گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 649 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 147|ئىنكاس: 4

تاققا-تۇققۇ خىيالنى تولا قىلىمەن مەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
26
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 297
تۆھپە : 18
توردا: 28
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 17:28:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ مۇنبەرلەردە بوران114دەيدىغان بىر تورداش بار ،كاللىسىغا كەلگەن تاققا-تۇققۇ خىياللىرىنى ئالامەت يېزىۋېتىدۇ.مېنىڭ كاللامغىغۇ تاققا-تۇققۇ خىيال قەتئىي كەلمەيدۇ دەپ ئويلىسام بەزىدە ئىچىم قاينىغاندا تازا كېلىپ قالىدىكەن.
تۈنۈگۈن چۈشتە مەكتەپ ئالدىدىن تاكسى توسۇپ مەكتەپ مىللىي بازاردىكى ئۆيۈمگە ماڭدىم،ئەزەلدىنغۇ چۈشلىكى ئۆيگە قايتمايتىم،ئىزنىكىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،شوجاڭنىڭ تىللىشىدىن قورقۇپ شۇ،شۇنداق قىلىپ تاكسى قوزغىلىپ تۇرىشىغا ئارخىپ ئىدارىسى ئالدىدىن بىر چوكان چىقتى،شاش چوكانكەن داشىزىغا كېلىپ بولغۇچە شوپۇرغا چاقچاق دېگەننى قىلىپ تۇرىدىغان،ھە راست رىشىننىڭ ئالدىدىن يەنە بىر خەن يولداش چىقتى،ھەممىسى ئاساسەن داشىزىنىڭ بېرىسىدە چۈشۈپ قالدى،داشىزىدىن مىللى بازارغىچە يەنە ئىككى ئادەم چىقتى دېمەك ،شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا بىر ئادەم سايرام بېكەتكە دەپ مېڭىپتىكەن ،بۇ ئادەمدىن ھېچ بولمىسا 5كوينى قومۇرغاندۇ ،دېمەك بۇ شوپۇرمەكتەپ ئالدىدىن مىللىي بازارغىچە 10كويلۇق كىرا سالدى،ئۈرۈمچىدىمۇ بۇنچىلىك ئارىلىققا ماڭغانغا ئۇنچىلىك كىرا قىلالمايدۇدە،ھەر بىرسىدىن بىر كويدىن پۇل ئالدى،(ئادەتتە تاكسىغا چقسام تاكسىچى خەقتىن نەچچە پۇل ئالدى بەك دېققەت قىلىدىغان بولۇپ كەتكەنمەن)ئەمدى مەن چۈشىدىغان يەرگە كەلگەندە يانچۇقۇمدا بىر كويلۇق پۇل يوق،بەش كويلۇق پۇلنى بەرسەم 3كوينى قايتۇرۇپ قاراپ تۇرىدۇ،تالىشاي دېسەم مۇشۇ بايدىكى بەزىبىر چالا ساۋاتلارنىڭ مالىم دېگەنغۇ.....دېگەن قۇرساق كۆپىكى قىلىدىغان گېپىنى ئاڭلىغۇم كەلمەي،بولدىلا بىر كوينى سىزدىن تالاشمىغانغا باي بولۇپ كەتمەسمەن دەپلا غۇدىراپ چۈشۈپ قالدىم،لېكىن ئىشكنى يېپىش ئارىلىقىدا ھېلىقى شۇمنىڭ يەنە شۇ ‹‹مالىم دېگەنغۇ...››دېگەن گېپى قۇلىقىمغا كىرمەسمۇ،بولدى ئاچچىقىم سەكسەنگە چىقتى،نېمىشقىكىن مۇشۇنىڭغا بەك ئاچچىقىم كېلىدۇ،ماشىنىسىنىڭ ئىشىكىنى قايتىدىن تارتىپ كۈچەپ تۇرۇپ تېپىپ يېپىۋەتتىم،قارىسام ماشىنىدىن بوراندەك يۈگرەپ چۈشۈپ ئالدىمغا ئېتىلدى،قېنى قانداق قىلاركىن دەپ مىدىرلىماي تۇرسام ئالدىمغا كېلىپ توختاپ قالدى،دە ماڭا قاراڭ..ماۋۇ ماشىنىنى سىز ماڭا ئېلىشىپ بەرمىگەن دەيدۇ،ماڭىمۇ مەندىن ئارتۇق بىركوي ئېلىۋالىدىغانغا مائاشىمنى داداڭ بەرمىگەن دېسەم،ئاشۇنچىۋالا يەردىن بىر كويغا چىققىلى ئادەم نومۇس قىلىدۇ ھەي!دەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ئاچچىقىم كەلدى،ئەگەر ساڭا بايا بىر كوي بەرگەن بولسام،نومۇس قىلماي يەنە بىر كوي دەر بولغىيتىڭ،سەن بىر كوي تالاشقىلى نومۇس قىلمايسەن،خەق سەندەك قۇيمىچىلار بىر كوينى ئارتۇق ئېلىۋالىمەن دېسە تالاشماي نومۇس قىلىپ تۇرسا بولامتى؟دەپ مەنمۇ ئالدىغا ماڭدىم،شۇ چاغدا مىللىي بازارنىڭ يېنىدىكى ساقچىخانىدىن چىققان ساقچىلارمىكىن ئىككى ساقچى كەلدى،چۈنكى ئەتراپقا ئادەم ئولاشقان ئىدى،قارىسام  بىرسى ساۋاقداش ساقچى ئىكەن،نېمە بولدۇڭلا ....ئاداش،بۇ يەردە كىچىك بالا بىلەن ئۇرۇشۇپ دەيدۇ،مەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم...
ئەستا ئىنتىھان ۋاقتى توشۇپ قاپتۇ ، مەيدان ئىشىكلىرىنى تاقايدىغان ئىش بار ئىدى قالغىنىنى ھېلى يازاي بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ochmes تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-13 17:32  



Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  867
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 73
تۆھپە : 9
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 14:10:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەر شۇنداق دەپ قويىدىكەنغۇ.     (مۇشۇ مالىم دىگەنغۇ)   دەپ.         


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 297
تۆھپە : 18
توردا: 28
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 15:39:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى:شۇنداق قىلىپ ساقچى كېلىپ ئاجراتقان بولدى،ئاستا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىردىم.ئەمدىلىكتە قۇرسىقىم كۆپۈشكە باشلىدى،نېمە گەپ بۇ، ئۆزىمىزنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىيالماس بولۇپ كېتىپبارىمىز دېسە؟سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈم جەمىيىتىدە چوڭ تىپتىكى مەنپەئەتنى (كۆپ مىقداردىكى پۇلنى)باشقىلار قانۇنسىز ئىگەللىۋالسا بۇنى ئەلۋەتتە سورايدىغان ئادەم چىقىدۇ.لېكىن ئاشۇ تاكسى شوپۇرى بىر كوي پۇلنى ئارتۇق ئېلىۋالسا بۇنى بىركىم سورىمايدۇ.چۈنكى بۇنى ئەرىز قىلىپ بارىدىغانلار يوق دېيەرلىك.يۇرتىمىز كىشىلىرىنىڭ ‹‹نومۇس قىلىش››ياكى ‹‹خوشياقماسلىق››،‹‹بىر كوي دېگەن قانچىلىك پۇلتى،شۇنچىۋالا قىلىپ كەتكۈدەك››پىسخىكىلىرى بۇنى بەلگىلىگەن.ئەمدى شۇ پىسخىكىدىكى كىشىلىرىمىزگە قاراپ باقايلى،شۇنچىلىك پىسخىكا يېتىلىپ كەتكۈدەك ئىقدىسادىي ئەھۋالى قانچىلىك؟بايلىرى ھازىر تاكسىغا چىقمايدۇ،ھەممىسىنىڭ ماشىنىسى بار،كادىرلىرى پو ئاتقاندەك قىلغان بىلەن دەردى ئىچىدە،بىنادىن ئۆي ئېلىپ قويۇپ ئۆمۈرلۈك قەرىزگە بوغۇلغان،كۈنى ئۇدۇللۇق،پەقەت ئوتتۇرا ،تۆۋەن دەرىجىلىك كىيىملەرنى كىيىۋېلىپ پارقىراپ يۈرگەنلا يېرى بار.ئەمدى ئۇششاق تىجارەتچىلەر،ۋە شەھەر ئىشسىزلىرىنىڭچۇ،ئۇنىڭ ئەلۋەتتە ئەھۋالى تېخىمۇ ناچار ،شۇنداق تۇرۇپ بىزگە يەنە نېمە چوڭچىلىق،نېمىشقا شۇ تاكسىچىدىن بىر كوينى تالاشمىغۇدەكمىز.شۇ تاكسىچى ماشىنىنى 100نەچچەمىڭغا ئالدى،ماي قىممەت،گاز قىممەت دېگەندەك باھانىلەر چىقىپ،تاكسىچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىدىكەنمىز،ئۇنداق بولسا ئاشۇ تاكسىچى شۇنچىۋالا پۇلنى چېچىۋېتىپ بىر كويدىن يىغىۋالىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا سېتىۋالىدۇ،گاز،ماي ئۆسكەن بولسا ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسىنى بېرىۋاتقان تۇرسا،يەنە ئۇ گۇيلارنىڭ ئۆسۈپ كەتكەن ماي،گازنىڭ پۇلىنى خەلقتىن ئارتۇق ئېلىۋالىدىغان نېمە ھەققى بار،ھۆكۈمەت ئۇ تاكسىچىلارغا نېمىشقا تولۇقلىما بېرىدۇ،شۇ كىرا ئۆسۈپ كەتمىسۇن،پۇقرالارغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلمىسۇن دەپ بەرگەن تۇرسا.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەرقانداق بىر بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدا كىرا ماشىنىلىرىنىڭ ھەققىنى بېكىتىپ بەرگەن، بىر موچەن ئارتۇق ئېلىۋالسا بۇ قانۇنسىزلىق بولىدىغان تۇرسا،باينىڭ بازار ئىچىنىڭ ھەرقانداق بىر يېرى ئەسلى بىر كويلۇق يول،بوپتۇ مىللى شىپاخانىنىڭ ئالدىغا ئىككى كوي بەرسەك ئەرزىيدۇ،چۈنكى ئارىلىق ھەقىقەتەن يىراق،مىللىي بازارنىڭ ئالدىدىن 4-ئوتتۇرىنىڭ ئالدىغا بېرىشقا ئىككى كوي بەرسەك مەيلى،چۈنكى ئىشقا ئالدىرىغاندا جانغا ئەسقاتىدۇ.لېكىن ئاشۇ يەردىن كەينىگە يېنىپ ماڭغان ماشىنىچۇ.تېخى كەچلىكى ئىككى كويدىن ئېلىۋېلىشى بار،بۇنى ھېچقانداق بىر ئورۇندىن تەستىقلاپ بەرمىگەن،پەقەت ئاشۇ شوپۇرلارنىڭ ئىنساپسىزلىرى قۇرغان ‹‹كوللىكتىپ››ئىچىدە گېپىنى بىر قىلىۋېلىپلا چىقارغان ‹‹تۈزۈمى››ئۇ،ئاخشىمىسى 10دىن كېيىن بەش كويدى مېڭىشىچۇ،بۇ دېگەن چېكىدىن ئاشقان ھايانكەشلىك،تېخى قۇربان ھېيت،روزا ھېيتلىرىمىزدا كۈندۈزىمۇ ئىككى كوينى ئېلىۋېلىشى بار ،نېمىشقا دېسە ‹‹كىرا ئۆستى››دەپ قويىدىكەن.ھەجەپ ھېيتتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىپ قالىدىكەنغۇ.‹‹كىرا ئۆستى››پەقەت بىر ئىككى ئىنساب ئانىسىنىڭ قۇرسىقىدا بىللە تۇغۇلماي قېلىپ قالغان سوكەلتەك تاكسى شوپۇرىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش بولسا،بايلىقلار بۇ كەمگە تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغان بولاتتۇق،ھېلىمۇ مال-باھا تارماقلىرى بار بولۇپ قاپتىكەن،گەرچە ھازىر فونكىسىيەسىنى ئازراق جارىي قىلدۇرالماي قېلىۋاتقان بولسىمۇ،ھېلىمۇ سۈرى بولغاچقا بىز مۇشۇنچىلىك كۈن كۆرىۋاتىمىز
بۇ ئىشنى زادى قايسى ئورۇن سورايدۇ بۇنى بىلمىدىم،بەزىلەر شېركەتتىن باشقۇرىدۇ دېيىشىدۇ،يەنە بەزىلەر شەھەر مەمۇرىيىتى (چېڭگۈەن)دىن باشقۇرىدۇ دېيىشىدىكەن،مەيلى قەيەرلا باشقۇرمىسۇن بۇنداق كىچىك ناھىيە بازىرىدا بۇنچىلىك ئىشنى باشقۇرۇش ئەمەلىيەتتە ئۇنچىۋالا تەس ئىش ئەمەس،قىززىق لىنىيەلىك تېلىفۇندىن بىرنى قۇرۇپ،ئاندىن شۇ نومۇرنى ھەممە تاكسىنىڭ ئادەم كۆرىدىغان يېرىگە چاپلىۋەتسە ،ھايانكەشلىككە ئۇچرىغان ئامما شۇ نومۇرغىلا تېلىفۇن قىلسا ماشىنىنىڭ نومۇرىنى دەپلا بەرسە،ئاندىن ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەننىڭ ئوسمىسىنى قويسىلا ئوڭشىلىدىغان ئىشقۇ بۇ
شۇ تاپتا ئۈرۈمچىدە بىر قېتىم سەنشىخاڭزىدىن سەندۇڭبېيغا ئالدىراپ بىر خەن شوپۇرنىڭ تاكسىسىنى توسۇپ،بېكەتكە 8كوي چىققاندا 10كوينى بەرسەم ئىككى كوي پارچە پۇل تاپالماي، بولدى قايتۇرما دەپ ئالدىراپ چۈشۈپ كەتسەم،توختا دەپ كەينىمدىن توۋلاپ،ئالە ماۋۇ پۇلۇڭنى ئىككى كوي پۇلنى قايتۇرماڭ دەپ چۈشۈپ كېتىدىغانغا قانچىلىك بايتىڭ سەن،دەپ 5كوينى قايتۇرۇپ بېرىپ كېتىپ قالغىنىنى ئېسىمگە ئالدىم


Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  780
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 190
تۆھپە : 5
توردا: 61
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-14

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 11:04:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى قالماشتۇرۇپ يېزىپسىزغۇ ،بورانكامغا ئوخشاشلا قەلىمىڭىز ئۆتكۈركەن!!!!!!!!!


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  205
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 450
تۆھپە : 109
توردا: 64
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-2-26

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 21:15:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققىەتەن  ياخشى يېزپسىز دىمسىمۇ بۇ كۈندىلىك تۇرمشىمىزدا كوپ ئۇچرايدىغان مەسللەرنىڭ بىرى


بىز نىڭ گۈزەل باي تورمىز نىمدىگەن ياخشى ھە!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

رەسىمسىز نۇسقا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-4-1 13:02 , Processed in 0.167583 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش