گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 648 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 173|ئىنكاس: 1

پويىزغا ئالدىراپ تاكسىدا 150مىڭ يۈەننى ئۇنتۇپ قالغان ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
3
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  858
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 27
تۆھپە : 17
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-1-8

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 08:26:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاڭشا ئاخباراتى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 12-ئاينىڭ 31-كۈنى سەھەردە ئۆيىگە كىتىشكە ئالدىراپ ماڭغان بىر نەچچە خۇبېيلىق خېرىدار نەق پۇل قاچىلانغان بىر قىزىل رەڭلىك سومكىنى ئېھتىياتسىزلىقتىن تاكسىدا ئۇنتۇپ قېلىپ چۈشۈپ كەتكەن .بۇ تاكسىنىڭ شوپۇرى ماشىنىسىدا 150مىڭ يۈەن نەق پۇل قاچىلانغان قىزىل رەڭلىك سومكىنى تېپىۋالغان ۋاقىتتا بىرىنچى بولۇپ ئويلىغىنى بولسا دەرھال بۇ سومكىنى قاتناش شېركىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئىدى .   
          بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن بۇ سومكىنىڭ ئىگىسى پۇلنى قايتۇرۇپ ئالغان ۋاقىتتا ھاياجانلانغىنىدن پەقەت بىر ئېغىز رەھمەت ئېيتالىدى ،باشقا گەپلەر ئېغىزىدىن چىقالمىدى .بۇ تاكسىنىڭ شوپۇرى ئىسمى ليۇشياۋسوڭ بولۇپ يوۋشيەن ناھىيەسىدىن بولۇپ چاڭشادا تاكسى ھەيداۋاتقىنىغا ئالتە يىل بولۇپ قالغان .12-ئاينىڭ 31-كۈنى سەھەر سائەت بەشلەر بىلەن گاۋچياۋفېيئېرما يېنىدا بۇ تاكسى شوپۇرى ئۈچ خېرىدارنى كىرا قىلغان بولۇپ ئىككى ئايال بىلەن بىر ئەر ئىدى .بۇ ئۈچ كىشى ئۆزىلىرىنى چاڭشا ۋوگزالىغا ئېلىپ بېرىشنى ئېيتقان بولۇپ شوپۇرنىڭ يېنىدا ئولتۇغان ئايال بولسا 30نەچچە ياشلاردىكى ئايال بولۇپ قارا رەڭلىك چاپان كەيگەن ،ماشىنىغا چىققان چاغدا بۇ ئايال بىر قىزىل رەڭلىك سومكىنى ماشىنىنىڭ ئورۇندۇقىنىڭ يېنىغا قويغان بولۇپ ماشىنا ناھايتى تېزلا چاڭشا ۋوگزالىغا يىتىپ كەلگەن ،بۇ ئۈچ خېرىدارمۇ ماشىنىدىن تېزلا چۈشۈپ شوپۇرنىڭ بەرگەن بېلىتىگىمۇ قارىمىغان .  
              شۇنىڭ بىلەن بۇ تاكسى شوپۇرى ماشىنىنى ھەيدەپ ئانچە ئۇزۇنغا بارماي يېنىدىكى ئورۇننىڭ يېنىدا بىر قىزىل رەڭلىك سومكىسىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلدى ،بۇ شوپۇر ماشىنىنى توختىتىپ بۇ سومكىنى سىرتتىن سىلىغاندا پۇل ئىكەنلىكىنى بىلدى .شۇنىڭ بىلەن بۇ شوپۇر سومكىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ قارىغاندا ئىچىدە يۈز يۈەنلىك بىر دۆۋە پۇلنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى .بۇ شوپۇر ئىچىدە بۇنچە كۆپ پۇلنى يۈتتۈرۈپ قويغان كىشى چوقۇم بەك تىت-تىت بولىۋاتىدۇ دەپ ئويلىدى .شۇنىڭ بىلە بۇ شوپۇر دەرھال ماشىنىىسنى ھەيدەپ شېركەتكە بېرىپ ئۇيەردىكى پۇل تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن پۇلنى تەكشۈرگەندە بۇ پۇل جەمئى 151200يۈەن چىقتى .   
             شوپۇر بۇ پۇلنىڭ ئىگىسىنى قانداق تېپىشنى ئويلاۋاتقان چېغىدا پۇلنىڭ ئىگىسى ليۇ فامىلىلىك كىشىمۇ ئۆزلىرىنىڭ پۇل قاىلان سومكىنى تاكسىدا ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بىلدى ھەم تەرەپ-تەرەپتىن ماشىنىنىڭ ئىگىسىنى ئىزلىدى .كېيىن ئۇلار بۇ تاكسى شوپۇرىنىڭ ماشىنا شېركىتىدە بۇ پۇلنىڭ ئىگىسىنى ساقلاۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدى ھەم سائەت يەتتە بىلەن لەندېڭ شېركىتىگە بېرىپ بۇ تاكسى شوپۇرىنىڭ قولىدىن ئۆزلىرىنىڭ 150مىڭ يۈەن پۇل قاچىلانغان قىزىل رەڭلىك سومكىسىنى ئالدى .  
             بۇ ليۇ ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە ئۇلار خۇبېيلىق بولۇپ ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىراپ بۇ سومكىنى تاكسىدا ئۇنتۇپ قالغان ،ئۇلار دەسلەپتە ئۆزلىرىنىڭ سومكىنى تاكسىدا يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ بۇ پۇلنى ئەمدى تاپالمايدىغانلىقىنى ئويلىغان ،بىراق ناھايتتى تېزلا بۇ پۇلنى قايتۇرۇپ ئەكەلگەن .شۇڭا بۇ كىشى ئۆزىلىرنىڭ ھازىر پويىزغا ئۈلگىرمىسە بولمايدىغانلىقىنى ،قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن بۇ شوپۇرغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى .بۇ تاكسى شوپۇرىنىڭ دېيىىشچە شۇنچە يىللاردىن بۇيان بۇ شوپۇرنىڭ ماشىنىسىدا چۈشۈپ قالغان نەرسىلەر بەكمۇ كۆپ بولۇپ شۇڭا بۇ شوپۇر دائىم خېرىدارلارغا ماشىنىغا ياخشى قاراشنى ئەسكەرتىدىكەن .


http://makanim.cn/read.php?tid-22690.html

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3433
تۆھپە : 89
توردا: 1281
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 22:01:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەملەر ھەر خىل ھە!
بىرلىرى  تېپىۋالغان نەرسىگە كۆز قىرىنى سالماستىن ئىگىسىگە تاپشۇرىۋاتقان. بىرلىرى خەقنىڭ يانچۇقىدا ئانىسىنىڭ ھەققى باردەك پۇل بۇلاۋاتقان


ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

رەسىمسىز نۇسقا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-4-1 17:38 , Processed in 0.177831 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش