گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 649 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 326|ئىنكاس: 7

يېزا مائارىپىنى كۈتىۋاتقان قىسمەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
49
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 5
تېللا: 1558
تۆھپە : 344
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-29

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 00:21:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېزا مائارىپىنى كۈتىۋاتقان قىسمەتلەر
(ماقالە)


2000-يىللارنىڭ بېشىدا باشلاغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى نۇقتىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ ناھىيە ۋە يېزىلاردىمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە نوتىلىق (كۈچەيتىلگەن سىنىپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ)سىنىپلار بارلىققا كەلدى.

باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى نوتىلىق (كۈچەيتىلگەن سىنىپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سىنىپلار باشلانغۇچنىڭ تۆتىنچى ياكى بەشىنچى يىللىقىدىن باشلاپ ھەرقايسى كەنت باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوخشاش(پارالېل)سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ماتېماتىكا ۋە خەنزۇ تىلىدىن يېزا بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنپ،ئىمتىھان نەتىنجىسى ئەڭ يوقۇرى بولغان ئوتتۇز نەچچە نەپەر ئەلاچى ئوقۇغۇچىىنى تاللىۋېلىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.بۇ ئوقۇغۇچىلارنى يېزا مەركىزىي باشلانغۇچ ياكى ئوتتۇرا مەكتەپتە مەخسۇس بىر سىنىپقا يىغىپ،ياتاقتا ياتقۇزۇپ،ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش مىتودى ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس تاللىنىپ دەرس ئۆتۈشكە بەلگىلىنىدۇ.

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى نوقتلىق(كۈچەيتىلگەن)سىنىپلار بولسا ھەرقايسى كەنت باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈردىغان سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ماتېماتىكا ۋە خەنزۇ تىلىدىن يېزا بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان ئىمتىھاندىكى نەتىنجىسى ئەڭ يوقۇرى بولغان ئوتتۇز نەچچە نەپەر ئەلاچى ئوقۇغۇچىىنى تاللىۋېلىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.بۇ ئوقۇغۇچىلارنىمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتەپلەردە مەخسۇس بىر سىنىپقا يىغىپ،ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدىكى ئوقۇتۇش مىتودى ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس تاللىنىپ دەرس ئۆتۈشكە بەلگىلىنىدۇ.تولۇقسىز  ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىلىغا بارغاندا پارلېل سىنىپلاردىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىپ،ھېلىقى نۇقتىلىق سىنىپتىكى نەتىنجسى نىسبەتەن تۆۋەن چىققان ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى سىنىپقا شاللاپ چىقىرۋېتىلىپ،ئادەتتىكى سىنىپلاردىكى نەتىنجىسى ئەڭ يوقۇرى ئوقۇغۇچىلار نوقتىلىق سىنىپقا تاللىۋېلىنىدۇ.

مەيلى باشلانغۇچ مەكتەپتە بولسۇن،مەيلى ئوتتۇرا مەكتەپتە بولسۇن،ئادەتتىكى سىنىپلار(باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئادەتتىكى سىنىپ ۋە نوقتىلىق سىنىپ دەپ ئىككىگە،ئوتتۇرا مەكتەپتەپلەردە ئادەتتىكى سىنىپ،نوقتىلىق سىنىپ ۋە كەسپىي سىنىپ دەپ ئۈچكە ئايرىلىدۇ)دا قىرىق-ئەللىك نەپەر ئوقۇغۇچى قىستىلىپ ئولتۇرۇپ دەرس تىڭشىسا،نوقتىلىق سىنىپلاردا ئوتتۇز-قىرىق نەپەر ئوقۇغۇچى ئازادە ئولتۇرۇپ دەرس تىڭشايدۇ.

مائارىپ ئىدارىسى،مائارىپ ياچېيكىسى ۋە مەكتەپ مودېرلىرىنىڭ ئىمتىھان نەتىنىجسى تۆۋەن چىقىپ قېلىپ يۈزۈنى چۈشۈردىغىنى ئادەتتىكى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسا،يۈزىنى يورۇق قىلىدىغىنى،شان-شەرەپكە ئېرىشتۈردىغىنى ناھايىتى ئاز ساندىكى نوقتىلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدىكى نوقتىلىق تولۇقسىز ياكى نوقتىلىق تولۇق ئوتتۇرغا ئۆتكەن بىر-ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى خالاس.

مائارىپتىكى بىلىم ئېلىش جەھەتتىكى بۇ تەڭسىزلىك ۋە باراۋەرسىزلىكنى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئاددەتتىكى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئانچە ھېس قىلالمىغان بىلەن،ئەمما تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئادەتتىكى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئۆلتۈرىدۇ.بۇنداق سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنى ئىستىقبالى يوق ئوقۇغۇچى،سىنىپ مودېرى ۋە دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى بىلىمى يوق ئوقۇتقۇچى،دەپ قاراپ ئۆگۈنىشتە بىراقلا بەل قويۋېتىدۇ.ئۇلار بېرىلگەن ھەرقانداق ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ۋەدىلەرگە قەتئىي ئىشەنمەيدۇ.

نوقتىلىق سىنىپلارغا دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا ئاز سۆزلەپ،تاپشۇرۇقنى ئاز تەكشۈرۈپ،ئارخىپنى ئاز ئىشلەپ،موكاپات ۋە ئۈنۈم ئىش ھەققىنى كۆپ ئېلىپ،شان-شەرەپكە كۆپ نائىل بولسا؛ ئادەتتىكى سىنىپلارغا دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا كۆپ سۆزلەپ،تاپشۇرۇقنى كۆپ تەكشۈرۈپ،ئارخىپنى كۆپ ئىشلەپ،ئۈنۈم ئىش ھەققىنى ئاز ئېلىپ بارمىقىنى چىشلەپ قالىدۇ.

مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئادەتتىكى سىنىپلارغا دەرس ئۆتۈدىغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپ مودېرلىرى ۋە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۆز سىنىپىدىن ئەلاچى يىتىشتۈرۈشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى يوقاردا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمدەك،بۇ ئوقۇغۇچىلارنى قولدىن چىقىرىپ قويۇپ،ئادەتتىكى  يۈزىنى يورۇق قىلالمايدىغان ئوقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە قېلىپ،ئۈنۈم ئىش ھەققىدە زىيان تارتىشتىن ساقلىنىش.

ئاخىىرىدا ئەڭ چوڭ زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا يېزا-كەنتلەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئادەتتىكى سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلالايدىغانلىقىىغا كۆزى يەتمەي نارازىلىق ھېسىياتىدا دەرسكە كىرگەن سىنىپ مودېرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى تىڭشاپ،ئۇلارنىڭ بىلىم-سەۋيىسىگە ۋە ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئستىقبالىغا ئىشەنمەي چوڭ بولىۋاتقان مىڭلىغان،ئونمىڭلىغان سەبئىي بالىلار.

ھازىر يېزىلاردا ئىدارە-ئورگانلارنىڭ كادېرلىرىلا ئەمەس،ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ مودېرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۆز مەكتىبىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە قەتئىي ئىشەنمەيدۇ.شۇ سەۋەپتىن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مودېرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى ناھىيە بازىرىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتسا،ناھىيە بازىرىدىكى ئوتتۇررا مەكتەپ مودېرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى ۋىلايەتتىكى مەكتەپكتە ئوقۇتۇۋاتىدۇ.بىر يېزىدا ئىككى –ئۈچ يۈز نەپەر مائارىپچى،ۋە بىرەر يۈز نەپەردىن كۆپ باشقا ساھەنىڭ كادىرى بار بولسا،ئەمما ئۇلارنىڭ شۇ يېزىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتىدىغان پەرزەنتلىرىنى ئىستاستىكا قىلسا ئونغىمۇ يەتمەيدۇ.يېزا مەكتەپلىرىنى ھازىر ئىسمى-جىسمىغا لايىق دېھقان پەرزەنتلىرى مەكتىپى دېسە بولىدۇ.

ئالدىنقى ئايدا ناھيىدە بىر يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇپ،ناھىيە بازىرىدىكى كونا ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ھەرقايسى يېزىلاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن بىلىم سەۋيىسى يوقۇرى دەپ قارالغان بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلار تاللاپ(بۇنداق تاللاپ-يۆتكەش ھەر يىلى بولىۋاتىدۇ)يۆتكەپ كېتىلۋېدى،ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتى يۆتكىلەلمەي،ئۆز مەكتىبىدە قالغان بىچارە ئوقۇتقۇچىلارغا قوشلاپ-قوشلاپ ئارتىلدى.شاللىنىپ قالغان ئوقۇغۇچىلار ۋە شاللىنىپ قالغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن قالغان مەكتەپ مودېرلىرىنىڭمۇ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى چىقىپ كەتكەندەكلا بولۇپ لاسسىدە بولۇپ قالدى…
ئوقۇتۇش قىزغىنلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى بار پەرزەنتلىرى ۋە ئوقۇتۇش قىزغىنلىقى بار ئوقۇتقۇچىلار شەھەرگە قاراپ ئېقىۋاتىدۇ.يېزا مائارىپىنى،دېھقان پەرزەنتلىرىنى قانداق قىسمەتلەر كۈتۈۋاتىغاندۇ؟!

2011-يىل30-سېنتەبىر


Rank: 4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 6
تېللا: 2800
تۆھپە : 1610
توردا: 269
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-30

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 01:25:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەمەلىيەتنى يېزىپسىز. يېزا مائارىپى يىتىم قېلىشقا بولمايدۇ. دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ ياخشى ئوقۇتۇش ، دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش- ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى.


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  303
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 935
تۆھپە : 110
توردا: 58
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-1-22

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 21:59:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يوللاپسىز ، ھەممە جەھەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ، ئەمىليەتتە يېزا مائارىپىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .....


ئەسرار .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1026
تۆھپە : 35
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-16

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 00:08:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوپوسىمىزنىڭ 90%تىن كۆپىنى ئىگىلەيدىغان يېزىلاردا باللىرىمىزنىڭ ئىدىيسىدە ، تېما ئىگىسى دېگەندەك ، ئادەتتىكى سىنىپلاردا ئوقۇيدىغان بالىلار ئىشەنچىسىنى، ئىرادىسىنى يوقىتىپ قويۇۋاتىدۇ، ھەتتا تولۇقسىزنى پۇتتۈرگەندە ئانا تىل يېزىقىدا چالا ساۋاد ئەمەس، قارا ساۋاد چىقىدىغان بالىلار كۆرۈلىۋاتىدۇ.
شۇ ئادەتتىكى سىنىپقا دەرىس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھالىغا تېخى ۋاي، كېچىلەپ تەييارلىغان دەرىسىنى بالىلار ئاڭلاپ قويسا نېمە دەي. بەك ئەپسۇس. تۈزۈلمىمىزدىكى مەسلىمۇ بۇ؟!


Rank: 4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2372
تۆھپە : 105
توردا: 174
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-1

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 15:16:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپنى، بۇلۇپمۇ يېزا مائارىپىنى سۇسلاشتۇرۇپ قۇيۇشقا قەتئىي بولمايدۇ .مائارىپتىكى بەزى قاتماللىقنى چۇقۇم بىخ ھالىتىدە ئۇجۇقتۇرۇش كېرەك . چۈنكى مائارىپ- مىللەتنىڭ پاراۋۇزى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۈسۈپجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-12 15:17  



Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  183
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 944
تۆھپە : 207
توردا: 55
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-25

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 19:15:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى، سىز ئوتتۇرغا قويغان بەزى مەسىىللەرنىڭ سەۋەبى بار ، بەزى گەپلىرىڭىزچەكتىن ئېشىپ كىتىپتۇ، ھەممىنى ئوقۇتقۇچىلارغا دۆڭگەپ قويسىڭىز بولمايدۇ-دە،  ئىش ئۇنداق ئاددى ئەمەس، گەپ ھازىرقى مائارىپ تۈزۈلمىسىدە.  سىزمائارىپنىڭ ئەھۋالىنى تازا چۈشەنمىسىڭىز كېرەك.  قايسى كەسىپتە ئىشلەيسىز؟ بىلىپ باققۇم بار.


يازمىلىرىم تورداشلارغا  ھوزۇر بېغىشلىيالىسا ئۆزەمنى بەخىت ھىس قىلاتتىم....

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  303
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 935
تۆھپە : 110
توردا: 58
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-1-22

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 15:26:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مېنىڭچە بۇخىل مائارىپنىڭ بىزگە نىسبەتەن ھەم پايدىسىمۇ ،ھەم زىينىمۇ بار .
    پايدىسى : بۇنداق بولغاندا كەلگۈسىدىكى تىرىشچان ئەۋلادلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشىدۇ . چۈنكى ، تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممە شارائىت تولۇق (مەسلەن :ئوقۇتۇش مىتودى ياخشى ئوقۇتقۇچى دېگەندەك ) بولغان مۇھىتتا دەرىس ئاڭلىغىننىڭ ئۈنۈمى ئادەتتىكى شارائىتتا ئوقۇغانغا قارىغاندا يوقىرى بۇلىدۇ ، بۇ مۇقەررەر .     
     تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنى نەزەرگە ئالغاندا بۇ خىل ئەھۋال ناھايتتى ئەۋزەللىككە ئىگە .
     ئۇنداقتا بىز ئويلاپ باقايلى ، بۇ تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى شارائىتتا ئوقىغىنى ياخشىمۇ ياكى ياخشى شارائىتتا ئوقۇپ ياراملىق ، تىرىشچان ، كەلگۈسىدە بىزدىنمۇ بەكرەك بىلىملىك مىللەت ئىزباسارلىرى يېتىشىپ چىققىنى ياخشىمۇ ؟مېنىڭچە ، يىراقنى ئويلاپ ياراملىق ئىزباسارلارنى يىتىشتۈرگەن ئاقىلانىلىكمىكىن دەپ ئويلايمەن .
     زىينى : يۇقىردا تىلغا ئېلىنغىنىدەك يېزا مائارىپى يېتىم قېلىشى مۇمكىن . بۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ چارىسى :مەكتەپ تۈزۈلمىسىنى ياخشىلاش ، ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇننى خىللاشتۇرۇش ، ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش . ئوقۇتقۇچىلارنى ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ، بۇ ئارقىلىق ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك ، مەكتەپ مۇدېرلىرى بۇنىڭغا ماسلىششى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرشى كېرەك . مەن بۇيەردە ھەممە مەسئۇليەتنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلىمەكچى ئەمەس (شەخسەن ئۆزۈمنىڭ ئاتىسىمۇ ئوقۇتقۇچى ) ، بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب : ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئوقۇتقۇچىلارغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك .
**
     مېنىڭچە يۇقارقى ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى توغرا تۇنۇپ يەتكەندىلا ئاندىن بۇخىل ئەندىزىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن .
     مەسلەن ھەربىر سىنىپتا تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرەلىسەك ، ئۇ ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ ‹ ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى › دېگەن نامى چىقتى دېگەن گەپ . بۇ خىل ئەھۋالدا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئالمىشىش ئەھۋاللىرى كۆرىنەرلىك دەرجىدە ئازلايدۇ . بۇ ئارقىلىق بىز يېزا مائارىپىنىڭ جانلىقلىقى ۋە قىزغىنلىقىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز .
    بەزىلەرنىڭ باللىلىرنى تۇغۇلغاندىن باشلاپ چوڭ شەھەرلەردە ياكى ناھىيە مەركەزلىرىدە ئوقۇتۇش ئىشىغا كەلسەك بۇنى بىز ئۆزىمىزدىن باشلىساق توغرا بۇلىدۇ . چۈنكى ئۆزىمىز بەزى گەپلەرنى دەيمىز يۇ ، ئەمەل قىلىشقا كەلگەندە سەل قارايمىز .


ئەسرار .

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 5
تېللا: 1558
تۆھپە : 344
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-3-29

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 16:44:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سايرامى يوللىغان ۋاقتى  2011-10-12 19:15
مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى، سىز ئوتتۇرغا قويغان بەزى مەسىىلل ...

مەن ھەممىنى ئوقۇتقۇچىغا دۆڭگەپ قويمىدىم.مەنمۇ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىدە ئىشلەيمەن.
مېنىڭ قايسى گېپىم چەكتىن ئېشىپ كېتىپتۇ؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

رەسىمسىز نۇسقا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-4-1 13:55 , Processed in 0.241897 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش