گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 648 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 151|ئىنكاس: 1

خۇشامەتچىلەر مارىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
40
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  205
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 450
تۆھپە : 109
توردا: 64
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-2-26

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 12:57:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇددى يۇمران پىلىكتەك ئېگىلىدۇ بېلىمىز،
كۆرگەن چاغدا باشلىقنى ھەسەل كەبى تىلىمىز،
بەك ماھىر بىز خوش-خوشقا، گېدىيىمىز پۇخراغا
كاتتىۋاشنى كۆرگەندە چىقىپ كىتەر يېلىمىز.

ئەكەل دېسە دوپپىنى ئەكىلىمىز باش -كاللا،
تىللىسىمۇ «ئېسىل زات» دەپ تۇرۇمىز ھەشقاللا،
چاپىنىنى باشلىقنىڭ مېڭىپ قالساق كۆتىرىپ،
ھىجارايمىز شادلىقدىن تاپقان كەبى مىڭ تىللا.


قولىمىزدىن چۈشمەيدۇ پەيتى كەلسە تەخسىمۇ،
يانالمايمىز باشلىققا بىزنى تىللاپ تەپسىمۇ،
باشلىق ئۈچۈن بىز تەييار كۆتىرىشكە تاغنىمۇ ،
رازى دەيمىز باشلىققا ئەزىز بۇ جان كەتسىمۇ.


باشقىلارنى باشلىققا توختىماستىن چاقىمىز،
كىم ھۆرپەيسە باشلىققا ئۆيىگە ئوت ياقىمىز.
تۈگەپ كەتسە باشلىقنىڭ بىرەر شىرەم تۇققىنى
بەش مېتىرلىق ئاق باغلاپ، ھۆڭرەپ ھازا ئاچىمىز.

چۈشسە بىرى ھۇقۇقدىن شۇئان ئىلدام قاچىمىز،
تېپىپ يىڭى باشلىقنى ئىتلىرىنى باقىمىز.
كۈيلەپ شۇئان توختىماي يىڭى قوشاق قاتىمىز
تىللاپ كونا زالىمنى ھەتتا دارغا ئاسىمىز.


باشلىق بىزنى ماختىسا تۇرالمايمىز، يايرايمىز،
ئۇنى دائىم مەدھىلەپ بۇلبۇل بولۇپ سايرايمىز.
باشلىقلاردىن نان تىلەپ، بەلنى مەزمۇت باغلايمىز،
خوشەمەتنىڭ يولىدا دادىل قەدەم تاشلايمىز .

بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:سەنەم مۇنبىرى







بىز نىڭ گۈزەل باي تورمىز نىمدىگەن ياخشى ھە!!!!

Rank: 4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 6
تېللا: 2810
تۆھپە : 1610
توردا: 269
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 21:05:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     تېمىڭىزغا تەشەككۈر!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

رەسىمسىز نۇسقا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-4-1 18:35 , Processed in 0.155367 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش