گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 340|ئىنكاس: 1

بالىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلى — ئويۇن ئويناش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
116
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  542
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1354
تۆھپە : 298
توردا: 121
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-10-30
ئاخىرقى: 2012-10-4
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 03:13:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئويۇن ئويناش بالىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلىدۇر. ئائىلىدىكىلەر بالا بىلەن ئويۇن ئويناش ئارقىلىق، بالىنىڭ ھەر تەرەپتىن ساغلام يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.

1. دەسلەپكى بىر قانچە ئايدا بالىنىڭ كارىۋىتى ئۈستىگە بەزى چىرايلىق بولغان ئويۇنچۇق ياكى رەسىملەرنى ئېسىپ قويغاندا، بۇ مۇزىكا چىقىرىدىغان ئويۇنچۇقلار، رەسىم قاتارلىقلار بالىنى تىنچلاندۇرۇپ، بالىنىڭ ياخشى كەيپىيات ساقلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

2. ئايلىق بولغان بالىغا شالدىراق قوڭغۇراقنى تۇتقۇزۇپ قويغاندا، بالىنىڭ كۆزى ۋە قول ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.

3. ئاۋاز چىقىرىدىغان ۋە ھەرىكەتلىنىدىغان ئويۇنچۇقلارنى بالىنىڭ پۇتى يېتىدىغان جايغا ئېسىپ قويۇپ، بالىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن پۇتى ئارقىلىق ئويۇنچۇقنى ئوينىشىنى ئىلگىرى سۈرگەندە، بالا پۇتىنى بۇ ئويۇنچۇققا تەگكۈزگەندە، ئويۇنچۇق ئاۋاز چىقارسا، بالا ناھايىتى خۇشال بولىدۇ ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشىدۇ. بۇ بالىنىڭ پۇت-قولى ۋە كۆزىنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشىغا پايدىلىق.

4. يېرىم ياشتىن ئاشقان بالا ئويۇنچۇقنى يەرگە تاشلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئويۇنچۇقنى يەرگە تاشلىغاندا چىققان ئاۋاز بالىنى ئۆزىگە تارتىپ ئۇنى خۇشال قىلىدۇ.

5. يېرىم ياشتىن ئاشقان بالا مۆكۈ-مۆكىلەڭ ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. قولىغا رەخت ئېلىپ ئۆزىنىڭ يۈزىنى يۆگىۋېلىپ، ئاندىن يەنە رەختنى ئېلىپ، ئاندىن يەنە ئويۇنچۇقنى يۆگەپ، يەنە ئېچىۋېتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بالىدا يېڭى بايقاشلارنى پەيدا قىلىدۇ.

6. ئەينەككە قاراش جەريانىدا، بالا ئۆزى ۋە باشقىلارنى تونۇيدۇ. بۇ بالا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

7. ئۆي سىرتىدىكى پائالىيەتلەر بالىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن سرت، ئىللىق قۇياش نۇرى بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە پايدىلىق.

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى


Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1384
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 52
تۆھپە : 5
توردا: 6
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-22
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 13:07:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك قۇملۇق ئەپەندىم،بۇ تىمىنى ياخشى يوللاپسىز. گەرچە مەن ھازىر كىچىك بولساممۇ ئەتە-ئۆگۈن بالىلىرىمنى تەربىيلەشتە چۇقۇم بۇ نۇقتىلارغا قاتتىق دېققەت قىلسام بولغۇدەك   


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 11:27 , Processed in 0.112579 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش