گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 216|ئىنكاس: 1

كىتاب ئوقۇش تارىخى ئادەمنىڭ مەنىۋى جەھەتتە يېتىلىش تارىخىدۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
116
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  542
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1354
تۆھپە : 298
توردا: 121
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-10-30
ئاخىرقى: 2012-10-4
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 18:25:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئادەمنىڭ مەنىۋىيىتى قانداق يېتىلىدۇ؟ كىشىلەر مەنىۋىيىتىنىڭ يېتىلىش مۇساپىسى قانداق بولىدۇ؟ مەنىۋىيەتنىڭ يېتىلىش جەريانى بىلەن جىسمانىي جەھەتتىكى يېتىلىشنى سېلىشتۇرساق، جىسمانىي جەھەتتىكى يېتىلىش ئىرسىيەت ۋە گېننىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ، ئەمما شەخسلەر مەنىۋىيىتى گېن ياكى ئىرسىيەت بىلەن ئەمەس، بەلكى كىتاب ئوقۇش بىلەن يېتىلىدۇ.
شەخسلەر مەنىۋىيىتىنىڭ يېتىلىش جەريانى پۈتكۈل ئىنسانلار مەنىۋىيىتىنىڭ يېتىلىش جەريانىنىڭ كارتىنىسىدۇر. ھەر بىر كىشىنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ يېتىلىش مۇساپىسىدە ئەجدادلارنىڭ كەچمىش جەريانى تەكرارلىنىدۇ. بۇنداق تەكرارلىنىش كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.
ئىنسانلار تارىخىدا نۇرغۇن مەنىۋى ئابىدە تىكلەنگەن، بۇنداق مەنىۋى يۈكسەكلىككە يېتىش ياكى ئۇنىڭدىن ھالقىشنىڭ بىردىنبىر يولى كىتاب ئوقۇش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشتۇر. كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقلا ئىلگىرى ئۆتكەن دانىشمەنلەر بىلەن پىكىرلەشكىلى، ئۇلارنىڭ شۇ دەۋرىدىكى مەنىۋى يۈكسەكلىكىگە يەتكىلى بولىدۇ؛ كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقلا ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى پىر ئۇستازلار بىلەن پىكىرلەشكىلى، ئاندىن ئۇلارنىڭ شۇ دەۋردىكى ئىدىيە مەنزىلىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى يۈكسىلىش باسقۇچى مانا مۇشۇنداق تەكرار كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق داۋاملىشىدۇ. ئەگەر بۇنداق تەكرارلىنىش بولمىسا، ئىنسانلارنىڭ مەنىۋىيىتى چېكىنىدۇ، خارابلىشىدۇ. كىتاب ئوقۇش بولمىسا، بىر ئەۋلاد كىشىلىرىمىزنىڭ مەنىۋى مەنزىلى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىگە يەتمىگەن بولاتتى.
ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئىدىيەسى كىتابلاردا ئەكس ئېتىدۇ. گەرچە ئېلىمىزدە ھازىر توردا كىتاب ئوقۇۋاتقانلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئىدىيەسى يەنىلا تور سىرتىدا دەپ قارايمەن. توردا كىشىنى جەلپ قىلىدىغىنى ئۇچۇر، ئېلان ۋە كۆڭۈل ئېچىش مەزمۇنىدىكى نەرسىلەردۇر، ئىنسانلارنىڭ چۈشىنىشى، بولۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي كۆزىتىش ئىقتىدارى تور ئارقىلىق ئىشقا ئاشمايدۇ. كىشىلەر ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇردىن بىلىمگىچە بولغان ئەقىل - پاراسەت ئىگىلەش جەريانىدۇر، ئۇ مەنىۋىيەت بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەدرىجىي يۈكسىلىش، تەرەققىي قىلىش جەريانىدۇر. پەقەت كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقلا، ھەر بىرىمىزنىڭ ئەقىل - پاراسىتى قەدەممۇ قەدەم ئۆرلەيدۇ. ھەر بىرىمىزنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەندە، ئاندىن دەۋرىمىزنىڭ مەنىۋى يۈكسەكلىكى نامايان بولىدۇ.
كىتاب ئوقۇش بولمىسا قەلب يېتىلمەيدۇ، شەخسلەرنىڭ مەنىۋىيىتى مۇكەممەل تەرەققىي قىلمايدۇ. كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق رەڭگىروھىمىزنى ئۆزگەرتەلىشىمىز ناتايىن، ئەمما ساپايىمىزنى ئۆستۈرەلەيمىز. بەزىلەرنىڭ تەقى - تۇرقى، رەڭگىروھى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالسىڭىز، ئون يىل كىتاب ئوقۇغاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز. ئادەمنىڭ چىراي تۇرقى ئۇنىڭ گېنىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ئەمما، ئادەمنىڭ مەنىۋىيىتىنى كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگۈزگىلى بولىدۇ.
بىز كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ھاياتىمىزنى ئۇزارتالمايمىز، ئەمما، ھاياتىمىزنىڭ مەنىسىنى بېيىتالايمىز. كىشىلەرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىدا گېن قاتارلىق ئامىللار ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشى مۇمكىن، ئەمما، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بىز مەنىۋى دۇنيارىمىزنى تېخىمۇ بېيىتالايمىز.
بىز كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق، چەكلىك ھاياتىمىزدا چەكسىز گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن لەززەتلىنەلەيمىز.
بىز كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق، غايىمىزنى ئىشقا ئاشۇرالماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما، كىتاب ئوقۇش كىشىلىك غايىمىزگە يېقىنلىشىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. كىتاب ئوقۇش شەخسلەر مەنىۋىيىتىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3890
تۆھپە : 91
توردا: 1378
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2012-10-11
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 01:02:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aa
«بىز كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ھاياتىمىزنى ئۇزارتالمايمىز، ئەمما، ھاياتىمىزنىڭ مەنىسىنى بېيىتالايمىز.» ماۋۇ جۈمىلىنى بەك ياقتۇردۇم، ئادەم كۆپرەك كىتاپ ئۇقۇسا بەزىلەر مەسخىرە قىلغاندەك: «كىتاپ خالتىسى، كىتاپ ئۇقۇغانغا بىر ئالىم بوپقالامتىڭىز»  دەپ قۇيىدىكەن تېخى.....
ئايلاپ-يىللاپ بىرەر قېتىم كىتاپخانىغا بېرىپ باقمايدىغان كىشىلەر بەك كۆپ


ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 11:28 , Processed in 0.673397 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش