
كىيۇرى خانىم ــ كىيۇرى خانىم فىرانسىيە تەۋەلىكىدىكى پولشالىق ئالىم بولۇپ، ئۇ رادىياكتىپ ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، رادىي، پولونىيدىن ئىبارەت بىر قاتار يېڭى ئېلېمېنتلارنى بايقىغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ رادىياكتىپ پرىنسىپلىرى ۋە رادىياكتىپلىق ئىزوتوپنى ئايرىش ئۇسۇلىنىڭمۇ خېلى نامى بار. 1903-يىلى ئۇ يولدىشى پىئېر بىلەن بىرلىكتە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ۋاقىتلاردا رادىياكتىپلىق ئېلېمېنتلارنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى تېخى بايقالمىغاچقا، كيۇرى خانىم تەجرىبە قىلغاندا ھېچقانداق قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغانىدى. ئۇ بەزىدە رادىياكتىپلىق ئېلېمېنتلار قاچىلانغان پروبىركىلارنى يانچۇقىغا، بەزىدە تارتمىغا سېلىپ قوياتتى. كيۇرى خانىم ئۇزۇن مۇددەتكىچە رادىياكتىپلىق ئېلېمېنتلار بىلەن ئۇچراشقانلىقتىن، يامان سۈپەتلىك قان ئازلىق كېسىلى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.

توماس مىكىر ــ توماس مىكىر ئامېرىكىلىق خېمىيە ئالىمى بولۇپ، قوغۇشۇنلۇق بېنزىن ۋە خلور، فتور، ھىدروكاربوناتلارنى كەشىپ قىلغان. ئۇ ھايات ۋاقتىدا نۇرغۇن مەدھىيىلەشلەرگە مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كەشپىياتى بىلەن «يەر شارى تارىخىدا ئاتموسفېراغا ئەڭ زور زىيان يەتكۈزگەن ۋە جانلىقلارنىڭ جېنىغا ئەڭ كۆپ زامىن بولغان ئالىم» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. ئۇ كېيىن يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى ۋە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن پارالىچ بولۇپ قالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئورنىدىن تۇرۇشىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، چاقلىق ئارغامچا سېرىلگۈچنى كەشىپ قىلغان. كېيىن، ئۇ 55 ياشلارغا كىرگەن مەزگىلدە، ئارغامچىغا چىرمىشىپ قېلىپ قازا قىلغان.

پاررى توماس ــ پاررى توماس ئاپتوموبىل ماھىرى ۋە ئىنژېنېرى بولۇپ، چۈشىدىمۇ مالكولم كامبېلنىڭ ياراتقان مۇسابىقە رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇ ئۆز ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن، بىر ئۆزگىچە مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى ياساپ چىقىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا «بابۇس» دەپ ئىسىم قويىدۇ. ئۇ بۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، چاق بىلەن ماتورىنى تۇتاشتۇرىدىغان زەنجىرنى ئاپتوموبىلنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. 1926-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى مۇسابىقىدە پاررى توماس ئاخىرى يېڭى رېكورت يارىتىدۇ. ئىككىنچى كۈنى ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى سائىتىگە 170 كىلومېتىر ماڭىدىغان قىلىپ تەڭشەيدۇ. ئەمما، ئۇ ياراتقان يېڭى رېكورتنى ئىككىنچى يىلى مالكولم كامبېل يەنە بۇزۇپ تاشلايدۇ. پاررى توماس سۈرئەتنى يەنە تېزلىتىپ، بۇ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىماقچى بولغاندا، ئاپتوموبىلنىڭ زەنجىرى توساتتىن ئۈزۈلۈپ ئۆزىگە تېگىپ كېتىپ نەق مەيداندىلا قازا قىلىدۇ.

ۋىليام برۇك ــ ۋىليام برۇك ئامېرىكىلىق كەشپىياتچى بولۇپ، ئۇ 1863-يىلى تېز ئايلىنىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك چاقلىق باسما ماشىنىسىنى كەشىپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتى باسمىچىلىق ئىشلىرىغا غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ. بىر قېتىم ئۇ باسما ماشىنىسىنى رېمونت قىلىۋېتىپ، ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتكەن بىر چاقنى پۇتى بىلەن تېپىپ جايىغا كەلتۈرۈپ قويماقچى بولغاندا، پۇتى ئېغىر زەخىملىنىدۇ ۋە ئوپېراتسىيە ئۈستىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ.

رىللېينتار ــ رېللېينتار گېرمانىيىلىك ئىنژېنېر ۋە شۇڭغۇپ ئۇچۇش ماھىرى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە ئەمەلىي ئىشلىتىدىغان پلانېرنى لايىھىلەپ ياساپ چىققان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭغا «پلانېر ئاتىسى» دەپ نام بەرگەن. نۇرغۇن ئەللەرنىڭ گېزىت- ژۇرناللىرى ئۇنىڭ پلانېردا پەرۋاز قىلغان سۈرەتلىرىنى باسقان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتى، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى كۆكتە پەرۋاز قىلىش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما 1896-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇ پلانېردا پەرۋاز قىلىۋاتقاندا قاتتىق بوران چىقىپ كەتكەنلىكتىن، پلانېر يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. شۇ ۋەجىدىن رېللېينتارمۇ ئېغىر يارىلىنىپ، ئومۇرتقىسى سۇنۇپ، قازا قىلغان. ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا ئىنىسى گوستافقا «ھەر قانداق بىر كەشپىياتتا ئادەملەر ھامان قۇربان بولۇپ تۇرىدۇ» دېگەن.

كاررېل سۇزاك ــ كاررېل سۇزاك كانادالىق سېرك ئارتىسى ئىدى. ئۇ ھەممە يېرى پېچەتلەنگەن بىر كېمە كەشىپ قىلىپ، ئاندىن بۇ كېمىگە ئولتۇرۇپ، نېئاگارا شارقىراتمىسىدىن چۈشۈپ ئۇتۇق قازانغان. سۇزاك بۇ جەرياندا گەرچە ئازراق زەخىملەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن. 1985-يىلى ئۇ بىر شىركەتنى ئۆزىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشقا قايىل قىلىپ يەنە بىر قېتىم خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماقچى بولغان. ئۇ تەۋەككۈل قىلماقچى بولغان جاي ھيۇستوندىكى ئۈستى دۈگىلەك شەكىللىك سۈزۈك ئەينەكلىك كالتەك توپ مەيدانى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 54 مېتىر ئىدى. بىنا ئۈستىدە سۈنئىي شارقىراتما ياسالغان ئىدى. ئەمما، سۇزاكنىڭ بۇ قېتىم تەلىيى كەلمىدى. ئۇنىڭ كېمىسى شارقىراتمىدىن پەسكە چۈشكەندە، شارقىراتما كۆلچىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشمەي قالغانلىقتىن كېمە پارە- پارە بولۇپ كەتتى. سۇزاكمۇ ئېغىر يارىلىنىپ، ئەتىسى ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سۇزاككا «خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالايدىغان سېرك ئارتىسى» دېگەن نام بېرىلدى. ئۇنىڭ پارە- پارە بولۇپ كەتكەن كېمىسى تاھ ھازىرغىچە نيۇيوركتىكى مۇزېيىدا ساقلانماقتا.

ئالېكساندر بودانوف ــ ئالېكساندر بودانوف رۇسىيىلىك فىزىك ۋە ئىقتىسادشۇناس، شۇنداقلا يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن فانتازىيە رومان يازغۇچىسى ۋە بىر ئىنقىلابچى. ئۇ ئىلگىرى قان سېلىش ئارقىلىق ئادەملەرنى ياشارتىش مەقسىتىدە بىر تۈرلۈك تەجرىبە ئىشلىگەن ئىدى. ئۇ نۇرغۇن مەشھۇر زاتلارغا جۈملىدىن لېنىننىڭ سىڭلىسىغىمۇ قان سالغان ئىدى. كېيىن ئۇ ئۆزىگىمۇ قان سېلىپ بېقىش قارارىغا كېلىپ، بەزگەك ۋە ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەمنىڭ قېنىنى ئۆزىگە سالىدۇ. ئاقىۋەتتە، ئۇنىڭدىن يۇقۇملىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆلۈپ كېتىدۇ.

ھېنرى ۋىنتانلېي ــ ھېنرى ۋىنتانلېي ئەنگلىيەلىك مەشھۇر ماياك لايىھىلىگۈچى ۋە ئىنژېنېر بولۇپ، ئۆزى ياساپ چىققان مايىكىنىڭ مۇستەھكەملىكىگە ناھايىتىمۇ ئىشەنچ قىلاتتى. ئۇ، قاتتىق بوران چىققاندا ئۆزى ياسىغان ماياكتا تۇرۇپ بېقىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. 1753-يىلى 11-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنىدە ئۇ بەش ئادەم بىلەن بىرلىكتە ماياكنىڭ بەزى يەرلىرىنى رېمونت قىلىۋاتقاندا ئۇشتۇمتۇت قاتتىق بوران چىقىپ، مۇنارنى ئۆرۈۋېتىدۇ. بەختكە قارشى ھەممىسى نەق مەيداندا قازا قىلىدۇ.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى