گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 368|ئىنكاس: 0

شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقات كۈ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
116
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  542
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1354
تۆھپە : 298
توردا: 121
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-10-30
ئاخىرقى: 2012-10-4
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 00:56:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى خىزمىتى ئىشخانىسى تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە «رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە ھەمكارلىشىپ ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقات كۈنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى بۇ ھەقتىكى ئېتىبار سىياسەتلەردىن خەۋەردار قىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىلشاد ئابدۇراھماننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 26-فېۋرالدىن باشلاپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە(شەھەر)، يېزا - بازار، كوچا، مەھەللە، مەكتەپ، كىشىلەر توپلىشىدىغان ئورۇنلاردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە تەشۋىقات، مەسلىھەت سوراش نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى تارقىتىلىدىكەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا دائىر قىسقا فىلىملەر كۆرسىتىلىدىكەن. بولۇپمۇ چەت -ياقا، نامرات رايونلار، يېزا - قىشلاقلاردا بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات تېخىمۇ ياخشى ئىشلىنىدىكەن. 2012-يىلى رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى داۋاملىق كېڭەيتىلىدىكەن، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى 7400 گە يەتكۈزۈلىدىكەن. «12-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى 10 مىڭغا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى 6800گە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوتتۇرا تېخنىكوملارغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى 10 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىكەن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 11:18 , Processed in 0.102865 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش