گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 266 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 164|ئىنكاس: 5

رۇزى ھېيىت-ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچش بايرىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
8
تېما
32
قىزغىنلىق
366
تىللا
1064
تۆھپە
277
توردا
22 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 20:14:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رۇزى ھېيىت-ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچش بايرىمى
(فېلىيەتۇن)

بۇ يىل9-ئاينىڭ 30-كۈنى ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا بارلىق دوختۇر-سېستىرالارغا جىددىي يىغىن ئېچىلدى:
      _ئالدىمىزدا دۆلەت بايرىمى،شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ رۇزى ھېيىتى كېلىۋاتىدۇ،_دېدى دوختۇرخانا باشلىقى كۆزئەينەك ئاستىدىكى كۆزلىرىنى كۆپچىلىككە تەكشى بىر قېتىم يۈگۈرتۈپ چىقىپ،_شۇڭا بۈگۈن دۆلەت بايرىمى ۋە رۇزى ھېيىت جەريانىدىكى پەۋقۇلئادە ئەھۋالغا قارىتا ھازىر بۇ يىغىننى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز .ھەممەيلەن قۇلىقىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭلار!
بۇ ئاي مۇسۇلمانلارنىڭ رامزان ئېيى بولغاچقا ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار رۇزا تۇتتى،كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار گەرچە رۇزا تۇتمىغان بولسىمۇ،بىراق جامائەت پىكرىنىڭ ئەيىپلىشىدىن قورقۇپ قانغۇچە ھاراق ئىچەلمەي ئىچى بەكمۇ تىتىلداپ كەتتى.ھازىر ھاۋا سالقىن،شۇڭا ئۇلار رۇزى ھېيىت كىرىشى بىلەنلا مەسچىتتىن يېنىپلا موتسىكىلىت،ھارۋا،تىراكتور ۋە ماشنىلارنى بولۇشىغا ھەيدەپ،ئۆيمۇ-ئۆي،رېستۇرانمۇ-رېستۇران ھېيىتلاشنى باشلايدۇ.ھېيىتلاش دېگىنىمىز قېرىلارغا نىسبەتەن ئۇرۇق-تۇغقان،ئەل-ئاغىينىلەرنىڭ بىر داستىخانغا جەم بولۇشۇپ ساڭزا يىيىشىنى كۆرسەتسە،ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارغا نىسبەتەن بىر ئاي جەريانىدا تۇتۇپ كەتكەن خۇمارى بېسىققۇچە ھاراق ئىچىشنى كۆرسىتىدۇ.
    مانا مۇشۇ رۇزا ھېيىت مەزگىلىدە بىزنىڭ ھاراق،تاماكا ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە سېتىپ چىقىرىدىغان زاۋۇت،ماگىزىنلىرىمىزنىڭ كىرىمى ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئېشىپ كىتىدۇ.
بۇنىڭ بىز بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار دەپ قالماڭلار! مۇناسىۋىتى بار،بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا رۇزا ھېيىت_ھاراق ئىچىش بايرىمى بولۇش بىلەن بىرگە بىزگە پۇل تېپىش بايرىمى بولىدۇ.
رۇزى ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئونىنچى كۈنىگە قەدەر مۇشتلىشىپ قاپىقى يېرىلغان،پىچاق ۋە زىق تىقىشىپ بەدەنلىرى تىشىلگەن،قارنى ئېشىلگەن،بىنادىن سەكرىگەن،ماشىنا-موتسىكىلىتلارغا سوقۇلغان،ماشىنا بىلەن ماشىنا،موتسىكىلىت  بىلەن موتسىكىلىت،ھارۋا،تىراكتورلارسوقۇلغان سەۋەبلەردىن پۇتى سۇنغان،قولى سۇنغان،قوۋۇرغىسى سۇنغان،ئۇمۇرتقىسى سۇنغان،بېشى يېرىلغان،مىڭىسىگە قان چۈشكەن،كۆزى قۇيۇلۇپ كەتكەن...ئۇيغۇر بىمارلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ كېلىدۇ.
مۇشۇنداق بولغاچقا بۇ مەزگىلدە تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىنى ئالاھىدەكۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.ئەتىدىن باشلاپ ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمى،ئاياللار بۆلۈمى ۋە بەش ئەزا بۆلۈمىنىڭ ھەربىرىدىن يىگىرمە كىشلىكتىن كارۋاتنى تاشقى كېسەللەرگە قارىتا ئاجىرىتىپ بېرىسىلەر،يوقارقى بۆلۈملەرنىڭ ھەرقايسىدىن تۆت نەپەردىن دوختۇر ۋە تۆت نەپەردىن سېستىرانى تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىگە قارىتا ئاجىرىتىپ بېرىسىلەر.بۇ مەزگىلىدە بايراملىق دەم ئالماي نورمال ئىشلىگەن دوختۇر-سېستىرالارنىڭ ھەر بىر كۈنىگە قارىتا ئىش ھەققىدىن سىرت يۈز يۈەندىن مۇكاپات قوشۇپ بېرىلىدۇ.كەچتە ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ مۇدىرلىرى ئۆز بۆلۈمىڭلاردىكى دەم ئالىدىغان ۋە دەم ئالماي ئىشلەيدىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى يوللاپ بېرىڭلار!
پىشقەدەم دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ گەپلىرى ئىچكىرىدىن يېڭىلا كەلگەن ياش ھېساباتچىنى گاڭگىرتىپ قويدى:
       _تاغا-،دېدى ئۇ دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا ئەگشىپ كىرىپ،_  ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان تۇرسا،مۇسۇلمانلار ھاراقنى مەكروھ،ھارام دەپ ئىچمەيدىغان تۇرسا،سىز مۇسۇلمانلارنىڭ رۇزا ھېيىت بايرىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچىش بايرىمى دېگىنىڭىز نېمىسى؟!
      _ھاراق ھارام،ھاراق مەكروھ دېگىنى ئۇلارنىڭ موللىلىرنىڭ گېپى،كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار ھە دەپ قويۇپ ئىچىۋېرىدۇ.
       _نېمىشقا ئەمدى،ئۇلارنىڭ دىلىدىكى ئېتىقاد نەگە كەتتى؟
       _ ئېتىقاد ئۇلارنىڭ تىلىدىلا بار.
       _ ھە...شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ قاتناش ئەترىتىدىكى ساقچىلار ئۇلارنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىشىنى توسمامدۇ؟
       _توسىدۇ،ساقچىلار چوڭ يوللارنى بازار يوللىرىنى توسسىمۇ،بىراق ئۇلار يەنىلا مەھەللىلەردە،ئارقا كوچىلاردا،تۈن كېچىلەردە ئوغۇرلۇقچە قاتناۋېرىدۇ.ئىشەنمىسەڭ رۇزا ھېيىت كەلگەندە كۆر!
        دەرۋەقە،رۇزا ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى،ئونىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن باشلاپ ئەتىسى سەھەرگىچىلا دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەللەر بۆلۈمى ئەللىك نەچچە نەپەر ئېغىر زەخمىلەنگەن بىمارنى ياتاققا ئالدى.
                                        2008 -يىل 3-ئۆكتەبىر         بالنىست
                                                           مەنبە:ئۈزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جەسسۇر2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-7 22:57  



Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
13
قىزغىنلىق
309
تىللا
1608
تۆھپە
161
توردا
265 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 22:58:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشلار راستىنلا بار جۇمۇ،ھەممەيلەن بىر ئويلىنىشقا تېگىشلىككەن،رەھمەت تېمىڭىزغا.


كىشىگە كىشىنى مۇھتاج قىلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
30
قىزغىنلىق
539
تىللا
2110
تۆھپە
77
توردا
790 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 09:34:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فېليەتونى ئىلگىرى قايسىبىر مۇنبەردە كۆرگەنتىم، شۇ مۇنبەرگىمۇ سىز يوللىغانمۇ؟


Rank: 3Rank: 3

تېما
32
قىزغىنلىق
366
تىللا
1064
تۆھپە
277
توردا
22 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 21:16:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فېليەتۇننى 2008-يىلى مەن شەبنەم تورىغا يوللىغان ئىدىم. ئۇنى ساقلىۋالغان  تورداشلار بۇ قېتىم بەزى تور بەتلەردە قايتا ئېلان قىلغان بولۇشى مۇمكىن.


Rank: 1

تېما
3
قىزغىنلىق
50
تىللا
138
تۆھپە
16
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 22:07:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز !


ئۆلۈكلەر ئۆلسە ئىدى ، دۇنيا تىرىكلەرگە قالاتتى . . .

Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
30
تىللا
64
تۆھپە
10
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 23:38:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئۇتۇۋەرسەك يەنە 2 ئەۋلات ئوتكەندەد بىزدىن مىللتىڭ نىمە دەپ  سۇرسا ۋېىزۇ دەپ دىنىىڭ نىمۇ دىسە بۇجىداۋ دەيدىغان ئوخشايدۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-15 00:33 , Processed in 0.107354 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش