گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1291 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چوغلان ئۈلۈشكۈن 12:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاللا ئىشلىرڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،  ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن !

  • ئەتىرگۈل ئۈلۈشكۈن 11:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخشام يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ ئۇيغىنىپ كەتتىم، ئىسىمنى يىغسام ئۆي لەپەڭشگىلى تۇرۇپتۇ

  • نائىل 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار كەمىنە نائىلدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

  • مەردان105 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

      

  • سادىر 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تۇرۋاتامسىلەر دوستلار

  • مۇخلىسە 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق دوسلار ئەھۋالىڭلار كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،سالامەتچىلىكمۇ؟

  • تۇرغۇن13325 2013-1-20 21:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوسلار ،سورەت تارتىش بىلەن ئالدىراش بوپ كىتىپ بۇگۇن مۇنبەرگە قايتىپ كەلدڭم يېڭى يىلىڭلارغا بۇبا.....

  • چوغلان ئۈلۈشكۈن 12:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    يۇرتۇم سايرامنى ھەجەپ سېغىندىم ، قاچانمۇ بارغىلى نسىپ بۇلا !

  • يۈسۈپجان ئۈلۈشكۈن 00:49 [ئىنكاس(0)] [...]

    ناھىيىمىزدە نىمانچە كۆپ يەر تەۋرەيدىغاندۇ ،مانا ھازىرمۇ يەر تەۋرىدى...

  • سادىر 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىر ئايالنىڭ غورۇرى بىر ئەر كىشىنى يامان يولدىن توسسا بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن توسدۇ

  • مەردان105 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇ سىلەر

  • مۇخلىسە 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تىنىچلىق تۇرغانسىلەر

  • شاختۇرا 2013-1-23 11:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام ئەلەيكۇم تورداشلار  ؟ دوستۇڭلار شاختۇرادىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام !

  • نائىل 2013-1-20 15:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن  تېلىفۇندا زىيارەت قىلىۋاتقاچقا  ئۇيغۇرچە باسقىلى بولمايدىكەن، تورداشلار توغرا چۈشىنىڭلار!

كۆرۈش: 1015|ئىنكاس: 15

توختىكامنىڭ ھېكايىسى(پوۋېست)قۇربان ئەلى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

4

دوست

7308

جۇغلانما

سەھىپە مەسئۇلى

Rank: 13Rank: 13Rank: 13Rank: 13

يوقلىما
95
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  375
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 4336
تۆھپە : 390
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-20

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 00:14:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   
         توختىكامنىڭ ھېكايىسى
                        (پوۋېست)
قۇربان ئەلى
     مېنىڭ بۇ يېزىدا خەلق ئىشلىرى كادىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقىنىمغا خېلى يىللار بولۇپ قالدى،خىزمەت سىتاژىم ئۇزۇن بولمىغان بىلەن، كۆرگەن-بىلگەنلىرىمنى ھېساپلاپ باقسام ئۆزۈمنى بىرەر يۈز ياشقا كىرگەن بوۋايدەكلا ھېس قىلىپ قالىمەن.چۈنكى مېنىڭ بارمايدىغان دوقمۇشۇم، ئارىلاشمايدىغان ئىشىم يوق.كىم توي قىلىۋاتىدۇ،كىم ئانىسىنىڭكىگە يامانلاپ كەتتى،ناماز ئوقۇۋاتقانلار نىمە دەپ غۇلغۇلا قىلىشىۋاتىدۇ،قايسى ئۆينىڭ تېمى قىڭغىيىپ قالدى...دېگەندەك .دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدە ئۆز خىزمىتىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىققاندىن سىرت بىرەر كەنتتە نۇقتىدا تۇرۇپ ھەيدەكچىلىك قىلمىسام بولمايدۇ.
      يېزا باشلىقلىرى ئالمىشىپ تۇرىدۇ،قايسى بىرلىرى كەنت يولىدىن موتسىكىلىتىنى چاپتۇرۇپ چىقىپ، دۆلەت يولىدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلغا كاللا قويىدۇ،نەچچە يىل ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان كېسەل كۆرپىلىرى ياشاۋېرىدۇ،ئون گۈلىنىڭ بىرسى ئېچىلمىغان قىزلار سەۋەپسىزلا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىپ يىگىتلەرنى داغدا قويىدۇ،كەلكۈن ئۆستەڭلەرنى بۇزۇپ تۇرىدۇ،دېھقانلار ھارماس چۆمۈلىلەردەك دامبا ياساپ ھارمايدۇ...بۇنداق ئىشلار يىلدا يۈز بېرىۋەرگەچكىمىكىن، قايسى ۋاقىت،كىملەر توغرىسىدا ئېنىق ئەستىلىك قالمايدۇ.پەقەت توختىكام ھەم ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە ھېكايە  ئېسىمدىن زادىلا چىقمايدۇ.
                      توختى پۇتاق
     چارشەنبە، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، توي قىلىدىغان ۋە ئاجرىشىدىغانلارنىڭ قولىغا قەغەز كېسىدىغان كۈن بولغاچقا،ئىشخانامدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتىم،بىرسىنىڭ قاينىغانچە كىرىپ كېلىشى دىققىتىمنى بۆلدى.
-بۇ قانداق گەپ بولدى ھە!بىر خوتۇننى ئىككى قېتىم ئالدى دېگەن...
   -ئاكا ۋۇي،ئىشخانىنى پاتپاراق قىلماي، ئاۋۇيەردە ئولتۇرۇپ تۇرماملا،ھېلى نۆۋەت سىلىگە كەلگەندە گەپلىرى بولسا ئاندىن دېسىلە!
   مەن ئاۋازىمنى قاتتىقراق چىقىرىپ ئۇنى جىملىۋەتكەندىن كېيىن ئىشىمنى قىلىۋەردىم،بىركەمدە، قالغانلارنى يولغا سېلىپ بولۇپ، ئۇنىڭغا نۆۋەت كەلگەندە بۇ ئادەمنىڭ تەقى-تۇرقىغا سەپسالدىم.دوپپىسىدىن تارتىپ بەتىنكىسىگىچە نىمكەش بولسىمۇ پاكىزە يۇيۇلغان كىيىم قارىماققا ئاتمىش ياشلاردىكى بۇ بوۋاينى خېلى تېتىك كۆرسىتىپ تۇراتتى.ئاپتاپتا قارىدىغان، قورۇقلىرى كۆپىيىپ قالغان يۈزىدىكى بوزارغان توم قېشى،رەتلىك ياسالغان بۇرۇت-ساقىلى،مۆرىسىنى تىك تۇتۇپ ئولتۇرۇشى،مەيدىسىدىكى يىرىك تۈكلەر ئۇنىڭ ۋىجىك گەۋدىسىگە ئازتولا سۈر قوشقانىدى.بايىقى ئاچچىقى سەل پەسكويغا چۈشكەن بولسا كېرەك،مېنىڭ ئاغزىمغا قاراپ ئولتۇراتتى.
   -قېنى گەپلىرىنى ئەمدى دېسىلە.
   -مېنىڭ ئىسمىم توختى،ئاتا مىراس لەقىمىم سار،ھازىرقى لەقىمىم پۇتاق،دېدى ئۇ ئۆزىنى تونۇشتۇرغان ھېساپتا—بايا ئاچچىقىمدا خىزمەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇپتىمەن،ئىش دېگەننى بىر باشتىن قىلىپ تۈگەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى كادىر بولۇپ باققان ئادەم چۈشەنمەيدىغان يەردە ئەمەسمەن،ئەمما-زە بەزى ئىشلار كىشىنى ئاچچىقچان، تېرىككەك قىلىپ قويىدىكەن.
   -جاھاندىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە خاپا بولغىلى تۇرساق جان توشامدۇ ئاكا،-دېدىم  ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى دېيەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ سىپايىلىق بىلەن—بايا خوتۇننىڭ گېپى چىققاندەك قىلىۋىدى...
   -شۇ خوتۇن خاپىلىقى بولمامدۇ ئۇكام،ئالتە ئاينىڭ ئالدىدا يامانلاپ كېتىۋىدى، ئەمدى قوپۇپ قايتا نىكاھ ئوقۇتۇپ كىچىك توي قىلمىساڭ ئۆيۈڭگە بارمايمەن، دېسە كىمنىڭ ئاچچىقى كەلمەيدۇ ھە! بۇ دېگەن بىر خوتۇننى ئىككى قېتىم ئالغان بولماي نېمە؟مەھەللىمىزدىكى يۈسۈپ قوتۇرنىڭ ئوغلى جانباقى خوتۇنىنى قويۇۋېتىپ ئۈچ يىل يايلاتتى،ئاخىرى ئالىدىغان ئادەم چىقماي، ئۆزى ئېلىۋىدى سۆز-چۆچەكنىڭ دەستىگە چىداپ بولالماي،يۇرتنى ھارام قىلىپ چىقىپ كەتتى.مەن خوتۇنسىز تەركىدۇنيا ئۆتۈپ كېتىشكە رازىكى،ئۇنداق ئاتنى كۆتۈرۈپ ياشىمايمەن!
   -ئاراڭلاردا پەرزەنت يوقمۇ يا؟
   -ۋاي ئۇكام،تۇغماس خوتۇن بىلەنمۇ ھازىرغىچە ئۆي تۇتۇپ يۈرگىلى بولامدۇ؟شۇ بالىلارنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كېتىۋالغاچقا بىر ئامالىنى قىلالمايۋاتقان گەپ،خوتۇن كىشى قېرىسا جادۇگەرگە ئايلىنار، دېگىنى بىكار ئەمەسكەن،مېنى قانداق قىلالايتتىڭ، دېگىنى ئۇنىڭ.بالىلارنىڭ ئالدىدا يا پاق-پۇق ئىككى تەستەك سالغىلى بولمىسا،يا ئۆزى تۇغقان بالىسىنىڭ يېنىدىن ئېنەكنى يېتىلىگەندەك ئېلىپ كەتكىلى بولمىسا،تېخى ئاۋۇ كىسپۇرۇچلارنىڭ ئانىسى تۇغۇپ قويسىلا ئەتىسىگە چوڭ بولۇپ قالىدىغاندەك ئانىسىغا يان بېسىشلىرىنى كۆرسىڭىز بالا دېگەننىمۇ تاپامدىغان دەپ قالىسىز.
   مەن ئۇنىڭ كۆڭلىدە خېلى ئېغىر دەرتلىرىنىڭ بارلىقىنى،ئىشخانامدا ئولتۇرۇپلا ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ،بۇ ئىشتا چوقۇم ئاساسى قاتلام كادىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەھۋال ئىگىلىگەندىن كېيىن مومىيىنى ئەكىلىپ قويۇشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ،يەنە بىرمۇنچە تەسەللىلەر بىلەن يولغا سالدىم.

  كۈز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى سامساق لازىم بولۇپ، سۇپىتاغ كەنتىگە كەلدىم،تۆت باش سامساقنى دەپ كەنتكىچە پالاقلىغىچە بازاردىنلا ئالساڭچۇ دەپ قېلىشىڭلار مۈمكىن .لېكىن، سىلەر نەرسىنى بىكارغا ئېلىشنىڭ لەززىتىنى بىلەمسىلەر؟خۇددى بەڭگى كۆزىنى يۇمۇپلا خىيالىدىكى نەرسىگە ئېرىشىپ قالغاندەك شۇنداق شېرىن دەڭلار! بۇ يېزىدىغۇ بۇنداق پۇرسەت يېزا باشلىقلىرىدىن بىزدەك سوكۇلتەك كادىرلارغا ئېشىپ قالمايدۇ،ئەمما مېنىڭ كۈنۈم باشقىلاردىن سەل ياخشى .تېرىلغۇ ۋاقتى بولۇپ قالدى ،قەغەز تۈگەپ كېتىپتىكەن،يۇقۇملۇق كېسەل تارقالدى...دېگەندەك باھانىلەر بىلەن خەت كېسىشنى ئارقىغا سۆرەپ قويسام ،چوڭى ئوغلاق-خورازدىن،كىچىكى سامساق-يېسىۋىلەكلەرگىچە تەل بولىدۇ،بۇغۇ تىلغا ئالغۇچىلىك نەرسىلەر ئەمەس،ئەمما-زە ئۆمرىدە بىر نوگاي سۇنى بىكارغا ئىچەلمەي پېنسىيىگە چىقىپ كېتىدىغان كادىرلارغا سېلىشتۇرغاندا شەھەر ئالغاندەكلا بىر ئىش.شۇڭا بۈگۈن بىرىنچىدىن ئەشۇ ھوزۇرنى سۈرۈش،ئىككىنچىدىن توختى پۇتاقنىڭ ئىشىنى ئۇقۇشۇپ«خەلقنىڭ دەردىگە يېتىش»ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم.
كەنت كادىرلىرىنىڭ ئوغلاق سويۇپ،مەي-شاراپ قۇيۇپ كۈتۈۋېلىشى بېشىمنى ئاسمانغا تاقاشتۇرمىسىمۇ،ماڭا مۇشۇنچىلىك قىلىپ كەتكەن يەردە باشلىقلار كەلسە قانچىلىك كۈتىۋېتەر؟ئەمەل-پەمەل تۇتۇپ قويسىمۇ بولغىدەك جۇمۇ!دېگەن ئويغا كېلىپ قالدىم.مېھماندارچىلىق مۇشۇ كەنتتىكى ھال-ئوقىتى ياخشىراق بىرسىنىڭكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ،مۇسەللەسنىمۇ ئۆزى ئېچىتىۋالغان ئىكەن.سورۇن ئارىلىقىدا توختى پۇتاقنىڭ گېپىنى چىقارسام ئۇ بىر ئېغىز،بۇ بىر ئېغىزدىن دەپ كېلىپ،توختى پۇتاقنىڭ لەتىپىلىرىگە كۆمۈۋەتتى.
توختىكامنىڭ يىگىتلىك چاغلىرى مۇشۇ مەھەللىدىكى قايسىدۇر بىر باينىڭ مېلىنى بېقىش بىلەن ئۆتكەنىكەن،ئاتا-ئانىسىدىن كىچىك قېلىپ،خېلى ياشقىچە بويتاق يۈرگەن قېرى يىگىتكە باينىڭ ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ،ياكى مالچىنى ئىككى قىلىۋالماقچى بولدىمۇ،ئەل-جامائەتنى يىغىپ گاچا خوتۇننىڭ قىزىنى ئېلىپ بەرگەنىكەن.ئازادلىقتىن كېيىن ئۇنىڭغا ئازراق يەر ۋە چارۋا تەقسىم  قىلىنىپتۇ،ئۇزاق ئۆتمەي كوپېراتسىيە قۇرىدىغان ئىش چىققاندا باشقىلار مال-چارۋىلىرىنى سېتىپ پۇل قىلىشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ،ئەمما، ئۇ بىرىنچىلەپ چارۋىسىنى كوپېراتسىيىگە قوشقاندا ئەزەلدىن رايىش خوتۇنى ئىككى بالىسىنى ئېلىپ ئانىسىنىڭكىگە يامانلاپ كېتىۋاپتۇ.ھۆكۈمەتمۇ بوش ئەمەس، ئۇنىغان- ئۇنىمىغاننىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ كوپېراتسىيىگە كىرگۈزمەي قويماپتۇ،ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى قۇرۇلۇپتۇ.«ئامەت نەگە؟دۈڭگەماڭلاي بىلەن كۆك ماڭقىغا»دېگەندەك،توختىكام ئەترەت باشلىقى بولۇپ قاپتۇ،خوتۇنىمۇ «ئۆزى كەتكەن يارەي،ئۆزى كەلگەن يارەي» بولۇپتۇ.يەنە ئۇزاق ئۆتمەي«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دېگەن ھەرىكەت قوزغىلىپتۇ،ئىنقىلابنى تۇتۇپ،ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش شوئارى ئاستىدا،بىر ئوبدان بۇغداي تېرىلىۋاتقان يەرلەرگە قوناق تېرىلىپتۇ،قازانغا قارىساڭ ئۇماچ،تەڭلىگە قارىساڭ زاغرا،بۇغداي نېنى بىلەن لەغمەن پەيغەمبەر كۆرۈنىدىغان بوپتۇ.شۇنداقتىمۇ توختىكامنىڭ مەرتىۋىسى ئۆسۈپ،ئەترەت ئىنقىلابى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى،مەكتەپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ قاپتۇ.ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەيدىغان بۇ ئادەم مۇشۇ پۇرسەتتە ساۋادىنى چىقىرىپ،ئەزالارغا گېزىت ئوقۇپ بېرەلەيدىغان سەۋىيىگە يېتىپتۇ.
-ئۇ چاغدا مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتىم،-دېدى ساقىيلىق قىلىۋاتقان كەنت مۇدىرى موخۇركا ئورىغاچ،ـ بىزنىڭ ئاساسلىق دەرسىمىز داھىيلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇش بىلەن كونا جەمئىيەتنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىك تارىخىدىن شىكايەتلەر ئاڭلاش ئىدى،توختىكام مەكتەپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغاچقا بىرىنچى بولۇپ  سۆزلەشكە توغرا كېلەتتى.
-ئۆتمۈش كونا جەمئىيەتتە بايلار بىزنى بەك ئېزەتتى،-دېدى ئۇ بىر كۈنىدىكى ئۆتمۈشنى ئەسلەش دەرسىدە كۆزلىرىنى بىرھازا چىمچىقلىتىپ قويۇپ،-ئىشلىمىسەك ئاش-نان بەرمەيتتى.
مەن سىنىپىمىزدا خېلى كەپسىز بولۇپ،مەكتەپ بويىچىمۇ«تۆتنىڭ بىرى»سانىلاتتىم،شۇڭا گەپدانلىق قىلىپ سوئال سورىدىم:
-قانداق ئېزەتتى، توختىكا؟
بۇ بىر سوئال بىلەن توختىكامنى سەل سۈر باستى-يۇ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتى ئېسىگە كەلگەندەك دەرھال جاۋاپ بەردى:
-ھەي بالىلار،سىلەر تۈگمەندە ئۇن تارتقاننى كۆرگەنمۇ؟تۈگمەن تېشى بۇغداينى ئەزگەندەك ئېزەتتى.
بىز خۇددى تۈگمەن تېشىنىڭ ئاستىدا يانچىلىپ كېتىۋاتقاندەك تۈگۈلۈپ كېتىشتۇق.كوممۇنا ئىنقىلابى كومىتېتىنىڭ  مۇدىرى جاڭ گەپ توختاپ قالسا بولمايدىغاندەك توختىكامنى زىخلىدى:
-كوساككا نىم يەيدۇ دەپ بەرسۇڭ!
-مەن مال بېقىپ قايتىپ كەلسەم بۇغداي ناندىن بىرنى بېرەتتى،ناگاندا ئورمىچىلارغا ئەتكەن پولودىنمۇ ئېلىپ قوياتتى،-دېدى توختىكام خۇددى ھازىرلا پولو يېگەندەك ئاغزىنى قولى بىلەن سۈرتۈپ قويۇپ.
بىزمۇ كالپۇكلىرىمىزنى يالىشىپ،تۈكۈرۈكىمىزنى يۇتۇشۇپ تۇرغاندا، چىرايىنىڭ ئۆڭ-سۆلى قالمىغان جاڭ مۇدىر توختىكامنىڭ پېشىدىن سۆرەپ دىگۈدەك ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
خېلى يىللاردىن كېيىن كوممۇنا ئەمەلدىن قېلىپ يەرلەر ئائىلىلەرگە ھۆددە بېرىلدى،ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ مۈلۈكلىرىمۇ تەقسىم قىلىندى،ئەمما توختىكام مەن كوممۇناغا ھېچنىمە قوشمىغان،دەپ يا بىر چىشقاق ئۆچكە،يا بىر كوماك ساپان چاغلىق نەرسە ئالغىلى ئۇنىمىدى. ئايالى ئاچچىقىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسىنىڭ تاشلاندۇق ئۆيىگە يەنە يامانلاپ بېرىۋالدى.تەلىيىگە دەپتەرنىڭ بىر يېرىدىن رەھمەتلىك گاچا قېينانىسى كوپېراتسىيىگە قوشقان سېغىن ئىنەكنىڭ ھۆججىتى چىقىپ قېلىپ، خوتۇنى بىلەن چىرايلىقچە ئەپلىشىپ قالدى.
-بۇ ئادەمنىڭ گېپى غەلىتە بولغىنى بىلەن، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىدىغان چېغى،-دېدى كەنتنىڭ بوغالتىرى پىيالىدىكى مۇسەللەسنى ئىچىپ بولۇپ  ــ شۇكەملەردە قولىغا چىققاننى ئېلىۋەرگەنلەر بۈگۈنلۈكتە كونا قەرزنى قايتۇرۇپ بولالماي مۈكچىيىپ كېتىۋاتمامدۇ.توختىكامنىڭ شۇ بىر ئىنىكى ئاۋۇپ پادا بولايلا دەپ قالغان،شۇنىسى...
ئۇ گەپنىڭ ئاخىرىنى يۇتۇۋېتىپ، مۇدىرنىڭ كۆزىگە قاراپ قويدى.
-ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارغۇ ئۇ،ئىنجىقلىماي دەۋەرمەمسىلە، دېدى مۇدىر ماڭا مۇسەللەس تۇتۇپ بولۇپ.
-باقمىچىلارغا قورو-قوتان سېلىش ئۈچۈن يەر ۋە ئۆسۈمسىز قەرز بېرىدىغان ئىش چىققاندا توختىكاممۇ تىزىملاتقان ئىدى،شۇغىنىسى ناھىيىدىن چوقۇم نەسىللىك ئالا ئىنەك  سېتىۋېلىشى كېرەك،دەپ شەرت قويۇپتۇ.توختىكامغا شۇنچە چۈشەندۈرسەكمۇ، ئۇ:- مېنىڭ ئۈچ كالامنىڭ پۇلىغا بىرسى كېلىدىغان قانداق خىسلەتلىك كالا ئىكەن،بولدى قەرز بەرمىسەڭلار چېكەڭلىگە تېڭىڭلار،ـ دەپ كاجلىق قىلىپ تۇرىۋالدى. خوتۇن-بالىلىرىمۇ «ھۆكۈمەت بىكارغا بەرگەن پۇلنى ئالمىدىڭ»،دەپ تاپا-تەنە قىلىپ قۇلاق-مېڭىسىنى قوچۇۋەتتى،خوتۇنى يامانلاپ بالىلىرىنىڭ ئۆيىگە كېتىۋالدى.باشقا كەنتتىكىلەر يۇمشاق پۇلغا كالا سېتىۋالدۇق،دەپ خۇش بولۇپ تۇرغاندا،كالىلىرى بىر يامغۇردا قالغان بار رەڭدە بويىغانلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى،ئۇنى ئاز دەپ سوغۇق چۈشۈشىگىلا نېمە دەيدۇ،ئىشقىلىپ بىرخىل كېسەللىك يامراپ كېتىپ، يەنە شۇ ھۆكۈمەت مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ،بېنزىن چېچىپ كۆيدۈردى.توختىكامنىڭ كالىلىرى بولسا تېنچ قالدى،بالىلارمۇ ئانىسىنى چىرايلىقچە ئەكىلىپ قويۇشتى.
-توختىكامنىڭ ئايالى يامانلاق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوخشايدۇ،نىمانداق تولا يامانلاش ئۇ قېرىغاندا،-دېدىم مەن ئۇ ئايالغا سەل ئاچچىقىم كېلىپ-بۇ قېتىم يەنە نېمە ئىش بىلەن يامانلاپ كېتىپتۇ؟
—بۇنى ماۋۇ ئاغىنىمىز دەپ بەرسۇن،-دېدى مۇدىر ئۆي ئىگىسىنى ئىما قىلىپ-ئىككىسى بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى.
-توختاخۇن مەندىن  ياشتا خېلىلا چوڭ بولسىمۇ ئاغىينىدارچىلىقىمىز خېلى كونا،-دېدى ئۆي ئىگىسى گەپ باشلاپ—بۇنداق بولۇشىدا ئىككىلىمىزنىڭ تېرىچىلىك ھۈنىرىمىز بار.ئۇ باينىڭ مېلىنى بېقىپ يۈرگەن زامانلاردا ئەي بولماي ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلاق-پاقلانلارنىڭ تېرىسىنى ئاشلاپ يۈرۈپ،ئۆڭ تېرە ئىشلەشنى ئۈگىنىپ قالغان ئىكەن،ھېلىقى قاتتىقچىلىق زامانلاردىمۇ تۇماق،چورۇق دېگەندەك نەرسىلەرنى تىكىپ يۈرۈپ،ئۆينىڭ ئاش-تۇزىنى قامدايتتى،مەنمۇ ئۇنىڭ قولتۇقىغا كىرىپ ئۈگىنىپ قويغان ئىدىم.بازار قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن،بىز مەسلىھەتلىشىپ ئۇ تېرە جىلىتكە تىكىدىغان،مەن تۇماق تىكىدىغان بولدۇق.دەسلەپتە ئۇدۇللۇق بازار باشقۇرۇش رەسمىيىتى تاپشۇرۇپ يۈرگەن ئىدۇق،كېيىنچە تىجارەت كېنىشكىسى ئېلىشنى ئۇقتۇردى.بىزمۇ بۇ ئوقەتنىڭ نېنىنى يەپ پايدىسىنى كۆرگەچكە، قانۇنلۇق تىجارەتچى بولۇشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە جەدۋەل تولدۇردۇق،ھەممە ئىش پۈتكەندەك قىلىۋىدى،ئۇلار مەيدەڭلەردىكى تۈكنى چۈشۈرۈۋەتسەڭلار بوپتىكەن،دېمەسمۇ،غۇژژىدە ئاچچىقىمىز كەلدى،مەن بىرنەرسە دەپ بولغىچە توختاخۇن سەكرەپ چىقتى:
- ھوي ئۇكامۇي،سىلەر تىجارەتنى باشقۇرامسىلەر،ياكى تۈكنىمۇ؟ مەيدىنىڭ تۈكىنى چەكلەيدىغان ھۆججىتىڭلارنى كۆرسىتىڭلار قېنى،قانداق كوسا ھەزىلەكلەر تۈزدىكىن بىر كۆرۈپ باقاي!
-ئۇنداق ھۆججەتقۇ يوق،يۇقىرىدىن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان،بىزمۇ باشلىق نېمىنى بۇيرىسا شۇنى قىلالايمىز،-دېدى باشقۇرغۇچىلار خىجالەت ئارىلاش.
مەن مەيدەمنىڭ تۈكىنى قوي يۇڭىنى قىرقىغاندەك قىرقىۋېتىپ قۇتۇلغان بولدۇم،توختاخۇن بولسا ناھىيىگىچە ئەرز قىلىپ بېرىپمۇ مەيدە تۈكىنىڭ گېپىنى ئاقتۇرالمىغاندىن كېيىن بازارغا چىقمايدىغان بولدى،ئۇ تىككەن نەرسىلەرنى مەن سېتىپ بېرىپ يۈردۈم.تۇتامغا چىقمايدىغان بۇ تۈكنىڭ خاپىلىقى شۇنىڭ بىلەنلا تۈگىسە نېمە دەي،نەچچە ۋاقىتتىن ئۇنىڭ مەيدىسىدىكى تۈكنى كۆرمىگەندەك كەنت،يېزا،ھەتتا ناھىيىدىن باشلىقلار كېلىپ ئۇنىڭغا بۇ تۈكنى يوقىتىۋېتىش توغرىلىق ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ بولالمىغاندا، ئاخىرى ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان پىشقەدەم كادىرلار تەمىناتىنى توختاتتى.قېرىغاندا جانغا ئانچە-مۇنچە ئەسقاتىدىغان بۇ پۇلدىنمۇ قۇرۇق قالغانلىقنى ئاڭلىغان ئايالى يەنە بالىلىرىنىڭكىگە يامانلاپ كېتىۋالدى،توختاخۇن ئەسلىدىمۇ جاھىل ئادەم،قېرىغانچە بۇ مىجەزى تېخىمۇ ئەدەپ ۋاقتىدا ئەكىلىۋالمىدى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئايالى ئۆزى كېلىشكە يۈزى چىدىماي، قايسىبىرى تاپقان ئەر-خوتۇن ئوتتۇز كۈندىن ئارتۇق ئايرىلىپ كەتسە نىكاھ ئاجراپ كېتەرمىش،دېگەن پەتىۋانى كۆتۈرۈپ چىققان گەپ.
-بۇ ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن لەقىمىگە تۇشلۇق  مىجەزى بار ئىكەن،- دېدىم مەن سورۇندىكىلەرگە قاراپ،-ئەمدى بۇ ئىشنى قانداق قىلساق بولار؟
-بۇنچىلىك ئىشلارغا سىلىنى جوۋىتىشنىڭ ھاجىتى يوقتى،-دېدى كەنت مۇدىرى بىرقارارغا كەلگەندەك- يازنىڭياقى ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ، بىزمۇ سەل قاراپتۇق،ئەتىگىچە بىرەر كىيىملىك رەخت تەييارلاپ ئەكىلىپ قويساقلا بولدى،كۆرۈنۈشتە يامانلىغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئىسسىق ئۆيىنى سېغىنىپمۇ قالغاندۇ ئۇ موماي،ھى،ھى،ھى...


                    تىلى يوقاپ كەتكەن بالا
ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن يەكشەنبىدىمۇ ئارام تاپقىلى قويمىغان بۇ خەق،خۇددى دېھقانلار تېرىغان زىرائىتى پىشقاندا ئورۇشنى بىلمەيدىغاندەك،مەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم غۇدىراپ، ئىشخانامغا قايتىپ كىردىم-دە تەردىن سۈزمە بولۇپ كەتكەن كۆڭلۈكۈمنى سېلىۋېتىپ،لۆڭگە بىلەن باش-كۆزۈمنى سۈرتۈشكە باشلىدىم. يېزىلىق ھۆكۈمەت قوروسىدا ئادەم باردەك قىلمايتتى، خىزمەت بىناسىنىڭ تەسكەي تەرىپىدىكى بۇ ئىشخانام قىشتا بەك ئىسسىمىغىنى بىلەن يازدا تولىمۇ سالقىن ئىدى،ئورۇندۇققا گەۋدەمنى تاشلاپ راھەتلىنىپ تاماكا شوراۋاتسام ئىشىك چېكىلىپ قالدى. دورغامدىن بىرەرسى ھاشارغا ھەيدەپ كەلگەنمىدۇ،ياكى ساتقان بۇغدىيىنىڭ پۇلىغا خوتۇن ئالغۇسى كەلگەندىن بىرىمىدۇ،دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزگەچ،خوشياقمىغان ھالدا بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم.
  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
  -ۋۇي توختىكامكەنغۇ،قۇشناچىمنى يەنە يامانلىتىپ قويدۇقمۇ نېمە؟
   مەن ئاپتاپتا كۆيۈپ توخۇ كاۋىپىدەك قىزىرىپ كەتكەن بۇ ئادەمنى ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلغاچ گەپ تەشمەكچى بولدۇم.ئۇ مېنىڭ گېپىمگە ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىگەندەك،ئۇدۇل شىرەنىڭ ئالدىغا كەلدى،سۈنئىي خۇرۇمدىن ئىشلەنگەن سومكىسىنىڭ سىيرىتمىسىنى ئاچتى، ئىچىدىن سۇلياۋ خالتىغا ئورالغان نان بىلەن ئون زىقچە ئۈچەي كاۋىپىنى ئۈستىلىمگە قويدى.
-قېنى، ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەندە ئاۋال قورساقنى توقلىسىلا ئۇكام،مەن يەنە دۇكانغا چىقمىسام بولمايدۇ،ئەتە سىلىنى بىر غەلىتە ئىشنى كۆرگىلى ئاپىراي،قالغان گەپنى شۇ يەردە دىيىشەيلى،خوش!
ئۇ قانداق تېز پەيدا بولغان بولسا، يەنە شۇنداق تېز كۆزدىن غايىپ بولدى،مەن ئۇنىڭ مىجەزىنى چۈشەنگەچكە، ئىشىككە چىقىپ قاراپ قويۇپ قايتىپ كىردىم.قورسىقىممۇ تازا ئاچقان ئىدى،دېمىسىمۇ ئورمىنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا بىر قولىنى ئىككى قىلالمايۋاتقان دېھقانلار بىزدەك ھەيدەكچىلىككە بارغان كادىرلارنى كۆرسە ئاغزىدا« ئۆيگە كىرىلى،باللا تاماق قىلسۇن» دەپ تۇرسىمۇ، بىزنى ئىتتىكرەك يوقالسىكەن دەۋاتقانلىقى كۆزىدىن چىقىپلا تۇراتتى.شۇڭا بۇ كۈنلەردە كەنتكە بارساق تەلىيىمىز بولسا بىرەردىن نان تېپىپ يەۋالساق چوڭ ئىش،بولمىسا بۇلاق سۈيىنى ئىچىپ قايتىپ كېلىدىغان گەپ.مەنغۇ كالىنىڭ ئۈچىيىنى قوناق ئۇنىغا مىلاپ پىشۇرىدىغان ئۈچەي كاۋىپىغا ئامراقمۇ ئەمەس،لېكىن مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئەسقاتقان بۇ تائام قىرغاۋۇل گۆشىدەك مېزىلىك تېتىپ كەتتى،يۇمشاقلىقىغا قاراپ،كالىنىڭ ئۈچىيى ئەمەسمىكىن دەپ قالدىم.كاۋاپنى ھوزۇرلىنىپ چاينىغاچ توختىكامنىڭ ئەتە كۆرسەتمەكچى بولغىنى قانداق غەلىتە ئىشتۇ؟ئۆتكەندە بىرەيلەننىڭ مېدىسى مۈڭگۈزلۈك تەخەيلەپتۇ دەۋاتقان،ئەمدى بىرەر قانجۇق قاناتلىق ئاسلانلاپ قويدىمۇ قانداق؟دېگەنلەر خىيالىمدىن كەچتى.
           
بۈگۈن ئەتىگەن تۇرۇپ، يېزا بازىرىدىكى ئاشخانىلاردىن بىرسىگە كىرىپ ناشتا قىلدىم،ياتىقىمغا كىرىپ كېتىۋاتسام توختىكام چامبۇل ئېشەكنى قاتقان ھارۋىسىنى ھەيدەپ، يېنىمدىلا پەيدا بولۇپ قالدى.
-قېنى ھارۋىغا چىقسىلا ئۇكام،-دېدى ئۇ مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ بولۇپ،-تۈنۈگۈنكى گەپ ئەسلىرىدىن چىقىپ قالمىغان بولسا بىزنىڭ مەھەللىگە يۈرۈپ كەتتۇق ئەمىسە!
توختىكامدەكلا جۇغى كىچىك،ئەمما دىقماق كەلگەن چامبۇل ئېشەك قۇرۇق ھارۋىنى تارتقاننىڭ ھېساۋىدا رېتىملىق سوكۇلداپ ماڭاتتى،مەن مەنزىلگە يەتكىچە جىممىدە مېڭىپ زېرىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن توختىكامنىڭ ئاغزىنى كوچىلىدىم:
-سىلى قانداق بولۇپ كەنت كادىرلىقىدىن بالدۇرلا قالغان؟
-سىلى-زە مېنى ھېلىقىدەك قېرىپ ئالدى؛ئارقىسىدىن تەڭ يۆتىلىدىغان بولۇپ قالغاندىمۇ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئاخىرقى تىنىقىمغىچە ئىشلەيمەن،دەپ تۇرىۋالىدىغانلارغا سېلىشتۇرۇپ ئېيتتىلا بۇ گەپنى-ھە،-دېدى ئۇ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ،-ئادەم بىر ئىشنى ئىززىتى بىلەن قىلغان ياخشى.مەنغۇ كەنت كادىرلىقىنى خېلى بۇرۇنلا قىلماي دېگەن،لېكىن تەشكىل تاپشۇرسا يەنە بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىكەن.
-بۇ گەپچە كادىرلىقتىن ئاللىقاچان زېرىكىپتىكەنلىدە؟
-كوپېراتسىيە قۇرۇپ،ھەممەيلەن ئوخشاش تۇرمۇش كۆچۈرىمىز دېگەندە، مەن تارتىشىدىغان جىق مال-بىساتىم بولمىسا،يەنە كېلىپ موزايلىق ئىنەكنىمۇ ھۆكۈمەت باي ھاجىمدىن تارتىپ ئېلىپ بەرگەن تۇرسا،دەپ ئىككىلەنمەيلا قوشۇۋەتكەن ئىدىم،شۇنىڭ بىلەن سەن ئاكتىپكەنسەن،كەنت كادىرى بول، دېدى.مەن كادىر دېگەن نېمە ئۇقمايلا ھە دەپتىمەن، ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇنىڭ پادىسىنى،بۇنىڭ يېرىنى، ھارۋا-غالتەكلىرىنى يىغىشقا باشلىدۇق،مەن بۇنى تازا چۈشىنەلمەي خەقنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشكە سېتىۋالغان نەرسىلىرىنى يىغىۋېلىپ نېمە قىلىمىز،بۇ ئاپ-ئاشكارا بۇلاڭچىلىققۇ!دېدىم.ئۇلار سەن دېگەن ئىنقىلاب قائىدىلىرىنى ئۇقمايسەن،كەنت كادىرى بولغاندىكىن بىز نېمىنى بۇيرىساق شۇنى قىل، دېدى. بىركۈنلەردە پەلەمپەي ئېتىز ياسايمىز دەپ دېھقانلارغا تۈپتۈز ئېتىزنىڭ توپىسىنى كولاپ دۆڭگە تارتقۇزغىلى تۇردۇق،مەن ھەيران بولۇپ، سىلەر ئەزالارنى ساراڭ كۆرۈپ قالدىڭلارمۇ؟قاراپ تۇرۇپ ئەزالارغا بىھۇدە زۇلۇم سالغانلىق ئەمەسمۇ؟دېسەم، ئۇلار بۇ دېگەن مەملىكەت بويىچە داجەيدىن ئۈگىنىش دولقۇنى،ھېچكىمنىڭ بويۇنتاۋلىق قىلىشىغا بولمايدۇ، دەپ گېپىمنى ئاڭلاپمۇ قويۇشمىدى.بىزنىڭ مەھەللىدە ئەزەلدىن بۇغداي كۆپ تېرىلاتتى،ئەمدى تۇرۇپلا قوناق تېرىلغۇسى ئاۋۇپ قالدى،نەچچە  جىڭلا  بۇغداي،قالغىنى قوناق ئۇنى بولغاچقا، ياشلار ھېچنىمە بولمىغىنى بىلەن، قېرىلارنىڭ مەيدىسى ئاغرىپ بولالماي قالدى.مەن بۇنىڭغا چىداپ تۇرالماي، بىز نېمىشقا بۇغدىيىمىزنى تېرىۋەرمەيمىز؟دېسەم، ئۇلار قوناقنىڭ ھوسۇلى يۇقۇرى بولىدۇ،دېدى. بۇرۇن بۇغداي تېرىغاندىمۇ يېتىپ ئاشاتتىغۇ؟دېسەم ئۇلار سەن پەقەت بۇرنۇڭنىڭ ئۇچىنى كۆرىدىكەنسەن، مەملىكەت بويىچە ئاشلىق يېتىشمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار،ئۇلارنىمۇ ئويلاشمىساق بولمايدۇ، دېيىشتى.بىر يىلى بۇغداي تاختا بولغاندا كوپېراتسىيەنىڭ كادىرلىرى كېلىپ، ھوسۇلنى ئىستاتىستىكا قىلىمىز،ساننى مەلۇم قىل دېدى.تېخى ئورمىغان ئاشلىقنىڭ سانىنى قانداق مەلۇم قىلغىلى بولىدۇ،دېسەم، ئۇلار، بۇيىل مەملىكەت بويىچە ئاشلىق مەھسۇلاتىنى بىر قاتلاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان،بۇلتۇرقىدىن بىرقاتلاپ مەلۇم قىلساڭ بولىدۇ دېدى.مەن «ئۈنمىگەن چىغنىڭ تۈۋىدە تۆرەلمىگەن توشقان يېتىپتۇ»دېگەندەك «قىرىق يالغان»نىڭ  ئىشىنى قىلىشقا زادىلا ئۇنىمىدىم.ياندۇرقى يىلى ناھىيە بويىچە ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى،لېكىن،بىزنىڭ مەھەللىدە ياشانغان بىر مەزلۇم ئەجىلى توشۇپ قازا قىلغاندىن باشقا ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرى بولمىدى.كېيىن بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلىپ، مېنى چوڭ يىغىندا ماختاپ كەتتى،لېكىن، يىغىن تۈگىگەندە ئىشخانىغا سولىۋېلىپ، سەن سەكرەپ ئىلگىرىلەش سىياسىتىنى ئىجرا قىلمىدىڭ،بۇ پارتىيىلىك بىر كادىرنىڭ مەيدان مەسىلىسى،ئەمدى ھۇشۇڭنى تاپمىساڭ كادىرلىقىڭنى ئويلىشىپ قوي، دېدى.يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەيدىغان ھەرىكەت قوزغالدى،سىنىپى كۆرەش دەپ باي ھاجىمنى تارتىپ چىقماقچى بولدى،نېمىلا بولمىسۇن ئۇ ئادەم مەن يىتىمنىڭ قورسىقىمغا ئاش بەرگەن تۇرسا،شۇڭا مەن بۇ قېرى ئادەم،ئۇنىڭ بىز بىلەن قارشىلاشقۇدەك سىنىپى كۈچىمۇ يوق،شۇڭا بالىلىرىغا سىنىپى كۈرەش تەربىيىسى بېرىپ ئۆزگەرتەيلى،دېدىم.شۇنىڭ بىلەن ماڭا سىنىپى دۈشمەنلەرنى قانات ئاستىغا ئالغان دەپ تەنقىتلەندىم،ھېلىمۇ سېپى ئۆزىدىن يالاڭتۆش بولغاچقا، چوڭ بالاغا قالمىدىم.بىركۈنى كوپېراتسىيە ئىنقىلابى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ  ماڭا ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتمۈش كونا جەمئىيەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى،بالىلارغا ئۆتمۈشتىكى تۇرمۇشۇمنى دەپ بەرگىنىمنى بىلىمەن، قايتىپ چىقىپلا، مۇدىر جاڭ : سەن نېمىشقا ئۆتمۈشتە قوۋزاق بىلەن ئوت-چۆپ يىلتىزى يەيتتۇق، ھازىر ئاشلىق يەيدىغان بولدۇق دېمەيسەن،دەپ  قايناپ كەتتى، ھەمدە بۈگۈندىن باشلاپ ئەترەت ئىنقىلابى كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىدىن قالدۇرۇلغانلىقىمنى ئۇقتۇردى.
-تۈنۈگۈنكى كاۋىپىڭىز بەك ئوخشاپتۇ جۇمۇ،قاچاندىن باشلاپ بۇ ئوقەتنى باشلىۋالدىڭىز؟
-دەسلەپ ئوقەتنى ئۆڭ تېرىدە تۇماق،جىلىتكە تىكىپ يېزا بازىرىغا ئاپىرىپ سېتىشتىن باشلىغان،بازار باشقۇرىدىغانلار بىلەن غىژ-غىژلىشىپ قېلىپ ئۇنىڭدىنمۇ يالتايدىم.ئۇنىڭدىن كېيىن،ئۆينىڭ يولغا قارايدىغان دەرىزىسىنى ئوڭشاپلا خوتۇننىڭ نامىدا بىر يىمەك-ئىچمەك دۇكىنى ئېچىۋالغان دېسىلە ئۇكام،بىركۈنى كەنتنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرى كېلىپ،دۇكىنىڭدا ھاراق ساتمايسەن،دەيدۇ. ئۇكامۇي،بۇ ھاراقنى ئوغرىلاپ كەلمىگەن،توپ ساتقۇچىلار ئەكىلىپ بەرگەن،باج-رەسمىيەتلەرنى تولۇق تاپشۇرۇۋاتىمەن،نېمىشقا ساتمىغۇدەكمەن، دېدىم.ئۇلار نېمە دەيدۇ دىمەمسىز،ھاراق ئىچكەنلەر جېدەل تېرىپ جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزارمىش،شۇڭا ھاراق سېتىشنى چەكلەش تۈرلۈك جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنمىش.مېنىڭ سەل جۇدۇنۇم ئۆرلەپ، ئۇنداق بولسا سىلەر بارلىق خەنجەر-پىچاق،پالتا-كەكە،ھەتتا كىشىلەرنىڭ مۇشت-پەشۋالىرىدىن تارتىپ يىغىۋالساڭلار بولمامدۇ،دېدىم.
—سەن ئەزەلدىنلا مۇشۇنداق پۇتاق-چومىقى بار گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپ، يەۋاتقان ئېشىڭدىن ئايرىلىپ قېلىپمۇ يەنە ھۆكۈمەت بىلەن پۇت ئېتىشىپ كەلدىڭ،دېدى كەنتنىڭ ئامانلىق مۇدىرى ئۆپكىدەك ئېسىلىپ-بۈگۈن پەيمانىڭ توشقان ئوخشايدۇ، دەرھال دۇكىنىڭنى تاقا، سېنى ساقچىخانىغا ئېلىپ بارىمىز!
بىرمۇنچە كىشىلەر ھەقسىز تاماشا كۆرۈش ئۈچۈن يىغىلدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يېرىم كېچىدە، ۋاي توختىكا بىر شىشە سۇنۇۋەتسىڭىز،دەپ يالۋۇرۇپ كېلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس،ئېرىنمەي ئىسسىق يوتقاندىن چىقىپ ئېلىپ بېرىمەن.ئەمما-زە مەن توختىكامنىڭ بوتكىسىدىن ھاراق ئىچكىلى نەچچە يىللار بولدى، بىرەرسى بىلەن ئۇرۇشقىنىم،خەقنىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلىغىنىم ياكى خوتۇن-قىزلىرىغا پۇخۇرلۇق قىلغىنىم يوق،دەپ نەقمەيداندا ئىككى ئېغىز لىللا سۆزلەيدىغانغا بىرگىنە ئەركەك چىقمىدى. ئادەمغۇ قېرىغاندا تەمەخور بولۇپ قالىدۇ،گەپ قىلسا مەن ئۈچۈنلا قىلمايتتى،ھاراق ساتقىلى قويمىسا ئۇلار ئېشەك سۈيدۈكىنى ئىچەمدىكەن،شۇنىمۇ ئويلاپ قويۇشمىدى.قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا تاۋۇز يېيىشتىن قورقما،دەپتىكەن،يا سەن بۈگۈن ماڭا بىر گۇناھ ئارتىپ كىشىنىڭنى سالىسەن،يا مەن سېنى باشقۇرىدىغان ئورۇنغا بېرىپ غېزىنى غاز، ئۆردىكىنى ئۆردەك قىلىمەن،ئىتتىن قورققان گاداي بولماپتۇ،ماڭسام ماڭدىم.
يېزا بازىرىغا كەلگەندە،مەن يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرەپكە تارتىمەن،ئۇلار ساقچىخانا تەرەپكە تارتىدۇ. ئامانلىق ساقلىغۇچىلار بولسا مېنىڭ قېرى جېنىمنىڭ غىققىدە چىقىپ كېتىشىدىن قورقۇپ بەكرەك دۈشكەللىيەلمەيدۇ، مەن بولسام،بۇ كادىرلارنىڭ بىر ساراڭدىن،بىر ئۇششۇقتىن قورقىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ چالۋاقايمەن.
-قاراڭلار جامائەت،خەلق ھۆكۈمىتى بىزنى باي بولۇپ ھاللىق سەۋىيىگە يېتىڭلار دەۋاتسا،بۇلار ئۇنى ساتمايسەن،بۇنى ئەتمەيسەن،دەپ توساۋاتسا!قېنى دەپ باقمامسىلەر،بىز ئەمدى بانكىنىڭ تېمىنى تېشىپ باي بولىمىزمۇ؟بۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى  ھۆكۈمەتنىڭ  سىياسىتىگە ئۇيغۇنمۇ ئەمەسمۇ-ھە!؟
شۇ تەرزدە ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ تۇرساق بىرنەچچە ساقچى ئولاشتى،يېزا باشلىقلىرىمۇ ئالاماننىڭ ئۈستىگە كېلىپ قالدى. بىزنى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىرىپ بولغان ئىشلارنى تەپسىلى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن، ئامانلىق ساقلاش مۇدىرىغا، خىزمەت ئۇسۇلىغا دىققەت قىلماپسىلەر،دەپ قويۇپ چىقىرىۋەتتى.ماڭا كەلگەندە بولسا بۇ يېزىلىق پارتكوم،خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن يېزىنىڭ ھەرتەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدە بىربالداق يۇقۇرى ئۆرلەش ئۈچۈن مۇشۇنداق قاتتىق تەدبىر قوللانمىسا بولمايدىغانلىقىنى،ئەگەر مېنىڭ «ئۈچ پېشقەدەم» ئىكەنلىكىمنى نەزەرگە ئالمىسا ئاللىقاچان جەرىمانە تاپشۇرغاننىڭ ئۈستىگە، ھەپسىدە ياتىدىغانلىقىمنى،بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىپ،تەشكىل بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىشىم كېرەكلىكىنى ئېزىپ ئىچۈرۈپ،مېنى ئوبدانلا ھالايكومغا سالدى.نېقىدىن نېسىسى،پايدىسىدىن ئاۋارىچىلىقى كۆپ بۇ ھارام ئوقەتتىن زېرىكىپمۇ تۇراتتىم،شۇ دوقالنىڭ ئاچچىقىدا دۇكاننى تاقىۋېتىپ قۇتۇلغان بولدۇم. سىلى ئۈچەي كاۋاپنىڭ گېپىنى قىلىۋىدىلە بىرمۇنچە تاققا-تۇققا گەپلەرنى سۆزلەپ كېتىپتىمەن،ئادەم قېرىغاندا تەپسىلى سۆزلەيمەن دەپ كېپەك ئېغىز بولۇپ قالىدىكەن.دۇكان ئاچقان ۋاقىتلاردا قولىمىزدا كۆپ بىرنەرسە قالمىسىمۇ گۆشسىز قالمايتتۇق،دۇكاندىن ئايرىلىپ تۆت كۈندىلا بىلىندى.ئادەم ھاياتىدا تۆت نەرسىگە ئامراق بولىدۇ،بىرسى جان،ئىككىنچىسى قورساق،ئۈچىنچىسى پۇل،تۆتىنچىسى خوتۇن، لېكىن، قېرىغاندا قالغان ئۈچىسى خىيالىغا كەلمەيدىكەن،قورساقتىن قىينىلىپ قېلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن.تۆت تەڭگە تېپىپ خەجلەشكە ئەمدى ماغدۇر يوق،بالىلارنىڭ قولىغا تەلمۈرگەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىمۇ تايىنلىق.شۇ كۈنلەردە ناھىيە بازىرىغا بىرنەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن بېرىپ قالدىم،ياسىداق ئاشخانىلاردا چوڭ بايۋەچچىلەر بىلەن بىر قاتاردا ئولتۇرۇپ كاۋاپ يىدىم،قورساقنى توقلاپ بولۇپ، دېھقان بازىرىغا كىردىم.كۆزۈمگە دەرھال چېلىققىنى مىققىدە ئولتۇرۇپ ئۈچەي كاۋىپى يەۋاتقان دېھقانلار بولدى،سوراپ بىلدىمكى، بىر زىق قىيمىلىق گۆش كاۋاپنىڭ پۇلىغا ئۈچەي كاۋاپتىن ئالتە-يەتتە زىق كېلىدىكەن،ئەلۋەتتە كۆكتات،چارۋا-چاكىنات ساتقىلى كەلگەن بۇ دېھقانلار،ئۇششاق يايمىكەشلەرنىڭ قىيما كاۋاپ يىگۈدەك پۇلى يوقمۇ ئەمەس،لېكىن ئۇلارنىڭ سىقىمىدىكى ئەشۇ پۇللارنىڭ كىرىپ كېتىدىغان تۆشۈكلىرى بەكمۇ كۆپ،شۇڭا ئامالسىز ئۈچەي كاۋاپ يېيىشكە مەجبۇر بولسىمۇ،ئاغزىدا تاماق يېيىشكە چولىمىز تەگمەيدۇ،ئۈچەي كاۋاپ قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ دەپ قويۇشىدۇ،ئەمما مۇشۇ يېشىمغىچە بىرەر دېھقاننى قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ،دەپ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.نېمىلا بولمىسۇن قانداق تىجارەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىۋالدىم،كىچىكىمدە ھاجىمنىڭ مېلىنى بېقىۋاتقاندا چارۋىنىڭ بىرەرسى قىردىن غۇلاپ كەتسە گۆشىنى ئاپىرىپ بىرىپ، ئۈچىيىنى كاۋاپ قىلىپ يەيتتۇق،شۇ چاغدا ئۈچەي كاۋاپنى قانداق پىشۇرىدىغانلىقىنى ئۈگىنىۋالغانمەن.بازار كۈنىگە ئۈلگۈرتۈپ ئۈچەي سېتىۋالىمىز،كەمپىر بىلەن يۇيۇپ-ئادالاپ قىيما قىلىپ باسىمىز، بازار كۈنى ئۇ ئۆتكۈزىدۇ،مەن پىشۇرۇپ ساتىمەن،ئالدىغا بار، كەينىگە يوق،ئىشقىلىپ جىق پۇل تاپالمىساقمۇ قورساقتىن قىينىلىپ قالمىدۇق.
بىز پاراڭ بىلەن بولۇپ، مەھەللىگە كېلىپ قالغانلىقىمىزنى تۇيمايلا قاپتۇق،توختىكام ئېشەكنىڭ باش بېغىنى تارتىپ، ھارۋىنى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە قاتار ئۆيلەر سېلىنغان كوچىغا بۇرىغاندىلا نىمىشقا كەلگەنلىكىمىز ئېسىمگە كېلىپ سورىدىم:
-ماڭا نېمىنى كۆرسىتىلا توختىكا؟
-ھېلى كۆرگەندە بىلىلا ئۇكام.
دەرۋازىسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا ئىككى تۈپ ئۈجمە غول تارتىپ ئۆسكەن قورۇغا كەلگەندە توختاپ ھارۋىدىن چۈشتۇق، توختىكامنىڭ باشلىشى بىلەن، ياپ-يېشىل تال بارىڭى سايە تاشلاپ تۇرغان ھويلىدىن ئۆتۈپ ئۆيگە كىردۇق.ئۆي ئىچى تىنچ بولۇپ،چېچى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئاقارغان بىر مەزلۇم نىمىلەر بىلەندۇ مەشخۇل بولۇۋاتقان ئىكەن،بىز بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، تۆرگە باشلاپ ئاستىمىزغا كۆرپە سالدى،داستىخانغا نان بىلەن دوغاپ كەلتۈرۈپ بولۇپ ماڭا سەل ياتسىرىغاندەك قاراپ قويدى.
-بۇ ئىنىمىز يېزىنىڭ خەلق ئىشلىرى كادىرى بولىدۇ،دەپ جىمجىتلىقنى بۇزدى توختىكام،-ئاۋام قىيىنچىلىق،ئاپەتكە ئۇچرىسا غەمدىن خالاس قىلىدۇ،سىلىنىڭ ئۆيدىكى  كېلىشمەسلىكنى  كۆرسە قاراپ تۇرمايدۇ،دەپ ئاتايەن باشلاپ كەلدىم.
مەزلۇم مۇشۇ گەپنى كۈتۈپ تۇرغاندەك مىچىلداپ يىغلاشقا باشلىدى،ئاڭغىچە ئىچكىركى ئۆيدىن بوي-بەستى كېلىشكەن،قوڭۇر چاچ،تۇتىشىپ كېتەيلا دەپ قالغان توم قېشى ئاستىدىكى جۈپ كۆزىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان،بېلىق قانىتىدەك تىك قاڭشىرى ئاستىدىكى يۇمران بۇرۇتى لەۋسۇرۇخ سۈرتۈلگەندەك نەمخۇش ئاغزىغا تولىمۇ ياراشقان بىر يىگىت چىقىپ بىز بىلەن سالاملاشتى.يىگىتنىڭ قاتۇرۇپ كىيگەن كاستۇم-بۇرۇلكىسى، مارجان گالىستۇكى،بىز بىلەن قوش قوللاپ كۆرۈشۈشلىرى مەندە يېقىملىق تەسىرات قالدۇرغان بولسىمۇ،ئۇنىڭ يۇمۇقلۇق ئاغزىدىن ھېچبىر زۇۋاننىڭ چىقماسلىقىدىن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلىۋاتاتتىم.
-ئۇكام خېلىل،بۇ ئاكاڭ يېزىمىزنىڭ كادىرى،مەخسۇس بىز دېھقانلارنىڭ غېمىنى يەيدىغانلاردىن،سەن تارتىنماي ئاغزىڭنى ئاچقىنا كۆرۈپ باقسۇن،-دېدى توختىكام يىگىتكە.
-يا پەرۋەردىگارىم!

قورقۇنچتىنمۇ ياكى ھەيرانلىقتىنمۇ، ئاۋازىم تېشىمغا چىقىپ كەتتى، يۈز تېرىلىرىم تارتىشىپ،مېڭەم زىڭىلدىدى.ئىتتىك توختىكامغا  قارىدىم،ئۇ كۆرۈنۈشتە تەمكىن ئولتۇرغاندەك قىلغان بىلەن، قارامتۇل تېرىسىنىڭ ئاستىدىن سېرىقلىق ئۆرلىگەن ئىدى.خېلىلنىڭ ئىككى كالپۇكى كېرىلىش بىلەن تەڭ،كۆرگىنىم مۇشت پاتقىدەك قىپ-قىزىل بىر كامار بولۇپ، بەئەينى لەھەڭنىڭ ئاغزىلا ئىدى.مەن شۇندىلا ئۇنىڭ باياتىن گەپ قىلماي كۈلۈپلا تۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندىم.
مەنمۇ،توختىكاممۇ تەڭلا مومايغا قارىدۇق،ئۇنىڭ يۈزىدىكى قورۇقلار بىردەمدىلا نەچچە ھەسسە كۆپىيىپ كەتكەندەك،جۇغى كىچىكلەپ مومياغا ئايلىنىپ قالغاندەك كۆرۈندى.ئەگەر كۆزىدىن سىرغىپ چۈشىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتكەن ھەرىكىتىنى كۆرمىسە ھەرقانداق ئادەم ئۇنى موميامىكىن دەپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى.
-بىر ئوبدان تۇرىۋاتقان بالا،-دېدى ئۇ بوغۇق ئاۋازدا،-شۇ تۇخۇم دېگەن نىجىسنى پىشۇرۇپ بەرمىسەمغۇ بولغان.كىچىكىدە ئوچاققا كۆمگەن تۇخۇمغا بەك ئامراق ئىدى،ئۆيگە كەلمىگىلىمۇ خېلى يىللار بولغان،بۇ يىل ئوقۇيدىغىنىنى تۈگۈتۈپ خىزمەتكە تەقسىم قىلىپ بولغىچە مېنى كۆرۈۋالاي دەپ كەپتىكەن.ھەممىسى مېنىڭ زىيادە ئامراقلىقىمدىن ئۆتتى،ئۇنىمىغىنىغا قويماي  يۇلغۇن تېرىپ كېلىپ، شۇنىڭ چوغىغا تۇخۇم كۆمۈپ بېرىپتىكەنمەن، سەۋەپ شۇ بولدى.تۇخۇمنى يىگەن كېچىسىلا قىزىپ تاڭ ئاتقىچە جۆيلۈپ چىقتى،ئەتىسى زۇۋاندىن قالغانچە…،ئانىنىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ گېپىنى داۋملاشتۇرالماي قالدى.
-كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىلا ئانا،-دېدىم مەن نىمىدەپ تەسەللى ئېيتىش ھەققىدە ئويلانغاچ،-ھازىر مېدىتسىنا تەرققى قىلىپ ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئەزاسىنى كۆچۈرۈپ سالالايدىغان سەۋىيىگە يەتتى،ئەل-جامائەت بار،تەشكىل بار،ئامال تېپىلىپ قالىدۇ.
-ئۆزەمدىن كەتتى...ھويلىدا بىرمۇنچە ئوتۇن تۇرسا نىمىشقىمۇ يۇلغۇن تېرىپ يۈرگەندىمەن...چوقۇم مەن يۇلغۇن تەرگەن يەرنىڭ ئاستىدا  شېھىد ياكى بىرەر مازايۇ-ماشايخ ياتقان چېغى،-دېدى موماي ئۆز-ئۆزىگە گەپ قىلىۋاتقاندەك.
-بەك ئاھ ئۇرۇپ كەتمىسىلە تۇغقۇنۇم،سىلى ئۆزلىرىنى ئالدۇرۇپ قويسىلا بالىنىڭ ھالىدىن كىم خەۋەر ئالىدۇ؟ئىنىمىز دېدىغۇ،ساقايتىشنىڭ چارىسى ھامان تېپىلىدۇ،ھازىرچە سەۋر قىلىپ تۇرايلى،-دېدى توختىكام.
بىزنىڭ سۆزلىرىمىز قۇلىقىغا كىردىمۇ يوق، موماينىڭ ئىپادىسى بىرخىللا تۇراتتى. بۇ يەردە ئۇزاق تۇرۇشىمىزنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ، توختىكامغا كۆز ئىشارىسى قىلدىم، بىز خوشلىشىپ قايتار يولىمىزغا راۋان بولدۇق.
يولدا جىممىدە كېتىۋاتىمىز،ئېشەكنىڭ پات-پات بۇرنىغا ئولاشقان كۆكۈيۈننى قوغلاپ پۇشقۇرتقان ئاۋازىلا ئاڭلىنىدۇ.يول بويىدا باغجانلاپ ئۆسۈپ كەتكەن يۇلغۇنلارنى كۆرۈپ خېلىل يادىمغا يەتتى-دە تېنىم يەنە بىر نۆۋەت شۈركۈنۈپ ئۆتتى.
-جاھاندا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئاجايىپ ھادىسىلەر يۈز بېرىدىكەن دېسە؟-دېدىم جىمجىتلىقتىن سەل خاۋاتىرسىزلىنىپ،-قوش گېزەكلەرنىڭ بىرسى ئاغرىسا يەنە بىرى يىغلاپ كېتىدىكەن ، بىر ئايالنىڭ ئۆتىدىن بىرليانت چىقىپتۇ،سەككىز ياشلىق بالا كەلگۈسىدىكى ئىشلاردىن بىشارەت بېرەلەيمىش... دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپتىكەنمەن،ئېغىزدا تۇرغان تىلنىڭ بىر ئاغرىق بىلەنلا يوقاپ كەتكىنى ئاجايىپ غەلىتە ئىشتە؟
-كۇپۇرلۇق دېسە مەنمۇ بەك ئىشەنمەيتتىم،-دېدى توختىكام خېلى بىر ھازادىن كېيىن،-بۇ بالىنى كۆرۈپ مەڭدەپ قېلىۋاتىمەن.ئەر-خوتۇن ياش ۋاقىتىدا پەرزەنت يۈزى كۆرەلمەي، يېشى خېلى بىريەرگە بارغاندا تۇغۇلغان بىرلا بالا ئىدى، ئوزايىمۇ شۇنداق كېلىشكەن، ئەقلى-ھۇشىغىمۇ گەپ كەتمەيتتى. ئاتىسى رەھمىتى يالغۇز ئوغلىنىڭ كەتمەنگە ۋارىس بوپ قېلىشىنى خالىمىغان بولسا كېرەك، بۇ بالا مەكتەپ يېشىغا توشمايلا شەھەردىكى سىڭلىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزۇپ يەسلىگە بەردى.تەتىللەردە ئەكەلسىمۇ تاپشۇرۇق ئىشلەيسەن، دەرس تەكرارلايسەن دەپ سىرتقا جىق چىقارتمايتتى.كېيىنچە بۇ بالىنى ئانچە ئۇچرىتىپ كەتمىدۇق،ئاڭلىساق ئالى مەكتەپكە ناھىيە بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئۆتۈپ قايسىدۇر بىر يەردە چەتئەل تىلى ئوقۇپتۇ،خېلى كۆپ تىللاردا سۇدەك سۆزلەيدىكەن،يىلدا ئۆيگە بىر قېتىم كەلسە سەھرانىڭ توپىسىدىن قېچىپ يا تەڭتۇشلىرى بىلەن بۇرۇنقىدەك ئېچىلىپ ئوينىماي، باشقىلارنىڭ ئۆيىدە تاماق يېمەي،گەپ قىلسا دۇدۇقلاپ راۋان پاراڭلىشالماي يالغۇزسىراپ مەكتىپىگە بالدۇرلا قايتىپ كېتىۋالىدىغان بوپتۇ. «كۈلكىنىڭ يىغىسى بار» دېگەندەك، ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئامېرىكا دەمدۇ،ياپونىيە دەمدۇ، ئىشقىلپ چەت دۆلەتكە ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن ئوقۇيدىغان بولۇپ ماڭغان يىلى دادىسى رەھمىتى بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشقان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىمىزنىڭ ئۇماچ قازىنىنى  قاينىتىش  ھەلەكچىلىكىدە ئېسىمدىنمۇ كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتىكەن،ئۆتكەن شەنبە ئۈچەي تازىلاپ ئولتۇرسام، ئۇ مەزلۇم بىر كۆزى ياش،بىر كۆزى قان تۆكۈلۈپ كىرىپتۇ.مەنمۇ تۇنجى كۆرۈپلا سەل قورقۇپ قالغان ئىدىم،بۈگۈن سىلىنىڭمۇ يۈرەكلىرى پولداڭشىدى ھە؟
ـ ئالدىنئالا ئازراق بولسىمۇ بىشارەت بېرىپ قويماي،يېنىمدا سىلى بولمىغان بولسىلا ھېلىقى ساي تېرىكىنىڭ پۇتىقىغىلا يامىشاتتىم،ھى...ھى...
توختىكاممۇ لەقىمىگە توغرا كېلىپ قالغان بۇ چاقچىقىمغا باشقا گەپ قىلماي كۈلۈپلا قويدى،ئەمما نېمىگىدۇر سۈرىۋاتقان خىيالىنى ئۈزگىسى كەلمەيۋاتاتتى.
-مەنغۇ خۇراپىيلىققا ئىشەنمەيمەن،بىچارە موماي باخشى پېرىخون ئىزلەپ پۇلنى بۇزماي تۇرسا بولاتتىغۇ،-دېدىم توختىكامنىڭ خىيالىنى بىلمەكچى بولۇپ.
-بىر تۇرۇپ ئىچىم ئاغرىيدۇ،بىرتۇرۇپ ئاچچىقىم كېلىدۇ ئۇكام،-دېدى توختىكام ئۇھسىنىپ،-مائاشچى بولمىغان ئادەمنىڭ پوقىنى ئىت يىمەپتىمۇ؟«ئىت ئۇرغۇچىسىغا ئامراق»دېگەندەك، ئۆتۈپ بېرىپ ئامېرىكا جاھانگىرلىكى بىلەن ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ گېپىنى ئۆگەنگىنىنى قارىمامدىغان.ئاتام زاماندىن ئاڭلاپ باقمىغان نەس كېسەلنى خۇدادىن باشقا كىم سالار ھە!؟

پرېزدېنت بىلەن كۆرۈشكەن قول
   يىللىق خىزمەتلەرمۇ بىريەرگە بېرىپ قالغان ئىدى،يېزا ئورگىنىدىكىلەر ئىسسىق مەجلىسخانىغا يىغىلىشىپ، يازنىڭياقى گەدىنىمىزگە ئارتىلىپ قالغان سىياسى ئۆگۈنۈش ۋەزىپىمىزنى ئورۇنداۋاتاتتۇق. چۈشلۈك ئارامغا چىقىپ، ياتىقىمنىڭ ئالدىغا كەلسەم توختىكام ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپتۇ.ياتاققا باشلاپ قايناقسۇ قۇيدۇم.تېنچلىق-ئامانلىق سورىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىن بىر كونۋېرتنى چىقىرىپ،ئىچىدىن بىرنەچچە بەتلىك خەتنى ئالدى،ئۇنى ماڭا ئۇزىتىپ:
-تۆنۈگۈن پوچتىكەش ئۆيگە ئاپىرىپتىكەن،ئېچىپ قارىسام خېتىنى زادىلا تونۇيالمىدىم، قوشنىلارنىڭ بالىلىرىغا كۆرسەتسەممۇ ئوقۇيدىغان ئادەم چىقمىدى،شۇنىڭ بىلەن سىلى يادىمغا يېتىپ، ئالى مەكتەپ كۆرگەن ئادەم بىلىدىغۇ،دەپ كېلىشىم،دېدى.
مەن توختىكامنىڭ قولىدىن خەتنى ئېلىپ قارىدىم،خەتJ دۆلىتىدىن كەلگەن بولۇپ،سىلاۋىيان يېزىقىدا يېزىلغان ئىدى.گەرچە مەن بۇ خىل يېزىقنى بەك پىششىق بىلمىسەممۇ،ئوقۇپ چۈشەنگۈدەك سەۋىيىدە ئىدىم. مەزمۇنىدىن قارىغاندا توختىكامنىڭ مۇھاجىر تاغىسىدىن كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ يېشى بىريەرلەرگە بېرىپ قالغانلىقى، توختىكامدىن ئىبارەت بىردىن-بىر قېرىندىشى بىلەن دىدارلىشىشتىن باشقا  ئارزۇسى قالمىغانلىقى،يەنە ئالتۇن دەمدۇ، تىللا دەمدۇ،شۇنداقراق گەپلەر بار ئىدى.مەن توختىكامغا خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزەم چۈشەنگىنىمچە يەتكۈزۈپ بېرىپ بولۇپ، ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدىم:
-مۇبارەك بولسۇن توختىكا،ئەمدىلىكتە ئەجنەبىي تۇغقاندىن بىرسى چىقتى،يەنە كېلىپ راسا كاتتا بايدەك قىلىدۇ،ئەتە-ئۆگۈن ئۇنىڭ سايىسى چۈشسە بازارلىرى چىقىپ پۇتاق-چوماقلىرىمۇ تۇتىيا بولۇپ كېتىدىغان بولدىدە!
توختىكام جىممىدە بولۇپ قالدى،ئۇنىڭ چىرايىدىن خۇشھاللىق ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى، ئەكسىچە دىلىغۇل بولغاندەك قارىچۇقى بىر جايدا توختىمايۋاتاتتى.مەن ئۇنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن سىگارت تۇتتۇم،ئۇ ئالقىنى بىلەن رەت قىلىپ يانچۇقىدىن موخۇركىسىنى چىقىرىپ ئالدىرىماي ئورىدى،كۈچەپ بىرنەچچىنى شورىۋەتكەندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى:
-ئۇكام قەيسەرجان،مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بۇ تاغامنى تونۇسام بولۇرمۇ ياكى...
-نىمە دېگەنلىرى بۇ توختىكا،-دېدىم مەن ھەيران قېلىپ،-ئاتىلىرىنىڭ ئورنىدا دۇنيادا تىرىك قالغان مۇشۇ بىرلا قېرىنداشلىرىنى تونۇمىسىلا،ئۇ بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالسىمۇ ھەسرەت ئىچىدە كەتمەمدۇ؟
-سىلىنىڭ دېگەنلىرىنى مەن ئويلاپ بولدۇم،قېرىنداشلىق مېھرىنى تونۇمايمەن دەپلا يوقىتىۋەتكىلى بولامدىغان.ئەمما-زە ھېلىقى يىللاردىكىدەك چەتكە باغلانغان ئۇنسۇر بولۇپ قېلىپ بېشىمغا پىت سېلىۋالماي دەيمىنا.
-نېمىگە ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتىكىن دەپتىمەن تېخى،مۇشۇ ئىشتىن غەم يەپ يۈرۈپتىكەنلا-دە! ھازىر قايسى زامان بولۇپ كەتتى،چەتئەلدە ئۇرۇغ-تۇغقىنى تۇرماق،بىرەر زەردار تونۇشى بولسىمۇ ئەزىزلىنىدۇ،ئۇنداق سىياسىي كۈرەشلەرنىڭ جەددى قۇرىدى،بۇنىڭدىن شەكسىز خاتىرىجەم بولسىلا!
ئۇنىڭ چىرايىغا ئەمدى سەل-پەل كۈلكە يۈگۈردى،سەرپۇش تۇمىقىنى ئېلىۋېتىپ بېشىنى تاتىلاپ قويدى،ئاندىن بىرنەرسە ئېسىگە كەلگەندەك بەلبېغىنى سىلاشتۇرۇپ:
-قېنى ئۇكام، خۇدانىڭ سۈيىنى قۇيۇپ ئولتۇرماي،ئاتنىڭ قېنىدەك بىر چاي دەملىڭە،ئەمدى قورسۇقۇم ئېچىۋاتىدۇ مېنىڭ.
-مېنى گىرى كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ،جۈرۈڭ،كوچىغا چىقىپ لەغمەن يەپ كىرىمىز.
-قويۇڭە ئۇنداق زەھەردەك ئاچچىق تاماقنى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشخانىنىڭ قاتتىق چۆپىنى چاينايدىغان چىش مەندە يوق. بالىلارنىڭ ئانىسى سىز بىلەن كۆرۈشكىلى بارىدىغىنىمنى ئاڭلاپ،ئەتىگەندىلا تۇخۇم پوشكىلى قىلىپ بەرگەن،يەۋەتمىسەك بولماس،يەنە بىر كەلگەندە مېھمان بولاي.
مەنمۇ ھەر كۈنى يەۋېرىپ ھەلەپتەك تېتىيدىغان بولۇپ قالغان بازار تامىقىدىن زېرىككەن ئىدىم، تۇخۇم پوشكىلىنىڭ ئېتىنى ئاڭلاپ بەك تۈزۈت قىلىپمۇ كەتمىدىم.
توختىكامنىڭ ھازىردىن باشلاپلا ئەتىۋارلىقى ئېشىپ كەتتى،ئۇنىڭ سايىسى ماڭىمۇ چۈشۈپ، كەنتتە نۇقتىدا تۇرۇشتىن ئازات قىلىندىم.ئەمدىكى قىلىدىغان ئاساسلىق ئىشىم توختىكامنى يېتەكلەپ،ساقچى ئىدارىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلارغا مېڭىش،پاسپورتقا دائىر جەدۋەللەرنى تولدۇرۇپ بىرىش،يەنە توختىكامنىڭ «تويلۇق»كىيىم ۋە سەپەر جابدۇقلىرىنى تاييارلاش بولۇۋاتاتتى.
يېزىنىڭ چوڭ-كىچىك باشلىقلىرىمۇ توختىكامنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك جەدۋەللەردىكى«ئائىلە كېلىپ چىقىشى،ئىجتىمائى مۇناسىۋىتى، نۇقتىلىق ئائىلىمۇ ئەمەسمۇ»...دېگەندەك گىرافىلارنى كېچىكتۈرمەي تولدۇرۇپ،مۆھۈرلەرنى چاپاقسىز بېسىپ بېرىۋاتاتتى. يەنە ئارىلاپ مەندىن سەپەر تەييارلىقىنىڭ نەگىچە پۈتكەنلىكىنى،ھۆكۈمەت ياردەم بېرىشكە تېگىشلىك قانداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى سوراپ تۇراتتى.چۈنكى ناھىيە بويىچە قوزغالغان سودىگەر جەلپ قىلىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش شامىلىدا بۇ نامرات يېزىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىشقا توختىكامدەك  نامزاتنىڭ چىقىپ قېلىشىنى بىر مۆجىزە دېيىشكە بولاتتى.
شۇنداق قىلىپ، باشقىلار يېرىم يىل پايپاسلاپ مىڭ بىر مۇشەققەتتە پۈتتۈرىدىغان پاسپورت توختىكامنىڭ قولىغا ئاي ئۆتمەي تەگكەن بولدى.خاسىيەتلىك چارشەنبە كۈنى مەھەللىدىكى خۇلۇم-خوشنىلار كەنتنىڭ دوقمۇشىغىچە ئۇزىتىپ چىقىشتى، يېزىنىڭ باشلىقلىرى ئادەتتىكى كادىرلارنىڭ ئولتۇرۇشىغىمۇ رۇخسەت قىلمايدىغان كىچىك ماشىنىنى ئالايىتەن ئەۋەتىپ، ئۈرۈمچىگىچە ئاپىرىپ قويىدىغان بولدى.توختىكام ھەقەمسايىلار بىلەن بىرمۇ-بىر قول سىقىشىپ رازىلىق ئالغاندىن كېيىن،كىچىك ماشىنىنىڭ ئىشىكىگە بېشىنى تىقىپ بولۇپ توختاپ قالدى.
-بىر ئىشنى ئۇنتۇپتىمەن،-دېدى ئۇ مېنى سەل نېرىسىغا تارتىپ،-كەنت مۇدىرىدىن رۇخسەت سورىماپتىمەن،يۈرۈڭ ئۇكام شۇ رەسمىيەتنى بەجا كەلتۈرۈۋېتەيلى.
—سىزگە قېرىلىق يېتىپتىمۇ نېمە توختىكا!-دېدىم مەن سەل ھەيران بولۇپ،-سىزنىڭ چەتئەلگە چىقىدىغان ئىشىڭىزنى كىچىكى يېزا باشلىقىدىن تارتىپ، چوڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغىچە تەستىقلىغان تۇرسا،بۇ نىمە دېگىنىڭىز ئەمدى؟
-سىز ئىشنى ئۇنداق ئاسان چاغلىماڭ ئۇكام،يېزا ئاتلاپ بېرىپ قونۇپ قالىدىغان ئادەملەرمۇ رۇخسەت سوراپ مېڭىۋاتسا،مەن مەملىكەت ئاتلايدىغان ئادەم قائىدىنى بۇزسام بولماس؟!«ئۆزىنى بىلگەن  قازىنىڭ ئالدىغا بارماس» دەپتىكەن كونىلار،نېمىلىكى بولمىسۇن شۇنداق قىلايلى.
-گېپىڭىزغۇ ئورۇنلۇق،ئەمما سىزنىڭ بۇ ئىشىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ ئىشى ئوخشىمايدۇ-دە !
—ئوخشىسۇن-ئوخشىمىسۇن پەرماندىن چىقمايمەن، ئەدىناسى كەنت مۇدىرىنى دەپ بولسىمۇ شۇنداق قىلماي بولمايدۇ. بىرەر پارچە تىلخەت بولمىسا،ئەتە-ئۆگۈن يېزا باشلىقى ئالمىشىپ كېتىپ، يېڭىدىن كەلگىنى سۈرۈشتۈرۈپ قالسا ئۇنىڭغا تەس ئەمەسمۇ؟مائاشىنى ئالالمىسىغۇ بىرنۆرى،يەرلىرىنى تارتىۋالسا خوتۇن-بالىلىرىغا ئۇۋال بولىدۇ.
ئادەتتە توختىكامنىڭ پۇتاق-چومىقى بار گەپلىرىگە قاراپ تۈزلا كەتكەن بوۋايكەن،دەپ يۈرگەن ئىكەنمەن،بوۋاينىڭ ئىشلارنى بۇنچە ئىنچىكە ئويلاشلىرى،بولۇپمۇ كەنت مۇدىرىنىڭ كەلگۈسىدە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان دوقاللىرى توغرىلىق غەم يېيىشلىرى ئۇنىڭغا بولغان چۈشەنچەمنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ئۇنداق ئىش يۈز بېرەمدۇ-بەرمەمدۇ،بۇ نامەلۇم،پەمىمچە بوۋاينى نىيىتىدىن ياندۇرۇش مۈمكىن ئەمەس ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ئاخىرقى رەسمىيەتنىمۇ تولۇقلاپ توختىكامنى سەپەرگە ئۇزىتىۋەتكەن بولدۇق، ئۇنىڭدىن كېيىن يېزا باشلىقلىرى مېنى پات-پات لاپا كەنتىگە مەھەللە قىياپىتىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇپ تۇردى،يېزىنىڭ پۇل چىقىرىشى بىلەن توختىكامنىڭ ھويلا-ئاراملىرى ۋە ئۆي جابدۇقلىرىنى بىرەرقۇر تۈزەشتۈرۈپ قويدۇق.
ئارىدىن بىر ئايچە ۋاقىت ئۆتتىمىكىن،ئىشخانىدا ئولتۇرسام يانفونۇم سايراپ قالدى،كەلگەن نومۇرغا قارىسام ئۈرۈمچىنىڭ ئىكەن،بۇ كىمدۇ ئەمدى،ساۋقداشلىرىمنىڭ ھېچقايسىسى يانفونۇم بارلىقىنى بىلمەيتتى،دېگەنلەرنى ئويلاپ كونۇپكىنى باستىم.
-ۋەي!
-قەيسەرجان ئۇكاممۇ،تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ ئۇكام...
تېلېفون قىلغۇچى توختىكام  ئىدى، ئۇنىڭ ئاۋازى سەل تىترەپ چىقىپ، ئاخىرى يۇقاپ كەتتى.
-ۋەي،توختىكا نېمە بولدىڭىز،مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟-دېدىم سەل ئەنسىرەپ.
-ياق...تېنچلىق ئۇكام،باياتىنراق ئايرۇپىلاندىن چۈشكەن،ئۈرۈمچىگە كېلىپلا يۈرىكىم سوققاندەك قىلغان،سىزگە تېلېفون قىلىۋېتىپ شۇ...
ئۇ ۋەتەن زېمىنىغا ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگەن ئىدى،مېنىڭ يۈرىكىممۇ سەل نورمالسىز سوقماقتا، كۆزۈمنىڭ چانىقىمۇ ئېچىشماقتا...
-بىزمۇ تېنچلىق تۇردۇق توختىكا،سىز بىرەر مېھمانخانىغا چۈشۈپ ئارام ئېلىپ تۇرۇڭ،مەن ھازىر يولغا چىقسام ئەتە ئەتىگەندە يېتىپ بارىمەن.
-بولدى ئۇكام ئاۋارە بولماڭ،مەن بۈگۈن چۈشتىن كېيىن يۇرتقا قايتىمەن،خۇدا نېسىپ قىلسا ئەتە ئىشخانىڭىزدىن تاپاي.
-توختىكا،ئاپتوبۇس كىچىك ماشىنىغا ئوخشىمايدۇ،يولدا ھەرەج تارتىپ قالىسىز،كاجلىق قىلماي يېرىم سائەتتىن كېيىن قايتا تېلېفون قىلىڭ،مەن باشلىقلاردىن رۇخسەت سوراپ سىزنى ئالغىلى باراي.
-كۆڭلىڭىز تېگىل بولدى،رەخمەت ئۇكام،پۇتاققا سۈركىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كېلىش كېتەمدۇ،ئالدىڭىزغىلا باراي،خوش!
ئۇ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.مەن بۇ خوش-خەۋەرنى يېزا باشلىقىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم.ئۇ بىرەر ئىش بارمىدى،دېگەندەك قاپىقىنى كۆتۈرۈپ قاراپ قويدى.
-توختىكام قايتىپ كەپتۇ،بايا ئۈرۈمچىدىن تېلېفون قىلىپتىكەن.
-مەنمۇ ئۇ توغرىلىق سىز بىلەن پاراڭلاشماقچىدىم،قېنى ئولتۇرۇڭ،-دېدى سەل قوپال ئاۋازدا.
باشلىقنىڭ ئەلپازىغا قاراپ مېنى ھەر خىل خىياللار ئىلكىگە ئېلىۋالدى.بۇ ئادەم ئۇ يەردىمۇ ھېلىقىدەك پۇتاق-چومىقى بار گەپلەرنى قىلىپ سالغانمىدۇ؟ياكى مەھەللىسىدىكى دېھقانچە ئادىتىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ يۈزىمىزنى تۆككەنمىدۇ؟...
-يېشىڭىز كىچىك بولسىمۇ،يېزىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كادىرلىرىدىن سانىلىسىز،-دەپ سۆزىنى باشلىدى يېزا باشلىقى تاماكىسىنى قاتتىق شورىۋېتىپ،-ئەمما، بۇ قېتىم چوڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزدىڭىز، بىلەمسىز! سىز توختى پۇتاقنىڭ چەتئەلدە تۇغقىنى بارلىقىنى،چوڭ باي ئىكەنلىكىنى دەپ،ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتماپسىز،مۇھىم بىر ئەھۋالنى يوشۇرۇپسىز.بىر مۇردا قانداقمۇ يېزىمىزغا مەبلەغ سالالايدۇ؟
-خاپا بولمىسىلا يېزا باشلىقى،-دېدىم چوڭ چاتاق چىقمىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولۇپ،-كەلگەن خەتتە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى يېزىلماپتىكەن.
-خەتنى سالغىلى يېرىم يىلدەك بولۇپ قاپتۇ،سىز مۇشۇنداق ئىنچىكە ھالقىلارغا نېمىشقا دىققەت قىلمايسىز؟نەتىجىگە ئېرىشمەك تۈگۈل،پارتكوم سېكرىتارىنىڭ ئالدىدا قانچىلىك تىل قىسىنچىلىقى تارتقانلىقىمنى بىلەمسىز؟يەنە سۆزلىسەم قايناپ سالىدىغاندەك قىلىمەن،بۈگۈندىن باشلاپ قوشۇمچە لاپا كەنتىنىڭ خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىسىز، قالدى گەپلەرنى كېيىن دىيىشەرمىز.
بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتتى ئەمدى،خەتنى ئوقۇغاندا ئەجەپ چېسلاغا دىققەت قىلماپتىمىنا؟ توختىكامنىڭ ئۇ تاغىسىمۇ-زە، جان ھەلقۇمغا كېلىپ قالغاندا ئىزلىگۈچە، بالدۇرراق مىدىرىسا بولماسمىدى؟ھەر يىلى كۆتۈرەلمە بولۇپ قالغان كەنتكە ئاغلاقچىلىققا بۇيرۇپ جۇلۇقۇمنى چىقىرىۋېتىدىغان بولۇشتى-دە بۇلار.
ئەتىسى ئەتىگەندە تاماققا ماڭسام توختىكام يەردىن ئۈنگەندەكلا ياتىقىمنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ قالدى،خۇددى ئاتا-بالىلاردەك قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق،ئۇنىڭ كۆز جىيىكى نەمدەلگەن ئىدى،مەنمۇ يىغلاپ سېلىشتىن ئۆزۈمنى تەستە بېسىۋالدىم.بىز ئۇدۇل ئاشخانىغا  كىرىپ،سۇيۇقئاش بىلەن مانتىدا غىزالاندۇق-تە مېنىڭ موتسىكىلىتىمغا مىنگىشىپ لاپا كەنتىگە يۈرۈپ كەتتۇق.
مەن توختىكامنى ئۆيىنىڭ ئالدىدا قالدۇرۇپ،كەنت ئىشخانىسىغا كەتتىم،كەنت كادىرلىرى بىلەن نۆۋەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىلىق بىرەرقۇر ئەھۋاللىشىپ، كۆرۈشكە تېگىشلىك جايلارنى كۆرۈپ،چۈش بولاي دېگەندە ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلسەم، ھال سورىغىلى كەلگەن جامائەت ئاساسەن تارقاپ،توختىكامنىڭ بالىلىرى ۋە مەكتەپ يېشىغا توشمىغان نەۋرىلىرى قالغان ئىكەن.چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئۇلارمۇ ئېتىز ئىشلىرىنى شىپى كەلتۈرۈپ روزىغارىغا راۋان بولدى،پۈتۈن قورۇ جىمجىت ھالىتىگە قايتتى.
-ھە توختىكا،چەتئەلدە كۆرگەن بىلگەنلەردىن دېگەچ ئولتۇرمامسىز،-دېدىم مەن ئۇنىڭ ئاغزىنى كوچىلاپ،-سىز كەتكەننىڭياقى قۇلىقىم قىچىشىپ،بەك ئىچىم پۇشۇپ كەتتى مېنىڭ.
-مېنى دېمەمسىز قەيسەرجان،بىرسى سىزنىڭ قۇلىقىڭىزنى،يەنە بىرسى موخۇركىنى سېغىنىپ ئىت بولاي دېدىم،-دېدى ئۇ يېڭىۋاشتىن ئورىغان تاماكىسىنى لەززەتلىنىپ شورىغاچ،-ئالدىرىماڭ ئۇكام، قۇلىقىڭىزنىڭ قىچىقىنى بېسىقتۇرىدىغان گەپلەر جىق.
-مەن ئۇ مەملىكەتكە بارغاندا تاغام ئاللىقاچان يەرلىكىگە كىرىپ بوپتىكەن،-دەپ ھېكايىسىنى باشلىدى توختىكام،-ئۇ ھەقىقەتەن كاتتا زەردار ئىكەن،ئەمما مېيىتىنى دەپنە ئىشلىرى ئىدارىسى بىرياقلىق قىپتۇ.مەن بارغاندىن كېيىن ئادىتىمىز بويىچە نەزىر-چىراغ قىلىشنى ئېيتتىم،ئەمما يىغىلغان جامائەت تايىنلىقلا بولدى.قوشنىلىرىنىڭ دېيىشىچە،تاغامنىڭ ئىككى قىز،بىر ئوغلى بارمىش،لېكىن، نەدىلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن، ئۆلۈمىگىمۇ كەلمەپتۇ.ھۆكۈمەت تاغامدىن قالغان دەفئى-دۇنيانى ۋەسىيەت بويىچە بەشكە بۆلۈپ،بىر ئۈلۈشىنى كېيىن ئالغان پەرەڭ خوتۇنىغا بېرىشىپتۇ،بىر ئۈلۈشىنى ماڭا بەردى، قالغىنىنى پەرزەنتلىرىگە ئاتاپ ساقلاپ قويۇپتۇ.
مەن نەزىر-فىتىرلەرنى بېرىپ بولۇپ،تاغامنىڭ تۇپرىقىغا خەتمە-قۇرئان قىلىشقا باردىم، كىراكەش مېنى چۈشۈرۈپ قويۇپلا كېتىپ قالغان ئىدى،ئەتراپنى تۈن پەردىسى قاپلاۋاتاتتى،قەبرە يېنىغا باردىم-يۇ،بىر قولنىڭ قەبرىدىن چىقىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قورققىنىمدىن بىرەر ھەمرا ئېلىۋالمىغىنىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلدىم.
تاغامنىڭ ئوڭ قولىنىڭ بەش بارمىقىدىن بېغىشىغىچە بولغان قىسمى كۆكلەپ چىققان جىگدە دەرىخىدەك تۇپراق ئۈستىدە سەل قىيسىق تۇراتتى،گۇگۇمدىكى سۇس يورۇقتا يېنىك شامالدا تىترەۋاتقان يوپۇرماقلار باردەك كۆرۈنەتتى،ھېلىلا شوخا-تىكەنلەر مەن تەرەپكە ئېغىپ كېلىپ بەدىنىمنى تىتما قىلىۋېتىدىغاندەك سۈر چىقىپ تۇراتتى.مەن ئايەتلەرنى قانداق ئوقۇپ تۈگەتتىم،بىرچاغدا چوڭ يول بويىغا چىقىپ قاپتىمەن،كىرا ماشىنىسى توسۇپ چۈشكۈنۈمگە بېرىۋالدىم،كېچىچە قارا بېسىپ ئۇيقۇمنى ھارام قىلدى.
ئەتىسىدىن باشلاپ قەبرە تەرەپكە قاراشتىنمۇ قورقىدىغان، ۋەتەنگە تېزراق قايتىۋېلىشنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم.يەنە بىر تەرەپتىن جىيەنلىرىم،بۇ دۇنيالىقتىكى بىردىنبىر تۇغقانلىرىم كېلىپ قالسا دىدارلىشىۋېلىش خىيالىدا ئىككى تايىن بولۇپمۇ تۇراتتىم.شۇ ئارىدا ئاشخانا ئېچىپ تۇرۇپ قالغان تائىپىمىزدىن بىرسى بىلەن ئېقىمىز كېلىشىپ قالدى،ئۇ مەرھۇم تاغام توغرىسىدا خەقتىن ئاڭلىۋالغانلىرىنى دەپ بەردى.
تاغام بۇ يۇرتقا كەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئۇششاق ئېلىپ-ساتارلىق بىلەن ئۇدۇل ئوقەت ياشايدىكەن،ھال-كۈنى غورىگىل بولسىمۇ جامائەت بىلەن چىقىشىپ،قولىدىن كېلىدىغان ياخشىلىقىنى ئايىماي مەھەللىدە خېلى يۈزلۈك سانىلىدىكەن.شۇ زامانلاردا بۇ يەردە نىزا-غەليان تىنجىماي پۇقرالارنىڭ كۈنى دەككە-دۈككىدە ئۆتىدىكەن.بىركۈنى تۈن تەڭ مەھەلدە تاغام پىشاپقا چىقىپ يان قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىن ئاڭلىنىۋاتقان كۇسۇر-كۇسۇر پاراڭغا قۇلاق سېلىپ قاپتۇ.گەپنىڭ ئورانىدىن قارىغاندا زالىم ھۆكۈمدار ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەت،زۇلۇمدىن قانداق قۇتۇلۇش، جېدەل-ئىسيان...دېگەندەك مەزمۇندا بولۇۋېتىپتۇ. بۇنداق سوقا-سۆھبەتلەر بىرنەچچە قېتىم تەكرارلىنىپتۇ،تاغام بىرەر توپىلاڭ چىقسا ئاران تەستە ئېرىشكەن زېمىنىنىڭ بىرقانداق بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنمۇ،ياكى توقىناق بالاغا چېتىلىپ قېلىشتىن قورققانمۇ،بۇ ئەھۋالنى كۈندە دېگۈدەك كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان مۇشۇ مەھەللىنىڭ تەرتىپ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ساقچىنىڭ سەمىگە سېلىپ  قويۇپتۇ.
  ئۇ ئىسيانكارلار ھەپسىگە تاشلىنىپتۇ،قوشنىسىنىڭ قورۇ-جايى مۇسادىرە قىلىنىپ، تاغامغا ئەرزانلا باھادا سېتىپ بېرىلىپتۇ.تاغام تۇرۇپلا چوڭ سودىگەر بولۇپ ئابرويلۇق ئادەمگە ئايلىنىپ قاپتۇ،مىش-مىش گەپلەرگە قارىغاندا يېڭى زېمىننىڭ تېگىدىن قايسى بىر زامانلاردا ئىگىسى كۆمۈپ قويۇپ ئۇنتۇلۇپ قالغان كېسەك ئالتۇنلار چىققانمىش.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تاغامنىڭ ئۆيىدىن چوڭى شەھەر باشلىقىدىن تارتىپ كىچىكى مەھەللە ئاقساقىلىغىچە مېھماننىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان،قوشنا-كويلار بىلەن بۇرۇنقىدەك ھال-مۇڭ بولۇشقا چولىسى تەگمەيدىغان بوپتۇ. بىر كۈنلەردە بۇ ئەلنىڭ پرېزدېنتى مۇشۇ شەھەرگە كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن تاغامنى قوبۇلغا چاقىرىپتۇ،ئوڭ قولى بىلەن تاغامنىڭ ئوڭ قولىنى چىڭ سىقىپ قىزغىن ئەھۋال سوراپتۇ.شۇ كۈندىن باشلاپ تاغام ئوڭ قولىنى ئايايدىغان ئادەتنى چىقىرىپتۇ،مەھەللە-كوي ئۇچرىسا ئىمكانقەدەر بېشىنى لىڭشىتىپ ئۆتۈپ كېتىدىكەن، دوقۇرۇشۇپ قالغىدەك بولسا سول قولىدا كۆرۈشۈپ قويىدىكەن. ئوڭ قولىنى بىر بولسا كاستۇمىنىڭ ياقىسىدىن تىقىۋالىدىكەن،بىر بولسا شىمىنىڭ يانچۇقىغا سېلىۋالىدىكەن، توي-تۈكۈن،نەزىر-چىراغ سورۇنلىرىغا قولقاپ كىيىپ بارىدىكەن. يۇرت-جامائەتمۇ بارا-بارا ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىدىغان،ھەتتا ئۇششاق بالىلارمۇ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن ئوينىمايدىغان بوپتۇ.خوتۇنى نەسىھەت قىلىپ ئۆتكۈزەلمىگەندىكىن ئۆزىچە تولا ئۇھ تارتىپ يۈرۈپ قايسى بىر ساقايماس كېسەل سەۋەبىدىن ئۇ ئالەمگە كېتىپتۇ.بالىلارمۇ چوڭ بولۇپ قانات چىقىرىپ تەرەپ-تەرەپكە ئۇۋا ساپتۇ،تاغامغا تەنھا ياشاش قىيىن توختاپتۇ،مۇۋاپىق دەپ قارىغان يەرلەرگە ئەلچى كىرگۈزۈپ بېقىپ جاۋابى بولمىغاندىن كېيىن، ئاخىرى بىر پەرەڭ ئايالغا ئۆيلىنىپ ئۆمرىنى ياشاپ تۈگىتىپتۇ.
توختىكام گېپىنى بۇ ياقتىن تۈگىتىپ،ئۇياقتىن تاماكا ئوراشقا باشلىدى،مەن تېخىچە ھېلىقى جىگدە شوخىسىدەك كۆكلەپ كەتكەن قولنىڭ ۋەھىمىسىدە خارامۇش ئولتۇراتتىم.
-مەن ئۇ يەرنىڭ سۈيىدىن تارتىپ ھاۋاسىغىچە،توپىسىدىن تارتىپ تامىقىغىچە زادىلا كۆنەلمىگۈدەكمەن،-دېدى توختىكام بىر ئاڭلاشقا ئۆزىگە،بىر ئاڭلاشقا ماڭا دەۋاتقاندەك رەۋىشتە،-مەيلى باياشات،مەيلى سېرىقتال ئۆتەيلى،بىزنىڭ مۇشۇ لاپاغا يەتمەيدىكەن.


              خاتىمە ئورنىدا
توختىكام تۈگەپ كەتكىلىمۇ خېلى يىللار بوپتۇ،ئەگەر ئۇ ھازىرغىچە ياشىغان بولسا يەنە قانداق ھېكايىلەر چىقاتتىكىن تاڭ.ھەر ھالدا ئۇ ئۆيىدىكىلەرگە ۋەسىيىتىنى دەۋېلىپ،مەھەللە جامائىتىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىۋېلىپ،كۆزىنى ئۆزى يۇمۇپ كەتتى.ئۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان مەزگىلدە مەن دوختۇرغا ئاپىراي،دەپ چىڭ تۇرۇپ باقتىم،لېكىن توختىكام يەنىلا كاجلىقىدىن قالمىغان ئىدى:
-سىلىگە ئارتۇق سۆزلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئۇكام، ئەجىلىمنىڭ  توشۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ يېتىپتىمەن.دوختۇرخانىدا جان تەسلىم قىلىپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولدى،دەيدىغان مۇسىبەت خەۋىرىگە لايىق ئەۋلىيا ياكى كاتتىلاردىن ئەمەسمەن.ئاللا ئىگەمنىڭ مۇشۇنچىلىك ئۆمۈر ۋە رىزىق بەرگىنىگە مىڭ شۈكرى،قەرزىم يوق،سەپەرگە يېنىك چىقىمەن.

تامام ..





ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

39

تېما

55

دوست

7801

جۇغلانما

چوڭ باشقۇرغۇچى

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 4302
تۆھپە : 97
توردا: 1480
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-30

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 00:41:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس تەھرىرلىنىدۇ.....


ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك

13

تېما

12

دوست

997

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  600
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 508
تۆھپە : 36
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-2-7

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-25 23:50:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسالام قۇربان ئاكا بۇ ھىكاينى بۇرۇنمۇ ئۇقۇپ چىققان ئىدىم بۇگۇنمۇ ئۇقدۇم  بىزنىڭ بايدا ساناقلىق يازغۇچى -شائىرلىرمىز بار.بىز سىلەردىن پەخىرلنمىز بىزگە كۆپرەك يىتەكچىلىك قىلىپ قويساڭلار .يەنە مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى كۆپرەك تەقدم قىلسلا .قەلەملىرگە تېخمۇ بەرىكەت تىلەيمەن.


شامال       چاچلىرىمنى يەلپۈتۈپ بى ...

67

تېما

24

دوست

4481

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1930
تۆھپە : 165
توردا: 219
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-30

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 21:36:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇربان ياخشىمۇ سىز؟ بۇ ئەسەرنى ئىلگىرى بىر قېتىم ئوقۇغان ئىدىم شۇ چاغدىلا ئەسىرىڭىز ماڭا بەكلا يېقىپ قالغان ئىدى، مۇنبەردە كۆرۈپ يانا ئوقۇغۇم كېلىپ مانا ھازىر ئوقۇپ بولۇپ ئولتۇرۇشۇم، مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ مۇنبەردىن ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن، ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   艾力 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-10 21:37  



دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.

3

تېما

30

دوست

2653

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  641
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1267
تۆھپە : 6
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-12-13

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 11:40:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى ئىلگىرى بىر قېتىم ئوقۇغان ئىدىم، بۈگۈن يەنە ئوقۇدۇم ......
ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ مۇنبەردىن ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن، ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!!!!!!!!!


نائەھلىلەر قىسماي قۇلاققا،تاشلاپ كەتسە مىنى تۇپراققا.غۇرۇرۇمنى ساقلاپ قالماققا،ئايلىنارمەن تىكەن-يانتاققا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2013-1-31 06:19 , Processed in 0.206501 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش