گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 649 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 254|ئىنكاس: 0

دۆلىتىمىز ھېچقاچان بۆرەك قۇۋەتلەش دورىسىغا تەستىق بېرىپ باقمىدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
7
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  173
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 92
تۆھپە : 20
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2011-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 16:03:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلىتىمىز ھېچقاچان بۆرەك قۇۋەتلەش دورىسى ياكى بۆرەك قۇۋەتلەش ساغلاملىق يىمەكلىكىگە تەستىق بېرىپ باقمىدى
(شىنخۇا تورى بېيجىڭ 9- دېكابىر تىلىگىراممىسى.)
بىر قىسىم يىمەكلىك ۋە ساغلاملىق يىمەكلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ، «بۆرەك قۇۋەتلەيدۇ، جىنسى ئىقتىدارنى ياخشىلايدۇ» دەپ ئىستىمالچىلارنى ئالداپ ۋە خاتا يولغا باشلايدىغان قانۇنسىز قىلمىشىغا قارىتا، دۆلەتلىك يىمەكلىك – دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى 9- چېسلا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى، شۇنداقلا كەڭ ئىستىمالچىلارغا مۇنۇلارنى ئاگاھلاندۇردى:«دۆلىتىمىز ھېچقاچان بۆرەك قۇۋەتلەش دورىسى ياكى بۆرەك قۇۋەتلەش، جىنسى ئىقتىدارنى ياخشىلاش تۈرىدىكى ساغلاملىق يىمەكلىكىگە تەستىق بېرىپ باقمىدى، ئىستىمالچىلارنىڭ ئەقىل – ئىدىراك بىلەن نەرسە سېتىۋىلىشىنى، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. »
ئىگەنلىنىشچە، دۆلەتلىك يىمەكلىك – دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ « تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ساغلاملىق يىمەكلىرى چۈشەندۈرۈشلىرىدىكى قانۇنسىز داۋراڭلارغا قاتتىق زەربە بېرىش توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇش » تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك يىمەكلىك – دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تارماقلىرى، ساغلاملىق يىمەكلىلىرى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ياكى تىجارىتى قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ ساغلاملىق يىمەكللىرى چۈشەندۈرۈشلىرىدىكى قانۇنسىز داۋراڭلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش ئېلىپ بارىدىكەن، بولۇپمۇ  بۆرەك قۇۋەتلەش تۈرىدىكى ھەمدە جىنسى ئىقتىدارنى ياخشىلاش ئۈنۈمىگە ئىگە ساغلاملىق يىمەكلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدىكەن. جەمىيەتكە پاش قىلىش تېلىفونى ۋە پاش قىلىش ئىمەيىل ئادىرىسىنى ئېلان قىلىپ، ئەرىز – شىكايەتنى ئۆز ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ، ئىگەنلىگەن يىپ ئۇچىغا قارىتا ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مەنبەنى تېپىپ چىقىدىكەن. قانۇنسىز قىلمىشلارنى ئاشكارىلاپ، «يىمەكلىك بىخەتەلىكى قانۇنى» «گوۋۇيۈەننىڭ يىمەكلىك قاتارلىك مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش بەلگىلىمىسى» گە ئاساسەن ئېغىر چارە كۆرىدىكەن، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنىدىكەن، جىنايەت شەكىنلەندۈرگىنىنى ج خ تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن، جېرىمانىنى جىنايەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ۋە دىلو بولسىمۇ يوللىماسلىق قىلمىشلىرى قەتئى مەنئى قىلىدىكەن. ئادەتتىكى يىمەكلىكلەرگە  قارىتا قانۇنسىز داۋراڭ قىلغان ۋە تەشۋىقات قىلغان تىجارەتچىلەرنىڭ ھەممىسى، تەستىق ۋە نازارەت قىلىدىغان تارماقلارنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا سۇنىلىدىكەن. # epP~J_f  
دۆلەتلىك يىمەكلىك – دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى  كەڭ ئىستىمالچىلارغا مۇنۇلارنى ئاگاھلاندۇردى:«دۆلىتىمىز ھېچقاچان بۆرەك قۇۋەتلەش دورىسى ياكى بۆرەك قۇۋەتلەش، جىنسى ئىقتىدارنى ياخشىلاش تۈرىدىكى ساغلاملىق يىمەكلىكىگە تەستىق بېرىپ باقمىدى، ئىستىمالچىلار دورا ياكى ساغلاملىق يىمەكلىكى سېتىۋالغاندا چوقۇم ئەقىل – ئىدىراك بىلەن ئىش كۆرۈشىنى، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىنى، بۆرەك قۇۋەتلەش ۋە جىنسى ئىقتىدارنى ياخشىلاش ئۈنۈمىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىقىنى، دورا ۋە ساغلاملىق يىمەكلىكلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان ۋە تىجارەت قىلغان قىلمىشلارنى بايقىغاندا  شۇ يەردىكى يىمەكلىك – دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا پاش قىلىشىنى، ئالاقىدار كىسەللەر بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنىڭ داۋالاش ئاپراتلىرىغا بېرىپ، دوختۇر ۋە دورىگەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ماس كىلىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. »  O_ _s~  
مەنبە: http://news.ifeng.com/mainland/detail_2011_12/09/11224631_0.shtml w_"d&eYdg0  
o Mz{j:  

مەنبە: مىسرانىم تورى.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

رەسىمسىز نۇسقا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-4-1 14:57 , Processed in 0.138102 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش