گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 648 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 196|ئىنكاس: 1

خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا كېسەل جۈملىلەرنى تۈزىتىش ئۇسۇللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
16
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  648
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 118
تۆھپە : 6
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 22:41:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچى بولۇشنى ئالدى بىلەن ساۋات چىقىرىشتىن باشلاش ،مۇزىكانت بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن نوتا ئۆگىنىش لازىم ،شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئاسمانغا تاقاشقان ھەيۋەتلىك بىنالارنى سېلىش ئۈچۈنمۇ ئالدى بىلەن ئۇلنى ياخشى سېلىش لازىم.دىمەك ،ھەرقانداق ئىشتا مۇۋەپپىقيەت قازىنىمىز دەيدىكەنمىز، ئىشنى ئاساسىدىن باشلىشىمىز لازىم . خەت –سۆزنىڭ ئاساسى،سۆز –جۈملىنىڭ ئاساسى، جۈملە – تىلنىڭ ئاساسى، تىل-ئىنسانلارنىڭ ئالاقىلىشىش قورالى. مەيلى كىم بولىشىدىن قەتتىنەزەر،بىر تىلنى ياخشى ئىگەللەيمەن دەيدىكەن، ھەممىسىلا خەت، سۆز ، جۈملە ئۆگىنىشتىن قول سېلىش لازىم.
مەن مەزكۇر ماقالىدە خەنزۇ تىلىدىكى جۈملىنىڭ ئالاھىدىلىگىنى چۆرىدەپ ، مىللى ئوقۇغۇچىلار خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا ئاسان خاتالىشىدىغان ،كۆپ خاتالىشىدىغان خاتالىقلارنى ئاساس قىلىپ ھەم بۇ خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ،مۇۋاپىق تۈزىتىش ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن .
بىرىنچى، كېسەل جۈملە ئۇقۇمى
بىرىنچى، كېسەل جۈملە دىگەن نىمە؟
جۈملە - بىر پۈتۈن ئاياغلاشقان ئوي –پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان تىل بىرلىگى، ئۇ سۆز ۋە سۆز بىرىكمىسىنىڭ مۇئەييەن تەرتىپ بويىچە بىرىكىشىدىن تۈزۈلىدۇ. بىر جۈملىنىڭ ئىپادىلىگەن بارلىق سېمانتېكىلىق مەنىسى بىلەن جۈملىنىڭ تۈزۈلۈش شەكلى بىردەك بولۇشى كېرەك، شۇنداقلا بارلىق سىمانتېكىلىق مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر توغرا تاللىنىشى كېرەك، شۇنداقلا ئۇلارنى بەلگىلىك گىراماتىكىلىق تەرتىپ ، قاتلام ۋە تۈزۈلۈش مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن قوراشتۇرۇش كېرەك. مۇبادا بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرتۈردىن  چاتاق چىقسىلا  جۈملىدە كېسەللىك كۆرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا كېسەل جۈملە- بىر ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا سۆزلەر كەم ئىشلىتىش، خاتا ئىشلىتىش،سۆزلەرنىڭ تەرتىپى ئالمىشىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىپادىلەش خاتالىغى كۆرۈلگەن نوقساننىڭ ئومۇمى ئاتىلىشىدۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا كېسەل جۈملىنىڭ كۆرستىدىغىنى تۈزۈلۈشى تۇلۇق ، سۆز-جۈملىلىرى راۋان ، ئىپادىلىگەن مەنىسى ئېنىق ، چۈشىنىشلىك بولمىغان ھەتتا خاتا بولغان جۈملىلەردۇر.
خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشتىن مەقسەت خەنزۇلار بىلەن نورمال ئالاقە ئېلىپ بېرىش بولۇپلا قالماستىن يەنە ھازىرقى جوڭگو جەميىتىدە ئۆگىنىش ،خىزمەت قىلىشنىڭ ئەقەللى شەرتى بولۇپ قالدى، مۇبادا بۇ تىلىنى ئۆگىنىش ياخشى بولمىسا ئوقۇغۇچىلار كېيىن كۆڭلىدىكىنى خەنزۇچە ئىپادىلەشتە قىينىچىلىققا يۇلۇقۇپ ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ،خىزمەت ۋە خەنزۇلار بىلەن بولغان نورمال ئالاقىسىگە تەسىر يىتىپ ،ئۇلارغا كۈتۈلمىگەن قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.مۇبادا بىر ئوقۇغۇچى تاپشۇرۇق دەپتىرىگە:
»我的妹妹天真活泼;聪明可爱,已上四年级了。由于她学习态度明确,又掌握了正确的学习方法,并且有良好的学习习惯, 加上刻苦学习的精神,因为,学习取得了好成绩。«
دەپ يازسا بۇ جۈملىگە ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ يۇقۇرى باھا بېرىشى مۈمكىن ئەمەس ، سەۋەبى بۇ جۈملىدە سۆزلەر چۈشۈپ قېلىش ، خاتا ئىشلىتىش ، مەنە تەكرارلىنىپ قېلىش قاتارلىق كۆپ خىل نوقسان ساقلانغان بولۇپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ جۈملىنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ، مەنىنى توغرا ئىپادىلەيمىز دەيدىكەنمىز ، ھىچبولمىغاندا ، ھەربىر جۈملىنىڭ تىل قانۇنىيتى ۋە لوگىكىلىق تەپەككۈرگە خىلاپ بولماسلىغىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم ،ئۇنداق بولمايدىكەن كېسەل جۈملە كېلىپ چىقىدۇ.
جۈملىنى تۈزىتىش بولسا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشنىڭ بىر ئاساسى تەركىۋى قىسمى  ، شۇنداقلا خەنزۇ تىلى ئىمتىھانىدا دائىم ئۇچرايدىغان سۇئال شەكىللىرىنىڭ بىرى ، كېسەل جۈملىلەرنى تۈزىتىش مەشىقىنىڭ مەقسىدى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى قوللىنىشنىڭ ئادەتتىكى قانۇنيەتلىرىنى ، ئادەتتىكى ئۇسۇلىنى ئىگەللىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلاردا خەنزۇ تىلنى توغرا قوللىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت . ئۇنداقتا كېسەل جۈملىلەرنى تۈزىتىش مەشىقىنى قانداق ئېلىپ بارغاندا ، كېسەل جۈملىلەرنى تۈزىتىش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتەرگىلى بولىدۇ؟ ئالدى بىلەن بىز كېسەل جۈملىلەرنىڭ تىپىنى بىلۋېلىپ، جۈملە تۈزىتىشنىڭ ئادەتتىكى ئۇسۇلىنى ئىگەللىۋېلىشىمىز لازىم . ئاندىن يىتەرلىك مەشىق قىلىپ نەزىريە بىلەن ئەمىليەتنى بىرلەشتۈرۈپ ، ئۆزىمىزنىڭ كېسەل جۈملىلەرنى تۈزىتىش ئىقتىدارىمىزنى يۇقۇرى كۆترۈپ ،مەيلى  تىلدا ئالاقىلىشىش بولسۇن ياكى جۈملە تۈزۈپ يېزىش بولسۇن، دىمەكچى بولغان مەزمۇننى توغرا ئىپادىلەپ ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۆزىمىزگە خاس ئۇسلۇب يارىتىپ، ئوقۇتۇش ئەمەلىيتىدە جانلىق پايدىلنىشىمىز لازىم.
ئىككىنچى، كېسەل جۈملىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئۈچ چوڭ پىرىنسىپى
1.        قاراتمىلىق بولۇش پىرىنسىپى
قاراتمىلىق بولۇش پىرىنسىپى ، كېسەل جۈملىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن بۇ جۈملىدە زادى نىمە نوقسان بارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىپ، كېسەل جۈملىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈزىتىشنى كۆرستىدۇ. دىمەك نەدە نوقسان بولسا ، شۇ يەرنى ئۆزگەرتىش ؛ قانداق نوقسان بولسا شۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىپ كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش دىمەكتۇر. مەسىلەن:
《班会上, 阿里木建议开展读书活动,阿地力建议开展影评活动, 我同意他的意见。》
ئېنىقكى بۇ بىر كېسەل جۈملە ، بىراق كېسەللىك سەۋەبى نىمە، يەنىمۇ كۆڭۈل قويۇپ بىر قانچە قېتىم ئۇقۇساق بايقايمىزكى ، بۇ جۈملىدىكى «我» ،ئالىمنىڭ پىكرىگە قوشۇلدىمۇ ياكى ئادىلنىڭ پىكرىگە قوشۇلدىمۇ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس . جۈملىدىكى  «他» كىمنى كۆرستىدىغانلىغىنى بىۋاستە ئۇچۇق ئېيتقاندىلا جۈملە ئېنىق بولىدۇ. بۇنى :
《班会上, 阿里木建议开展读书活动,阿地力建议开展影评活动, 我同意阿地力的意见。》
مۇشۇنداق ئانالىز قىلىش، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كېسەللىك سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى ، شۇنداقلا كېسەلگە قاراپ دورا بەرگىلى بولىدۇ.
2.        چىنلىق پىرىنسىپى (ئەسلى مەنىسىگە سادىق بولۇش پىرىنسىپى)
بۇ دىگىنىمىز جۈملە تۈزەتكەن ۋاقتىدا سىزنىڭ قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنشىڭىزدىن قەتتىنەزەر ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى جۈملىنىڭ ئىپادىلەش شەكلىدە ئازغىنە قوشۇش ،چىقىرىپ تاشلاش بولسىمۇ بىراق جۈملىنىڭ مەنىسى قىلچىمۇ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىگى كېرەك . مەسىلەن: « 西湖的春天是游览的好地方»نى « 西湖的春天是游览的好时候» دەپ ئۆزگەرتىشكىمۇ ،   « 西湖是游览的好地方» دەپ ئۆزگەرتىشكىمۇ بولىدۇ. بىراق  « 西湖是个美丽的地方» دەپ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
3.        ئىخچام بولۇش پىرىنسىپى
ئىخچام بولۇش پىرىنسىپىنى يەنە «كۆپ تەرەپتىن تەھلىل قىلىپ،ئاز ئۆزگەرتىش» دەپ چۈشىنىشكىمۇ، ئۇ «قوشۇش، ئۆچۈرۈش، رەتلەش، ئالماشتۇرۇش » قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ جۈملىنى تۈزەتكەن ۋاقتىدا ، ئىمكانقەدەر ئاز يۆتكەش، ئىمكانقەدەر ئاز ئۆزگەرتىش ، چوڭ كۆلەمدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارماسلىقنى كۆرستىدۇ. مەسىلەن: 《她穿着一双黑皮鞋,一顶蓝礼帽》دا《帽子》غا 《穿》 نى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، شۇڭلاشقا «قوشۇپ تۇلۇقلاش» ئۇسۇلىنى  قوللىنىپ 《一顶蓝礼帽》نىڭ ئالدىغا 《戴着》دىگەن ئىككى خەتنى قوشۇش كېرەك. يەنە مەسىلەن : 《北京是个美丽的景色》دا  «ئالماشتۇرۇش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ نى 《地方》نى 《景色》نىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرغاندا جۈملە راۋانلىشىدۇ. يەنە 《我不禁忍不住笑出声来》   دە «ئۆچۈرۈپ تاشلاش » ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، 《忍不住》ياكى《不禁》 نى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ مەنە تەكرارلىغىدىن ساقلىنىش لازىم.
ئۈچىنچى ، كېسەل جۈملىنى تۈزىتىشتىكى تۆت باسقۇچ
كېسەل جۈملىنى تۈزىتىش ئادەتتە تۆت باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلدۇ،ئۇنىڭ كونكىرت قەدەم –باسقۇچ ۋە ئۇسۇلى تۆۋەندىكچە:
بىرىنچى باسقۇچ: ئوقۇش
جۈملىنى ئەستايدىل ئوقۇپ ئەسلى ئىپادىلمەكچى بولغان مەنىسىنى بىلۋېلىش لازىم . «杭州是座美丽的城市» بۇ جۈملىنىڭ بىزگە دىمەكچى بولغان ئۇرۇن «杭州» ،يەنە بىزگە خاڭجۇنىڭ بىر«城市» ئىكەنلىگىنى ئېيتىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنداقلا بىزگە خاڭجۇنىڭ بىر  «美丽»شەھەر ئىكەنلىگىنى ئېيتىپ بېرىۋاتىدۇ. پەقەت بىر پۈتۈن مەنە ئىپادىلنىپلا قالماستىن بەلكى يەنە لوگىكىلىق پىرىنسىپقىمۇ ئۇيغۇن بولغاچقا بىز بۇ جۈملىنى توغرا دىيەلەيمىز . شۇڭلاشقا بىز كېسەل جۈملىنى تۈزەتكەن ۋاقتىمىزدا ئەستايدىللىق بىلەن تۇلۇق ئوقۇپ چىقىشىمىز كېرەك ،يەنى جۈملىنىڭ مەنىسى تۇلۇق،ئېنىق  ئىپادىلەندىمۇ –يوق، سۆزلەرنىڭ تەرتىپى مۇۋاپىقمۇ –يوق،جۈملىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى كۈندىلىك تىل ئىشلىتىش ئادىتىگە،ئىش-ۋەقەلەرگە ئۇيغۇنمۇ-يوق، جۈملىدىكى تەسۋىرلەر مۇۋاپىق بولدىمۇ-يوق قاتارلىقلار.
ئىككىنچى باسقۇچ : ئىزدەش
كېسەللىك ئەھۋالىنى ئىنىچكىلەپ ئانالىز قىلىپ كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش لازىم . كېسەل جۈملىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا ئۇ قايسى تۈردىكى كېسەل جۈملىگە تەۋە ئىكەنلىگىنى چوقۇم ئىنىچكىلەپ ئانالىز قىلىپ ئۇنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش لازىم .بۇ كېسەل جۈملىنى تۈزىتىشتىكى ھالقىلىق بىر قەدەم . دائىم كۆرۈلدىغان تىل نوقسانلىرىدىن: سۆز ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولماسلىق ، باغلىغۇچىلارنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولماسلىق، سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، جۈملە تەركىبى تۇلۇق بولماسلىق ، جۈملىنىڭ تەكرارلىنىشى راۋان بولماسلىق ، مۇۋاپىق ماسلاشماسلىق، سۆز تەرتىپى خاتا بولۇش ، جۈملە شەكلىنىڭ قوللىنىلىشى مۇۋاپىق بولماسلىق، جۈملىنىڭ مەنىسى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىقلاردۇر. كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كېسەل جۈملىلەرنى ئانالىز قىلىپ كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىققاندىلا ئاندىن كېسەلگە قارىتا دورا بەرگىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچ: ئۆزگەرتىش
كېسەللىك سەۋەبىنى ئانالىز قىلىپ چىققاندىن كېيىن ، كېسەل جۈملىدە كۆرۈلگەن نوقسانغا ئاساسەن ئۇنى توغرىلاش لازىم. بىر ئاچقۇچتا پەقەت بىرلا قۇلۇپنى ئېچىشقا بولىدۇ. كېسەل جۈملىنى تۈزىتىشنىڭ ئۈچ پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تۈزىتىش بەلگىسىدىن پايدىلنىپ ئۆچۈرۈش ، تۇلۇقلاش، ئالماشتۇرۇش، يۆتكەش ئېلىپ بېرىش. يەنى  ئارتۇقچە ياكى خاتا سۆزلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ ، جۈملىنى ئاددىلاشتۇرۇش؛ جۈملىدىكى كەمتۈك تەرەپلەرنى تۇلۇقلاپ جۈملىنى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىش؛ مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئورنىغا مۇۋاپىق سۆزلەرنى ئىشلىتىش؛  ئالدى –ئارقىغا سۈرۈپ ، سۆزلەرنىڭ ئورنىنى رەتلەپ سۆز تەرتىپنى توغرىلاش لازىم.
تۆتىنچى باسقۇچ : تەكشۈرۈش
كېسەل جۈملىنى تۈزىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم تەكشۈرۈش لازىم: بىرىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئۆزى تېپىپ چىققان كېسەللىك سەۋەبى توغرىمۇ –خاتا ؛ ئىككىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈشتە كېسەل جۈملىنى تۈزىتىش توغرا بولدىمۇ-يوق، ئۈچىنچى قېتىمدا بولسا كېسەل جۈملىنى تۈزەتكەندىن كېيىن جۈملىنىڭ ئەسلى مەنىسى ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ-يوق دىگەنلەرنى ئاساس قىلىش ، مۇبادا مەسىلە بايقالسا قايتا تۈزىتىش لازىم.
ئومۇمەن، كېسەل جۈملىنى تۈزىتىش بەلگىلىك قەدەم باسقۇچلار بويىچە ئېلىپ بېرىلدۇ، بۇنى « ئەستايدىل ئوقۇش بولسا جۈملىنىڭ ئاساسى، كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش مۇھىم ھالقا، قەلەم تەۋرىتىپ تۈزىتىشتە پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش، تۈزەتكەندىن كېيىن سەۋرچانلىق بىلەن تەكشۈرۈش» دىگەن جۈملىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
تۆتىنچى: كېسەل جۈملىنى تۈزىتىش ئۇسۇلى
1) تۇلۇقلاش ئۇسۇلى
تۇلۇقلاش ئۇسۇلى –سۆز مەنسىدىنلا چىقىپ تۇردۇكى، جۈملىدىكى كەم قالغان تەركىپلەرنى قوشۇپ تۇلۇقلاپ جۈملىنى مۇكەممەل،مەنىسى ئېنىق قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ ئۇسۇل ئاساسلىغى جۈملە تەركىبلىرى كەم قالغان جۈملىلەرگە قارىتىلغان ، مەسىلەن: «这一本有趣的神话故事书»   ئېنىقكى بۇ جۈملىدە خەۋەرنىڭ بىر مۇھىم ئامىلى چۈشۈپ قالغان بولۇپ چوقۇم تۇلۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنپ تۈزەتكەندىلا ئاندىن بۇ جۈملىنىڭ ئىپادىلمەكچى بولغان مەنىسىنى توغرا ئىپادىلەپ چىققىلى بولىدۇ. تۈزىتىش ئۇسۇلى بولسا كەم قالغان تەركىپنى قوشۇشتىن ئىبارەت بولۇپ مۇنداق تۈزىتىشكە بولىدۇ: 这是一本有趣的神话故事书». يەنە مەسىلەن : «晚会上, 表演了许多精彩的节目» بۇ جۈملىدىكى «表演»نىڭ ئالدىغا ئىگە «同学们» ياكى «我们» قاتارلىقلار قوشۇلىشى كېرەك. پەقەت جۈملىنىڭ ھەر بىر بۆلىكى تۇلۇق بولغاندىلا ئاندىن ئۇنى بىر جۈملە دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا ئۇ پەقەتلا بىر سۆز بىرىكمىسى ياكى بىر دۈۋە تىل بەلگىسىدىنلا ئىبارەت-خالاس.
2) ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى
ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى بولسا ،جۈملىدىكى ئارتۇقچە تەركىپلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ،جۈملىنىڭ مەنىسىنى ئېنىق، چۈشىنىشلىك قىلىشنى كۆرستىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئاساسلىغى ئەزمە، تەكرارلانغان جۈملىلەرگە قارىتىلدۇ ، مەسىلەن، « 西湖的景色秀丽,风景优美»دىگەن جۈملىدىكى«景色秀丽» ۋە «风景优美»  دە ئېنىقكى سۆز مەنىسى تەكرارلانغان بولۇپ ئىككىسىدىن بىرىنى ئۆچۈرۋېتىش كېرەك .يەنە مەسىلەن، «弟弟吧作文中不正确的错别字都订正了» دىگەن جۈملىدىكى«不正确» دە «错别»نىڭ مەنىسى تەكرارلانغان، تۈزىتىش ئۇسۇلى بولسا «不正确»ياكى «错别» دىن ئىككىسىنىڭ بىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ  «弟弟吧作文中不正确的字都订正了»ياكى «弟弟吧作文中的错别字都订正了» قىلىپ تۈزىتىش كېرەك.
3) ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى
ئالماشتۇۇرش ئۇسۇلى بولسا جۈملىدە خاتا ئىشلىتىلگەن ياكى كونتېكىستقا ئۇيغۇن كەلمىگەن سۆزلەرنى مۇۋپىق بولغان سۆزلەرگە ئالماشتۇرۇپ ، جۈملىدىكى ھەرقايسى تەركىپ ،ھەرقايسى سۆزلەرنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ  ئاساسلىق مەزمۇننى تېخىمۇ توغرا ئىپادىلەشنى كۆرستىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ جۈملىنى تۈزىتىشتىن ئىلگىرى ،ئەڭ مۇھىمى جۈملىدىكى قايسى سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشى مۇۋاپىق بولمىغانلىغىنى ، شۇنداقلا قايسى خىل خاتالىق ئىكەنلىگىنى تېپىپ چىقىش لازىم (مەنىداش سۆزلەرنى خاتا ئىشلىتىش، ئىشلىتىش دائىرسى توغرا بولماسلىق،سۆزلەرنىڭ ماسلىشىشى مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىقلار) . مەسىلەن: «不管你信不信,事实才是事实» ئىنىچكىلەپ تەھلىل قىلساق بايقايمىزكى «不管……才是…..» نىڭ بۇ جۈملىنىڭ مەنىسىگە ماس كەلمىگەنلىگىنى بايقايمىز، شۇڭلاشقا«才是» نى «就是» غا ئۆزگەرتكەندىلا ئاندىن بۇ جۈملە لوگىكىغا ئۇيغۇن بولىدۇ. يەنە مەسىلەن، «昨天的值日生把教室打扫得整整齐齐»  بۇ جۈملىدىكى «整整齐齐» دىگەن سۈپەت «打扫得» غا پەقەتلا ماس كەلمىگەن ، شۇڭا «干干净净» قىلىپ ئۆزگەرتىش كېرەك.
4) ئورنىنى رەتلەش ئۇسۇلى
ئورنىنى رەتلەش ئۇسۇلى بولسا جۈملىدىكى تەرتىپى مۇۋاپىق بولمىغان سۆزلەرگە رەتلەش ئېلىپ بېرىپ جۈملە قۇرۇلمىسى ئېنىق ،مەزمۇنىنى ئىش-ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى كۆرستىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئاساسلىغى سۆز-ئىبارىلەر قالايمىقان جۈملىلەرگە ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن: «我们通过并讨论了中队计划» نى ئوقۇغاندىن كېيىن بىزنىڭ ئالدى بىلەن بايقايدىغىنىمىز «通过» يەنە « 讨论» ئىش-ۋەقەلەرنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىپىگە ئۇيغۇن بولدىمۇ-يوق، چوقۇم ئالدى بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ ئاندىن ماقۇللىنىدۇ، شۇڭا «我们讨论并通过了中队计划» قىلىپ تۈزىتىش لازىم. يەنە مەسىلەن، « 北京博物馆展出了二百万年前新出土的黄河象化石» بۇ جۈملىدىكى «二百万年前» نى «新出土» نىڭ ئالدىغا قويۇپ ئوقۇرمەنلەردە ئاسانلا«二百万年前新出土的» (ئىككى مىليۇن يىل ئىلگىرى يېڭى بايقالغان ) دىگەن خاتا چۈشىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ،  شۇڭا بۇ جۈملىنى «北京博物馆展出了新出土的二百万年前的黄河化石» قىلىپ تۈزىتىش كېرەك.
بەشىنچى، كېسەل جۈملىنى تۈزەتكەن ۋاقتىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مەسىللەر
1.دىئالىكتىك «توغرا» لىغىغا قاراش
تىل كۆپ مەنىلىككە ئىگە. بىر سۆز ئوخشاش بولمىغان تېكىستتە ئوخشاش بولمىغان مەنىگە ئىگە بولۇشى مۈمكىن ،شۇنداقلا بىر تېكىستتىكى ئوخشاش بولمىغان ئۇرۇنلاردىمۇ ئوخشاش بولمىغان مەنىلەرگە ئىگە بولۇشى مۈمكىن ، ئوخشىمىغان نەزەر، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكلەرنىڭ چۈشىنىشىمۇ ئوخشاش بولماسلىغى مۈمكىن ، شۇ سەۋەپتىن قارىماققا خاتادەك كۆرۈنگەن بىر جۈملە كونكىرت تىل شارائىتىدا ئېھتىمال ئەقىلغا مۇۋاپىق ، مەلۇم نوقتىدىن قارىغاندا توغرا بولۇشىمۇ مۈ مكىن، مانا بۇ دىئالىكتىكىلىق «توغرا» بولۇپ تۈرلۈك رامكىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرمايدۇ. مەسىلەن: «两个铁球同时落地» دىكى «伽利略反复做了许多次试验 »، يەنە « 十里长街送总理»دىكى «老奶奶焦急而有耐心地等待着» قاتارلىقلار . تىلنىڭ ئۆز قاتلىمىدىن قارىغاندا مەسلە ساقلانغان بولۇپ، كېسەل جۈملە دەپ قارىغان بەزى جۈملىلەر  ئىپادىلەشكە ئېھتىياجلىق نوقتىدا تۇرۇپ قارىغاندا ، كېسەل ھىسابلانمايدۇ، بەلكى ئەكسىچە ناھايىتى توغرا ھەم جانلىق بولۇپ خاتا دىيىشكە بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار خەنزۇچە ئېغىز تىلىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ.
«قائىدە» نىڭ ئەكىس ئەتتۈردىغىنى ئادەتتىكى ئەھۋاللار، شۇڭا ئادەتتىكىدىن سىرت يەنە «ئالاھىدە ئەھۋاللار» نى مۇلاھىزە قىلىپ، ئادەتتىكچە بىلەن «ئالاھىدە ئەھۋاللار» نىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ ،ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن تىلنى جانلىق قوللىنىش كېرەك. مۇبادا بۇنداق ئەھۋاللارغا ئەھمىيەت بەرمەي ھەمىشە «توغرا» بولۇشنىلا قوغلاشقاندا، ئېھتىمال «توغرا» جەريانىدا تەپەككۈر قاتماللىغى كېلىپ چىقىپ تېتىقسىز ، لاۋزا بىر نىمە بولۇشى مۈمكىن. شۇ سەۋەپتىن ، كېسەل جۈملىنى تۈزىتىشنى مەشىق قىلغاندا دىئالىكتىكىلىق «توغرا» لىقىغا قاراپ، جۈملىنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى پۇختا ئىگەللەش لازىم.
  2. «جۈملە مەنىسىنى ئۆزگەرتمەسلىك »نى چوڭقۇر چۈشىنىش لازىم .
«جۈملە مەنىسىنى ئۆزگەرتمەسلىك » ئاتالغۇسى كېسەل جۈملىنى تۈزىتىشتىكى بىر تۈرلۈك قائىدە بولۇپ ، ئۆزگەرمەس قائىدە دىيشكە بولىدۇ. سەۋەبى ناھايىتى ئاددى، يەنى جۈملىنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ كەتسە ئەسلىدىكى جۈملە باشقا بىر جۈملىگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ،گەرچە ئىپادىلەشتە مەسلە بولمىسىمۇ ،بىراق جۈملىنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ كەتكەچكە بۇنداق تۈزىتىشنى توغرا دىگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن: «他带着鲜艳的红领巾和雪白的衬衣»  نى «他带着鲜艳的红领巾,穿着雪白的衬衣» قىلىپ ئۆزگەرتىش ، ھەرگىزمۇ «和雪白的衬衣» نى ئۆچۈرۋەتمەسلىك كېرەك . بىراق ھەرقانداق ئىش نىسپىي بولغىنىدەك «جۈملە مەنىسىنى ئۆزگەرتمەسلىك» مۇ بىر نىسپىي ئۇقۇم .بىر جۈملىنى ئۆزگەرتكەن ئىكەنمىز ، ئۇنداقتا مەيلى بىر دانە تىنىش بەلگىسى ، بىر خەت ئۆزگەرسىمۇ جۈملىنىڭ مەنىسى ئۆزگەرمەسلىگى مۈمكىن ئەمەس ،پەقەت ئۆزگىرىش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ-خالاس. «ئۆزگەرمەيدۇ» دەيدىغان پاكىت يوق . ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىدە بۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ دائىرىسنى بەلگىلەش خېلىلا تەس بولىدۇ . مەسىلەن: «奶奶家养了许多鸡,鸭,牛,马等家禽»  دىگەن جۈملىنىڭ ئادەتتىكى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى بولسا كالا ۋە ئاتنى باشقا ئىككى خىل ئۆي قۇشلىرىغا ئالماشتۇرۇش بولۇپ ، بەزى ئوقۇغۇچىلار توخۇ ۋە ئۆردەكنى باشقا ئىككى خىل ئۆي ھايۋىنىغا ئۆزگەرتىشى مۈمكىن ،ئىككى خىل ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنىڭ ھەر ئىككىلىسى جۈملىنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزگىرىش دەرىجىسىمۇ ئاساسەن ئوخشاش بولغاچقا زادى كىمنىڭ توغرىلىقىغا بىر نىمە دىمەك تەس.
شۇ سەۋەپتىن، «جۈملە مەنىسىنى ئۆزگەرتمەسلىك» نىڭ بەلگىلىك دائىرىسى بولىدۇ،ئوقۇغۇچىلاردىكى پەرقلىقلىق ، كۆپ خىللىقنى مۇلاھىزە قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخشى خاراكتىرىگە ھۆرمەت قىلىپ ، بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەسلىك ھەم ئوقۇغۇچىلارغا مۇشۇنى ئۆلچەم قىلىش لازىم. ئومۇمى تەلەپتە ئوقۇغۇچىلارغا « جۈملە مەنىسىنى ئۆزگەرتمەسلىك»يەنى، تۈزەتكەن ۋاقتىدا جۈملىنىڭ ئەسلى مەنىسىگە ھۆرمەت قىلىشنى چۈشەندۈرۈش لازىم. بىراق كونكىرت مەشغۇلات قىلغان ۋاقتىدا بۇ تەلەپكە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇت-قولىمىزنى چۈشەپ قويماي، ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك ئۆزگەرتىش ئۇسۇللىرىنى تېپىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلانىڭ تەپەككۈرىنى ئەركىن قويۋەتكۈزۈش كېرەك.  
ئەركىن تەپەككۈر قىلىش مەشىقىمۇ كېسەل جۈملىنى تۈزىتىش مەشىقىنىڭ بىر مۇھىم مەقسىدى، تەپەككۈر ئەركىن بولغاندىلا ، ئاندىن تىلدا ئەركىن بولغىلى بولىدۇ. تىلدا ئەركىنلىك بولغاندىلا ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىلدا ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى ۋە تەرەققى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
3. تىل ئۆگىنىش ئەملىيتىگە جانلىق بىرلەشتۈرۈش
مۇبادا بىر ئادەم ھەمىشە يۈگۈرۈش ماشىنىسنىڭ ئۈستىدە يۈگۈرسە،ئېھتىمال ناھايىتى ياخشى،تېز يۈگۈرىشى مۈمكىن ، بىراق بىردىنلا يۈگۈرۈش ماشىنىسىدىن چۈشۈپ دالىغا چىقىپ يۈگۈرگەندە قىيىنچىلىق ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ، ھەتتا بىر قەدەممۇ ئىلگىرلىيەلمەيدۇ. كېسەل جۈملىنى ئۆزگەرتىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش . ھازىر يولغا قويلىۋاتقان كېسەل جۈملىنى تۈزىتىش مەشىقى بولسا بىر جۈملىنى ئۆزگەرتىش ياكى ئۆنۋېرسال ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. مەيلى قانداق بولۇشدىن قەتتىنەزەر تۈزىتىلگەن جۈملىنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسى  بىلەن مۇەييەن ئارلىق ساقلىغان مۇستەقىل ماتېريالدۇر. كېسەل جۈملىلەرنى بۇنداق ئۆزگەرتىشنىڭ بىۋاستە كەلتۈردىغان نەتىجىسى شۇكى ، ئوقۇغۇچىلار كېسەل جۈمىللەرنى تۈزەتكەندە نوقساننى تېپىشقا ناھايىتى پىشىپ ، جۈملە ئۆزگەرتىشتە چىۋەر «دوختۇر»غا ئايلىنىدۇ . «ئۆزگەرتىش » ۋە «ئىشلىتىش» نىڭ ئانچە باغلىنىشلىغى يوق.كېسەل جۈملىنى تۈزىتىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر تۈرلۈك تىل ئۆگىنىش ئەمەلىيتىدىن ئايرىلغان «مەشىق شەكلى» دىن ئىبارەت.
شۇڭلاشقا ، كېسەل جۈملىنى تۈزىتىش مەشىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئۆگىنىش ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلىشىشى لازىم . ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئۆگىنىش ئەمەلىيىتى بىلەن قانداق بىرلەشتۈرۈلىدۇ؟ بىرى بارلىق تېكىست مەزمۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، تېكىست مەزمۇننى قوللىنىپ كېسەل جۈملە تۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈزىتىشىگە تەمىنلەش كېرەك. يەنە بىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىلنى ئەمەلىي قوللىنىش ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈش . بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالىسىدىن بىر قىسىم تىپىكلىككە ئىگە بولغان جۈملىلەرنى يىغىپ ئوقۇغۇچىلارغا تۈزەتكۈزۈش لازىم. كېسەل جۈملە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالىسىدىن كەلگەنلىكتىن ،كېسەل جۈملىنى تۈزىتىش ناھايىتى كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشىق قىلىش قىزغىنلىغى يۇقۇرى،مەشىقنىڭ تەسىرىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر بولىدۇ.كېسەل جۈملىنى ئۆزگەرتىش مەشىقى ئارقىلىق ، ماقالە يازغاندا ئوخشاش تۈردىكى كېسەل جۈملە مەيدانغا چىقىشتىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ.كېسەل جۈملىنى تۈزىتىش مەشىقى چوقۇم «ئۆزگەرتىش» دائىرسىدىن ھالقىپ ، يەنىمۇ ئىجابى ، يەنىمۇ ئەھمىيەتلىككە ئىگە بولىدۇ.
دىمەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈزگەن جۈملىسىدىكى خاتالىقلارغا توغرا دىئاگنۇز قويۇپ ، تۈزىتىش ئۇسۇللىرىنى توغرا كۆرستىپ بېرىش ،ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىش، ئۆزلۈكسىز تەپەككۈر قىلىشنى تەلەپ قىلدىغان جاپالىق جەريان بولۇپ ، بۇ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرستىدىغان مۇھىم ھالقا ھېسابلىندۇ.
پايدىلانغان ماتېرياللار:                   常见错别字手册/  成玲主编, 人民文学出版社, 2004-7
中国中学生错别字易错词病句手册/ 严军主编, 中国少年儿童出版社, 2006-1
学生实用病句修改大全/  张云主编 , 中国工人出版, 2007-9  
学生常见病句的修改大全/ 邱天主编,中国文史出版
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە «شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلى 2009-يىللىق 1-2-قوشما سانىنىڭ «مۇكاپاتلىق ماقالە»سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ھەم «مۇنەۋۋەر ماقالە» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.



Rank: 4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 6
تېللا: 2810
تۆھپە : 1610
توردا: 269
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 15:11:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تېمىڭىزگە ئاپىرىن! مىللەتنىڭ سۈپۈتىنى ئۆستۈرۈش يولىدا تەر تۆككۈنىڭىزگە رەھمەت.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

رەسىمسىز نۇسقا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-4-1 19:40 , Processed in 0.197493 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش