ خەتنى گۈلگىنە خانىم جان ئۈزۈشتىن بۇرۇن سىزگە يېزىپ قالدۇرۇپتۇ، ئەڭ ياخشىسى خەتنى كەچتە دەرستىن چۈشۈپ ئاندىن ئوقۇڭ،- دېگىنىچە ئىشخانىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. مەن خەتنى قولۇمغا ئېلىپ سەل جىددىلەشكىنىمدىن يۈرەكلىرىم ئېغىپ، بىر قىسىملا بولۇپ قالدىم. خەتنى ئېچىپ تولىمۇ ئوقۇغۇم كەلدى، بىراق، يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ سىنىپقا كىرىپ كەتتىم.
     كەچتە دەرستىن چۈشۈپ، ياتاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى ئالدىراپ-تېنەپ تاماققا مېڭىشتى.  مەن خىيال ئىلكىدە كارىۋىتىمدا مىدىر قىلماي ئولتۇراتتىم. ياتىقىمدىكى بالىلار بىر-بىرلەپ چىقىپ كەتتى، شۇ دەقىقىدە  ساۋاقدىشىم روشەن ئالدىراپ-تېنەپ كىرىپ كەلدى، ۋە:
  -ھەي، تاماققا چىقماپسەنغۇ؟! نېمىشقا كەچكىچە كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلىۋېرىسەن، بولار ئىش بولدى، ئادەمدە ساغلام تەن بولمىسا بولمايدۇ، بەدىنىدىكى كۈچ-قۇۋۋەت تاماقتىن كېلىدۇ جۇمۇ، تاماق يېمىسەڭ يەنە ئايلىنىپ قالسەن، ئوقۇش پۈتتۈرىشىڭگىمۇ زور تەسىر يېتىدۇ، تۇرە ئورنۇڭدىن!- دەپ  بىلىكىمنى تارتقۇشلىدى، مەن ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىۋەتتىم.
  -سەن چىقىپ تۇر، مەن سەل تۇرۇپ چىقىمەن،-دەپ تۇرىۋالدىم، ئۇ ئاچچىقلىغىنىچە ياتاقىتىن غۇدىراپ چىقىپ  كەتتى. روشەن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەن خەتنى ئاستا قولۇمغا ئالدىم-يۇ، كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالماي سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم، ئاخىرى قاتتىق جۈرئەتكە كېلىپ، ياتاق بىناسنىڭ كەينىدىكى تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ يېنىدىكى كىچىك باغچىنى نىشان قىلىپ ماڭدىم. ئاندىن باغچىنىڭ ئىچىدىكى خالى بىر جاينى تېپىپ خەتنى ئاچتىم. قوللىرىم ئىختىيارسىز تىترەشكە باشلدى، خەتنىڭ بىرىنچى قۇرلىرىنى ئوقۇپلا يىغلاشقا باشلىدىم، ۋە خەتتىكى بەزەن نوقتىلارنى چۈشىنەلمەي، قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقتىم. خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق يېزىلغان ئىدى:
      «يۈرەك پارەم گۈلمىرە! مەڭگۈ سالامەت بولغايسىز، بۇ خەتنى ئوقۇپ، بەزى ئىشلارغا ھەيران قالارسىز، ھەم مەندىن قاتتىق نەپرەتلىنەرسىز، مەن بۇ خەتنى قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق شۇنچىلىك تەستە يازدىم. سىزگە بۇ ئىشلارنى بەك كېچىكىپ ئېيتقانلىقىمنى كەچۈرۈڭ!  مېنىڭ بۇ ئاچچىق كەچمىشلىرىمنى ئاڭلاپ ماڭا نەپرەتلىنەرسىز. دېمىسىمۇ سىز مەندىن نەپرەتلىنىشكە ھەقلىقسىز. قىزىم! بۇ دۇنيادا بىز ئاياللار تولىمۇ ئاجىز كېلىدىكەنمىز. مەن بۇ گۇناھلىرىمنى ئەسلى سىزگە دېمەي دېگەن، بىراق، سىزگە ئۆزۈمنىڭ ئۆز ئانىڭىز ئىكەنلىكىمنى دېمەيلا بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالسام، ۋىجدانىم يول قويمىغىدەك. سىزنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئىكەنمەن، سىزنىمۇ بۇ ئىشلاردىن تولۇق خەۋەردار قىلشنى ئويلىدىم. بىلىپ تۇرىۋاتىمەن، شۇتاپتا مېنىڭ كېسىلىم ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالدى، ھەم ساناقلىقلا كۈنۈم قالدى، سىزنى مەن بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزدۇم، لېكىن ئانىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىدىم. مەن ئەقىلسىز، سىزگە ئانا بولۇشقا لايىق ئەمەسمەن، ھەممە گۇناھ مەندەك ئەقىلسىز ئاپىڭىزدا. سۆيۈملۈك قىزىم! مېنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق يۈرەك سۆزلىرىمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ چىقىشىڭىزنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن! «مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى، زىيالى ياشلارنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ چېنىقتۇرۇش دولقۇنى ئەۋج ئېلىپ، مەن ئىشلەۋاتقان ئونىۋېرسىتېتتىن مېنى دەل سىز چوڭ بولغان چەت تاغلىق يېزىغا چېنىقىشقا ئەۋەتتى. شۇ يىلى دادىڭىزمۇ مەن بىلەن بىللە بۇ يېزىغا چېنىقىشقا چۈشكەن ئىكەن. كېيىنچە بىز بىرگە ئىشلەپ يۈرۈپ، بىر-بىرىمىز بىلەن تونۇشۇپ قالدۇق. ئەينى يىلى بۇ چەت تاغلىق كەنتنىڭ شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولغاچقا، بىر ۋاق تاماق ئېتىپ يېيىشمۇ ئىنتايىن تەسكە چۈشەتتى. بىز تونۇشۇپ قېلىپ، كېيىنچە بىرگە تاماق ئېتىپ يەيدىغان بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئىكىكىمىز بار-بارا بىر-بىرىمىز بىلەن چىقىشىپ قېلىپ مۇھەببەتلەشتۇق. كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مۇھەببىتىمىز ئاخىرى پارتلىدى. نەتىجىدە بىز توي قىلالماي تۇرۇپلا ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، مەن ئاخىرى سىزگە ھامىلىدار بولۇپ قالدىم. ئارىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي، بىز تويىمىزنى قىلىپ بولغىچە  دادىڭىزنىڭ  چېنىقىش ۋاقتى توشۇپ قېلىپ، ئۈرۈمچىگە دەرھال قايتىش ئۇقتۇرۇشى كەلدى. دادىڭىزنىڭمۇ ماڭا كۆزى قىيمىغان ھالدا بۇ يەردىن ئايرىلدى. مەن كۈنسايىن چوڭىيىۋاتقان قۇرسىقىمنى يوشۇرۇپ ياغلىقتا تېڭىپ يۈرۈپ، كۈندۈزى ئەمگەككە چىقسام، كېچىلىرى بەدەنلىرىمنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىغا بەرداشلىق بېرىپ، بۇ كۈنلەرنى شۇنداق تەستە ئۆتكۈزدۈم. ئاخىرى سىزنى تۇغىدىغان ئاي-كۈنۈم توشۇپ، مەھەللىدىكى بىردىن –بىر يېقىنىم ھەم پەرزەنت يۈزى كۆرەلمىگەن ئاچىمىز گۈلسۈمخان ھەدە مېنى بۇ ئازابتىن قۇتقۇزىۋالدى. ئۇ كېچە-كۈندۈز ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، مېنى ساق-سالامەت تەڭگىتتى. مەن ئاخىرى گۈلسۈمخان ھەدىگە يىغلاپ تۇرۇپ سىزنى تاپشۇرۇپ بەردىم، بىكار بولساملا سىزنى پات-پات كىرىپ كۆرۈپ تۇردۇم. ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ مەنمۇ ئۆز خىزمەت ئورنۇمغا قايتىپ كېتىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، سىزدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. گۈلسۈمخان ھەدىمۇ كېيىنچە شارائىت يار بېرىپ قالسا سىزنى ئۆز قولى بىلەن يەنە ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، ھەم سىزنى ئۆز پەرزەنتىدەك كۆرۈپ ياخشى باقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ سىزنى ئېلىپ قالدى. شۇنداق قىلىپ مەن بىر كۆزۈم ياش، بىر كۆزۈم قان ھالەتتە سىزدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەسلىدە  مەن سىزنى ئۈرۈمچىگە شۇ ۋاقىتتا ئەكىتىشنىمۇ ئويلىغان قىزىم. بىراق، ئىشلىگەن يېرىمگە سىزنى نېمە دەپ ئەكىلىشنى بىلمەي قالدىم. باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۆز-چۆچەككە قېلىشتىن قورقتۇم. شۇنىڭ بىلەن سىزنى قايتۇرۇپ ئەكىتەلمەي قالدىم. گۈلسۈمخان ھەدىگە، ناۋادا دادىڭىزنى تاپالىسام، توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن سىزنى قايتۇرۇپ ئەكىتىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ، ئۆزۈملا قايتىپ كەلدىم.
دادىڭىز ئەسلىدە بۇرۇندىنلا ئۈرۈمچىدە- مائارىپ نازارىتىدە باشلىقنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان شوپۇر ئىكەندۇق. قايتىپ كېلىپلا يەنە ئۆز كەسپىنى قىلىپتۇ. مەن ئۈرۈمچىگە كېلىپلا دادىڭىزنى ئىزدەپ تاپتىم. بىراق، دادىڭىز ئامال يوق ئۆزىنىڭ باشلىقىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلشقا مەجبۇر بولۇپ قاپتۇ. مەن ئۇنىڭ ئالدىمدا تىزلىنىپ تۇرۇپ، يىغلاپ دېگەن قەسەملىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشقا ئامال قىلالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى كەچۈرىۋەتتىم. بۇ دۇنيادا بەزىدە بەندىنىڭ قولىدىن نېمە ئش كەلسۇن دەيسىز!؟ يىغلىدىم، قاتتىق ۋارقىراپ يىغلىدىم. ئەمما بولار ئىش ئالىبۇرۇن بولۇپ بولغاچقا، ماڭا تەقدىرگە تەن بەرمەي ئامال بولمىدى.  بىز كۆرۈشكەندە دادىڭىز ماڭا ۋاقىت چىقىرىپ سىزنى چوقۇم كۆرۈپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كېيىنچە ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ، دادىڭىز كۈتۈلمىگەن قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن سىز دادىڭىزنى، دادىڭىز سىزنى كۆرەلمەي، دادىڭىز بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈ خوشلاشتى. قىزىم، مېنىڭ تەنتەكلىكىم سەۋەبىدىن سىز شور پىشانە بولۇپ قالدىڭىز. مەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ گۈلسۈمخان ھەدەمگە پات-پات خەت يېزىپ ئەھۋال سوراپ تۇردۇم. گۈلسۈمخان ھەدەمنىڭ ئەتراپلىق تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە سىز ناھايىتى ساغلام، ئەقىللىق چوڭ بولدىڭىز. مەڭتەپتىمۇ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇۋاتقىنىڭىزنى ئاڭلاپ تولىمۇ خاتىرجەم بولدۇم. ئوقۇش خىراجىتىڭىزنى پوچتىدىن پات-پات ئەۋەتىپ تۇردۇم. شۇنداق قىلىپ، سىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئىمتىھاندىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتتىڭىز. مەن سىزنى ئۆز تەلىپىمگە ئاساسەن، ئۆزۈم ئىشلىگەن مەكتەپكە ئوقۇشقا ئالدۇردۇم. تەقدىر ئاخىرى ئىككىمىزنى دىدارلىشىشقا نېسىپ قىلدى. بىراق، دادىڭىز بىلەن كۆرۈشۈشكە نېسىپ بولمىغان ئىكەن. ھەممىگە بىز ئەيىبلىك جېنىم قىزىم!  ئەمدىلىكتە مەنمۇ دادىڭىزنىڭ يېنىغا كېتىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن، سىزدىن ئۆتۈنىدىغىنىم، بىزنى كەچۈرىۋېتىڭ!!!
  مەن سىزنىڭ ئانىڭىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزدىن مىڭ مەرتەم رازى!  سىز نېمىلا بولمىسۇن ئاشۇ چەت تاغلىق رايوندا  جاپالىق پىشىپ يېتىلىپ، ئاخىرى مېنىڭ ئالدىمغا ئۇچۇپ كەلدىڭىز. شۇ سەۋەبلىك مەنمۇ سىزنى قانغۇچە كۆرىۋالدىم، ئەمدىكى ئۈمىدىم سىزدە قالدى. ئۈمىدلىك، روھلۇق بولۇڭ قىزىم!
    مېنىڭ روھىم سىزنى مەڭگۈ يۆلەيدۇ. سىز مېنىڭ ئىشلىرىمغا چوقۇم  ۋارىسلىق قىلىپ كېتەلەيسىز، بۇنىڭغا ئىشىنىمەن. شۇنداق بولغاندىلا مەن ئۇ ئالەمدە خاتىرجەم ياتالايمەن.
سىزگە مەڭگۈ بەخت تىلەپ:
                   ئاپىڭىز گۈلگىنە.»
   مەن خەتنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆزۈمنىڭ چوڭ بولۇش جەريانىمنى بىر-بىرلەپ، خۇددى كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم، ھېلىمۇ ئېسىمنى بىلسەم، بوۋام قادىراخۇن، مومام گۈلسۈمخانلار بىلەن بىللە چوڭ بولغان ئىكەنمەن. ئولار مېنى شۇنداق ئەتىۋارلاپ، ئەركىلىتىپ چوڭ قىلدى. مەن تۇرۇپ-تۇرۇپ بوۋام-موماملاردىن:
-باشقا بالىلارنىڭ ئاپىسى، دادىسى يېنىدا تۇرۇپ باقىدىكەن، مېنىڭ ئاپام-داداملار مېنى نېمىشقا كۆرگىلى كەلمەيدۇ؟-دەپ  غەلۋە قىلىپ تۇرىۋالاتتىم. ئۇلارنىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇلغان ھالدا ماڭا:
    -ئۇماق بالام، ئۇنداق غەلۋە قىلماڭ!  ئولار چوقۇم بىر كۈنى كېلىدۇ!  ھازىر ئولار تولىمۇ يىراق يەردە بىلىم ئېلىۋاتىدۇ. سىز مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ، ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا بارسىڭىز ئۇلار بىلەن چوقۇم كۆرۈشەلەيسىز. ئۇلار سىزگە بەك ئامراق، ئەمما ھازىرچە كېلەلمەيدۇ. مەن سىزگە چۆچەك ئوقۇپ بېرەي، بالدۇر ئۇخلىسىڭىز تېز چوڭ بولىسىز،-دەپ مېنى باغرىغا بېسىپ، باشلىرىمنى مېرىبانلىق بىلەن سىيلاپ، چۆچەك ئېيتىپ بېرىپ ئۇخلىتىپ قوياتتى. ئادەتتە ئۆزۈم ناھايىتى كەمسۆز، جىمىغۇر چوڭ بولغان بىلەن، تەپەككۇر قىلىش، كۈزىتىش ئىقتىدارىم يوقىرى بولۇپ، مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممىسى مېنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى. كۈنلىرىم شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ، مەن ئاخىرى مەھەللىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردىم، ۋاقىتمۇ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلىشىپ ئۆتۈپ، ئاخىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇراتتىم. بۇ كۈنلەردە  بوۋام بىلەن مومام بارغانسېرى ئاجىزلاپ، قېرىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى. مەن ئوقۇۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ناھىيە بازىرىدا بولۇپ، مەھەللىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 48 كىلومېتر كېلەتتى. ئۆيگە بولسا ھەپتىدە بىر كېلىپ، بوۋام-موماملارنىڭ ئېشىنى ئېتىپ، كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ، ئوتۇن يېرىپ، دېگەندەك ئېغىر-يېنىك ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، مەكتەپكە قايتىپ كېلەتتىم. ھايت-ھۇيت دېگۈچە ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ۋاقىتمۇ يېقىنلاپ كەلدى. ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى كېچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ تەكرار قىلىشقا باشلىدى. مەنمۇ ناھايىتى پۇختا تەييارلىق قىلدىم، ئىمتىھانمۇ باشلاندى. 3 كۈن جىددى ئېمتىھان بېرىپ، چاقىرىق كۈتۈپ ئولتۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مومام توساتتىن قاتتىق يۈتىلىپ، قان ياندۇرۇپ، دوختۇرخانىغا بېرىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. بىچارە بوۋام ئىككىمىز كۆپ يىغلىدۇق، قاقشىدۇق. ئەل-جامائەتنىڭ تەسەللىيسى ۋە ياردىمىدە ئۆز تەقدىرىمىزگە تەن بېرىپ، مېيىتنى ياخشى ئۇزاتتۇق. بوۋاممۇ تولا يىغلاۋېرىپ، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇمۇ قاتتىق ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. گېلىدىن تاماقمۇ ئۆتمەيتتى، بار-بارا سۆزدىنمۇ قېلىشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ بوۋام تېخى ئانامنىڭ قىرىقىنى ئۇزاتماي تۇرۇپلا  بىر كۈنى يېرىم كېچىدە ئۈن-تۈنسىز قازا قىلىپ كەتتى. ئۆزۈم يالغۇز بوۋامنى كۆتىرەلمەي، بىر كېچە بوۋامنىڭ بېشىنى يۆلەپ ئولتۇرۇپ تاڭنى ئاتقۇزدۇم. ئەتىسى قوشنىلىرىمنى چاقىرىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىدە بوۋامنىمۇ يەرلىكىدە خاتىرجەم ياتقۇزىۋالدىم. ئاشۇ كونىراپ، تاملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشەي دېگەن ئۆيدە تىكەندەك بىر ئۆزۈم يالغۇز قالدىم. يىغلىدىم، قاقشىدىم. شۇنداق بىچارە ياشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە بوينۇمنى قىسىپ يىغلاپ ئولتۇرسام، ئۆيگە كەنت مۇدىرى كىرىپ كەلدى. ئو خوشال بولغان ھالدا:
       -سىڭلىم گۈلمىرە، سىز ئىمتىھاندىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتۈپسىز، ۋىلايەت بويىچە 1-دەرىجە دەڭە! مانا بۇ چاقىرىق قەغىزىڭىز، سىزنى تەبرىكلەيمەن، مۇبارەك بولسۇن!
       مەن قۇلاقلىرىمغا ئىشىنەلمەي، جىددىلەشكىنىمدىن چاقىرىق قەغىزىمنى كەنت مۇدىرىنىڭ قولىدىن شارتتىدە تارتىپ ئالغان پېتى، بىر قۇر قارىۋېتىپلا، بوۋام بىلەن مومامنىڭ قەبرىستانلىقىغا قاراپ يۈگۈردۈم. كەنت مۇدىرىنىڭ «گەپ تېخى تۈگىمىدى!» دەپ ۋارقىراشلىرىغىمۇ قۇلاق سالمىدىم. يۈگۈرىۋاتىمەن، قەبرە ئالدىغا كەلدىم-دە، ۋارقىراپ يىغلىۋەتتىم.
      -جېنىم بوۋا-موما، ماڭا ئالى مەكتەپتىن چاقىرىق كەلدى، سىلەرنىڭ روھىڭلار مېنى يۆلىدى، ماڭا كەلگەن بۇ چاقىرىقنى سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ، كۈلكە يۈگۈرگەن شۇ مېھرىبان چىرايىڭلارنى بەكمۇ كۆرگۈم بار ئىدى.  بىراق، بۇ سىلەرگە نېسىپ بولمىدى.  مېنىڭ ئۇيۇم  خىزمەتكە چىقىپ، ئالغان مائاشىم بىلەن سىلەرنى بېقىپ رازى قىلىش ئىدى. شۇنداق قىلالىغان بولسام بۇ دۇنيادا ھېچ ئارمىنىم يوق ئىدى. سىلەر مېنىڭ جاپايىمنى كۆپ تارتتىڭلار.  ئەمدى راھەت كۆرىدىغان چاغدا، مەن بىلەن خوشلاشتىڭلار، مەن سىلەرنىڭ ئەجرىڭلارنى قايتۇرالمىدىم، ئۇ دۇنياغا بارغاندا، ئالدىڭلاردا ئات-ئېشەك بولۇپ خىزمىتىڭلارنى قىلىمەن. . .     
          بىر ھازا يىغلاپ، ئۆزۈمگە –ئۆزۈم تەسەللىي بېرىپ، مەھەللەمگە قايتىپ كەلدىم. قارىسام ئىشىك ئالدى لىق ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپتۇ، بۇنچە كۆپ ئادەملەرنى كۆرۈپ دەسلەپتە، ئۆيدە بىرەر ئىش بولغان ئوخشايدۇ،-دەپ  سەل ھەيران بولدۇم.  ئادەملەر توپىغا يېقىنلاپ كېلىشىمگە كۈچلۈك چاۋاك ساداسى ياڭرىدى، «مۇبارەك بولسۇن!» دېگەن مەدھىيە سۆزلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۈزۈلمىدى. يېقىن قوشنىلىرىم، ئەللە-مەھەللىلەر، دوستلىرىم ئىسسىق ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ مېنى قۇچاقلىغىنىچە ماڭا تەبرىك سۆزلىرىنى ياغدۇرۇۋېتىشتى. مېنىڭمۇ كۆڭلۈم قايتىدىن بۇزۇلدى. شۇ ئەسنادا قولىغا كاناي ئېلىۋالغان كەنت مۇدىرى:
      -يۇرتداشلار، خەپشۈك! سىلەرگە بىر خوش-خەۋەر ئېيتاي، يۇرتىمىزنىڭ پەخىرلىك قىزى گۈلمىرە يېقىندا ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا  ماڭىدۇ. بىز يېزىلىق ھۆكۈمەت بۇرۇنلا بۇ قىزنىڭ تۇرمۇش قىيىنچلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئوقۇش خىراجىتى ئۈچۈن پۇل غەملەپ بولغان. گۈلمىرە، سىز قالغان ئىشلاردىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ!
      بۇ گەپنى ئاڭلىغان يۇرتداشلار:
       -ۋۇي، بەك ياخشى بوپتۇ!-دەپ قاتتىق ئالقىش ياڭرىتىشتى. مەن ئۆزۈمنى زادىلا تۇتىۋالالماي، خۇددى كىچىك بالىدەك ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتىم.
                          *    *    *
      شۇنداق قىلىپ مەن بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتىم. ماڭىدىغان كۈنى كەنتتىكى قۇلۇم-قوشنىلار ھەممىسى مېنى ئۇزۇتۇپ چىقىشتى.  ھەممىسى تاپقان-تەرگەنلىرىنى ماڭا سۇنۇپ: «ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈم» دېيىشىپ  ماڭا  يوللۇق تۇتۇشتى. شۇنداق قىلىپ مەنمۇ بۇ ئەزىز ماڭانىمدىن ئايرىلدىم.
     تەقدىر ئادەمگە شۇنداقمۇ چاقچاق قىلامدۇ دەيمەن؟! دەل ئۆز ئاپام ئىشلەۋاتقان ئونىۋېرسىتېت، دەل ئاپام ئىشلەۋاتقان فاكۇلتېت، دەل ئاپام تۇتقان سىنىپ!  مانا  مۇشۇ 6 يىللىق ئوقۇش ھاياتىمدا ھەممە ئىشلىرىم بەكمۇ رىتىملىق، كۆڭلۈمدىكىدەك بەكمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتتى. ئەسلىدە ئاپام بولغان گۈلگىنە خانىم بارلىق ئىشلىرىمنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان ئىكەن. لېكىن، مەن بۇ ئىشلارنى ئازراقمۇ سەزمەي يۈرۈپتىمەن. ھەي نادان ئەقلىم! سىنىپ مەسئۇلى، يەنى مېنىڭ ئۆز ئاپام بولغان گۈلگىنە خانىم ماڭا چاندۇرماي ھالىمدىن تولۇق خەۋەر ئېلىپتۇ. توپ-توغرا 6 يىل ھەم ئۇستاز، ھەم ئاپا بولۇپ، مېنى ياخشى يېگۈزۈپ، ياخشى كىيدۈرۈپ، دەرستە ئالاھىدە يېتەكلەپ، مېنى ياخشى يېتىشتۈرۈپ چىققانىكەن. مەن بۇلارنى ئويلاپ، ئەتراپىمنىڭ تولىمۇ قاراڭغۇلۇقىغا، ئۇنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ «ئانا!» دەپ چاقىرالمىغانلىقىمدىن تولىمۇ ئۆكۈندۈم. توپتوغىرا 2 كۈن بۇ ئىشلار توغرىلىق قاتتىق ئويلۇنۇپ، دەرسكىمۇ چىقمىدىم. 3 كۈن ئارام ئېلىپ ئاندىن سىنىپقا چىقتىم. سىنىپقا كىرسەم سىنىپتىكى بالىلار ئىختىيارى پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئىكەن. ھايال ئۆتمەي يېڭى سىنىپ مۇدىرىمىز ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى:
       -ھە، ساۋاقداشلار، بۈگۈنچە ئىختىيارىي پائالىيەت قىلپ تۇرۇڭلار!  نەتىجەڭلار ئەتە ئېلان قىلىنىدۇ،-دەپ قويۇپ، سىنىپتىن چىقىپ كەتتى، شۇنداق قىلىپ، ساۋاقداشلار مەسلىھەت قىلىشپ، مەرھۇم ئۇستازىمىز گۈلگىنە خانىمنىڭ قەبرىسىگە بارماقچى بولۇپ يولغا چىقىشتۇق. گۈلگىنە خانىمنىڭ جەسىدى ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلار زاراتگاھلىقىغا قويۇلغان ئىدى.  يولدا بارغىچە كۆزلىرىم يەنە ئىختىيارسىز ياشلاندى. 2 كۈندىن بويان تۈزۈك تاماق يېمىگەچكە  تەنلىرىم بەكمۇ ئېغىر، ھازىرلا  يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك ھالەتتە ئىدىم.
       ساۋاقداشلار ھەممىمىز قەبرىنى ئوراشقىنىمىزچە بۇ مېھرىبان ئۇستازىمىزغا  تەزىيە بىلدۈرۈشتۇق. ھەممە بالىلارنىڭ كۆزلىرى ياش، مەن جالاقلاپ تىترەيتتىم.  ئېغىزىم گەپكىمۇ كەلمىدى، قەلبىم، كۆزۈم توختىماي يىغلايتتى. بالىلارنىڭ ئالدىدا «ئاپا!» دەپ يىغلىۋېتىشتىن ئۆزۈمنى ئاران-ئاران تۇتۇپ تۇراتتىم. ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتۇۋېلىپ ئاپامغا ئىچىمدە نىدا قىلدىم:
         -ئېھ مېھرىبان ئاپا! سىز بالدۇرلا بۇ ئالەمدىن كەتتىڭىز، روھىڭىز قورۇنمىسۇن، ئۇ ئالەمدە خاتىرجەم يېتىڭ، مەن سىزنى كەچۈردۈم، بۇ دۇنيادا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان كىم بار دەيسىز؟! سىزنى تاپقىنىمنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن زور بەخت! ئەمما سىزنى «ئاپا!» دەپ ئاتاش ماڭا نېسىپ بولماپتۇ، مانا ئاڭلاۋاتامسىز ئاپا! سىزنى ئىچىمدە نەچچە يۈز قېتىم «ئاپا!» دەپ چاقىردىم، سىزنىڭ ئاشۇ ئېسىل روھىڭىز مېنى مەڭگۈ يۆلىسۇن، مەندىن خاتىرجەم بولۇڭ، ياتقان يېرىڭىز جەننەتتە بولسۇن!
          شۇنداق قىلىپ، ھەممىمىز كۆڭلىمىز غەش بولغان ھالدا مەكتەپكە قايتىپ كەلدۇق. ساۋاقداشلىرىممۇ مېنىڭ دىل ئازابىمنى چۈشەنگەندەك، مەندىن ئارتۇق گەپ سوراشمىدى. ئاخشىمى خىيال بىلەن يېتىپ، سائەت نەچچىلەردە ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن. ئەتىسى دەرھال تۇرۇپ سىنىپقا چىقتىم. سىنىپ ئىچى يەنە جىمجىتلىققا تولغان ئىدى. توساتتىن ئىشىك ئېچىلىپ، مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىق 5،6 دەك ئوقۇتقۇچىلار سىنىپقا كىرىپ كەلدى. بىزمۇ ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن سالام بەرگەندىن كېيىن، مۇدىر ئاستا سۆزىنى باشلىدى:
        -ساۋاقداشلار! بۈگۈن ھەرقايسى ساۋاقداشلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلش بىلەن بىرگە، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەڭلەرنى بىر-بىرلەپ ئوقۇپ چىقىسىلەر!
         مۇدىرنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا سىنىپ ئىچىنى گۈلدۈراس ئالقىشلار قاپلىدى. ئاندىن ئىسىمى چىققان ساۋاقداشلار بىر-بىرلەپ مۇنبەرگە چىقىپ، ئۆزلىرى يازغان ماقالىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ماقالە ئوقۇلۇپ بولۇپ، فاكۇلتېت رەھبەرلىرى بىر-بىرى بىلەن بىردەم كۇسۇلدىشىپ مەسلىھەت قىلىشقاندىن كېيىن  يەنە گەپ باشلىدى:
       -ئەمدى نەتىجەڭلەرنى ئېلان قىلىش بىرگە،  فاكۇلتېتىڭلاردىن نەتىجىسى ئەڭ يوقىرى بولغان ساۋاقداشتىن بىرنى تاللاپ مەكتەپكە ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلدۇق. پۈتۈن ساۋاقداشلار چەكسىز خوشال بولوشتۇق، ھەم يۈرەكلىرىمىز دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى. بۇ نەتىجىنى ئاڭلاشقا ھەممىمىز تەقەززا بولۇپ، مەكتەپ مۇدىرنىڭ ئېغىزىغا تەلمۈرۈشتۇق.
       -ساۋاقداشلار! بىز ئويلىشىش ئارقىلىق، ساۋاقدىشىڭلار گۈلمىرەنى مەكتىپىمىزدە ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلدۇق. قېنى، بۇ ساۋاقداشنى قىزغىن چاۋاكلىرىمىز بىلەن بىر ئالقىشلايلى!
          سىنىپ ئىچىدە يەنە بىر قېتىم گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. ساۋاقداشلىرىم كۈچلۈك ئاۋازدا «مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ئۈنلۈك توۋلىشاتتى.  مەنمۇ ھاياجانلانغىنىمدىن كۆزيېشى قىلدىم. مەكتەپ مۇدىرىمىز ئاخىرىدا سۆزنى خۇلاسىلاپ:
      -مانا سىلەر 6 يىللىق ئوقۇش ھاياتىڭلارنى غەلىبىلىك تاماملىدىڭلار! خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، نەتىجە يارىتىڭلار! بولمسا فاكۇلتېتىمىزغا يۈز كېلەلمەيسىلەر!...- ئۇ بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلىپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى. بىز  ھەممىمىز خوشال-خورام سىنىپتىن چىقىشتۇق.
         مەن ھېچكىمگە دەپ قويماستىنلا ئاپامنىڭ قەبرىسى بار قەبرىستانلىققا  قاراپ يول ئالدىم. يىغلاۋاتىمەن: «ئەي كۈيۈمچان، مېھرىبان ئاپا! مەن دەل سىز چىققان دەرس مۇنبىرىگە چىقىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن، مەن تۇنجى قەدىمىمنى سىزنىڭ ئەجرىڭىزدىن، شەرەپلىك خىزمىتىڭىزدىن، تېز پۈكمەس ئىرادىڭىزدىن باشلايمەن. بىلىمگە تەشنا قەلبلەرنى مېھرىبانلىق بىلەن سۇغۇرىمەن، ئامان بولۇڭ!  قالغان ئىشلارنى قىزىڭىزغا تاپشۇرۇڭ!  ھە راست ئاپا، مەن تەتىلدە يۇرتۇمغا بېرىپ، بوۋام بىلەن مومامنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ كېلەيمىكىن دەيمەن.  ماڭا كىچىكىمدىن تارتىپ شاپائەت قوللىرىنى سۇنغان مېھرىبانلارنى، ماڭا كەڭ قۇچاق ئاچقان گۈزەل يۇرتۇمنى كۆرۈپ كېلەيمىكىن دەۋاتىمەن. قايتىپ كېلىپ، سىزنى يەنە يوقلاپ كېلىمەن. خەير! ئامان بولۇڭ...!!!»
(ئاپتور: باي ناھىيە باي بازىرى شىمالى كۆۋرۈك ئولتۇراق رايونىدا)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاھىرجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-16 03:47  

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3890
تۆھپە : 91
توردا: 1378
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2012-10-11
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 17:23:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aa
گۈلگىنە خانىم ۋە گۈلمىرەنىڭ تەغدىرىگە ئېچىنىپ  كۆزلىرىمگە ياش كەپكەتتى، بەك تەسىرلىك يېزىلىپتۇ. ئاپتۇرنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەتىرگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-14 23:44  

ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك

Rank: 13Rank: 13Rank: 13Rank: 13

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  375
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 4058
تۆھپە : 300
توردا: 51
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2012-10-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 18:37:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاپتورنىڭ  مەتبۇئاتقا سۇنغان تۇنجى ھېكايىسىكەن.
ئاپتورغا ۋاكالىتەن يوللاپ قويدۇم. ئاپتورنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1134
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 187
تۆھپە : 20
توردا: 105
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-3-5
ئاخىرقى: 2012-10-22
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 21:36:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزلپتۇ بەك تەسرلىككەن مەنمۇھىكاينىڭ ئىچگە كرپلا كىتىپ  شۇيەردە باردەكلا ھىس قلدىم
گۇزەل باي تورى گۇزەلككە تولغان بايلىق تور. مھمانلا كۇر ...

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3890
تۆھپە : 91
توردا: 1378
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2012-10-11
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 02:25:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسان ئۈچۈن بەكمۇ قىممەتلىك نەرسە ھايات، لىكىن ھەر بىر كىشىنىڭ  ئاشۇ قىممەتلىك ھاياتىغا وخشىمىغان ئازاپ-ھەسرەت، غېرىپ-مىسكىنلىك، ۋە يەنە تۈرلۈك ئېغىر قىسمەتلەرنىڭ يۇشۇرۇن بۇلىدۇ.
ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1126
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 127
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-2-29
ئاخىرقى: 2012-4-7
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 15:16:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىقەتەن ياخشى يېزلىپتۇ.........گۈلگىنە خانىم ۋە گۈلمىرەنىڭ تەغدىرى روشەن گەۋدىلنىپتۇ

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  647
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 184
تۆھپە : 14
توردا: 17
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا ئەلچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 19:03:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر ئوقۇغۇچى بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن شۇنچا ھاياجانلاندىم ......
تەقدىر ئادەملەرنى ،ئادەملەر تەقدىرنى ئىزلەيدۇ ،ھايات ...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  422
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 656
تۆھپە : 24
توردا: 47
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-30
ئاخىرقى: 2012-10-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 13:07:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭزنى ئۇقۇپ بەزبىر ئۇزۇن يېزلغان ھېكايىلەردىن مەزمۇنى ئىخچام قىلپ يېزلغان مۇشۇ ھېكايڭىزنڭ مىڭ ھەسە ياخشى يېزلغانلقنى بايقاپ قالدىم،داۋاملق مۇشۇنداق ئىسل يازملارنى يوللاپ تۇرشۇڭىزنى ئۈمۈت قىلمەن .
ھاياتلقتا ئالدىراش كىرەك كۈتۈلمگەن چۈنكى كۈتۈلمگەن ئىشلار ھاياتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قۇيۇشى مۇمكىن!
[
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   داۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-17 13:09  

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  641
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1167
تۆھپە : 6
توردا: 87
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2012-10-17
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 14:11:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ھېكايە ئىكەن .........
ھېكاينى ئوقۇۋتىپ مەنمۇ شۇ يەردە باردەك ھاياجانلىنپ كەتتىم
ئۆزەمنى ئاران تۇتۇپ  تۇردۇم
نائەھلىلەر قىسماي قۇلاققا،تاشلاپ كەتسە مىنى تۇپراققا.غۇرۇرۇمنى ساقلاپ قالماققا،ئايلىنارمەن تىكەن-يانتاققا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1380
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 254
تۆھپە : 14
توردا: 12
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-9-22
ئاخىرقى: 2012-10-22
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 16:39:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىڭىز ھەققەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ،،،،،
قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن
مۇنبەر ئىچىلماي ھەجەپ ئىچىم سىقىلدى.......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 10:31 , Processed in 0.181385 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش