گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 648 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 282|ئىنكاس: 10

دېھقاننىڭ بېشىنى سىلاپ قۇيۇڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
3
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  858
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 27
تۆھپە : 17
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-1-8

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 08:49:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دېھقاننىڭ بېشىنى سىلاپ قۇيۇڭلار





دېھقانسىز قىزىماس مەشرەپ –تۇيۇڭلار،
دېھقانسىز تاقاشماس كۆككە بۇيۇڭلار،
دېھقانسىز ئەمەلگە ئاشماس ئۇيۇڭلار،
دېھقانسىز كەڭ بولماس ماڭغان يۇلۇڭلار،
دېھقاننىڭ بېشىنى سىلاپ قۇيۇڭلار.





دېھقاننىڭ باغرى كەڭ، قۇلى بەك ئۇچۇق،
دېھقاننىڭ كۆڭلىدە ئىنساپ بار تۇلۇق،
دېھقاننىڭ قېنىدا دىيانەت قۇيۇق،
دېھقاننىڭ دىل بېغى غۇبارسىز يۇرۇق،
دېھقاننىڭ بېشىنى سىلاپ قۇيۇڭلار.





سۇبەرسەك ئۇ بىزگە بىرىدۇ زەم-زەم،
قول بەرسەك ئۇ بىزگە بۇلىدۇ ھەمدەم،
دىل بەرسەك ئۇ بىزنى باقىدۇ ھەردەم،
سېخىلىق باپىدا ئۇ گۇيا ھاتەم،
دېھقاننىڭ بېشىنى سىلاپ قۇيۇڭلار.





باھاردا دېھقاننىڭ ئىشلىرى چاپ-چاپ،
تۇمۇزدا ئاڭايار پىژقىرىم ئاپتاپ،
كۈزپەسلى ئۇيەنە ئۈتەر ئالدىراپ،
قىش كىرسەقىينايدۇزىمىستان ئاژناپ،
دېھقاننىڭ بېشىنى سىلاپ قۇيۇڭلار.





دېھقاننىڭ مىكىردىن يىراقتۇر دىلى،
ياغلىمازىكىردىن يىراقتۇر دىلى،
ماغزاپتەك پىكىردىن يىراقتۇر دىلى،
بەك گۈزەل ساماۋى قۇشاقتۇر دىلى،
دېھقاننىڭ بېشىنى سىلاپ قۇيۇڭلار.





مىت قىلماس ئۇ ھەرگىز چۇقۇلغاندىمۇ،
رەنجىمەس دائىما نۇقۇلغاندىمۇ،
ئۈندىمەس گاھىدا بۇغۇلغاندىمۇ،
بوپتىلا، دەپ قۇيارسۇقۇلغاندىمۇ،
دېھقاننىڭ بېشىنى سىلاپ قۇيۇڭلار.





ئىشلەر ئۇ كۈنۇ-تۈن ئىشلە دېسىلا،
چىشلەر ئۇ تاشلارنى چىشلە دېسىلا،
جىگدە يەپ شۈكۈردەر، گىردەيىسەكمۇ،
دېمەس ھېچ ئۇ ياقا بىزلەر ئىتەكمۇ؟
دېھقاننىڭ بېشىنى سىلاپ قۇيۇڭلار.





كۆيگەنگە جېنىدىن كۈيىدۇ ئۇلار،
سۆيگەننى قېنىدىن سۈيدۇ ئۇلار،
مېھرىدىن شاتلىققا چۈمىدۇ ئۇلار،
ساداقەت، ۋاپادەپ ئۈلۈدۇ ئۇلار،
دېھقاننىڭ بېشىنى سىلاپ قۇيۇڭلار.





دېھقاننىڭ يۈرىكى لاۋا ئەسلىدە،
دېھقاننىڭ تىنىقى سابا ئەسلىدە،
دېھقاننىڭ كۈلكىسى ناۋا ئەسلىدە،
دېھقان ئۇ ھەممىگە ھاسا ئەسلىدە،
دېھقاننىڭ بېشىنى سىلاپ قۇيۇڭلار.





دېھقان بەك سەمىمى ئاجايىپ يۇۋاش،
سەبىلىك، ساددىلىق ئۇنىڭغا ئاداش
ئىتىدۇ ھەردائىم چاپاننى ھاپاش،
مۈشكۈللەر ئالدىدا ئۇئەمەس سۇلاش،
دېھقاننىڭ بېشىنى سىلاپ قۇيۇڭلار.





دېھقاننىڭ ئەمگەكتە ئۈسىدۇ بۇيى،
يەركۈلسە دېھقاننىڭ بۇلىدۇ تۇيى،
شاتلىنار كۈپەيسە كالا ھەم قۇيى،
ھالالدىن جان بېقىش ئۇنىڭ ئەس- ئۇيى،
دېھقاننىڭ بېشىنى سىلاپ قۇيۇڭلار.





كۆپ ئىشلەپ ئاز يىدىم دېمەيدۇ دېھقان،
ھارامنى زەھەر دەپ يىمەيدۇ دېھقان،
ئەمىنلىك ساقلىقنى تىلەيدۇ دېھقان،
رۇھىنى جۇدۇندا بىلەيدۇ دېھقان،
دېھقاننىڭ بېشىنى سىلاپ قۇيۇڭلار.





بىزيىگەن ئاق نانلار دېھقاننىڭ نېنى،
بىزنى شات كۈلدۈرگەن دېھقاننىڭ بېغى،
بىزگە زور كۈچ بەرگەن دېھقاننىڭ قېنى،
بىزنى قۇت ئاتقۇزغان دېھقاننىڭ دېنى،
دېھقاننىڭ بېشىنى سىلاپ قۇيۇڭلار.





قىلغىلى بولمايدۇ چىنىلىقنى ئىنكار،
دېھقاننىڭ باغرىدا دەزبار-يېرىق بار،
مەڭزىدە ياش قازغان چۇڭقۇر ئېرىق بار،
ئاھ، ئۇنىڭ يېشىدا ئۈزگەن بېلىق بار،
دېھقاننىڭ بېشىنى سىلاپ قۇيۇڭلار.





دېھقاندۇر مىللەتنىڭ، ئەلنىڭ تۈۋرىكى،
دېھقاندۇر ھاياتنىڭ جۇشقۇن يۈرىكى،
دېھقاندۇر ئاسايىش، ئامەت كۆۋرىكى،
دېھقاندۇر بەختنىڭ يىلتىز- كۈتىكى،
دېھقاننىڭ بېشىنى سىلاپ قۇيۇڭلار



شېئىرنى ئۆزىڭىز ياغان بولسىڭىز ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ
ddddddddddddddddddddddddd.jpg


http://makanim.cn/read.php?tid-22690.html

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  493
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 271
تۆھپە : 12
توردا: 23
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 15:14:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس قاملىشىپتۇ بۇ شىھر قۇشاق


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  495
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 454
تۆھپە : 14
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:27:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بەزى ئادەملەر بۇ ھاياتنىڭ مەنىسىنى قاچان چۈشىنەر،قاچا ...

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  312
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 259
تۆھپە : 28
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-1-27

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 23:48:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن بەك ياختتۇر دۇم .    قۇلڭىزغا  دەت بەر مىسۇن    ......


ئۆزەڭگە ئىشەنچىڭ بولسا كەلگۈسىڭ پارلاق بۇلىدۇ !!!http://guzalbay.com/bizak/rasim/26.gif

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  552
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 90
تۆھپە : 10
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 11:49:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلەيمەن

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  806
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 383
تۆھپە : 21
توردا: 33
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-31

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 15:17:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزلىپتۇ...لېكىن بىز دېھقان دەپ قوشاق يازغان بىلەن دېھقانغا نىمە ئىش قىلپ بېرەلىدۇق؟ خۇددى ئانىسىنى باقمىغان ئادەم ئانىسى ئۆلگەندە ئانام دەپ قوشاق قاتقاندەك...


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  421
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 251
تۆھپە : 27
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 02:33:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىڭىز يازدىڭىزما؟


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  641
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 598
تۆھپە : 4
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 13:45:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىىسز ............
لېكىن مەنبەسنى ئەسكەرتىپ قويماپىسز ..............
داۋاملىق تىرىشڭ


ئنىسان ئۆز تەقدىرىنى ئالدىن بىلشكە قادىر ئەمەس ، شۇڭا بۇ دۇنيادىكى ئىشلار كېچكىپ چۈشنىش بىلەن تولغان .........

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3433
تۆھپە : 89
توردا: 1281
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 20:55:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى، بۇ شېئىرىڭىزنى يوللىغاندا مەنبەسىنى ئەسكەرتمەپسىز. تەستىقلىماي ئۆچۈرىۋېتەي دىسەم ئۆزىڭىز ياغان بولسىڭىز  ئەمگىكىڭىزگە بىھۆرمەتلىك قىلغانلىق بولمىسۇن دىدىم.شۇڭا  تەستىقلىغاندا مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ دەپ ئەسكەرتىپ قويغان. ئەجىبا سىز تېمىنى يوللاپ قۇيۇپ  چۈشكەن ئىنكاسلار غا قاراپ باقمىدىڭىزمۇ ياكى كۆرسىڭىزمۇ پەرۋا قىلمىدىڭىزمۇ؟....
تېزراق مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ(ئۆزىڭىز يازغان بولسىڭىزمۇ) بولمىسا ئۆچۈرىۋەتمەي ئامالىم يوق


ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك

Rank: 4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 6
تېللا: 2810
تۆھپە : 1610
توردا: 269
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 12:09:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       توغرا ، دېھقاننىڭ بېشىنى سىلاپ قويايلى! ئەمەلىي ئىش قىلىپ بىرەيلى! پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ دېھقان-چارۋىچىلارغا ئېتىۋار بىرىش سىيسىتىنى توغرا، تولۇق ئىزچىللاشتۇرايلى!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

رەسىمسىز نۇسقا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-4-1 16:21 , Processed in 0.260694 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش