گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 648 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 217|ئىنكاس: 2

ئانىنىڭ ساپاسى — بالىنىڭ پەزىلىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
148
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2403
تۆھپە : 362
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 00:27:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلار پائالىيىتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئائىلىدە ئاتا – ئانا بىلەن، بولۇپمۇ ئانا بىلەن ئۆتىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئاتا – ئانىنىڭ ئەدەپ – ئەخلاق، مەدەنىيەت ساپاسى بالىلار پەزىلىتىنىڭ يېتىلىشىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئانىنىڭ ساپاسىنىڭ تەسىرى تولىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. شۇڭا ئانىلار(بولۇپمۇ ياش ئانىلار)نىڭ تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمىكى زۆرۈردۇر:



1. مۇئەييەن بىلىم ساپاسىغا ئىگە بولۇش كېرەك. بۇ ساپا قانداقتۇر بىر كىمنىڭ نوقۇل ھالدا قايسى مەكتەپتە، قانداق مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىنىلا ئەمەس، بەلكى ھەربىر ئاتا – ئانا بولغۇچىنىڭ، بولۇپمۇ ئانىنىڭ بالىنى قانداق تەربىيىلەش، ئۇلارغا ئۈن – تىنسىز قانداق تەسىر قىلىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى ئانىلار(بولۇپمۇ ياش ئانىلار) مۇئەييەن بىلىم ئاساسىغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما بالىسى ئالدىدا ئۆزىنى قانداق تۇتۇش، ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتە ئۇلارغا قانداق ئۈلگە بولۇش، ئىنساب – دىيانەتكە قانداق ئۈندەش قاتارلىق جەھەتلەرگە ئانچە دىققەت قىلمايدۇ. بۇ ھەقتىكى تەلەپلەرنى ئاغزىدا دەيدۇ – يۇ، ئۇنىڭغا ئۆزى ئەمەل قىلمايدۇ. بۇنداق تەربىيە بىھۇدە ئۇرۇنۇش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ، خالاس. شۇڭا ئانىلار(ئاتىمۇ) بالىلارنىڭ ‹‹ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق›› بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بالىلىرىغا ئەمەلىي ئۈلگە بولۇشتىكى ھەربىر نازۇك ھالقىغىچە دىققەت قىلىدىغان ساپانى ھازىرلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.



2. مۇئەييەن مەدەنىيەت ساپاسىغا ئىگە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەتلىك، ئەخلاقلىق ئانىنىڭ ئىش – ھەرىكىتى تەرتىپلىك بولۇش بىلەن بىللە، گەپ – سۆزىمۇ ئىلمىي، مەدەنىي بولىدۇ. مەن بىلىدىغان بىرەيلەن دائىم بالىسىنى ‹‹ساراڭ››، ‹‹دۆت››، ‹‹كالۋا›› دېگەندەك سەت گەپلەر بىلەن ئەدەپلەيدۇ. بۇ قانداق تەربىيە؟ بالىلارنىڭ ئالدىدا تىلغا قانداق يۈگەن سېلىش، ئۇلارنى روھەن ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق سۆزلەردىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىش، ئەلۋەتتە، شۇ ئاتا – ئانىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىغا باغلىق. بىلىش كېرەككى، سىز ‹‹ساراڭ››، ‹‹دۆت››، ‹‹كالۋا›› دەپ غۇرۇرىغا تەگكەن بالا زىيادە ئەقىللىقلاردىن بولمىسىمۇ، ‹‹كالۋا›› ئەمەس. ئۇ ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدۇ، كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىنى ئەستە تۇتالايدۇ، شۇ ئاساستا تەپەككۇر قىلالايدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقىنى بېيىتىش – بېيىتالماسلىق سىزنىڭ مەدەنىيەت ساپايىڭىزغا باغلىق. شۇڭا بۇ جەھەتتە يېتەرلىك ساپا ھازىرلاشقا جىددىي ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر.



3. تەلەپتە ئىلمىي، قاتتىق بولۇش، كۆيۈنۈشتە چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك. تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جان – جانىۋارلار بالىلىرىنى باقىدۇ، ئۇلارغا كۆيۈنىدۇ. شۇنداق ئىكەن، تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەمنىڭ بالىلىرىنى بېقىشى، ئۇلارغا كۆيۈنۈشى تەبىئىي ھالدۇر. لېكىن بۇنىڭدا ئىلمىي، قاتتىق تەلەپ بىلەن چەكلىك كۆيۈنۈشنىڭ بىرلىكى بولغاندىلا، بالىلارنى تەربىيىلەشتە كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى، يەنى ئۇلارنى مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، تەلەپچان، ئىنتىلىشچان، چىدامچان، ۋاپادار ئەۋلاد قىلىپ يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ. تەلەپ ئىلمىيلىك بىلەن بىرلەشمەي، نوقۇل قاتتىق بولسا، بالىلار بېزىپ قالىدۇ ياكى جۈرئەتسىز بولۇپ قالىدۇ؛ كۆيۈنۈش چەكتىن ئېشىپ كەتسە، بالا ھەمىشە، ھەر جايدا كۆيۈنۈشنىلا تەلەپ قىلىدىغان لايغەزەل، شەخسىيەتچى... بولۇپ چوڭ بولىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار(بولۇپمۇ ئانىلار) تەلەپتە ئىلمىي، قاتتىق بولۇشقا، كۆيۈنۈشتە چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.



4. ئانىلاردا چىدام – غەيرەت، تىرىشچانلىق بولۇشى كېرەك. دادىغا نىسبەتەن ئائىلىدە ئانىنىڭ يۈكى ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا ئانا بولغۇچى بالا ئۈچۈن مۇئەييەن بەدەل تۆلەش، ئائىلە، بالا ئۈچۈن ئۆزىنى مىننەتسىز بېغىشلاش روھىغا ئىگە بولۇشى؛ پىداكارانە تىرىشچانلىقى بىلەن بالىلارغا ئۈلگە بولۇشى، ئۆز ھەرىكىتى بىلەن بالىلىرىدا تىرىشچان، ئىنتىزامچان بولۇشتەك ئېسىل پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىشى زۆرۈر. ئەلۋەتتە، زامانىمىزدىكى چېچەن ئانىلار بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىقتىدار، ئارتۇقچىلىقلارنى ھازىرلىغان. شۇنداق بولغاچقا، بالىلىرىمىزنىڭ پەزىلەتلىك يېتىلىشىدىن ئۈمىدۋارمەن.
مەنبە : http://30ogul.com/


بىلىم ئىزدەنگۈچىلەرگەھەمرا . تۇرسۇن نىياز

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  695
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 18
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 17:15:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا كونىلار‹ ئانىلار بىر قولىدا بۈشۈك  تەۋراتسە ، يەنە بىر قۇلىدا جاھانى تەۋرىتىدۇ› دىگەن


Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2403
تۆھپە : 362
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 18:33:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەخنىسا يوللىغان ۋاقتى  2011-12-1 17:15
شۇڭا كونىلار‹ ئانىلار بىر قولىدا بۈشۈك  تەۋراتسە ، يەن ...

راس دەيسىز، ھەربىر ئانا بولغۇچى كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەشتە ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك.


بىلىم ئىزدەنگۈچىلەرگەھەمرا . تۇرسۇن نىياز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

رەسىمسىز نۇسقا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-4-1 15:34 , Processed in 0.147831 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش