گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 648 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 149|ئىنكاس: 1

مەۋلان گواڭدۇڭ فوشەن كۇلۇبىغا يۆتكەلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
10
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  651
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 71
تۆھپە : 32
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 21:08:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                           مەۋلان گواڭدۇڭ فوشەن كۇلۇبىغا يۆتكەلدى

شىنجاڭ گواڭخۇي كۇلۇبىنىڭ كونا توپچىسى،ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ يەنە بىر تەنتەربىيە چولپىنى مەۋلان تۇرسۇن ئۆتكەن ھەپتە فوشەنگە يىتىپ بىرىپ،كوماندا بىلەن رەسمى توختام ئىمزالىدى.ئۇ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە جوڭگۇ كەسپى ۋاسكىتبۇل كۇلۇبلىرى مۇسابىقە خەرىتىسىدە ئەڭ غەرىپتىن ئەڭ جەنۇپقا يۆتكەلدى.ئىگىلىنىشچە گواڭخۇي مەۋلان يۆتكىلىش بازىرىغا سالغان كۈنىلا فوشەن كۇلۇبىغا قوشۇلغان.
مەۋلان تۇرسۇن،شىنجاڭ گواڭخۇي ئۇچار يولۋاس كوماندىسىنىڭ كونا توپچىسى بولۇپ،2002-يىلى شىنجاڭ كوماندىسى غەلبىلىك ھالدا ئا دەرىجىگە ئۈزۈپ چىققاندىلا كوماندىدا بار ئىدى.21 ياشلىق مەۋلانمۇ شىنجاڭ كوماندىسىدىن چولپانلار بىرلەشمىسىگە كىرگەن شىنجاڭلىق توپچى بولۇپ قالغان.ئۆتكەن يىلى مەۋلاننىڭ بىيجىڭ كوماندىسىدا توپ ئوينايدىغان ئىنىسى مەردان شىنجاڭ كوماندىسغا قايتىپ كەلدى،ئاكا-ئۇكا ئىككىسى مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ بىر پەسىل جەڭ قىلدى.بۇ يىل شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىچكى سىپىدە «ئادەم كۆپ»بولغاچقا مەۋلانغا يۆتكىلىش بازىرىدا تاختا ئىسىلغاندى.موخبىر ئۇنىڭدىن بۇ يۆتكىلىشكە قانداق قارايدىغانلىغىنى سورغاندا،كەسپى توپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ خىل ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىمەن.
موخبىر ئۇنىڭدىن گوڭدۇڭغا كەلگەندىن كىيىنكى ھىسياتىنى سورىغاندا ئۇ مۇنداق دىدى:«بۇ يەر بەك ئىسسىق،ئۈرۈمچىدە ئىككى بۇرۇن قار ياغقاندى،مەن ھاۋارايىغا ئازراق كۆنەلمىدىم،بايا مەشىقتە سەل مەشىق قىلىپلا چارچاش ھىس قىلىۋاتىمەن،بەلكىم ئازراق ۋاقىت ئۆتسە كۆنۈپ كىتىشىم مومكىن».
موخبىر :يىمەك –ئىچمەك جەھەتتە كۆنەلىدىڭىزمۇ؟
مەۋلان:كۇلۇپ تەرەپ ماڭا مەخسۇس ئۇستام تەكلىپ قىلىپ،مۇسۇلمانچە تاماق ئىتىپ بىرىۋاتىدۇ،تۇرمۇش جەھەتتە بەك قىيلىنىپ كەتمىدىم.
موخبىر ئاڭلىشىمچە شىنجاڭدىن بىر چوڭ خالتىدا نان ئەپكەپسىز-ھە؟
مەۋلان:شۇنداق،بەزى ۋاقتىلاردا،كەچلىرى قورسىقىم ئىچىپ قالسا،پارچە يىمەكلىك ئورنىدا يەيمەندە.
موخبىر:چىچىڭىزنى چۈشۈرۋىتىپسىز،بۇ ھەممىنى قايتىدىن باشلاشقا ئىرادە قىلغىڭىنىزمۇ؟
مەۋلان:ياقەي،بۇنىڭ باشقا مەنىسى يوق،بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ئىسسىق بولغاچقا،چاچ ئۇزۇن بولسا مەشىق جەريانىدا تەرلەپ،بەك بىئارام بولۇپ كىتىدىكەنمەن،شۇڭا چۈشۈرۋەتتىم،باشقا مەنىسى يوق.
ئۇنىڭدىن باشقا موخبىر مەۋلاندىن شىنجاڭ ھەققىدە سوئال سورىغاندا مۇنداق دىدى«كوماندىدىن تۇيۇقسىز ئايرىلىپ بۇ يەرگە كەلدىم،پۈتۈن جەريان بەك تېز بولۇپ كەتتى،بۇنى بەك تەستە قوبۇل قىلدىم،ھەم ئاتا-ئاناممۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كونا توپچىللىرى،ئۇلاردىن ئايرىلىش ماڭا سەل تەس كەلدى».
موخبىر: يىڭى پەسىلدە قانداق ئۈمىتلىرڭىز بار؟
مەۋلان:ۋاسكىتبۇل بىر كوللىكتېپ تۈر،مەن تېزلا كوماندىغا سىڭىپ كەتسەم دەيمەن،كوماندىسىنىڭ يىڭىشىگە تۆھپە قوشسام دەيمەن.ئۇنىڭدىن باشقا سەبداشلىرىمدىن تېرىشىپ ئۈگىنىمەن.بىردىنبىر ئۈمىدىم گواڭدۇڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىش.




دىلمۇرات

Rank: 4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 6
تېللا: 2810
تۆھپە : 1610
توردا: 269
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 23:23:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئويغۇر خەلقىنىڭ تەنتەربىيە چولپىنى مەۋلان تۇرسۇننىڭ تېخىمۇ زەپەر قۇچۇشىنى تىلەيمەن!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

رەسىمسىز نۇسقا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-4-1 18:45 , Processed in 0.150239 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش