گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 276 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 130|ئىنكاس: 2

ياپونىيە جۇڭگولۇق 140 ساختا ئۇقۇغۇچىنى قوغلاندى قىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
63
تېما
56
قىزغىنلىق
774
تىللا
1512
تۆھپە
105
توردا
138 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 23:07:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپونىيە ئائومورى ئۇنىۋېرسىتېتىدا يېقىندا جۇڭگولۇق «ساختا ئوقۇغۇچىلار» ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئېھتىياتسىزلىقتىن جۇڭگودىن خېلى كۆپ «ساختا ئوقوغۇچى» قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ھازىرغىچە ئوقۇش نامى بىلەن ياپونىيەگە ئىشلىگىلى كەلگەن جۇڭگولۇق 140 ئوقۇغۇچى قوغلاندى قىلىنغانلىقتىن، ياپونىيەدە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ بۇ ئىشنى ھەدەپ خەۋەر قىلدى. ياپونىيە «يومىئۇرى خەۋەرلىرى گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇ ۋەقە ياپونىيەدىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ باش قېتىمچىلىقىنى، يەنى ئالى مەكتەپلەرنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ جان باقمىسا بولمايدىغان ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
      ياپونىيە «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى» دە ياپۇنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى سۇئېناگا يوئىچى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئىچىپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 2008-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە جۇڭگولۇق 140 ئوقۇغۇچىنى كەينى-كەينىدىن قوغلاندى قىلغانلىقىنى، چۈنكى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مەخسۇس ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەتتا ئائومورى شەھىرىدىن توكيوغا بېرىپ خىزمەت ئىزىدىگەن. سۇئېناگا يوئىچى يەنە : قوغلاندى قىلىنغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ كىرىم ئىسپاتىنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش تەكشۈرۈشىدە ياپون تىلى لاياقەتلىك كىنىشكىسىنى تاپشۇرغانلىقىنى، ئەمما مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بىر ئېغىزمۇ ياپونچە بىلمەيدىغانلىقىنى بايقىدۇق، دېدى. ئۇ يەنە مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ياپون تىلى ئىمتىھانىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىىنىڭ تۆۋەنلىتىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
         خەۋەردەر مۇنداق دېيىلدى: ئائومورى ئۇنىۋېرسىتېتى2006-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. چۈنكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغاندا ئۇلاردىن ئوقۇش پۇلى ئالغاندىن باشقا، يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپنىڭ باشقۇرۇشتىكى مۇھىم مەبلەغ مەنبەسى، دېيىشكە بولىدۇ. ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا، ئائومورى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلى 550 مىڭ يىن بولۇپ، يەنە 100 مىڭ يىن مەكتەپكە كىرىش پۇلى تاپشۇرىدىكەن. جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋە بېيجىڭدىكى ئۈچ ياپون تىلى مەكتىپىدىن كېلىدىكەن. مەكتەپ تەكشۈرۈش كومىتىتى 2008-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە ئائومورى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خېلى كۆپ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپ ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىلاشمىسا ئادەتتە مەكتەپكە دەرىسكە كەلمىگەنلىكىنى، يەنە بەزىلەر تاپشۇرغان ھەر خىل ئىسپاتلارنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بۇ «چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار»نىڭ كۆپىنچىسىنىڭ توكيودا ياكى ئەيچى ناھىيەسىدە ئىشلەمچىلىك قىلغانلىقىنى بايقىغان. تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەخسۇس تەدبىر تۈزگەن.
      «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرى  ئائومورى ئۇنىۋېرسىتېتىغا تېلېفۇن بەرگەندە مەزكۇر مەكتەپنىڭ پروفېسسورى: ھازىر مەكتىپىمىزدە مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىۋاتقاچقا، ھېچقانداق سۇئالغا جاۋاپ بېرەلمەيمەن. مېنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىم بولسىمۇ، بۇ سۇئالغا مەكتەپ مۇدىرىلا جاۋاپ بېرەلەيدۇ، دېدى. ياپونىيە سوپخىئا ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ پروفىېسورى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئائومورى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش چەت جايغا جايلاشقان مەكتەپلەر ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ھازىر توكيودىكى بەزى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىمۇ قىيىنلىشىپ كەتتى. شۇڭا، ياپونىيەدىكى ئائومورى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى تۈركۈملەپ قوبۇل قىلغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغىلى كەلمىگەن بولسا، ئۇلارنى قوغلاندى قىلىش كېرەك.
         ياپونىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى قوغلاندى قىلغاندا جەزمەن ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىش كېرەك ئىكەن. ئەمما ئائومورى ئۇنىۋېرسىتېتى 2008-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى قوغلاندى قىلغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلمىغان. ئائومورى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى سۇئېناگا يوئىچى: ئائومورى ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىش تەكشۈرۈشى بەك بوش، جەمئىيەت، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت ئالدىدا جاۋاپكارلىقىم بارلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودىكى ئالاقىدار ياپون تىلى مەكتەپلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى توختىتىمىز، ئەمما ئائومورى ئۇنىۋېرسىتېتى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى داۋاملىق  قوبۇل قىلىش ۋە كۆپەيتىش ئارقىلىق مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، دېدى.      
www.Nur.cn  مەنبە


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
13
قىزغىنلىق
316
تىللا
1668
تۆھپە
161
توردا
267 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 23:29:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قانداق گەپتۇ ئەمدى،ياكى ياپۇنىيەدە ئىش تېپىش ئاسان،ئىش ھەققى يۇقىرى ئوخشىمامدۇ؟


كىشىگە كىشىنى مۇھتاج قىلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن

Rank: 2

تېما
12
قىزغىنلىق
311
تىللا
815
تۆھپە
110
توردا
52 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 16:58:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە مانا مۇشۇنداق چېنىپ قالدىغان گەپچۇ ~
جۇڭگودا نېمە راست  ؟
ئامېركىمۇ جۇڭگونىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورتتىن بىكار چەكلىۋەتمىگەن ، ساختا ، ناچار بولغاچقا چەكلىۋەتكەن.


ئەسرار .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-22 14:39 , Processed in 0.115545 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش