مەن تۇغۇلۇپ دۇنياغا كوز ئاچقان چاغدا،
دادام ئەسلى بىرداڭلىق سازەندى ئىكەن .
ياسىن تەمبۇر دەپ بايدا نام-ئاتاق تاپقان ،
ئەل ئارىسىدا يۈز تاپقان بىر ماھېر ئىكەن.
ئوتۇپ كەتتى نەچچەئاي ۋە نەچچە يىللار ،
ساز سەۋەپلىك كوپ ئىچتى نىجىز ھاراقنى.
ئۇلۇپ كىتەر چاغىدا يوقلىماس ھېچكىم ،
جان دوستلىرىم ئىچمەيلى بىزمۇ ھاراقنى.
ھاراق ئىچسە دوستۇم دەپ ئىچمىسە تۇنۇش،
شۇ سورندىن قايتقاندا بۇلدىكەن ئۇرۇش .
يىتىم بولدۇق ئاتىلار نە ئۈچۈن بىزلەر ،
ھاراق تۈپەيلى ئائىلىدە كۈندە مىڭ ئۇرۇش.
يۈرەك سۈزۈم ؛ قەدىرلىك ئەزىز دوستلىرىم بىز تېخى ياش بىلىملىك شۇنداق بولغاندىكىن ھەرگىز ھاراققا يېقىن كەلمەيلى مۇمكىن بولسا دوست -بۇرادەر ۋە ئاتا -ئاكىلىرىمىزغىمۇ ئۇلگە بۇلايلى بۇمىنىڭ بېشىمدىن ئوتكەن كۈنلەر چۈنكى مەن بىر يىتىم ،
مەنبە؛ ياقۇپچان