نېمىشقا ؟
( مۇخەممەس )
( بىر مەيخورنىڭ ئېيتقانلىرى )
- يانغىن ! - دەيسەن ، - ئېيت ، نېمىشكە يانغۇدەكمىشمەن ؟
مەي ئىچىشتىن نىچۈن ئەمدى قالغۇدەكمىشمەن ؟
‹ ياش › سېپىگە ئۆتۈشتە بەك چانغۇدەكمىشمەن ،
جېنىمدىنمۇ ئەزىز مەيدىن تانغۇدەكمىشمەن ،
توۋا قىلىپ جەينامازدا ياتقۇدەكمىشمەن .
ئەركەك دېگەن كۈن ئاتلىماي ئىچىدۇ دائىم ،
مەيخۇمارلار دەيدۇ مەينى : « يۆلەك ، پاناھىم ،
جىق ئىچىشكە نېسىپ قىلغىن ئۇلۇغ خۇدايىم ،
مەھشەرگاھتا بولسۇن يەنە مەيخانا جايىم ! » ،
خوشلۇقىغا ھەييامنىڭ تىغ سالغۇدەكمىشمەن .
تۇرالمايمەن كۈندە بىر رەت كۆرمەي قەدەھنى ،
چىدالامدۇ جېنىم مېنىڭ ئىچمەستىن مەينى ؟
سوغۇق سۇدا ئىچىمەنغۇ تاپمىسام سەينى ،
ئۇزۇن ئۆتمەي قىستايدىغۇ ياندۇر دەپ قەينى ،
بۇنداق قىلسام ھەق يولىدىن ئازغۇدەكمىشمەن .
گاھ بىراۋلار دەيمىش : « يېشى چوڭىيىپ قالدى ،
ئۇ دۇنياغا كاندىداتلىق شىتاتنى ئالدى » ،
كىم ئۇ مېنى شۇنداق دېگەن : « چارچىدى ، تالدى ؟ »
شۇنداق دېگەن كىشى چوقۇم ئەقلىدىن ئازدى !
قاۋاقلاردىن ئەمدى پۇتۇم تارتقۇدەكمىشمەن .
مەي ئىچمىگەن كۈنمۇ ھېساپ بولامدۇ كۈنگە ؟
مەيسىز تارتقان كۈنلىرىمنى ئېيتاي مەن كىمگە ؟
ئۇسىز كۈنۈم بەجايىكى ئوخشاش ئۆلۈمگە ،
ماڭىمەنغۇ دوزاققىمۇ < مەي باركەن > دېسە ،
ئەمدى نېچۈن باشقا يولغا ماڭغۇدەكمىشمەن ؟
باشقا كەيپ نېمىتتى ئۇ ، مەينىڭ ئالدىدا ؟
قالار بەرى چېنىپ بۇلۇڭ - پۇشقاق دالدىدا ،
نېمە ئۆتەر ئالدىغا ھەم ئۇنىڭ ياخشىدا ؟
مەيسىز سورۇن قىزامدىكەن ئۇسسۇل - ناخشىدا ؟
نېچۈن < شوخلۇق ئىلاھى > دىن قاچقۇدەكمىشمەن ؟
ئەركەك تۈكۈڭ بولسا سەنمۇ ئىچ ! يىمەي ۋايىم ،
بوپقالدىڭمۇ يا ئۆيۈڭدە قورقۇنچاق < سايىم > ؟
يۈرىكىڭنى مۇجۇغانمۇ رەپىقەڭ دائىم ؟
ئەنسىرەمسەن بولارمۇ دەپ < قىيامەت قايىم > ؟
نىچۈن سەندەك سايىملىقنى ئالغۇدەكمىشمەن ؟
××××××××
مەيلى ، ئەركەك بولالمىساڭ مەي ئىچمەي تۇرۇپ ،
تارت ، ئۆزۈڭنى ! ئادەملىكىڭ كەتمەستە قۇرۇپ ،
رازىمۇ سەن ئەس - ھوشۇڭنى كەتسە مەي يۇلۇپ ! ؟
ياشاپ باققىن ئۆمرۈڭدە بىر چىن ئىنسان بولۇپ ،
ئويلا : « ئىچسەم - دەپ - لەنەتكە قالغۇدەكمىشمەن ! »
مەنبە :
« ئاقسۇ ئەدەبىياتى » 2007 - يىل 2 - سان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جەسسۇر2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-10-7 23:52