گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 648 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 195|ئىنكاس: 1

ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ھەمكارلىغى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
53
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 557
تۆھپە : 36
توردا: 31
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-31

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 22:09:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق قىلغاندا ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ھەمكارلىغىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بۇلىدۇ
ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار،
مەن بىر ئاددى ئائىلە باشلىغى ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇگۇن سىلەر ئۇيۇشتۇرغان ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشقىنىمدىن،بالىمىزنىڭ ۋىلايىتىمىزدىكى ئۇزاق تارىخقا،شەرەپلىك ئەنئەنىگەئىگە ئوقۇتۇش تەلىم تەربىيدە ئالدىنقى رەتتە تۇردىغان مەرىپەت بۇشىگىدە تەلىم ئېلىپ كېلۋاتقىنىدىن تۇلىمۇ خۇشالمەن . چۈنكى بۇ يىغىن بىزنىڭ بالىلىرىمىزنى ،بۇلۇپمۇ كەلگۇسى ئەۋلاتلىرىمىزنى بۇندىن كېيىنكى مەكتەپ تەلىم تەربىيەسى بىلەن ئائىلە تەلىم تەربىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ قانداق قىلىپ  ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ ،ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىشىمىزدا كۈڭۈل سوزىمىزنى كەڭ كۇشادە ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئوقۇتقۇچى بىلەن بالىلىرىمىز ئوتتۇرسىدا كوۋرۇكلۇك رول ئوينايدىغان ئەھمىيەتلىك يىغلىش. شۇڭا مەن ئالدى بىلەن بالىلىرىمىزغا ئۇستاز ۋە ئاتا-ئانا بۇلۇپ پۇتۇن ۋۇجۇدى،زىھنى-كۇچى بىلەن تەربىيلەپ كىلۋاتقان ئۇستازلارغا،بالىلىرىمىزغا ياخشى شارائىت يارتىپ،خاتىرجەم ئوقۇشىغا سۇرۇن ھازىرلاپ كېلىۋاتقان مەكتەپ رەھبەرلىگىگە ئولتۇرغان ئائىلە باشلىقلىرىغا ۋاكالىتەن چىن كوڭلۇمدىن رەھمەت ئېيتىمەن .
  مەنمۇ بىر بالا تەربىيلىگۇچى.مائارىپ كەسپىنىڭ قانچىلىك جاپالىق كەسىپ ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ يەتكەن ئوقۇتقۇچى.ئەمما ئۈزەمنى ئىقتىدارلىق،لاياقەتلىك مائارىپچى دەپ ئېيتالمايمەن.چۈنكى مەن ئوز پەرزەندىمنى  ياخشى ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولسا يۇزۇمنى يۇرۇق قىلسا دەپ مەكتەپكە بەردىمۇ ئەمما،ئۇنىڭ مەكتەپتىكى ھەر قايسى پائالىيەتلىرىگە ئەتىراپلىق كۇڭۇل بۇلۇپ،ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن سىردىشىپ بالامنىڭ مەكتەپتىكى ئۈگىنىش ۋە پائالىيەت ئەھۋالىنىڭ قانداق بۇلۋاتقانلىغى بىلەن دىگەندەك كارىم بۇلۇپ كىتەلمىدى.بۇ جەھەتتە مەن تۇلىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن.
بىز ئاتا-ئانا بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىن   شارائىتى ياخشى  بولغان مەكتەپتە ، ئىقتىدارلىق مەكتەپ مۇدىرى يىتەكچىلىگىدىكى قابىليەتلىك ئۇقۇتقۇچى تەربىيسىدە تەلىم ئېلىپ ئۈمۈدىمىزنى ئاقلىشىنى ،تارتقان جاپالىرىمىزنى ئۇنتۇلدۇرشىنى ھەر ۋاقىت ئۈمۈت قىلىمىز ھەم نۇرغۇن بەدەللەرنى تولەيمىز، ئاخىردا ئىرىشىدىغىنىمىز تۇلىمۇ ئاز بىرقىسىم نەتىجە. ئۇنداقتا بۇ ئۈمۇتلىرىمىزنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ،ياراملىق ئەۋلات تەربىيلەش نىشانىغا يىتەلەيمىز؟ قانداق قىلغاندا مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كوزلىگەن نىشانغا يىتەلەيمىز؟ پەرزەنتىمىز قانداق قىلىپ كەلگۇسىدە خاتىرجەم ھالدا كۇڭۇلدىكىدەك تۇرمۇش يۇلىغا ئېرىشىشنىڭ نىشانىغا ئۇل سالالايدۇ؟مانا بۇ ھەر بىرىمىز ئويلىنىشقا ،كۇڭۇل بۇلۇشكە تەخىر قىلىشقا بولمايدىغان مەسىلە. ئەمما بىز بولساق بالىلىرىمىزنىڭ ئوقۇش تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى ئۈچۈن بەزىدە ۋاقىت چىقىرالمايمىز ياكى ئۇ ئىشلارنى مەكتەپنىڭ ،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشى دەپ قاراپ بالىلىرىمىزغا كوڭۇل بولەلمەي قالىمىز، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلار ئەھۋالنى ئىنكاس قىلمىغۇچە بالىمىزنىڭ ئىشلىرىنى سوراپمۇ قويمايمىز.بالىمىز بىرەر قېتىملىق ئىمتىھانلاردا ياخشى نەتىجە ئالسا، ئەتىراپتىكىلەرگە بالىلىرىمىزنى ئاجايىپ ئىقتىدارلىق‹‹ئالىم، يازغۇچى،دولەت ئەربابى ››دەك ئادەم بولىدۇ دەپ ماختىنىمىزۇ  لېكىن قىلچىمۇ ئۇلارنىڭ ھالىغا يىتىپ قويمايمىز.ئوقۇتقۇچىلارچۇ ؟ راس گەپ قىلسام  ئۇلار ھەر ۋاقىت بالىلىرىمىزنىڭ ھالىغا يىتىپ ،دەردىگە دەرمان بۇلۇپ ، ئۇتىدا كۇيۇپ،سۈيىدە ئاقىدۇ.بىز قىلالمىغاننى قىلىدۇ، بىلدۈرەلمىگەنلىرىمىزنى بىلدۈرىدۇ.  
بىزدەك ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇپ، ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىشقا ھەر تەرەپتىن ئەھمىيەت بەرگەندەك قىلساقمۇ  ھالبۇكى، بىزنىڭ ئۆزىمىزنى تەربىيەلىشىمىز ۋە مەدەنىيەت ساپايىمىز ئوخشاش بولمىغاچقا تەربىيە ئىقتىدارىمىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.تەربىيمىز دولقۇنسىمان بۇلۇپ، كۇزىمىزنىڭ قارچۇغىدەك ئەتىۋالىق پەرزەنتىمىزنى   ماختاشنى ياكى بولمىسا قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ قورقىتىپ باشقۇرۇشنى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەربىيە ئۇسۇلى قىلىۋالىمىز. بۇنىڭ بىلەن بالىلىرىمىز ھەممە ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىدىغان بولىدۇ، دەپ قارايمىز. لېكىن، بۇنداق بولۇشى ناتايىن. چۈنكى، بىز ھازىرقى پەرزەنتلىرمىزنىڭ ئۇگىنىش مۇدداسى ،قىزىقىشى، دۇنياقارىشىنى نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلىپ قويىمىز. شۇڭا مەن ئاتا- ئانا بولغۇچىلارنىڭ  تۈۋەندىكى نوقتىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسەك ، بالىلارنىڭ ئەتىراپلىق تەربىيگە ئىگە بۇلىشىغا تۇلۇق شارائىت ياراتقان بۇلىمىز دەپ قاريمەن؛
1›بىز ئاتا-ئانا بولغۇچىلار ئەمەلى ئىش ھەركەت  ۋە پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ئۈزىمىز ئۈلگە بۇلۇپ، بالىلارغا ئائىلىنىڭ ئىناق –ئىتتىپاقلىغى ۋە ئىللىق مىھىرىنى ھىس قىلدۇرشىمىز كېرەك. چۈنكى ئاتا –ئانا بولغۇچىلار بالىلارنىڭ تۇنجى  ئۇستازى.شۇڭا ھەر ۋاقىت سوز ھەركەتتە، كىيىم كىچەك ،يىمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇشقا ئالاھىدە  ئەھمىيەت بىرىپ ياخشى ئوبراز تىكلىشىىمىز لازىم.
2› ئوقۇتقۇچىلارغا يېقىندىن ھەمكارلىشىپ بالىلاردا مۇئەييەن ئىقتىساد ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشىمىز، پارچە-پۇرات پۇللارنى يىغىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش بىلەن مۇرەككەپ مۇھىتتىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئوخشىمىغان بالىلارنىڭ ئىستىخىيىلىك ھالدىكى دورامچىلىق بىلەن پۇل خەجلەشكە يۇزلىنىش ئادىتىنى  ئىلمىي چەكلەپ،ئۇلارنى پارچە پۇللارنى قانداق تىجەش ھەم مەلۇم سانغا يەتكەندە ئۆزىگە كېرەكلىك قانداق نەرسىلەرنى  سېتىۋىلىش  ھەققىدە تەربىيە بىرىپ، تىجەشلىك ياخشى ئادەتنى يىتىلدۈرۈشكە يىتەكلەشتە نەمۇنە بۇلۇشىمىز كېرەك.
3› ئوقۇتقۇچىلار بىلەن كوپرەك سىردىشىپ ،ئەھۋال ئىگەللەش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا  ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ، بالىلىرىمىزنىڭ ئۈگىنىش، تۇرمۇش پائالىيەتلىرىگە كۇڭۇل بۇلۇپ ئورتاق ھالدا تەربىيلەش نىشانىغا يىتىشىمىز،بالىلىرىمىزنى تەربىيلەشنى ھەرگىز نۇقۇل ھالدا مەكتەپنىڭ ،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشى دەپ قارىماسلىغىمىز،پات –پات ئۇقۇتقۇچىلاردىن ئەھۋال ئىگەللەپ ئۇلارغا ھەمكارلىشىپ بالىلارنىڭ توغىرا بولغان ئۈگىنىش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرىشىگە كوڭۇل بۇلىشىمىز لازىم.
4›پەرزەنتلىرمىزگە توغىرا بولغان  كۆيۈنۈش  ئۇسۇلىنى قوللىنىشىمىز كېرەككى ،زىيادە ئەركىلىتىشتىن ساقلىنىشىمىز ياكى  ئۇلارنى تار يولدا قىستاپ ، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا تىگىدىغان  ئورۇنسىز تەنبىھلەرنى  بەرمەسلىگىمىز، ئۇلار بىلەن سەمىمىي دوستانە ،باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنى قايىل قىلىپ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ، ئۆگىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا پايدىلىق بولغان غەمخۇرلۇق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىمز لازىم .
5›بالىلارغا توغىرا بولغان قىممەت قارىشى،ھايات قارشىنى تىكلىشىگە ئەھمىيەت بىرىپ، كىشىلىك ھاياتقا تۇتىدىغان پوزىتسىيىسىگە ، ئۆگىنىش ئادىتىگە قاتتىق  ئەمما ئىلمىي تەلەپ قويۇشىمىز  كېرەككى،ھەرگىز ئەركىلىتىپ يامان ئادەت يۇقتۇرۋېلىشىغا ئىمكان بەرمەسلىگىمىز لازىم . ئائىلە ۋە جەمىيەتتە ئىمكانقەدەر قانداق ياشاشنى،جاپاغا قانداق كۆنۈشنى،قېيىنچىلىقنى قانداق يېڭىشنى ئۆگىتىشىمىز، ھەممە نەرسىسىنى ئۇلارنىڭ تەلىپى بۇيىچە تەييار قىلىپ بېرىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم .
6›  مۇرەككەپ جەمىيەت تەرەققىياتىدا بالىلارنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىدىكى تەرەققىيات باسقۇچى ۋە تېز يىتىلىۋاتقان فىزلوگىيىلىك تەرەققىيات ھالقىلىرىغا ئىلمىي مۇئامىلە قىلىپ،   بالىلىرىمىزغا  ئائىلىدىمۇ  مۇۋاپىق پەيىت ۋە ئۇسۇلداساغلاملىق تەربىيىسى بىرىش بىرىش بىلەن  ،توغىرا بولغان قانۇن-تۈزۈم قارشىنى تىكلەشكە يىتەكلەپ،مەكتەپ ۋە جەمىيەتتە باشباشتاق بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنپ،زورۇر بولغان تەلەپلىرىنى ئۇرۇنداپ ،ئورۇنداپ بىرىشكە بولمايدىغان ياكى ھازىرچە ئۇرۇنلاشقا بولمايدىغان تەلەپلىرىنى سىلىق ئىلمىي يۇسۇندا قايىل قىلارلىق دەرىجىدە رەت قىلىشىمىز  لازىم.
7› بالىلار  بىرەر قىيىن مەسلىگە دۈچ كەلگەندە ئۇلارنى كۆپرەك ئىلھاملاندۇرپ ، ھەممە ئىشىغا چات كىرىۋالماي ياكى ئارىلىشىپ بىۋاستە ھەل قىلىپ بەرمەي ، قىيىنچىلىقنى قانداق يىڭىشىگە دىققەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى،مەسلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى كۇزىتىشكە ماھىر بۇلىشىمىز مەكتەپتىكى ئۈگىنىش ۋە تەربىيە ئەھۋالىنى ئۈزىدىن مۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن  سۇرۇشتە قىلىپ تۇرشىمىز لازىم .
8› ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پات-پات ئالاقىلىشىپ تۇرۇش ئارقىلىق  پەرزەنتلەرنىڭ مەكتەپتىكى بىكار ۋاقتىنى نېمىگە سەرپ قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولۇپ، توغىرا ،مۇۋاپىق بولغان دوست تۇتۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە سەگەك مۇئامىلە قىلىپ،ئوز-ئارا ئىتتىپاق بۇلۇپ چىقىشىپ ئۇتۇش ھەققىدە مەسلىھەت بىرىش، ئىمكانىيەت ياربەرسە دوستلىرىنىڭ ئۈگىنىش، تۇرمۇش  ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇشقا  تىرىشىشىمىز لازىم .
9› يۇقۇرقىلاردىن باشقا پۇرسەت بولسىلا سىنىپ مەسئۇلىغا،دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتمىگەن ئەھۋالدا تېلېفۇن قىلىپ،بالىلارنىڭ ئەھۋالىنىلا سۈرۈشتۈرۈپ قالماستىن ئوقۇتقۇچىنىڭ سالامەتلىكى،خىزمەت ئەھۋالى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرشىمىز،شۇ ئارقىلىق سىنىپ مەسئۇلى ۋە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئارلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپ بىمالال سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىنى يارتىشىمىز لازىم.
دىمەك، ئائىلە باشلىقلىرى (ئاتا-ئانا) سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەن  يېقىندىن ھەمكارلىق ئورنىتىپ يۇقۇرقى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بەرگەندىلا  چوقۇم كوزلىگەن مەخسەتكە يىتەلەيمىز دەپ قارايمەن.
ئاپتۇر؛ ئۆزەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-1 22:12  



Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  403
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1453
تۆھپە : 10
توردا: 160
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-2 17:23:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
   بولسا ناھيىمىزدىكى ئۇقۇتقۇچىلار ئاتا -ئانىلارغا بولغان تەكلىپ پىكىرنى ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇپ قويسا ياخشى بولغۇدەك ، بونداق بولسا ئىككى تەرەپ   كەڭ كۇشادە پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ !


ئۆز يۇلۇمدا مېڭۋاتىمەن ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

رەسىمسىز نۇسقا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-4-1 15:59 , Processed in 0.192396 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش