گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 263|ئىنكاس: 2

باشقىچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
73
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  513
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 855
تۆھپە : 90
توردا: 54
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2012-10-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 00:59:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باشقىچە



(1)

ئوخشىمايسەن ئۆزگىلەرگە، ئۆز  باھارىڭ باشقىچە،
ناز بىلەن مەيلىمنى ئالغان گۈل چىرايىڭ باشقىچە،



يۇرىسا جىمى جاھان، مەنزىلمدە قاراڭغۇ تۈنلەر بار،
شۇ تۈنلەردە مەن ئۈچۈن، چىراق ياقارىڭ باشقىچە،



شوخ كۈلۈپ كەلسە  باھار ،  يەر-جاھاننى ئىللىتىپ،
گۈلدەك باھاردا ئۆزگىچە پۇراق چاچارىڭ باشقىچە،



چاڭقىغان يۇلۇچىمەن ، دەشىت-چۆلدە ھالسىراپ،
سورىغاندا ئۇسوزلۇق ، بەرگەن  ئانارىڭ باشقىچە،



تەمى شىرىن ئەجەپ ، ئېغىزمدا ئۇزاققىچە قالدىغۇ،
ئۇسسغاندا مەن بەرسەم ، تاللاپ ئالارىڭ باشقىچە،


(2)

مەيلىمنى تارتتى، خۇلقى ئەجەپ ئۈز ئىكەنغۇ دەپتىمەن،
ئەي  دىلرەبا !  قەلىبمنى لەززىگە  سالارىڭ  باشقىچە،



بىر زامان  يايراپ  كۆڭۈل ،  كۈلدى گۈلشەن تاڭ-سابا،
نە سەۋەپ! كۆڭۇلنڭ تارىنى چىكىپ چالارىڭ باشقىچە،



توۋلىدڭ  ناخشاڭنى سەن ،  جىمىكى  جانلار  ئاڭلىدى،
مەندەك غىرىپنى كۈيچىسىز، ناخشاڭغا قاتارىڭ باشقىچە،



چللسام  بىغىمغا  ھەردەم ، شۇ بېغىمنى ئۆز  بىلىپ،
ئۆزەڭچىلا  كۈز بىلىپ ، كۆرمەي يانارىڭ باشقىچە،



چۆلمۇ - چۆل بوستانمۇ  چۆل ، باغلىرىمۇ  بولدى چۆل ،
شۇنچە ئۈمىتتە تەلمۈرسەم ،بەرگەن باھارىڭ باشقىچە،



گۈل-گۈلستان پەيتىدە ،چاچتىڭ چىمەنگە ھەر سىياق،
پەقەت بىغىملا ئۆز پىتى ، كىمخاپ ياپارىڭ  باشقىچە.
  
                

(3)
توختماي ئاققان  بۇلاقسەن ، ھەر  قەلبكە  ھەر  ھۇزۇر،
ماڭا كەلگەندە بىر نۆۋەت ،توختاپ قالارىڭ  باشقىچە.



ئاھ دىدىم گوپلا يىقىلدىم ، قالدىم مانا چارىسىز،
شۇ مىنۇتتا  سىنىڭكى ، يۆلەپ ماڭارىڭ  باشقىچە،



دىلدا  قالدى شىرىن  سۆز ،  قالدى ھەممە ئۆز  پېتى ،
بەر قۇلۇڭنى كەل دىسەم ، تىللاپ قاچارىڭ باشقىچە،



نە قىلارىڭ ، نە خىيالىڭ ، مەنزىلىڭمۇ  نائېنىق،
ئاقىۋەتتە ئۆز خىيال ،دىگەن قارارىڭ  باشقىچە،



ياپراقسىز  بولدى گۈل ،بۇلبۇل باھاردا كەلمىدى،
شۇ  باھاردا غۇنچىسز ، تەنھا  قالارىڭ  باشقىچە.


(4)
بولمىسا  نىيەت  دۇرۇس ، بۇ دۇنيادىن كەتكۈچە،
ھەر نەرسىنىڭ پەيزىگە تۇيۇپ قانارىڭ باشقىچە،



ئەتراپقا  باق  ھەر  مىنۇت ، ئۆز  ئشىڭدىن ئال ساۋاق،
شۇ چاغ سىنىڭ يۇلۇڭدىن ، ئىمكان  تاپارىڭ  باشقىچە،



تاللساڭ مەرپەتنى سەن ،ھەردەم ئۆزەڭگە دوست بىلىپ،
ياشلىق  چىغىڭدا خۇش پۇراق  گۈل  ئاچارىڭ  باشقىچە،




بىلگە بۇل ئرپانغا تۇل ،ئەل ئشقدا كۆيسەڭ ئۆمۈرلۈك،
ئەل  قەلبىگە  قۇياشتەك ، نۇرلار  چاچارىڭ  باشقىچە،



كەتسە ياشلق ، كەتسە دەرمان ،ئۆتسە بھۇدە بىر مىنۇت،
سىنىڭ پۇشايماندىن ئاقىۋەت ،ھۇسۇل ئالارىڭ  باشقىچە،



ئابدىكىرەم بولدى قىلغىن ، بولدى قىلغن ، بولدى قىل !
يولدىن ئازساڭ بىر ئۆمۈر  ، يىغلاپ  قالارىڭ  باشقىچە.


ئاپتۇرى: كىرەم ياسىن ( بۇرانقۇش)

2003-يىل 24-ئاپېرىل شىنجاڭ يىزا-ئگىلىك ئۆنۋېرسېتىدا 22 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۇنۇمگە ئاتاپ يىزىلغان..
دىققەت: دۇسىتلارنىڭ تەكلىپ پىكىرنى ئايماسلىغىنى ئۇمىد قلمەن ،باشقا مۇنبەرگە يۇتكىسىڭىز مەنبەسىنى  ئەسكەرتىڭ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەتىرگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-21 22:13  



بۇ دۇنيادا  سىنڭ قىلغانلىرىڭ(سىتۋالغانلىرىڭ )مۇھىم بۇلماستىن ئىجات قىلغانلىرىڭ مۇھىم .

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  641
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1167
تۆھپە : 6
توردا: 87
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2012-10-17
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 17:26:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aa
ياخشى يېزىپىسز ..........
شېئرنى ئۇقۇپ مەنمۇ شۇ گۈزەل مەكتەپ چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم


نائەھلىلەر قىسماي قۇلاققا،تاشلاپ كەتسە مىنى تۇپراققا.غۇرۇرۇمنى ساقلاپ قالماققا،ئايلىنارمەن تىكەن-يانتاققا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1122
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 333
تۆھپە : 22
توردا: 58
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-2-26
ئاخىرقى: 2012-4-11
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 15:13:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يېزىپسىز ~~قۇلىىڭىزغا دەت كەلمىسۇن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 10:42 , Processed in 0.116842 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش