- QQ
- 1357091124
- 出生地
- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتىنۇم رايۇنى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھيە
- 出生县
- باي ناھيە
- 生日
- 1967 يىل 9 ئاي 7 كۈن
- دوست
- 10
- 真实姓名
- ئېلى مۇھەممەد
- 性别
- ئەر
- يازما
- 116
- UID
- 894
- تېما
- 23
- تىزىملاتقان
- 2012-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-31

- يوقلىما
- 61
|
بىر ئاغىنىمىز بار شۇنداق قىزىقچى. بىر كۈنى بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ مۇشۇلەتىپە چاقچاق توغرىلىق گەپ بولدى. بىز ھەممىمىز غۇلجىدىكى بىر نەچچەقىزىقچىللىرىمىزنىڭ گىپىنى قىلساق، بۇ ئاغىنىمىز قوپۇپ ،ئەمىلىيەتتە گەپنىڭ قىزىقىنى قەشقەرلىق قىلىدۇ،غۇلجىلىقنىڭ گىپىگە شۇۋاقىتتا كۈلسەڭ ، قەشقەلىقنىڭ گىپىگە ئويلىنىپ كۈلىسەن، ھەتتا بەزىدەدىگەن گىپىنى ئەتىسى ئويلىساڭ ئىچىڭگە ئۆتۈپ كىتىدۇ. ئون مو يەرگە ئۇغۇت بولغىدەك سېسىق گەپ قىلىدۇ. مەن سىلەرگە بىر ئىككى پاراڭ قىلىپ بىرەي- دەپ ،قەشقەر شىۋىسىدە ئاۋاز بىرىپ گەپنى باشلىدى….
تۆت بۇرادەر قەشقەردە بىر ئاشخانىغا كىرىپتۇ. تاماقنى يەپ بولۇپ، پۇل تۆلەشنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئاشخانىدىن سىرتقا مېڭىشىغا ،تاڭجاڭ قوپاپ ئەڭ ئاخىرىدا قالغان بىرىگە:- ھاجېېېېېېم، ماۋۇ ئاشقان پۇلنى چىمگەقايتۇرىمەن-دەپتىكەن، شۇئان ئۇلارنىڭ ئىسىگە تاماقنىڭ پۇلىنى تىخى تۆلىمىگەنلىگى يادىغا كەپتۇ.
بىرسى ماشىنىنى ھەيدەپ قىزىل چىراققا كەلگەندە توختاپ ، ئۆزىچە ماي تىجەي جۇمۇ دەپ ماتورنى ئۆچۈرىۋېتىپتۇ. يېشىل چىراق يېنىشىغا ئوت ئالدۇرسا ، قېرىشقاندەك ماشىنا ئوت ئالماپتۇ. قىزىل ،سېرىق ،يېشىل چىراقلارئالمىشىۋېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قەشقەرلىق قاتناش ساقچىسى ماشىنىنىڭ يېنىغاكېلىپ : ھاجېېېېېم! قايداق چىراق يانسا ماڭىتتىلە؟ دېگىدەك.
ئىككى قەشقەرلىق ئۈرۈمچىدە «جام» دىگەن ئاشخانىغا كىرىپ ، ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدن ئازراق بۇرۇتۇپ، تاماقنى يەپ بولۇپ، قانچە پۇل بولدى دىسە، پوكەيدىكى پۇل يىققۇچى 220 كوي دىيىشىگە ، يانچۇقنى كولىغان بىرسى كەينىگەبىر قارىۋىتىپ ،«بىز يېگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ يا، ئاشخانىدىكى ھەممەئادەم يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ-دىگىدەك.
بازارغا چاپان ئالغىلى چىقىپ، بىر چاپاننى ناھايىتى تەستە سودىلىشىپ ئالدىم. ئۆزەم دىگەن باھادىن بىر سىنىتمۇ ئۆرلىمىدىم. سودىگەرمۇ ئاخىرى شۇباھاغا بەردى. چاپاننى سېتىپ بولۇپ ماڭىدىغان ۋاقتىمدا دىمەسمۇ:
- ئۇكام، سىلى خەتنىلىرىنىمۇ ئۆزلىرى قىلغانما؟- ئۇ چاغدا نىمە دىيىشىمنمۇ ئۇقماپتىمەن. ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بولغاندا بۇ گەپ ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتتى. شۇگەپنىڭ دەردىدە كىچىچە ئۇخلىيالمىدىم.
ئاتۇشنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئسقسن بىر ماشىنا قەشقەرنىڭ كوچىسىدا كېتىۋېتىپ، قىزىل چىراققا دۇچ كېلىپ سېرىق سىزىقنى دەسسەپ توختاپ ساپتۇ .
بۇنى كۆرگەن قاتناش ساقچىسى شوپۇردىن – قەشقەنىڭ سېرىق سىزقى ئاتۇشنىڭكىدىن تومراق ئوخشىمامدا ،دەسسەپ باققىللىرى كەپتۇ - ھە؟ دىگۈدەك .
. ئىككى ئادەم قەشقەردە بىر دوغچى دۇكىنىغا كىرىپ بىر كويلۇق دوغ ئىلىپ ئىچىپ ئولتۇرۇپتۇ . دۇكاندىكى لۇشاڭ بەك قىزىپ كەتكەنمۇ قانداق ئىككىيلەن بىر كويلۇق دوغنى ئۇيان – بۇيان قىلىپ ئولتۇرۇۋېرىپتۇ .كىنو تۈگىشىگەماڭايلى دەپ تۇرۇشىغا دوغچى دەپتۇ :
- غوجام …. يەنە بىردەم ئولتاماملا …ئاخىرىدا << تۈگىدى >> دەپ خېتى چىقىتى ئەمەسما ؟!
.بىر ئادەم يېڭى بازادا چويلا ئاماقچى بوپ بىر دۇكانغا كىرىپ چويلىنىڭ پۇلىنى سورىسا ئون كوي بەسىلە دەپتۇ،ئۇ ئادەم ياندىكى دۇكاننى كۆرەپ باقاي دەپ ماڭسا :
-غوجوم!!!ئىلىۋەسە!ئۇ يەدە چۆپىنى قوشاپ ساتمايدا!
. بىر كۈنى بىر قەشقەرلىك غۇلجىغا بېرىپ خەنزۇ بازىرىدا قوغۇن يەي دەپ قوغۇن پىچىپ سېتىۋاتقان بىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قوغۇندىن بىر تىلىم دەپتىكەن ، ھىلىقى قوغۇنچى قەغەزدەك قىلىپ بىر تىلىپ كېسىپ بېرىپتۇ . قەشقەرلىك كىشى قوغۇننى قولىغا ئېلىپ ئۆرۈپ چۆرۈپ قاراپ بېقىپلا شاپاق تاشلايدىغان سىۋەتكەتاشلاپتۇ ، قوغۇنچى يەنە بىرنى يەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ يەنە شۇنداق نېپىز قىلىپ بىر تىلىم كېسىپ بېرىپتىكەن ئۇنىمۇ ئېلىپلا ئۇدۇل سىۋەتكە تاشلاپتۇ . قوغۇنچى 3-تىلىمنى كىسەي دەپ تۇرىشىغا ھېلىقى كىشى سوراپتۇ - دە : ئۇستووووووووووم نىمە ئىش قىلىۋاتىمىز؟
- سىلىگە قوغۇن تىلىپ بېرىۋاتىمەنغۇ .
-ھە…………..مەن تېخى قوغۇننى قىرىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن ،.
|
|