- QQ
- 1308767470
- 出生地
- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتىنۇم رايۇنى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھيە
- 出生县
- باي ناھيە
- 生日
- 1991 يىل 1 ئاي 1 كۈن
- دوست
- 1
- 性别
- ئەر
- يازما
- 12
- UID
- 858
- تېما
- 6
- تىزىملاتقان
- 2012-1-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-1-8

- يوقلىما
- 3
|
ئېلان
بىر كۇنى بىر مەست ئۆلۈپ قاپتۇ ،پەرىشتە كىلىپ ئۇنىڭدىن: ___ سەن جەننەتكە كىرىشنى خالامسەن دوزاخقىمۇ؟ ____ دەپ سورىغان ئىكەن، ئۇ مەست: ___ مەن ئاۋال كۇرۇپ باقاي دەپتۇ. پەرىشتە ماقۇل بۇلۇپ: ___ باشتا قايسىسىنى كۆرىسەن؟ __ دەپ سۇراپتۇ. ئۇ مەست:__ دوزاخنى باشتا كۇرۇپ باقاي دەپتۇ ،پەرىشتە كۆرسەتكەن ئىكەن، قارىسا دوزاخنىڭ ئىچى شۇنداق قايناپ كەتكەن ،ھەممە ئادەم ھاراق ئىچىۋاتقان ،تاماكا چىكىۋاتقان ،قىمار ئويناۋاتقان ،ئۇسسۇل تانسا راسا قىززىۋاتقان كۆۈرنۈشنى كۆرۈپتۇ، مەست: __ ئەمدى جەننەتنى كۆرۈپ باقاي __ دەپتىكەن پەرىشتە كۆرسىتىپتۇ، قارىسا ھەممە ئادەم دۇئا ئىبادەت قىلۋاتقان ھەممە يەر جىمجىت ئىكەن مەست بىر ئاز ئويلىنىپ: __ بولدى مەن دوزاخقا كىرەي دەپتۇ ،پەرىشتە ماقۇل دەپ بىر ئىتتىرگەن ئىكەن مەست شۇنداق كۇيۇۋاتقان ئۇتنىڭ ئۇستىگە چۇشۇپتۇ .ھىلىقى مەست چىدىيالماي: __ ھەي پەرەشتە مەن ئاباياتىن ھاراق ئىچىۋاتقان ،تاماكا چىكىۋاتقان ،تابسا ئۇسسۇل ئۇيناۋاتقان يەرنى كۆرگەن ئىدىم بۇ ئەمدى نىمە ئىش؟ _ دەپ سورغان ئىكەن، پەرىشتە: __ ئۇدىگەن (广告) <ئېلان> دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
كالا بىلەن تۇخۇ
بىر كۈنى تۇخۇ بىلەن كالا ئىنسانلار ئۈستىدىن بىر -بىرىگە شىكايەت قىلىشىپتۇ،
تۇخۇ دەپتۇ _ ئىنسانلار ئۆزلىرى پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قۇيۇپ ،مىنىڭ كۈندە بىرنى تۇققۇنۇمغا قانائەت قىلماي،كۈندە ئككىنى تۇغۇشقا ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتىدۇ دىسە ،كالا قۇپۇپ: __ ۋاي نىمىسىنى دەيسە ئاداش،ئىنسانلا كۈندە مىنىڭ سۈتۈمنى ئىچىپ تۇرۇپ مىنى بىرەر قىتىم «ئانا» دەپ چاقىرىپ باقمىدى! _ دەپتۇ.
ماڭىمۇ بىرنى ئالغاچ كىلىڭ
سەرسان 100مىڭ سوملوق ماشىنىدىن بىرنى ئالماقچى بوپتۇ ، يېنىنى ئاختۇرسا 99مىڭ998سۇم بار ئىكەن. ئۇ دۇكاننىڭ يېنىدىكى بىر دىۋانىنىڭ قېشىغا بېرىپ: __ ماڭا 2 سۇم بېرىپ تۇرسىڭىز، ماشىنا ئالماقچىتىم _ دەپتۇ .بۇنى ئاڭلىغان دىۋانە ئالدىرماي يېنىدىن 4 سۇمنى چىقىرىپ: __ ماڭىمۇ بىرنى ئالغاچ كەلسىڭىز _ دەپتۇ .
يەنە 100 يۈئەن بىرىڭ
شۇنچە تەبىينىڭ قاسساپلىق قىلۋاتقان چاغلىرى ئىكەن .بىركۈنى ئۆزى بىلەن بىر قورودا ئولتۇرىدىغان ئادۇۋكات__ ئەتىرگۈلنىڭ ئۆيىگە كىرىپ سۇراپتۇ :
__ ئەگەر بىر ئىت مىنىڭ دۇكىنىمغا كىرىپ گۆش ئوغۇرلاپ يىسە ، ئۇنىڭ ئىگىسى زىياننى تۆلەپ بىرەمدۇ ؟
- ئەلۋەتتە تۆلەپ بىرىدۇ ،- دەپتۇ ، ئادۇۋكات ئەتىرگۈل.
- شۇنچە تەبىي: __ ياخشى، ئەمىسە ماڭا 100 يۈەن تۆلەڭ، چۇنكى سىزنىڭ ئىتىڭىز ئوغىرلاپ يەۋالغان گۆش 100 يۈەنلىك ئىدى .
- بۇلىدۇ ،- دەپتۇ ئادۋوكات ئەتىرگۈل،- مەسلىھەت سوراش ھەققى 200 يۈەن ، سىز ماڭا يەنە 100 يۈەن بەرسىڭىز توغىرلىشىدۇ ...
يەر شارىنى يۇمىلاق بۇلۇشىدىكى سەۋەپ
ئۇقۇتقۇچى يۇلتۇز – : يەرشارىنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىگە ئىسپات بولىدىغان 3 سەۋەپ كۆرسەت .
خەنجەر731: __ داداممۇ شۇنداق دەيدۇ ، ئاناممۇ شۇنداق دەيدۇ ، سىزمۇ شۇنداق دىدىڭىز ،شۇڭا يەرشارى يۇمىلاق .
ئىلگخرىلەش
زىرەك راستچىل ساۋاقدىشىدى سەرگەردادىن سوراپتۇ : _ ئېنگىلىزچىدا قانداقراق كېتىۋاتىسەن ؟
سەرگەردان : مەندە ئىلگىرلەش زور ، بۇرۇن مەن ئېنگىلىزلارنىڭ گىپىنى ئۇقمايىتتىم ، ھازىر ئېنگىلىزلار مىنىڭ گىپىمنى ئۇقماس بولدى .
ئۆزۈمدە بىرسى بار
نازۇك مۇئەللىم بەرناقىزغا: __ مەن ساڭا بۈگۈن 3 توشقان بەرسەم ، ئەتىسى يەنە 5 توشقان بەرسەم ، سەندە جەمئىي قانچە توشقان بولىدۇ ؟
بەرناقىز : 9 توشقان .
نازۇك مۇئەللىم: نىمىشقا ؟!
بەرناقىز : ئۆزۈمدە بىرسى بار تۇرسا ؟!
ماختىنىش
ناتىۋان ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ؛
مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا يالغان گەپ قىلسام باشقىلار مىنى يالغانچى دەپ ئەيىپلەيتى ،ھازىر بولسا مەن باشقىلارغا يالغاندىن مۇھەببەت شىئىرلىرى يازسام باشىقىلار مىنى شائىر دەپ ھۆرمىتىمنى قىلدۇ.
ئائىلە ئۇقۇتقۇچىسى بۇلۇش
دۇنيامىن چۈشىدە دەسلەپكى سۆيگۈنىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ سالدى .
ئايالى نازلان ئۇنىڭدىن: _ كىمنىڭ ئىسمىنى چاقىرۋاتسىز؟ دەپ سوردى.دۇنيامىن: _ چۈشۈمدە ئوقۇتقۇچى بوپتىمەن.بىر ئوقۇغۇچىنى چاقىرىپ ئۇنىڭدىن سۇئال سوراپتىمەن، _ دەپ جاۋاپ بەردى .
ئايالى نازلان: _ سىز بىر سائەت دەرىس تۈگىگىچە بىرلا ئوقۇغۇچىدىن سۇئال سورىدىڭىزما؟ _ دىدى گۇمانلاغان ھالدا.
دۇنيامىن چۆچۈپ كىتىپ ئايالى نازلانغا قاراپ ھىجىيىپ تۇرۇپ، _ چۈشۈمدە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بوپتىمەن _ دەپ جاۋاپ بەردى .
تۇخۇم ساتقان پۇل
ئۇيغۇر يولۋىسى بىلەن ئايالى گۈلى ئىككىسىنىڭ توي قىلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى بولغان كۈنى كىچىسى پاراڭلىشپ قاپتۇ.
ئايالى سۇراپتۇ:
_راس گەپ قىلسىلا ، كارۋات تېگىدىكى سىۋەتكە سېلىپ قويغان ئىككى تۇخۇم بىلەن 500سوم پول نىمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ دەپبەرسىلە؟_ دەپتىكەن،
ئۇيغۇر يولۋىسى: _ خۇتۇن راس گەپ قىلسام ھەر قېتىم ساڭا يۇز كىلەلمەيدىغان ئىش قىلغان ۋاختىمدا شۇ سىۋەتكە بىر دانە تۇخۇم سېلىپ قۇياتتم_ دەپتىكەن، ئايالى :
_ھەر ھالدا ئون يىل جەريانىدا ئىككى قېتىم ماڭا يۈز كىلەلمەيدىغان ئىش قىپتۇ دەپ خوش بۇلۇپ :
_ئۇنداق بولسا 500سوم پۇل نىمە پۇل؟ دەپتىكەن ئۇيغۇر يولۋىسى قىزىرىپ تۇرۇپ:
_ تۇخۇملار سىۋەتكە پاتماي سېتىۋەتكەن ئىدىم - دەپتۇ...
تاماق يەمسەن، تاياقمۇ؟
نالەمنىڭ ئوغلى تامقنى يىمەستىن تېلۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇرۋېرپتۇ. نالەمنىڭ ئاچچىقى كېلپ:
_تامقڭنى يەمسەن ياكى تاياقمۇ؟ دەپ ۋاقىراپتۇ ، ئوغلى: _ ئاپا تامقمنى يەپ بۇلالمايىۋاتسام تاياقنى قانداق يەيمەن. تاياقنى پۇشۇرۇپ قۇيغانمۇيا، خام يەمدىم.
يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەمدىم؟
ئىھسان تاماق يىمەكچى بۇلۇپ ئاشخانىغا كىرىپتۇ.ئاشخانا خۇجايىنى ئۇنىڭدىن نىمە تاماق يەيدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ ھىچ ئويلىمايلا :
-بىر قاسقان مانتا،-دەپتۇ.
بىردەمدىلا ئۇنىڭ ئالدىغا ھورى ئۆرلەپ تۇرغان مانتا كەلتۈرۈلۈپتۇ.
قىغىن مانتىغا قاراپ ئۇنىڭ كىچىكلىكىنى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچىدە قىيمىسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ،ئاشخانا خۇجايىنىغا:
-ھەي بۇ مانتىنى پولوغا تىگىشىپ بىرىڭ ،-دەپتۇ.
بىر دەمدىلا ئۇنىڭ ئالدىغا پولو كەلتۈرۈلۈپتۇ.ئۇ پولونى ئىشتىھا بىلەن يەپتۇ.يەپ بۇلۇپ دۇئا قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ سىرتقا مېڭىپتۇ.ئاشخانا خۇجايىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئۈتۈپ:
-ھەي،يىگەن پولونىڭ پۇلىسىنى بەرمەمسىز؟-دەپتۇ.
ئىھسان:-مەن يىگەن پولونى مانتىغا تىگىشكەن تۇرسام،-دەپتۇ.
ئاشخانا خۇجايىنى:
-ئەمىسە مانتىنىڭ پۇلىسىنى،-دىيىشىگە ئىھسان :
-ھەي،مەن يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىسىنى تۈلەمدىم،-دەپ ۋاقىراپتۇ.
ئاشخانا خۇجايىنى نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي،ئاغزىنى تۇتۇپلا قاپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەتىرگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-4 23:21
|
|