گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 649 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 218|ئىنكاس: 1

كومپىيوتىرغا ئۇيغۇرچە يېزىق تۇنۇتۇش ئۇسۇلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
17
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  619
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 166
تۆھپە : 72
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 23:29:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم بىكەتلەردەرغا ئۇيغۇرچە يېزىقنى قاچىلغان بولسىمۇ بىراق تۇنۇتالماسلىق، ھالەت سىتونىدىكى يېزىق بەلگۈسى يۇقاپ كىتىش، ياكى كومپىيوتىرنى قايتا قوزغاتسا يېزىق يۇقاپ كىتىش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بىرىۋاتقانلىقى، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسدىكى ياردەم تەلەپلەر نىسپەتەن كۆپ بۇلۇپ قالدى، شۇڭا مەن قايتا-قايتا-قايتا-قايتا سىناق قىلىش ئارقىلىق كومپىيوتىردىكى يېزىق تۇنۇتۇش توغرىسىدا ئاددى بىر ساۋات تەييارلىغان ئىدىم. شۇڭا مۇنبەردىكى يولداشلارنى ئورتاق پىكىرلەشسەك دىگەن نىيەتتە يوللاشنى لايىق تاپتىم. كۈرۈپ پايدىلنىڭلار، مۇشۇ بۇيىچە مەشخۇلات قىلساڭلار چۇقۇم قىلالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن. ئەگەر يەنىلا قىلالمىساڭلار قۇلۇم كۆكسۈمدە، qq نۇمۇرۇم باش سۈرىتىمدە مەن بىلەن ئالاقىلىششقا قۇلايلىق، ھەر ۋاقىت ياردەم بىرىشكە تەييارمەن. ئەمدى نەخ گەپكە كىلەيلى. ئەگەر كومپىيوتىرىڭىغا يېزىق قاچىلانغان ھالەتتە ۋەزىپە سىتونىدا بەلگۈسى كۈرۈلمىسە تۈۋەندىكى بۇيىچە مەشخۇلات قىلىڭ. بىرىنچى باسقۇچ: ئاۋال تەرتىپ بۇيىچە كومپىيوتىرنىڭ باشلاش تىزىملىكى (开始菜单) ، ئۇندىن كىيىن لاھىيلەش (设置) ئۇندىن كىين كونتوروللاش تاختىسى (控制面板) ئۇندىن كىيىن رايۇن ۋە تۈر تاللاش (区掝和语言选项) تۈرىگە كىرىسىز.
كۆپ قىسىم دوستلار مۇشۇ يەرنىڭ ئاستىدىكى ئۇرۇنغا توغرا بەلگۈسى قويسىمۇ بىراق كومپىيوتىردا بۇ خىل يېزىقنىڭ يوقلىقىنى قايتا قاچىلاش كىرەكلىكى توغرىسدا ئۇچۇر كەلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلىشتى، بىراق يېزىقتا بۇ يەر بىلەن ئارتۇقچە ئېيتىشىپ ئولتۇرماڭلار. بارلىق سەۋەپنىڭ ھەممىسى ئاۋۇ يەردىكى قىزىل سىزىق ئىچىگە ئېلىنغان جايدا، شۇڭا ھېچ ئىككىلەنمەيلا شۇ خەتنى بېسىڭ. ئىككىنچى باسقۇچ: باسقاندىن كىيىن يېزىق مۇلازىمىتى ۋە تىل كىرگۈزۈش كۆزنىكى چىقىدۇ. گەپنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇ يەردە. شۇڭا دوستلار بۇ يەردە تۈۋەندىكى نوختىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك. بىرسى ئاۋۇ قىزىل رامكا ئىچىگە ئېلىنغان 语言栏ئۇچۇق ھالەتتە بۇلىدۇ، يەنە بىرسى تۇتۇق يەنى ئېچىلمىغان ھالەتتە بۇلىدۇ. مەسىلەن بۇ يەردە ھازىر ئۇچۇق ھالەتتە كۈرۈنگەن، شۇڭا سىز ئىككىلەنمەيلا ئاۋۇ قىزىل رامكا ئىچىگە ئېلىنغان 语言栏دىگەن خەتنى باسىمىز. (تۇتۇق ھالەتتە بولسا قانداق قىلىش كىرەكلىكى داۋامىدا سۆزلىنىدۇ، دىققەت قىلارسىز ھە)
ئۈچۈنچى باسقۇچ: شۇ خەتنى يەنى 语言栏 نى باسقاندىن كىين 语言栏设置 كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. بۇنىڭدا ئىككى خىل تاللاش تۈرى بار. ئەگەر ئۈستىدىكى تۈرنىڭ ئالدىغا توغرا بەلگۈسى قۇيۇلسا دوستلىرىمىز قاچىلاپ بولغان يېزىقنى ھالەت سىتونىغا يەنى ئىكراننىڭ ئوڭ ئاستى تەرپىگە قېتىش مەسىلىسى ھەل بولغان بۇلىدۇ، ئەگەر ئاستىدىكى تۈرنىڭ ئالدىغا توغرا بەلگۈسى قۇيۇلسا تاللانغان ھەر بىر يېزىق مەسىلەن 智能ABC، 搜狗输入法, 微软输入法, قاتارلىق يېزىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئاۋازلىق كىرگۈزۈش، مائۇس ئارقىلىق كىرگۈزۈش، يان بۈلەك ياكى بىخۇا ھالىتىدە ئىزدەپ كىرگۈزۈش ئىقتىدارلىرى بىرگە قېتىىلىدۇ، ئەلۋەتتە مەلۇم يېزىقنى تاللىغاندىن كىين شۇنىڭ يېنىدىلا چىقىدۇ. ئۇندىن كىين مۇقۇملاشتۇرۇش 确定كۇنۇپكىسىنى باسىمىز شۇنىڭ بىلەن تىل تاختىسى ھالەت سىتونىدا پەيدا بۇلىدۇ. كۆچۈرۈپ يۆتكەش ياخشى ئىش ئەمەس لېپۈشپژجۈېېافخشلابئس مەن بايام ئىككىنچى باسقۇچتا 语言栏دىگەن خەتنىڭ ئۇچۇق ھالەتتە بۇلىدىغانلىقىنى يەنە بىرسى بولسا تۇتۇق ھالەتتە بۇلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۈم ئەگەر تۇتۇق ھالەتتە بولسا مەسىلە سىزنىڭ كومپىيوتىرىڭىزنىڭ تىل تاللاش تۈرىنىڭ تاقىلىپ قالغانلىقىدىدىن بۇلىدۇ. شۇڭا تۈۋەندىكى تەرتىپ بۇيىچە مەشخۇلات قىلىڭ.
تۆتىنچى باسقۇچ؛

بۇ ۋاقىتتا سىز مۇشۇ كۆزنەك ئۈستىدىكى ئالى دەرىجە (高级) دىگەن تۈرنى تاللاڭ بەشىنچى باسقۇچ: تاللىسىىڭىز چۇقۇم تۈۋەندىكىدەك بارلىق ئالى دەرىجىلىك يېزىق مۇلازىمىتىنى تاقاش دىگەن تۈرنىڭ تاللىنىپ قالغانلىقىنى كۈرىسىز، شۇڭا سىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە بۇ بەلگۈنى ئېلىۋېتىپ مۇقۇملاشتۇرۇڭ. يەنى رەسىمدىكى قىزىل رامكا ئىچىدىكى بەلگۈنى ئېلىۋېىڭ
بەلگۈنى ئېلىۋەتكەندىن تۈۋەندىكىدەك بارلىق ئالى دەرىجىلىك يېزىق مۇلازىمىتى ئېچىلغانلىقى ئۇچۇرى چىقىدۇ،. ئاخىردا بۇنى بېسىپ مۇقۇملاشتۇرسىڭىز تىل لاھىيلەش كۆزنىكى 语言栏بايامقى ئۇچۇق ھالەتكە كىلىدۇ، قالغىنىنى ئۇستىدىكى مەشخۇلات بۇيچە قىلسىڭىز بۇلىدۇ .


Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2403
تۆھپە : 362
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 15:20:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى بىلىمدىن بىرنى تەييارلاپسىز، تىرىشچانلىغىڭىزغا ئاپىرىن رەھمەت سىزگە! قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن. ئاتىكاچىلىق قىلىپ سىزگە مەسلىھەت بىرەي توغرا چۈشىنەرسىز:1. ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ(م: بىكەتلەردەرغا ...)؛2.«ئاۋۇ  قىزىل سىزىق ئىچىگە ئېلىنغان...»دىگەن ئىكەنسىز رەسىمنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز ياخشى بۇلاتتى، سىز دىگەن ئورۇندا ئۇنداق بەلگە ئەمىلىيەتتە يوق؛ سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئامەت، خوشاالىق نىسىپ بولسۇن...


بىلىم ئىزدەنگۈچىلەرگەھەمرا . تۇرسۇن نىياز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

رەسىمسىز نۇسقا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-4-1 13:41 , Processed in 0.394604 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش