گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 219|ئىنكاس: 0

بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويمايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
116
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  542
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1354
تۆھپە : 298
توردا: 121
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-10-30
ئاخىرقى: 2012-10-4
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 03:48:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


گۇلنار ئابلىز



جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە، ھەتتا ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارغىمۇ ھەر جەھەتتە يۇقىرى تەلەپ قويۇلماقتا. ھازىر يەسلىلەردە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرسلىكى ئالدىن ئۆتۈلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلارمۇ بالىلىرىنىڭ ھە دېگەندىلا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا كىچىكىدىنلا يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، بالىلارغا زىيادە بېسىم قىلىۋاتىدۇ. 
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ نېۋادا ئىشتاتىدىكى بىر ئايال بالىلار باغچىسى قىزىمنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويدى، دەپ ئەرز قىلغان. ئەسلىدە قىزى باغچىغا كىرىشتىن ئىلگىرى «O» ھەرپىنى ئالما، قۇياش ، پۇتبول، تۇخۇم قاتارلىق يۇمىلاق نەرسىلەرگە ئوخشىتىپ تەسەۋۋۇر قىلالايدىكەنتۇق، بىراق، باغچىغا كىرىپ 26 ھەرپنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، قىزى ئۇنداق تەسەۋۋۇر قىلالماس بولۇپ قالغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن، نېۋادا ئىشتاتلىق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا سوت ئاچقان، نەتىجىدە بالىلار باغچىسى دەۋادا يېڭىلگەن.
ئامېرىكىنىڭ «پۇقرالار ھوقۇقى قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: بالىلارنىڭ بالىلار باغچىسىدا مۇنداق ئىككى ھوقۇقى بولىدۇ: بىرى، ئويناش ھوقۇقى، يەنە بىرى نېمە ئۈچۈن؟ دەپ سوئال سوراش ھوقۇقى. ئامېرىكىدا مائارىپ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئاتا-ئانىلارنىڭ ھوقۇقى، دەپ قارىلىدۇ، بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، تەربىيەلىنىشتىن بەھرىلىنىش ھوقۇقى، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئېلىمىزدە نۇرغۇن ئاتا - ئانا بالىلارغا بالدۇرلا مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىنى چەكلەپ قويىدۇ. شۇڭا، بالىلار دوگما ئۆگىتىش ئۇسۇلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشتەك ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
ئېلىمىزدىكى يەسلى مائارىپىنىڭ «باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش» ئەمەلىيىتى ئىمتىھان مائارىپىنىڭ بالىلار باغچىلىرىغا كىرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
بالىلارنىڭ ئەركىن ئويناپ، تۇغما قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەندىلا، ئۇلار ئىجادچانلىق روھىغا ئىگە بولۇش بىلەن بىللە، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى كۈچەيتەلەيدۇ. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ تاشقى شەيئىلەرگە بولغان تەسىرات ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ رايىغا بېقىپ تەلىم بېرىپ، يۆنىلىش بويىچە يېتەكلىگەندە، بالىلار تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىيات ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى (شىنجاڭ گېزىتى)


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 11:01 , Processed in 0.109618 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش