گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 649 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 123|ئىنكاس: 1

ئىقرارنامە (ساتىرا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
17
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  619
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 166
تۆھپە : 72
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 22:24:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىقرارنامە (ساتىرا)


مەن ياتلاردىن قورقىمەن، قېرىنداشنى پۇتلايمەن،
سالىمىم يوق پۇقراغا، كاتتىۋاشنى يوقلايمەن،
پۇلى بارغا ھىجىيىپ، نامراتلارنى تىللايمەن،
مەنپەئەت ئۈچۈن دوستقىمۇ مىلتىقىمنى ئوقلايمەن
خۇشامەتنى دەسمى قىپ قورسىقىمنى توقلايمەن.



مېنىڭ ئىككى يۈزۈم بار ئۇستا ھەرخىل سەنئەتكە،
ئۆتەر كۈنۈم بەك خۇشال، باغرىم قانسا غەيۋەتكە،
تېلىمەيمەن ياخشى كۈن ، قىرىنداشقا ئۈلپەتكە،
مەن كۈلىمەن باشقىلار قالسا ئېغىر كۈلپەتكە،
ئازاپ تارتسا باشقىلار مەن راھەتتە ئۇخلايمەن.



قۇرۇق ئاتاق نام ئۈچۈن تۆرگە چىققۇم كىلىدۇ
، چىگىتچىلىك بولسىمۇ ئەمەل تۇتقۇم كىلىدۇ،
بولۇپ قالسام تاۋكادا دائىم ئۇتقۇم كىلىدۇ،
دۈشمەن ئەمەس دوستتىنمۇ قۇسۇر تاپقۇم كىلىدۇ،
ياخشىلارنى مەن دائىم جازالايمەن ،سوتلايمەن.



ھەممە يۇرسە پىيادە مەنلا يۈرسەم ئات بىلەن،
شاھقا چېقىپ دوستۇمنى كۈنۈم ئۆتەر دات بىلەن،
يالاق يالاپ كۈنلىرىم ئۆتەر كاتتا زات بىلەن ،
تۇققانلارنىڭ پېيىنى قىيدىم بىللە يات بىلەن،
ياشالمىدىم ئادەمدەك نومۇس نېمە ئۇقمايمەن.



كاتتىلارنى كۆرگەندە نان ئالىمەن تىزلىنىپ،
بوزەك قىلدىم يۇۋاشنى يۈرىكىگە تىغ سېلىپ،
ئازدۇرىمەن ھەممىنى شەيتان بىلەن بىرلىشىپ،
ئالۋاستىنى دوست تۇتۇپ ئۆتەلەيمەن سىردىشىپ،
ھۈنەر قىلىپ مىكىرنى توسساقلاردىن ئاتلايمەن.



نېمىشقىكىن قىينىلىپ كۈنۈم ئۆتەر ھەسەتتە،
شەرەپ قۇچسا باشقىلار مەن يىغلايمەن بىر چەتتە،
ئوماش ئىچسۇن ھەممىسى مەنلا يەيچۇ ئاش بەتتە،
نېمە ئۈچۈن بەزىلەر ئېرىشىدۇ ھۆرمەتكە،
ئاچچىقىمدا بەزىدە ئۆز ئۆزۈمگە قىيدايمەن.



تۆھپە ، ئەجىر قىلغاننى تىللىغۇملا كىلىدۇ،
ئىش خۇش ياقماس راست ئېيتسام ئۇخلىغۇملا كىلىدۇ،
تۈرلۈك ئويۇنخانىدا ئوينىغۇملا كىلىدۇ،
ئىچىپ ئېسىل شاراپتىن مەست بولغۇملا كىلىدۇ،
سۈرۈپ كەيپى ساپانى مەن ئۆزۈمنى بۇلغايمەن.



كۆنۇپ قالدىم ئەمدى مەن نەشە بىلەن ھاراققا،
كۈندە بەش رەت قاتنايمەن ھاراق ئەرزان قاۋاققا،
پۇت ،قوللىرىم تىترەيدۇ كۆڭلۈم تارتماس تاماققا،
ئەمدى قانداق قىلارمەن بارالمايمەن يىراققا،
راستنى ئېيتسام دوستلىرىم مەن تۈ گەشكەن ئوخشايمەن.



مەنبە:بىلىم-كۈچ تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلىك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-8 23:06  



Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3433
تۆھپە : 89
توردا: 1281
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 22:41:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبەسى قېنى؟  مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ (ئۆزىڭىز يازغان بولسىڭىزمۇ) بولمىسا تېما ئۆچۈرۈلىدۇ


ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

رەسىمسىز نۇسقا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-4-1 12:11 , Processed in 0.168623 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش