گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

uqur
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 321 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 688|ئىنكاس: 5

باي ناھىيسنىڭ تارىخى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوقلىما
16
 : تۈھپىكار ئەزا
 دەرىجىسى : Rank: 2
 يوللانغان يازمىسى : 64
 نادىر تېمىسى :(0)
 جۇغلانما : 717
تۆھپە : 55
قىزغىنلىق : 205
تىللا : 188
قۇشۇلغان: 2011-5-23
يوقلىما: 2011-12-9

توردا يوق

ئەزا مېدالى
 ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 20:30:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باي ناھىيسنىڭ تارىخى

باي ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى كۇچا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى توقسۇ ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئۇنسۇ ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى موڭغۇلكۈرە، تېكەس، خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 197.5  كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 116 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى  15 مىڭ كىلومېتىر. ناھىيىگە ئىككى بازار،  11 يېزا،  151 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بولغان ئارىلىقى  858 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  182 مىڭ  500. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  89.26% نى، خەنزۇلار  9.86% نى، باشقا مىللەتلەر  0.88% نى تەشكىل قىلىدۇ.   باي ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە قۇم، كۇسەنگە قاراشلىق يەر بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇم ئايمىقىغا قارىغان. كېيىن كۇسەنگە قوشۇۋېتىلىپ، كۈسەن تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  3 - يىلى (1877 - يىلى) ئاقسۇ خەيرىيەت ئىشلىرى باش ئىدارىسى قۇرۇلغاندا باي ناھىيىسى ئۇنىڭغا قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى (1882 - يىلى) باي ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، ئاقسۇ دوتەي مەھكىمىسىنىڭ ئونسۇ مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ دوتەي مەھكىمىسى، 4 - مەمۇرىي رايون، ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاۋۋال ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ، كېيىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.   يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي شىمالى ئېگىز، شەرقىي جەنۇبى پەس. تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان بولۇپ، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان ئۇزۇنچاق ئويمانلىق شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە تۈزلەڭلىك  10.8% نى، تاغ يېرى  70% نى، چۆل  19.2% نى ئىگىلەيدۇ. مۇزات دەرياسى، قاپىسلاڭ دەرياسى، تەلۋىچۈك دەرياسى، قاراسۇ دەرياسى ۋە قىزىل دەريا قاتارلىق دەرياسى بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى ئىككى مىليارد  163 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد 310 مىليون كۇب مېتىر (ئېچىشقا بولىدىغان زاپاس مىقدارى  850 مىليون كۇب مېتىر). ياۋايى ھايۋانات بايلىقدىن يىلپىز، شىمال ئۆچكىسى، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. دورىلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قارلەيلىسى، كىرەش، قانتېپەر، پاقا يوپۇرماق ئۇرۇقى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار بار. ھازىرقى بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، كۆمۈر، تۆمۈر، مانگان، ئۇران، مىس، فتورىت، بارىت، ئانالىرت قاتارلىقلار بار.   باي ناھىيىسىنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق كىلىماتقا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  7.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  37.4℃. ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 32.0℃. يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  42.2 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2789.7 سائەت.  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  3327.3℃  قىروسىز مەزگىلى 162  كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 94.9 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  1538.5 مىللىمېتىر.   ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر راۋاجلانغان. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 49  مىڭ 200 گېكتار (738 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى  78 مىڭ  700 گېكتار (1 مىليون 180 مىڭ مو). ئوتلاق كۆلىمى  723 مىڭ  300 گېكتار (10 مىليون  850 مىڭ مو) يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان  16 مىڭ  900 گېكتار (253 مىڭ  500 مو) قاقاس يەر بار. ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، ياغلىق دان، قىزىلچا، قولماق، كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا شىنجاڭ مېرىنو ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى، سىمىنتال كالىسى ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   باي ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولىنىڭ  307 - لىنيىسى ناھىيىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ ھەمدە دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى كېسىشىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. خەۋەرلىشىش ئوپتىكلىق كابىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.  8000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاقىلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى.   مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن - جۇڭگو بويىچە تۆت چوڭ غارنىڭ بىرى بولغان قىزىل مىڭ ئۆي بار.




 : باش مەسئۇل
 دەرىجىسى : Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30
 يوللانغان يازمىسى : 232
 نادىر تېمىسى :(3)
 جۇغلانما : 4417
تۆھپە : 326
قىزغىنلىق : 893
تىللا : 2058
قۇشۇلغان: 2011-5-21
يوقلىما: 2011-12-16

توردا يوق

ئەزا مېدالى
مۇنبەر مەسئۇلى رەسمى ئەزا باشقۇرغۇچى چوڭ باشقۇرغۇچى
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 21:35:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق ياخشى تىما خەۋەرلەرنى يوللاپ تۇرغايسىز... توربەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىرلىكتە تۆھپە قۇشايلى.


مەخسىتىمىز ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ تىمىللىرىنى كۆچۈرۈپ چاپلاش ئەمەس بەلكى بىلىم ئىگىلەش تىمىللىرىنى بىر يەرگە توپلاپ تىخىمۇ كوپ كىشىلەرنى مەنپەئەتلەندۇرۇش .............
 : يېڭى ئەزا
 دەرىجىسى :
 يوللانغان يازمىسى : 4
 نادىر تېمىسى :(0)
 جۇغلانما : 14
تۆھپە : 10
قىزغىنلىق : 15
تىللا : 50
قۇشۇلغان: 2011-6-5
يوقلىما: 2011-12-4

توردا يوق

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 15:43:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق ياخشى تىما خەۋەرلەرنى يوللاپ تۇرغايسىز... جاپا چەكتىڭلار....


 : يېڭى ئەزا
 دەرىجىسى :
 يوللانغان يازمىسى : 1
 نادىر تېمىسى :(0)
 جۇغلانما : 5
تۆھپە : 10
قىزغىنلىق : 12
تىللا : 50
قۇشۇلغان: 2011-6-12
يوقلىما: 2011-6-12

توردا يوق

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 12:55:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا باي ناھيىسىنىڭ  ئېنىق خەرىتسىنى  چىقىرىپ قويساڭلار!!!!   قىزىل مىڭ ئۆي ،  قىزىل سۇ ئامبىرى قاتارلىق ساياھەت ئورۇنلىرنىڭ رەسمىنى چىقىرىپ قويساڭلار.....!!!!!


 : ئالى ئەزا
 دەرىجىسى : Rank: 3Rank: 3
 يوللانغان يازمىسى : 223
 نادىر تېمىسى :(0)
 جۇغلانما : 2644
تۆھپە : 193
قىزغىنلىق : 367
تىللا : 1494
قۇشۇلغان: 2011-6-21
يوقلىما: 2011-12-16

توردا يوق

ئەزا مېدالى
رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 19:20:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە مەن بايدىن بولساممۇ باينىڭ قىسقىچە تارىخنى تەپسىلى بىلىپ كەتمەيتىم . ياخشى تېمىلىرىڭىزنى ئايمىغايسىز


سۈكۈت قىلىش -ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان كىشلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش
 : رەسمى ئەزا
 دەرىجىسى : Rank: 1
 يوللانغان يازمىسى : 6
 نادىر تېمىسى :(0)
 جۇغلانما : 59
تۆھپە : 10
قىزغىنلىق : 30
تىللا : 63
قۇشۇلغان: 2011-7-6
يوقلىما: 2011-8-8

توردا يوق

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 19:26:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىزلەر؟    بۇ توربەتنىڭ  قۇرۇلغىنىدىن مەن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم!!!!!!  بولسا كۆپراق ۋاقىت چىقىرىپ   باي ناھىيىسىنىڭ  يېڭىلىقلىرى بار تىمىلا بولسا  ئايىمىغايسىزلە.......................!!!!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-12-16 19:27 , Processed in 0.119816 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش