گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 648 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 175|ئىنكاس: 5

ھاراق(شىئىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
3
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  858
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 27
تۆھپە : 17
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-1-8

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 08:40:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھاراقكەش( شېئىر)

مەن مەست ئەمەس يوللار ئىگىز - پەس
           ______‹ مەستنىڭ ئۆزنى ئاقلىشى  ›دىن




بىزنىڭ مەھەللە تارتىنچاق ئىدى ،
ھاراق دادامنى ئىچىۋالاتتى.
ئېتى بىلەن  خانلەيلۇن بىللە كېلەتتى...
مەھەللە يۈزىنى پۇركىۋالاتتى،،،
  شىركەيىپ دادام،
چىن تۆمۈر دادام...
   ئېرىققا دۈم چۈشۈپلا
   مەھەللىنىڭ قۇلىقىنى چىشلىۋالاتتى...





  قاۋاقخانا مەسجىت يېنىدىتى،
   ئىمام تەگبىرنى ئېيتىۋىرەتتى ...
  جۈمە كۈنى بىر توپ ئەركەكلەر
  تاھارەت ئېلىشقا ئۈلگۇرەلمەي قېلىپ،
كالىچىنى چاققان كىيەلمەي قېلىپ،
ئازىراق قىزىرىپ قويۇپلا ،
قاۋاقخانىغا كېتىۋىرەتتى...





مېنىڭ ئېغى يوق ئىشتىنىم بارتتى،
   پاچىقىمنى يالايدىغان كۈچىكىم بارتتى
   دەرتمەن ياغلىقىنى چىگەلمەي ئانام
   چىشقاق كالامنىڭ ئەمچىكىنى تارتتى





ئانامنىڭ پىشانىسىدە موھتاجلىىق بارتتى
   ئېرىنىڭ ، 10 بالىسىنىڭ ھەققى بارتتى
  بىر ئۆمۈر، بىر ئەسىر ياق ، مىڭ يىل....
  ھاراقكەش دادامنىڭ دەردىنى تارتتى...





مەھەللە ھاراق ئىچمەيتتى، ئەرلەر ھاراقكەشتى
  مەھەللە تاماكا چەكمەيتتى ، ئەرلەر چېكەتتى،
  قاۋاقخانا باس -باستى، مەسچىت چۆلدەرەيتتى...
دوقمۇشتا قىمار قىززىيتتى،





يەر شارىدىكى ئۇيغۇرلار مۇشۇ مەھەللىدىتى....
  بۇ مەھەللىدە ھېچكىم ئۆلمەيتتى،
بۇ مەھەللە ۋاقىتنىڭ سىرتىدىتى.
  ھەپتىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى ناماز چۈشۈرىلەتتى،
  تۇپراق بېشىدا شەيتان ھېجارايتتى....





  ۋاقىتنىڭ يىغىلىغىنىنى كۆرمەپتىكەنمەن ،
   ۋاقىت دادامغا يىغلاۋاتاتتى...
   بامداتقا چىقايچۇ دەۋاتقان دادامنى ،
   قاۋاقخانا  چاقىرۋاتاتتى...





ئانام ، ئۆزىنى  كۆيدۈرۈپ چاي  بولىدۇ،
  ئۆزىنى يۇغۇرۇپ  نان بولىدۇ...
  ئۇيغۇر ئىسىملىك 10 بالىسى ئۈچۈن ،
  ئەڭ مۇكەممەل ‹ يېرىم جان › بولىدۇ...




  
دادامنىڭ بۇۋىسى ئوۋچىكەنتۇق،
  يولۋاسنى ئۆلتۈرگەن نوچىكەنتۇق.
  ئەشۇ ھەيۋە  ، شان- شەرەپ ئىچىدە،
  مومام توختىماي تۇغۇپتىكەنتۇق





ئاپام مومامنى دورىدى،  دەرت تارتتى
  دادامنىڭ بۇرتى خەت تارتتى.
   گۈس_ گۈس دەسسەپ دادام ، ئۆزىنى ئەر دەيدۇ،
   ئەرنى ئەر قىلغان مۇشۇ يەر دەيدۇ...





  ئاپامنىڭ كۆز يېشى ياغلىقىنىڭ ئۇچىدا، ئېرىدى،
  بىزنىڭ مەھەللە ئاستا - ئاستا قېرىدى،
  ئەركەكلىرىمىزدە يۈرەك، ئۆپكە، جىگەر يوق !!!!!!!!!!
ئۇيغۇر روھىدىكى ۋىجدان شۇررىدە ، ئېرىدى.





  ئېغىم يىرتىق،  خاتىرجەم سىيەلەيمەن ،
  بىزنىڭ ئۆينىڭ تۆت تېمى بار ، كۈلەلەيمەن .
  شېئىرىمنىڭ سەۋىر_ قاچىسى توشۇپ كەتتى
   ئېغىزىمنى تىكىۋەتسەڭمۇ دىيەلەيمەن.





ھاراققا چىلىشىپ ئۇيغۇر سەي بولدى،
    ئۇيغۇر روھى بىر رومكا مەي بولدى.
      قاۋاقخانىدا كىتاپ بارمۇ؟  ئوقۇيمەن ،
    دادامنى داۋالايدىغان ئەپسۇن توقۇيمەن .
    نادانلىقتىن بېشىمىزنى كۆتۇرەلسەك،
    يەر شارىنىڭ پىشانىسىغا نوقۇيمەن...





  ئېلىپەنى تۇتۇپ قەسەم ئىچتىم ،
  ‹ قاۋاق› تىكى ‹ ق › نى دىمەڭلار ،
  بۈگۈن قاۋاقخانىدا شېئىر ئىچتىم ،
  پېقىرنى پىيەنچۈك دىمەڭلار ...





كۆز يېشىمدىن ھاراق تۆكۈلدى
  ۋىجدانىمدىن بىر ۋاراق سۆكۈلدى.
  مېنىڭ ئەڭ ئاخرىقى دادام !
  پەرۋاسىز دادام !
   غەمسىز دادام !  بېشىڭنى كۆتۈر!
   ئوغلۇڭ ساڭا يۈكۈندى!!!!!!!!!!!!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاھىرجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-5 06:39  



http://makanim.cn/read.php?tid-22690.html

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3433
تۆھپە : 89
توردا: 1281
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 23:14:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبەسى قېنى؟....


ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3433
تۆھپە : 89
توردا: 1281
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 11:11:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى يوللاپ قۇيۇپلا يۇقاپ كەتمەي، كىرىپ قاراپ قۇيۇڭ تېما ئىگىسى


ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 297
تۆھپە : 18
توردا: 28
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 15:39:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي باشقۇرغۇچى ئەپەندىم،ھەر بىر تېمىغا مەنبەسىنى يېزىڭ!مەنبەسى قېنى؟دەپ يوللاپ جاپا تارتىۋەرمەي،تېمىنى ئەخلەتخانىدا ساقلاپ قويۇپ،تېما يوللىغۇچىغا تېمىڭىزنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەچكە تەستىقلانمىدى دەپ مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرى يوللىۋەتسىڭىز،ئاندىن تېما يوللىغۇچىلارمۇ مەنبەسىنى ئەسكەرتىدىغان بولىدۇ،تېمىسى تەستىقلىنىپ بولغان ئادەم،تېمىسى تەستىقلىنىش ئالدىدىكىدەك ئاشۇ تېمىغا بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمەيدۇ


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 297
تۆھپە : 18
توردا: 28
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 15:40:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپ كۆندۈرۈشتە


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  891
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 00:51:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى مەن بەك ياقتۇرۇپ قالدىم  ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تىمىلار بولسا يەنە يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

رەسىمسىز نۇسقا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-4-1 18:32 , Processed in 0.180123 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش