گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 276 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 190|ئىنكاس: 0

ئۈچ دېھقاننىڭ ھېكايىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
27
تېما
16
قىزغىنلىق
236
تىللا
452
تۆھپە
138
توردا
53 سائەت

مۇنبەر مەسئۇلى رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 20:05:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن باي ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، ياقائېرىق بازىرى ئالتە گۈمبەز كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۇلتان ئىسمائىل، بۇ بازارنىڭ ئۆستەڭبويى كەنتىدىكى تېرىقچىلىق ماھىرى مۇختار مۇھەممەد ۋە باي بازىرى تېتىر كەنتىدىكى ئۆلگىلىك دېھقان ئىشلەمچى ياسىن ھاجى ئۆزلىرىنىڭ بېيىش تەجرىبىسىنى تونۇشتۇردى. ئۇلارنىڭ بېيىش جەريانىدا شۇغۇللانغان كەسپى بىر – بىرىگە ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ھەممىسى پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، بېيىغاندا ئارقىدا قالغانلارنى يېتەكلەشتەك ئورتاقلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ قىسقىچە ئىش ئىزلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:
    ھەممە ئىشتا ئۆزى ئۆلگە كۆرسىتىپ، دېھقانلارنى ئورتاق بېيىتقان ياخشى شۇجى سۇلتان ئىسمائىل                                       

    سۇلتان ئىسمائىل 2001 – يىلى ياقائېرىق بازىرى ئالتە گۈمبەز كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغاندىن بۇيان، يەرلىك ئەۋزەللىكنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش ئۈستىدە ئاكتىپ ئىزدەندى. كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى زورايتىپ، ئىلگىرى نامى چىققان بۇ نامرات كەنتنى ھازىرقى بازار ۋە ناھيە بويىچە ئۆلگىلىك باي كەنتكە ئايلاندۇردى.                                    
    سۇلتان ئىسمائىل باشقىلارنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەشتە، ئالدى بىلەن ئۆزىنى بېيىتىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئائىلە بېساتلىرىنى رەنىگە قويۇپ ئالغان قەزرگە 50 قوي سېتىۋېلىپ، ئىشنى باقمىچىلىقتىن باشلىدى. ئەمما تەجرىبىسىنىڭ چولتىلىقىدىن دەسلىپىدە تىرىشقىنىغا يارىشا پايدىغا ئېرىشەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاقسۇ رادىيو – تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چارۋىچىلىق كەسپىدە ئىشتىن سىرت ئوقۇپ، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى تىرىشىپ ئۆگەندى. كېيىن ئەسلىھەلىرى تولۇق بىر يۈرۈش ئۆلچەملىك پارنىكلىق قوتان سېلىپ، قويلىرىنى 300 نەچچىگە، چارۋىچىلىقتىن قىلغان يىللىق كىرىمىنى 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتكۈزدى. 480 مو يەر ھۆددە ئېلىپ، يەم – خەشەك، ئوت – سامان ئېھتىياجىنى قامداپ، ئائىلە باقمىچىلىقىنى كۆلەملەشتۈردى.                                                                                                     
    سۇلتان ئىسمائىل پارتيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان كۈنى كەنت ئاھالىلىرىگە بەرگەن ‹‹ئاممىنى ئورتاق بېيىتىپ، كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى زوايتىمەن›› دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كەنتتە دېھقان – چارۋىچىلار مەدەنىيەت – تېخنىكا مەركىزى، كەچلىك تېخنىكا مەكتىپى قۇردى. ناھىيەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى ئەمەلىي پەن – تېخنىكا بىلىملىرىدىن دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، 50 تىن كۆپرەك تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ماھىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ھەممە ئائىلە چارۋا ماللىرىنى پارنىكلىق قوتاندا بېقىپ، خالىغان چاغدا سېتىپ، پۇل قىلالايدىغان بولدى. مۇشۇ ئاساستا ئۇ ئالدىن بېيىغان پارتىيە ئەزالىرىنى نامرات ئائىلىلەرگە بىرمۇ بىر ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدى. ئۆزى 10 نامرات ئائىلىنى يېتەكلەپ، بېيىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەتتى. بۇ بىر نەچچە يىلدا سۇلتان ئىسمائىلنىڭ باشلامچىلىقىدا، كەنت كوللېكتىپىنىڭ قىيىنچىلىقى ئېغىر ئامما ۋە بۇ كەنتتىن ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارغا ئوقۇشقا ماڭغان ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان تۈرلۈك ئىقتىسادىي ياردىمىنىڭ قىممىتى 70 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
    سۇلتان ئىسمائىل ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا دېھقانلارنى بېيىتىش بىلەن كەنتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلدى. كەنت تەۋەسىدە بوز يەر كۆپ بولۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۇنى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە مۆھلەتتە دېھقانلارنىڭ ئېچىشىغا ھۆددە بەردى. مۇددىتى توشۇپ، كەنتكە قايتۇرۇۋېلىنغان يەرنى تېخنىكىلىق تەلەپ بويىچە ئۈنۈملۈك ئېتىزغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، بۇ يەرلەرنى يەنە باھا تالاشتۇرۇپ، كىم كۆپ پۇل چىقارسا شۇنىڭ پايدىلىنىشىغا قايتىدىن ھۆددە بەردى. مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن كەنت ئىگىدارچىلىقىدىكى تىجارەت ئېتىزىنى 5000 موغا، ئۇنىڭدىن قىلىنىدىغان يىللىق كىرىمنى 1 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتكۈزدى. كوللېكتىپ ئىقتىساد زورايغاندىن كېيىن، كەنتنىڭ ئىش بېجىرىش ئىقتىدارى كۈچەيدى. يېقىنقى يىللاردا بۇ كەنت 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، دېھقان – چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە بېرىپ – كېلىش، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ يول ياساشقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي، پارنىكلىق قوتان سېلىشىغا ياردەم بەردى. بۇنىڭ بىلەن، بۇلتۇر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 5745 يۈەنگە يېتىپ، ياقائېرىق بازىرىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 356 يۈەن، ناھىيەنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 657 يۈەن كۆپ بولۇشتەك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى.                                                                                                                                            

    ئۆزگىچە تېرىقچىلىق ماھىرى مۇختەر مۇھەممەد
    ياقائېرىق بازىرى ئۆستەڭبويى كەنتىدىكى مۇختەر مۇھەممەد بۇلتۇر 110 مو بۇغداي، 54 مو ئۇرۇقلۇق قوناق، 129 مو زىغىر، 12 مو كىراخمال بەرەڭگىسى، بەش مو قىزىلچا تېرىپ، دېھقانچىلىقتىن 130 مىڭ يۈەن؛ 140 قوي، سەككىز كالا بېقىپ، چارۋىچىلىقتىن 25 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى، ئائىلىسىدىكى نوپۇسنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 22 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈپ، يىراق – يېقىنغا تونۇلغان بايلاردىن بولۇپ قالدى.
    مۇختەر مۇھەممەد 2000 – يىلى كەنتنىڭ 20 مو ئېتىزىنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئاپتاپپەرەس بىلەن قىزىلچا تېرىغان بولسىمۇ، پەرۋىش – باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى بىلمىگەچكە نۇرغۇن زىيان تارتتى. شۇڭا ئۇ بازار ئويۇشتۇرغان پەن – تېخنىكا كۇرسلىرىغا ئاكتىپ قاتىنىشىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈردى. شۇ ئاساستا 2006 – يىلىدىن باشلاپ، ئائىلە ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئۆزگىچە ‹‹زاكاز ئېتىز›› تېرىقچىلىقىغا قاراتتى. ھۆددە يېرىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، ئومۇمىي كۆلىمىنى 300 مودىن ئاشۇردى. زىرائەت شاخ – شۇمبىلىرىدىن پايدىلىنىپ، چارۋا ماللىرىنى پارنىكلىق قوتاندا بېقىپ، باقمىچىلىق كىرىمىنىمۇ مۇقىم ئاشۇردى.

    مۇختەر مۇھەممەد بېيىغاندىن كېيىن، داچا شەكىلدە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىۋالدى. 2006 – يىلىدىن باشلاپ ئىككى نامرات ئائىلىنى نۇقتىلىق يۆلەپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ يېقىنقى ئىككى يىلدا نامراتلارغا، ئاپەتكە، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ياردەم قىلدى.
    ئۆلگىلىك دېھقان ئىشلەمچى ياسىن ھاجى
    باي بازىرىنىڭ تېتىر كەنىتىدە تېرىلغۇ يەر قىس بولغاچقا، ياش دېھقان ياسىن ھاجىنىڭ ئائىلسىدىكى تۆت كىشى ئاران ئۈچ مو تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى غورىگىل ئۆتكۈزۈپ كەلگەنىدى. ئۇ تۇرمۇشتا قىينىلىپ، نېمە قىلىشنى بىلمەي يۈرگەندە، بازار، كەنت رەھبەرلىرى 2004 – يىلى ئۇنى باي ناھىيەسىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان ‹‹جۇڭتەي›› كۆمۈر كوكسلاشتۇرۇش شىركىتىگە ئىشلەمچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ئىشلەمچىلىك ئۇنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، باي – باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.
    ياسىن ھاجى ‹‹جۇڭتەي››گە كېلىپلا يۈك ئاپتوموبىللىرىغا كوكس قاچىلاپ، دەسلەپتە ئېيىغا 1500 يۈەندىن ئىش ھەققى ئالدى. ئاپتوموبىلغا كۆكس قاچىلاش ئەمگىكى ئېغىر بولسىمۇ، ئۇ قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي جاپالىق ئىشلىگەچكە، ئۇزاققا بارمايلا شىركەت ئۇنى كوكىس قاچىلاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەپ، ئايلىق ئىش ھەققىنى 2000 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ بەردى. ئۇ ئىشلەمچىلىك كىرىمىگە تايىنىپ، كونا – يېڭى قەرزلىرىنى تۈگەتتى، 80 كىۋادرات مېتىرلىق يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالدى، قوتان سېلىپ قوي باقتى. شىركەتتىكى ئايلىق ئىش ھەققىمۇ 3000 يۈەنگە يەتتى. ئىشتىن بىكار ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئېتىز – ئېرىقلىرىنى رەتلەپ، پۇللۇق زىرائەتلەرنى تېرىپ، كىرىم مەنبەسىنى كۆپەيتتى. ھازىر ئۇنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
    ياسىن ھاجىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تېتىر كەنتىدىكى 60 قا يېقىن دېھقان يېقىن ئەتراپتىكى شىركەت – كارخانىلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىپ، يىللىق كىرىمىنى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى.
    بۇ تەپسىلىي خەۋەردىكى ئۈچ دېھقان ‹‹تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر›› دېگەن تەمسىلنىڭ ناھايىتى توغرىلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇلارنىڭ باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق، ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىدا ئالاھىدە سىر يوق، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماي، مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەي، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ياخشى كۈنگە ئېرىشكەن. سۇلتان ئىسمائىل بىلەن مۇختەر مۇھەممەد پەن – تېخنىكا ئۆگىنىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق قىلىش داۋامىدا زىيان تارتسا ۋايسىمىغان، پايدا ئېلىپ، يانچۇقى پۇل كۆرگەندە ‹‹بىر نان تاپسا داپ چالىدىغان›› ئىش قىلمىغان، بەلكى ‹‹پۇل پۇلنى تاپىدۇ›› دېگەن قاراش بىلەن تاپقان پۇللىرىنى مەبلەغ قىلىپ، ئىگىلىكىنى زورايتقان، ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى نامرات دېھقانلارنى بېيىشقا يېتەكلىگەن. ياسىن ھاجىمۇ مۇشەققەتكە باش ئەگمەي، تىرىشىپ ئىشلەش روھىغا، جىسمانىي كۈچىگە تايىنىپ ھالال ياشاشنى مىزان قىلىپ، ئىشلەمچىلىكتىن پۇل تېپىپ، تاپقان پۇلى بىلەن يول تېپىپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، توققۇزى تەل ئائىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
    دېھقان ئاكا! ھازىر مەركەز دېھقانلارنى بېيىتىش، ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاشقا دائىر ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى پائال تۈزۈۋاتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمۇ ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا، دېھقانلارنى بېيىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان جانلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئويى بار دېھقانلارغا ئۆسۈمسىز، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىۋاتىدۇ، باج، ھەقلەرنى كەچۈرۈم قىلىپ، باقمىچىلىق قىلىمەن دېسە، ئۆلچەملىك ئېغىل – قوتان سالدۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، باغ بىنا قىلىمەن دېسە... پارنىك ياساپ بېرىۋاتىدۇ، يەر ھەل قىلىپ بېرىۋاتىدۇ. دېمەك، سىزمۇ ئەتراپىڭىزغا نەزەر سېلىپ، جاھاندا بولۇۋاتقان يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇڭ، ئۇيقۇڭىزنى ئېچىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، قەددىڭىزنى رۇسلاپ، يېڭى دەۋر دېھقانلىرىغا خاس باياشات تۇرمۇشقا يۈزلىنەي دېسىڭىز، سىزگە پۇرسەت، شارائىت بار، قوللاش، يۆلەش بار. شۇڭا، ھۇرۇنلۇق، قاششاقلىقنى تاشلاپ، داۋاملىق ‹‹ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش››، ‹‹بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن›› دەپ ياشاشنى نومۇس بىلىڭ، سەمىڭىزدە بولسۇن، نامراتلىق پېشانىڭىزگە پۈتۈلگەن ئەمەس، سىزمۇ غەيرەتكە كېلىپ، تەپسىلىي خەۋەردىكى ئۈچ دېھقاندەك تىرىشىدىغانلا بولسىڭىز، نېمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانماڭ، چوقۇم تارتقان جاپايىڭىزغا يارىشا پۇل تېپىپ، بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيسىز.


مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-22 02:58 , Processed in 0.126057 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش