گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 649 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 466|ئىنكاس: 11

ئۇلغىيۋاتقان ئاي پاتەملەر قوشۇنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
52
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 520
تۆھپە : 34
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-22

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 20:26:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مائارىپ مىنىستىرلىكى 2007يىلى 8-ئايدا يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن 117 سۆزلۈكنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئېشىندى قىز ''剩女''  ئاۋات شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان، يىشى 28 دىن ئىشىپ كەتكەن بولسىمۇ تېخى توي قىلمىغان، جۆرىسىمۇ يوق قىزلارنى كۆرسىتىدىكەن. ئابدۇللا ئابدىرېھىم ۋە خالمۇرات ئۆمەرنىڭ مېھمان ناملىق ئىتوتىدا يارىتىلغان ئايپاتەم ئوبرازى بىلەن ئايپاتەم دېگەن سۆزمۇ شۇ تىپتىكى چوكان ۋە قىزلارنىڭ مەنىداش سۆزى بولۇپ قالدى. 2007-يىلى ئېشىندى قىزلارغا يەنە 3S دەپمۇ نام بېرىلگەن، يەنىSinggle-بويتاق؛ Stuck -ئولتۇرۇپ قالغانلار؛ Seventies  -ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى تۇغۇلغانلار، لېكىن ھازىر يىللانىڭ ئۆتىشى بىلەن 80-يىللىرى تۇغۇلغانلارمۇ ئايپاتەملەر قوشۇنىغا قېتىلىشقا باشلىدى.
         بەيدۇ ئىنسايكىلوپىدىيەسىدىكى ئستاتىسكىلارغا قارىغاندا ‹‹ئايپاتەملەر›› قوشۇنى نۆۋەتتە تەسەۋۋۇرىمىزدىكى مۆلچەرلىگىنىمىزدىنمۇ كۆپ بولۇپ پەقەت بېيجىڭ شەھىرىنى مىسالغا ئالساقلا ئايپاتەملەرنىڭ سانى 500 مىڭدىن ئاشقان، بۇ تېخى تۆۋەن مۆلچەر ئىكەن. كىشىنى تېخىمۇ  ئويغا سالىدىغىنى ئايپاتەملەر ئىچىدە تۇرمۇش شارايىتى ئەۋزەل، تەققى تۇرقى چىرايىمۇ قاملاشقان، كەسىپتە غەلىبە قىلىپ مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، بىلىملىك، ئەقلى ئىقتىدارىمۇ يۇقىرىلار تېخى خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. ئانداقتا ئايپاتەملەر قوشۇنىنىڭ كۈندىن كۈنگە زورىيىشى پەقەت شەخسنىڭ مەسىلىسىلا بولۇپ قالماي بىر ئومۇمى يۈزلۈك ئىجىتىمائى مەسىلە بولۇپ قالدى دېگەن سۆز.
        مېنىڭچە رايونىمىزمۇ بۇ يۈزلىنىشتىن مۇستەسنا ئەمەس، بولۇپمۇ يىقىنقى يىللاردىن بىرى ياشلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن خىزمەت تېپىش،  بىرە تىرىكچىلىكنىڭ پىشىنى تۇتۇش بېسىمىنىڭ ئېغىر بولىشى، بۇنى ئاز دەپ ئىستېمال سەۋىيىسىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئىشىپ مال باھاسىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلىشى ، بولۇپمۇ توي قىلىشتا ھازىر ئەڭ زۆرۈر شەرت قىلىۋېلىنغان ئۆينىڭ باھاسىنىڭ نەچچە ھەسسە قاتلىنىپ ياشلار ئۈچۈن يىقىنلاشقۇسىز بولۇپ كىتىشى، جەمىيەتتە شىددەت بىلەن يامراپ كىتىۋاتقان بەسخورلۇق، ئابرويپەرەسلىك، شۆھرەتپەرەسلىك بىلەن تامامەن مۈمكىنچىلىگى بار توي ئىشلىرىنىڭمۇ مۇمكىن بولماي قىلىشى، بولۇپمۇ ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ دىگەندەك بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئۆي، توي سېلىغى ۋە تويدىن كىيىنكى ماددى تۇرمۇش كاپالىتى دىگەنلەرنى مۇھەببەت، نىكاھ دېگەنلەرنىڭ ئالدىغا قويۇشى قاتارلىقلار ئايپاتەملەر قوشۇنىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىنىڭ ئىجىتىمائى سەۋەبلىرىدىن بىرىمىكىن دەيمەن. بۇ مەسىلە بىزنىڭ رايونىمىزدىمۇ ئەۋج ئىلىشقا يۈزلەنگەن مەسىلە بولغان ئىكەن كۆپچىلىك بۇنىڭ ئىجىتىمائى ۋە روھى قاتلامدىكى سەۋەب نەتىجىلىرى، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىلىرى توغرىلىق ئىنكاس شەكلىدە تونۇشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا.
        ئەلۋەتتە بۇنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى مۇھەببەت ۋە نىكاھدىكى ئوڭۇشسىزلىق، بۇمۇ بىر ئومۇمى ئەھۋال.
       ھەي، ئوغۇللارغىمۇ تەس قىزلاغىمۇ تەس،
قىزچاق، بۇ تىمىنى كۆرۈپ بولۇپ سىزنىڭ ئاي پاتەملەر قوشۇنىغا قىتىلىپ كىتىشىڭىزگە يەنە قانچىلىك ۋاقىت قاپتۇ تىز ئويلاڭ. ئەمەلىيەتچان بولايلى ياش دوستلار. ئاش بولسا قازان جان بولسا جاھان دەيدۇ، ساغلام تىنىمىز ۋە ئەقلى ھوشىمىز بولىدىكەن، پەقەت تىرىشىپ تىرمىشىپ تىرىكچىلىك قىلساقلا ئەسكى كۆلبىمىزنى خان سارىيىغىمۇ ئايلاندۇرالايمىز. تىرىكچىلىك كىمگە يوق؟ كىم تالادا قاپتۇ؟ بۇ يىلى ئۆي ئالغۇچىلىگى يوقكەن دەپ بىرىدىن يېنىپ، يەنە بىر يىلى مەتوكەن رومانتىك ئەمەسكەن دەپ يەنە بىرىدىن  يېنىپ يەنە بىر يىلى خىزمىتى بەلەن ئەمەسكەن دەپ  يىنىپ،يەنە بىر يىلى ماڭا ماس كەلمەيدىكەن دەرىجىسى ماڭا ماس كەلمەيدىكەن دەپ يېنىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئايپاتەملەر قوشۇنىنىڭ سەردارى بولۇپ قالغانلىغىڭىزنى بىلمەيلا قالىسىز. ئوغۇللارمۇ شۇ، بۇرۇن ئۆي ئالايمۇ، ئۆيلىنەيمۇ ،ئۆلۈۋالايمۇ  دەپ بىر شېئىر يىزىلغان، تېخى ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىدە ئۆي باھاسى 2000 سومتى. ھازىر ئۆرلەپ ئالدى 10000 غا چىققاندىمۇ ھىچكىمنىڭ ئۆلۈۋالغىنى، كوچىدا قالغىنى يوق.
       قىزچاق، ئۆيى باركەن دەپ ئۆزىڭىز ئەسلا ياخشى كۆرمەيدىغان بىرىنى تاللامسىز؟   
      ياكى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان، مەڭگۈ بىرگە ئۆتۈپ كىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىرى بىلەن ئاددى ساددى بولسىمۇ ماكانىڭىزنى قۇرۇپ مەزگىللىك جاپالارغا دادىل يۈزلىنىپ ئىشەنچ بىلەن كەلگۈسىڭىزنى قۇرۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟  
      ياكى بۇ ئىككى خىل تاللاش ئارىسىدا تىڭىرقاپ يۈرۈپ ئايپەتەملەر قوشۇنىغا قېتىلىپ كەتمەكچىمۇ سىز؟ ئەگەر شۇنداق بولسا مەن بىزنىڭ ناھايىتىمۇ دانا بىر ماقال-تەمسىلىمىزنى سەمىڭىزگە ۋاقتىدا سىلىپ قوياي، مەنىسىنى ھامان بىر كۈنى چۈشۈنۈپ قىلىشىڭىز مۇمكىن:
     
                    ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ بولسۇن، ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ بولسۇن


مەنبە؛ مىسرانىم  تورى
[ بۇ يازمىنى ئەتىرگۈل تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2011-10-17 20:43 ]

[ بۇ يازمىنى ئەتىرگۈل تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2011-10-17 20:43 ]

[ بۇ يازمىنى ئەنجان باي تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2011-10-17 20:46 ]



Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 520
تۆھپە : 34
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-22

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 20:54:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېېمامنى تەھرىرلەپ قويغىنىڭىزغا رەھمەن ئەتتىرگۈل


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1026
تۆھپە : 35
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-16

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 21:05:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇييۇ ، ئېشىندى قىز ، ئايپاتەملەر قوشۇنى ، بۇ قىزىق گەپكەن، دېمىسىمۇ ئوغۇللار توي سېلىقىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن خوتۇن ئالالمايۋاتقان، ئايپاتەملەر ئاۋۇپ كېتىۋاتقان، مۇنبىرىمىزدىمۇ بارمىكىن ئايپاتەملەر.


Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  75
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1294
تۆھپە : 360
توردا: 123
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-24

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى  مۇنبەر قىززىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 22:02:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنۇشۇپ قۇياي دئىگەنما.


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  432
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 620
تۆھپە : 20
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-29

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 22:26:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاساسلىقى دەۋرمىز ياشلىرى ئارسىدا كەڭ تارقالغان ‹‹ياماق مەدەنىيەت››نىڭ تىپىك نامايەندىسى ،نىكاھنى تاۋارلارشتۇرۋېلشنىڭ نەتىنجسى ،ئابروي پەرەسلىكنىڭ يارقىن ئىپادىسى.دۇنيادا ئۈچ نەرسىنىڭ ئادەمگە مىراس ئەمەسلىكىنى بىلمەسلىكتىن ياكى قەستە قارشى چىقىشتىن كەپ چىققان ئاقىۋەت.نىكاھ ئىنسان بىلەن تەڭلا بارلىققا كەلگەن تەبئىي قانۇنىيەت(پەرھىز قىلىنغان، ئىنسان يوق قىلالمايدىغان ھەم ئۆزگەرتەلمەيدىغان قانۇنىيەت) بۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلار «ئاي پاتەم»ھەتتا «قەدىمىي يادىكارلىق»قائايلىنىپ كىتىشى مۇقەررەر.شۇڭا ئىرادىڭىزنى مۇستەھكەم،نىيتىڭزنى دۇرۇس قىلسىڭز يوقنى بار .قىلالايدىغانلىغىڭىزغا ئىشنىڭ.پۇل ئەسلى بولغان ئەمەس .ئادەم ئۆزى بېسىپ چىقىرىپ،يەنە ئۆزى خەجلەيدىغۇ.ئەجىبا سىز شۇنى قىلالمامسىز.شۇڭا نامۇۋاپىق شەرتىڭىزنى قۇيۇپ دەرھال توي قىلىڭ.شۇچاغدابۇرۇنراق قىلمىغىنڭىزغا پۇشايمان قىلىپ قالسىزغۇ دەيمەن.بويتاقلار


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتىللا يىغىش سەۋەبى
admin + 5

ھەممە باھا نومۇرى : تىللا + 5   باھا خاتىرىسى

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  312
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 259
تۆھپە : 28
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-1-27

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 20:42:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توي ھەر بىر كىشىنىڭ بېشىغا كېلدىغان، ھاياتلىقتىن مۇستەسنا بولمىغان خۇشاللىق بىر ئىش.
ئەي ياش دوستۇم - ئۆزىڭىزنىڭ بەختىنى پۇل-مالغا باغلىۋالماڭ !!!!!!!!!!!!!!!!!


ئۆزەڭگە ئىشەنچىڭ بولسا كەلگۈسىڭ پارلاق بۇلىدۇ !!!http://guzalbay.com/bizak/rasim/26.gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  517
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 52
تۆھپە : 10
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2011-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 22:54:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كانداق قىلمىز ئامدى


Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1115
تۆھپە : 376
توردا: 109
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-25

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 00:43:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدىلا كەچۈرسىلەر دوسلار مەن كۆرمۈدۈم ھە .....خۇدايىم ھەمىمىزنىڭ بەختىنى بەرسۇن.


گۈزەل باي توى بىزنىڭ ھەم سىزنىڭ ئىللىق ماكانىمىز

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 520
تۆھپە : 34
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-22

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-11 23:08:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توي ھەر بىر كىشىنىڭ بېشىغا كېلدىغان، ھاياتلىقتىن مۇستەسنا بولمىغان خۇشاللىق بىر ئىش.
ئەي ياش دوستۇم - ئۆزىڭىزنىڭ بەختىنى پۇل-مالغا باغلىۋالماڭ !!!!!!!!!!!!!!   



توپ  يوغرا گەپ


Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  544
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 140
تۆھپە : 10
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2011-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 11:31:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردە‹‹ ئايپاتەملەر›› بولسا تەرجىمھالىڭلارنى يوللاپ قويۇڭلار،خۇدايىم ياخشى بىر ھەمىرا ئاتا قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

رەسىمسىز نۇسقا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-4-1 14:19 , Processed in 0.206799 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش