گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 267|ئىنكاس: 0

ئوتتۇرا –باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىل مەزگىلى ئەڭ ئۇزۇن دۆلەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
116
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  542
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1354
تۆھپە : 298
توردا: 121
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-10-30
ئاخىرقى: 2012-10-4
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 02:57:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا بويىچە ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىل قېتىم سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت ئەنگلىيە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار يىلدا ئالتە قېتىم تەتىل قىلىدۇ. 2005-يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 130 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە ھۆكۈمەت ئىگىدارلىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش مەۋسۈمى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ھەر يىللىق ئوقۇش مەۋسۈمىنى ئىلگىرىكى ئۈچ ئوقۇش مەۋسۈمىدىن ھازىرقى ئالتە ئوقۇش مەۋسۈمگە ئۆزگەرتكەن، ھەر ئوقۇش مەۋسۈمى ئارىلىقىغا تەتىل مەزگىلىنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلار مۇشۇنداق دائىملىق دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىشنى مەقسەت قىلغان.

دۇنيا بويىچە ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىل مەزگىلى ئەڭ ئۇزاق دۆلەت گېرمانىيە بولۇپ، مەكتەپلەرنىڭ بىر يىلدىكى تەتىل ۋاقتى 12 ھەپتىگە يېتىدۇ. مىلاد بايرىمىلىق تەتىل ئالدىنقى يىلىنىڭ 22-ياكى 23-دېكابىرىدىن باشلىنىپ، يېڭى يىل كىرىپ 4-يانۋار ئاخىرلىشىدۇ. ئارقىدىن يەنە ئىككى ھەپتىلىك قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ. بىراق، ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان 4-ئايدىكى پاسخا بايرىمىلىق تەتىل ۋاقتى ئۈچ ھەپتە بولسا، قىشلىق تەتىلگە ئاران بىر ھەپتىلا قويۇپ بېرىلىدۇ. يازلىق تەتىل ۋاقتى تەخمىنەن ئالتە ھەپتىگە يېقىنلىشىدۇ. چۈنكى ياز پەسلى گېرمانىيەلىكلەرنىڭ مۇھىم ساياھەت پەسلى بولغاچقا، بۇ مەزگىلدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساياھەتكە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، مەكتەپلەرنىڭ تەتىل قويۇپ بېرىش ۋاقتى مۇقىم بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، يازلىق تەتىل بىلەن مىلاد بايرىمىلىق تەتىل ئارىلىقىدا يەنە بىر ھەپتىلىك كۈزلۈك تەتىل ۋاقتىمۇ بار.

دۇنيا بويىچە ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىل مەزگىلى ئەڭ ئۇزاق دۆلەت ئامېرىكا بولۇپ، كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئۈچ ئايلىق تەتىل ۋاقتىدىن بەھرىمان بولىدۇ. 19-ئەسىردىن بۇيان، شتاتلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يازلىق تەتىل ۋاقتى ئالاھىدە ئۇزاق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تەتىل ۋاقتى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 9-ئاينىڭ باشلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ ئەنئەنە دۆلەت قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي مۇقىملىشىپ قالغان، ئەينى چاغدا نۇرغۇن ئامېرىكىلىق ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى، يازلىق تەتىل ۋاقتىنىڭ بۇنداق ئۇزۇن بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، ئىسسىق ياز كۈنلىرى دەرس ئاڭلاش بەك جاپالىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە 7-8-ئاي ساياھەت قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى.

شۋېيتسارىيە دۇنيادا ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلا ۋاقىتتا تەتىلگە قويۇپ بېرىلمەيدىغان دۆلەت، شۋېيتسارىيە مەسئۇل دائىرىلىرى مۇنداق دەپ قارايدۇ: مەملىكەت بويىچە بىرلا ۋاقىتتا دەرس توختىتىلىپ تەتىلگە قويۇپ بېرىلسە، قاتناش قىستاڭچىلىقى، مېھمانساراي ياتاقلىرى توشۇپ كېتىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاتا-ئانىلارنىڭ رۇخسەت سورىشى نۇرغۇن تارماقلارنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شتاتلارنىڭ تەتىلگە قويۇپ بېرىش ۋاقتى ئوخشاش ئورۇنلاشتۇرۇلمىسا، بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەل بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىستىمالنىمۇ ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلىك بولىدۇ، شىۋىتسارىيەدە ئوقۇغۇچىلار بىر يىلدا بەش قېتىم تەتىل قىلىدۇ، يەنى كۈزلۈك تەتىل، قىشلىق تەتىل، مىلاد بايرىمىلىق تەتىل،قېۋراللىق تەتىل، پاسخا بايرىمىلىق تەتىل.

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 11:23 , Processed in 0.128651 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش