گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 649 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 181|ئىنكاس: 2

ئائىلە تەربىيەسىدىكى بىر مىنۇت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
132
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2027
تۆھپە : 238
توردا: 232
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى شەرەپلىك ئەز رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 20:59:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلە تەربىيەسىدىكى بىر مىنۇت
  ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىنگلىز تىلى، كومپيۇتېر، ساز ئۆگىتىدىغان ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ بېرىپ، تەتىللەردە ھەرخىل كۇرۇسلارغا ئاپىرىپ، ئۆزىنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش بۇرچىنى ئاشۇرۇپ ئۇرۇنلىغاندەك ھېس-تۇيغۇلاردا يۈرىدۇ. ئەمما بىر ئادەم ئۈچۈن، توغرا يولدا، توغرا ئەقىدە، دۇرۇس ئېتىقادقا ياشاش، نان تېپىپ يېيىشكىلا پايدىسى بولىدىغان ئىقتىدارلارنى ھازىرلاشتىن كۆپ مۇھىمدۇر. شۇڭلاشقا پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ يادروسى، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن بالىسىغا قانداق ئادەم بولۇشنى، نېمە ئۈچۈن ياشاشنى، ھاياتتا قايسى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، نېمىنى قوللاپ، نېمىگە قارشى تۇرۇپ ياشاشنى ئۆگىتىشتۇر. ئەمما ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى قىلالمىغان ئىشلارنى بالىلىرى قىزىقمىسىمۇ زورلاپ قىلغۇزىدۇ. دېمەك، شۇنى بىلمەك قىيىن ئەمەسكى، پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بالىدىلا، ياكى نۆل ياشتا، ياكى قورساقتا ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزىدە.
       دەرۋەقە، بىر مىنۇتنىڭ قۇدرىتى ناھايىتى ئۇلۇغ. بىر ئانا ئەۋلاد تەربىيەلەشتە نۇرغۇنلىغان «بىر مىنۇت»لارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بىراق گەپ ئۇنىڭ شۇ بىر مىنۇتتا قانداق ئىشلارنى قىلىشىدا.بىر مىنۇت يېقىنلىشىش
  بالىڭىزنىڭ قولىنى بىر مىنۇت تۇتۇپ، بېشىنى بىر مىنۇت سىيلاپ، باغرىڭىزغا بىر مىنۇت بېسىپ ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تەبرىكلىسىڭىز، مېھرىڭىز ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىشەنچ قوشقان بولىسىز.
  گېپىگە بىر مىنۇت قۇلاق سېلىش
  بەزىدە شۇنداق ئالدىراش چېغىڭىزدا بالىڭىز كۆڭلىدىكىنى ئېيتىش ئۈچۈن سىزگە تېلېفون بېرىدۇ ياكى يېنىڭىزغا كېلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ گېپىگە بارلىق دىققىتىڭىز بىلەن بىر مىنۇت قۇلاق سېلىڭ، شۇندىلا بالىڭىز بىلەن ئوتتۇرىڭلاردىكى ئىشەنچ، مېھىر-مۇھەببەت تېخىمۇ ئاشىدۇ.
  بىر مىنۇت بىللە ئويناش
  بىللە ئويناش ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. بالىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
  بىر مىنۇت ئىچىدە تۈزىتىش
  بالىڭىزنىڭ خاتا ئىش قىلغىنىنى كۆرگەن شۇ بىر مىنۇت ئىچىدە، خاتالىقىنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ، تۈزىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىڭ.
  بىر مىنۇت ماختاش
  بالىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىق بولىدۇ. بۇ ئارتۇقچىلىقلارنى بايقاشقا ماھىر بولۇڭ ۋە بايقىغان ھامان بىر مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىڭ
بىر مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىڭ.
مەنبە؛www.rexta.cn بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-18 21:01  



http:www.sayram.biz/ تورىغا مەرھەمەت

Rank: 4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 6
تېللا: 2800
تۆھپە : 1610
توردا: 269
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-30

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 17:04:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئابلا ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىسىگە رەھمەت. بالىلار_كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈتلىرى، بالىلارغا كۆڭۈل بىلگەنلىك كەلگۈسىگە كۆڭۈل بىلگەنلىك. ئائىلە تەربىيەسىدە بىر مىنۇتلۇق تەربىيەگىمۇ ئەھمىيەت بىرىش كېرەك-ئەلۋەتتە.


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  806
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 383
تۆھپە : 21
توردا: 33
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-31

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 22:42:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلاكام ياخشى تېما چىقىرىپتۇ...رەھمەت سىزگە!!!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

رەسىمسىز نۇسقا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-4-1 12:24 , Processed in 0.167391 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش