گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 641 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 150|ئىنكاس: 1

موللا مۇسا سايرامى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
17
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  619
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 166
تۆھپە : 72
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 23:52:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

موللا مۇسا سايرامى ۋە «تارىخى ئەمىنيە»

موللا مۇسا سايرامى ۋە ئۇنىڭ «تارىخى ئەمىنيە»سى موللا مۇسا سايرامى(موللا مۇسا بىنىنى موللا ئە يسا خوجا سايرامى)1836- يىلى 8-ئا ينىڭ 23-كۈ نى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى باي ناھىيسىگە تەۋە سايرام رايوننىڭ ئانىقىز كەنتى تو غايلا مەھەللىسىدە (ھازىرقى توخسۇن يېزىسى ئانىقىز كەنتى توغايلا مەھەللىسى) بىردىنى ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .
ئۇ يېقىنقى زاماندىكى يۇرتىمىز دىن چىققان ئۇلۇغ ئالىم ۋە دىنى ئۆلىما ، موللا مۇسا سايرامى 1847-يىلى 9-ئايدا ، دادسنىڭ تەشەببۇسى بىلەن كۇچادىكى ساقساق مەدىرسىدە ئۇقۇيدۇ . ئۇ يەردە ئۇيغۇر ئالىمى موللا ئوسمان ئاخۇننىڭ تەربىيسىدە ئەدەبىيات ، تارىخ ، كالىندارچىلىق ، ئاگرو بىئولوگىيە ،جوغراپىيە ، ئاسترونومىيە ، گىرامماتىكا ، ماتىماتىكا ، ۋە ئىسلامىيەت پەنلىرىنى ئۇقۇيدۇ . ئەرەب ، فارىس ، ئوردو تىللىرنى ئۆگىنىپ ، ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا زور ئۇتۇق قازىندۇ . 1854-يىلى موللا مۇسا سايرامى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،بايغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە سايرام مەدىرسىدە مۇدەرىسلىك قىلىدۇ .
موللا مۇسا سايرامى XIXئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ بىر قاتار ئىلمى ئىجادىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ ، بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىدۇ . ئۇ يازغان ئەسەرلەر ئىچىدە<<تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا>>(ئەۋلىيالار تەزكىرسى)، <<دەر بايان ئەسھەبۇلكەف>>(ئەسھەبۇلكەف ھەققىدە بايان)، <<تارىخى ئەمىنيە>>، <<تارىخى ھەمىدىيە>>، <<قەسسىدە ئىي سىدىق>> ، <<غەزەليات>>، <<سالامنامە>>قاتارلىق تارىخ ، ئەدەبىياتقا ئائىت ئەسەر لەر بار .
<<تارىخى ئەمىنيە>>1903-يىلى يېزىلغان،1904-يىلى روسىيىنىڭ تاتارىستان(داغىستان) ئاپتۇنۇم جۇمھۇريىتىنىڭ قازان شەھىردىكى<<مەدىرسەئىي ئۇلۇم>>مەتبەسىدە بېسىلغان. كېيىن بۇ نادىر ئەسەر قازان شەھىردە بېسىلغان نۇسخىسقا ئاساسەن 1988-يىلى11-ئايدا ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا نەشىرقىلىندى.
بۇ ئەسەر دە يەتتە شەھەر ھەقىقدە شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى تەپسىلى سۆزلەنگەن بولۇپ ، زىمىنىمىز دا بۇلۇپ ئۆتكەن چوڭ-كىچىك تارىخى ۋە قەلەر ، چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كىيىنكى ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۈكۈمرانلىق قىلغان چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ھەققىدىكى شىنجاڭ تارىخى،تۇغلۇق تۈمۈرخان ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاشقان ئەۋلاتلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى ھاكىميەت يۈرگۈزۈش تارىخى، بۇتەرەپلەرگەئۆتكەن نەمەنگانلىق خوجىلىلارنىڭ سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇش يولىدىكى سۈيقەستلىك ھەركەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ھاكىميەتنى قولغا كىرگۈزۋالغانلىقى توغىرسىدا، ھىدايتۇللا ئشان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ئوتتۇرسىدا يۈزبەرگەن يىغلىقلار، ئشان-سوپىلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى جاھالەتتە قالدۇرۇش يولىدا ئېلىپ بارغان ئستېلاچىلىق ئۇرۇشلىرى، مانجۇ ئىستىبدا-تىغا قارشى قوزغالغان ، رەھمىتۇللا بەگ، ئەسمىتۇللا بەگ باشچىلىقىدىكى ئۈچتۇرپان <<جىىگدە يېغلىقى>>قاتارلىقلار توغىرسىدا مەلۇمات بېرىدۇ .
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئالىمى موللا مۇسا سايرامى بىزگە قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرۇپ ھىجىريە1335-يىلى ماھى جامادى ئاخىردا(1917-يىلى4-ئايدا) ، 81يېشىدامەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا سەپەر قىلىدۇ. شۇيىلى ماھى شەۋۋالدا(6-ئاي)،ئۇنىڭ تۇققانلىرى ۋە يۇرىتداشلىرى قەشقەرلىك مەشھۇر نەققاش ۋە تامچى يۈسۈپ ئۇستام دىگەن كىشنى تەكلىپ قىلىپ،ھازىرقى ئاناقىز ئۆستىڭى بويىدا موللا مۇساسايرامىنىڭ ئىگىز گۈمبىزنى تىكلەپ،ئۇنىڭ يېنىغايۈزكىشلىك بىر مەسچىت بىنا قىلىدۇ،بۇگۈمبەز بىلەن مەسچىت ئاتالمىش<<مەدەنىيەت زورئنقىلابى>> دەۋىردە تامامەن بۇزۇلۇپ تۈزلىندۇ ۋە بىرقىسىم نادان كىشلەر ئۇنىڭ ئورنىغا چوشقا قوتىنى سېلىپ چوشقا باقىدۇ!! <<مەدەنىيەت زورئنقىلابى>>دىن كېيىن بۇمەسچىت بىلەن گۈمبەز قايتاسېلنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدۇ .


مەنبەسى:بىلىم - كۈچ   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلىك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-8 23:55  



Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  183
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 944
تۆھپە : 207
توردا: 55
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-25

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 17:17:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يوللاپسىز، مىنىڭچە باي تورنىڭ  خاسلىقى بولغىنى ياخشى ،ھەدىسلا باشقا توربەتنىڭ مەزمۇنلىرىنى كۈچۈرۈپ چاپلاپ قويماي تەۋەيىمىزدىكى مەشھۇر كىشلەرنى باشقىلارغا تۇنۇتۇشمىز كېرەك بۇبىر جانلىق تەشۋىقات .


يازمىلىرىم تورداشلارغا  ھوزۇر بېغىشلىيالىسا ئۆزەمنى بەخىت ھىس قىلاتتىم....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

رەسىمسىز نۇسقا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-3-30 12:25 , Processed in 0.382116 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش