گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 208|ئىنكاس: 0

ھاياتىم مۇناسىپ قىممەت تاپسۇن دېسەك... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
116
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  542
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1354
تۆھپە : 298
توردا: 121
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-10-30
ئاخىرقى: 2012-10-4
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 03:02:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئەكرەمجان رۇسۇل ئۈمىدى



ھايات − ھەممىمىزگە ئاتا قىلىنغان غەنىيمەت پۇرسەت. بىلىپ-بىلمەي ئۇنى مەنىسىز، تۇترۇقسىز ئىشلارغا سەرپ قىلىۋېتىش ياكى ئۇنى قەدىرلەپ، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئۇنى نۇرلاندۇرۇش ھەركىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. ھايات چەكلىك. ۋاقىت ھاياتنىڭ ئىنسانغا بېرىلگەن ئەڭ چوڭ سوۋغىسى. ھاياتلىق بىزگە ئەنە شۇنداق قىممەتلىك سوۋغىنى بەرگەن ئىكەن، ئەنە شۇ قىسقىغىنا ھاياتىمىزدا ھاياتقا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشىمىز، مۇناسىپ سوۋغا بېرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئادىمىيلىك نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ھەر بىر كۈنىمىزنى قەدىرلەپ، ھاياتقا سۆيگۈ، مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىشىمىز، گۈزەللىك بەخش ئېتىشىمىز، ئۆزگىچە مەنە قوشۇشىمىز كېرەك.
دەرۋەقە، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئويلىمىغان ئەگرى-توقايلىق، مۈشكۈلاتلار، تالاي قېتىم يىقىلىشلار ئادەمگە ئورنىدىن قانداق تۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ. مەغلۇبىيەتنىڭ كىشىگە ئاتا قىلىدىغىنى ھەرگىزمۇ پۇشايمان بولماستىن، ئەكسىچە ئالتۇندەك تەجرىبە - ساۋاقتۇر، يىقىلغان جايىدىن دەس تۇرالماسلىقنىڭ ئۆزى ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ھاماقەتلىكتۇر. شۇنى بىلىۋېلىش زۆرۈركى، ھاياتلىق مۇساپىسى دەل ئەنە شۇنداق سانسىزلىغان يىقىلىش-قوپۇش بىلەن داۋاملىشىدۇ. ھاياتنىڭ ئۆزى بىر پۇرسەت، ئۇنى ھەرگىزمۇ خاتالىق ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى بىھۇدە ئەسلەش، پۇشايمان قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك كېرەك. بەلكى ئەتىكى خاتالىقنىڭ يوللىرىنى ئېھتىيات بىلەن توسۇپ، ئىلگىرىكى ئوڭۇشسىزلىقلاردىن ئەقىل تېپىپ، شۇ ئاساستا ئۆزىنى كېيىنكى مەغلۇبىيەتلەرگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، مۇھىمى ئۇنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان قىلىپ تاۋلاش كېرەك.
ھايات ھەرگىزمۇ ئېغىناپ ياتىدىغان پاراغەت قەسرى ئەمەس. ئۇ ھاياتلىق كېمىمىزنى ئېلىپ ماڭغۇچى سىرلىق ئېقىن. ئۇ توختاۋسىز كۈرەش جەريانىدىن ئىبارەت. ھاياتلىق چەكسىز، ئەمما، ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ چەكلىك. ئۇ خۇددى بىر ئاقار يۇلتۇزغا ئوخشاش تۇرمۇشىمىزدا بىرلا قېتىم چاقنايدۇ. لېكىن ئاشۇ بىر قېتىملىق چاقناش ھاياتىمىزنى يورۇقلۇق ۋە ئىشەنچكە تولدۇرىدۇ. بىز ئۇنى قىسقا ۋاقىتتا ئۆچۈرۈپ قويۇشىمىزمۇ، ئۇزاق نۇر چاچقۇزالىشىمىزمۇ مۇمكىن. بۇ پەقەت ھاياتىمىزنى قەدىرلەشكە ۋە ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقىمىزغا باغلىق. كىشىلىك ھاياتتا بەزىلەرنىڭ ئىرادە يوللىرى ئۇپۇققا قەدەر سوزۇلغان، بەزىلەرنىڭ يوللىرى ئۆزىنىڭ چەكلىك ئۆمرىگە قەدەر سوزۇلغان بولىدۇ. بەزىلەر ھەممە ۋاقتىنى ئۆز ئۆمرىنى پەقەت مېڭىپ تۈگىتىش ئۈچۈنلا سەرپ قىلىۋېتىدۇ. مەيلى قانداقلا بولسۇن، ئۆمۈردىن ئىبارەت بۇ غەنىيمەت پۇرسەت ھاياتلىق سادىقىدىن ئېتىلغان ئوق بولۇپ، ئۇ نىشانغا تەگسۇن، تەگمىسۇن بەرىبىر ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا، ھاياتنىڭ بىزگە بەرگەن ئەڭ چوڭ سوۋغىسى بولغان ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ھاياتىمىزدا يارقىن ئىزلارنى قالدۇرۇپ، بىزمۇ ھاياتقا مۇناسىپ سوۋغا بەرسەك، ھاياتىمىز يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تېخىمۇ رەڭدارلىشىپ، قەدىر - قىممىتىمىز ئاشىدۇ، مەۋجۇتلۇقىمىز مەنىلىك نامايان بولىدۇ. 
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى (شىنجاڭ گېزىتى ) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇملۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-20 03:09  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 10:57 , Processed in 0.150687 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش