چارلاش
(ھېكايە)
1
-ئەسالامۇ ئەلەيكۇم،ھەممىڭلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!
تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى،بېشىدىكى چېمەن دوپپىسى بىلەن ئۇچۇسىدىكى ئەتلەس كۆڭلىكى ئىگىز بويىغا تولىمۇ ياراشقان قىز ئاينىسانىڭ بۇ سۆزى يىغىن زالىنىڭ ئالدىدا ئىشىكنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يادىغا يىراق ئۆتمۈشتە قالغان قانداقتور بىر ئىشنى سالغاندەك بولدى.
-بىرگە بولسۇن!بۈگۈن قانداق بايرام؟!
-نورۇز بايرىمى!
-ۋوي راست،ھەجەپ بايرام قىلمىدۇقا بۈگۈن؟
-بايرام دېگەنگە پۇل بولسا قىلىدىغان گەپ.
-ئۆتكەن كۈنىدىكى ناھىيە بازىرىدا ئېلىپ بېرىلغان پانۇس بايرىمىغىمۇ پارتىكومدىن تۆتيۈز نەچچە مىڭ كوي تەستىقلاپ بېرىپتۇ.نورۇز بايرىمىغا قارىتا تۆتيۈزمىڭ ئەمەس،قىرىق مىڭ كوي تەستىقلاپ بەرسە،ھەر بىر يېزىغا تۆت مىڭ يۈەندىن خەجلەنسىمۇ راۋرۇس بايرام تەشكىللىگىلى بولىدۇ.
-مۇمكىن بولمايدىغان ئىشنى قويۇپ،بۈگۈن ھەپتىنىڭ ئاخىرى بولغاندىكىن يېرىم كۈنلۈككە نورۇز بايرىمىغا قويۇپ بەرسە دەڭلا ئاغىينىلە!
-مۇشۇ نورۇز بايرىمى،روزى ھېيت بايرىمى،قۇربان ھېيت بايرىمى دېگەنلەر كەلمىسە دەيمەن.كەلدىمۇ تۈگىگىچە كېچە-كۈندۈز خاتىرجەملىك يوق بىزگە!
- زالغا كىرىڭلار،بايرام كەلمىدى مەن كەلدىم.
ئىلمىي مودېرنىڭ يوقلىمىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ،زالنىڭ ئىشىكنى ئېچىشى بىلەن نورۇز بايرىمى توغىرسىدىكى گەپ-سۆزلەر بېسىقىپ،ھەممەيلەن ئالدىراش زالغا قەدەم ئالدۇق.
2
بۈگۈن21-مارت پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلەرنىڭ،جۈمىلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي بايرىمى بولغان نورۇز بايرىمى كۈنىمۇ مەكتىۋىمىزدە ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدەكلا ئالدىراش ئۆتۈپ كەتتى.ئەتىگەنلىك يوقلىمىدىن باشلاپ نورۇز بايرىمى ھەممىنىڭ يادىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.كەچ سائەت بەش يېرىمدا ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بىرىپ بىر كۈنلۈك پائالىيىتنى تىنچ-ئامان ئاخىرلاشتۇرغان ئوقۇتقۇچىلار ھارغىن قەدەملەر بىلەن يەنە زالغا جەم بولدى.بەش مىنۇتلاردىن كېيىن ئىلمىي مودېر كىرىپ ئوقۇتقۇچىلارغا:
-ھازىر چىقىپ ھەممىمىز،قوسۇقىمىزنى تويغۇزۇپ كىرىلى،كەچتە جىددىي سىياسىي ۋەزىپە بار ئىكەن.دەل سائەت سەككىزدە يوقلىما بار،-دېدى تولىمۇ سىرلىق قىلىپ.
-بۈگۈن يەنە چارلاشقا چىقىدىكەنمىز-دە.
-ئەتىگەن مەن دېمىدىممۇ بايرام كەلسە،بىزگە خاتىرجەملىك يوق دەپ.
-قاچانغىچە دەردىنى تارتامىز بۇ بايراملىرىمىزنىڭ!
-ئىمىر مۇئەللىم،سېلە خەلق سايلىغان قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولغاندىكىن،مۇشۇنداق ئىشلار توغۇرلۇق خەلق قۇرۇليىدا نېمىشقا پىكىر بەرمەيلا؟
-شۇجى بىزنى نەچچە كۈن ئىلىگىرى پىكىر قىلمايسىلەر دەپ تەربىيلەپ،ئاندىن قۇرۇلتايغا ئېلىپ بېرىپ،پىكىر ئالغاندا كۆزىمىزگە قاراپ تۇرسا،قانداق پىكىر بەرگىلى بولىدۇ.
-ھەي،قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلماي قورساقنى تۇيغۇزىلى ئاغىينىلە،كېچىگىچە ئاچ قورساق لەكىلدەپ مېڭىپ يۈرۈپ،يىقىلىپ قالساق،ھېچكىم بىزنى يۆلەپ قويمايدۇ جۇمۇ.
3
-بىز دېمىسەكمۇ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ھەمىڭلار بىلىپ بولدۇڭلار ھەقاچان.بۈگۈن كېچە يەنە چارلاشقا چىقىمىز.بۇ ئىش جىددىي سىياسىي ۋەزىپە بولغاچقا،ئالدىنقى قېتىمۇ،بۇ قېتىممۇ چارلاشنىڭ مەخپىيەتلىكى ساقلاش ئۈچۈن بىزگىمۇ بەش مىنۇت قالغاندىلا تېلېفۇن ئارقلىق ئۇقتۇردى.بۇ ئىش يالغۇز بىر بىزنىڭ يېزىدىلا ئەمەس،ناھىيە بويىچە ھەممە يېزا،ھەممە ئىدارە ئورگانلار تەڭلا ئاتلانغان ئىش.ناھيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىغا ئاساسەن18-مارتتىن باشلاپ10-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىق خىزمەتنىڭ موھىم نۇقتىسىنى مۇقۇملۇق،بىخەتەرلىككە قارىتىپ،ھۇشيار ھالەتتە تۇرىدىكەنمىز.بۇ چارلاشقا بانا-سەۋەپ كۆرسىتىپ بىر كېچە قاتناشماي قالساق،ئۈچ كۈنلۈك ئىش ھەققىمىز تۇتۇلغاننىڭ سىرتىدا يېرىم يىللىق ۋە يىللىق باھالاشقا چېتىشتۇرۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىندۇكەن.بارغادىن كېيىن ياتاق ئۆيگە مەسئۇل بولغانلار ياتاق ئۆينى،مېھمانخانا ئۆيگە مەسئۇل بولغانلار مېھمانخانىنى،ئورىغا مەسئۇل بولغانلار ئورىنى،قوتانغا مەسئۇل بولغانلار قوتاننى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ خاتىرلەيلى!بىر يەرنى تەكشۈرمەي قالساق،ئەللىك يۈەن جېرمانە تۆلەيمىز.ئالدىنقى قېتىملىق تەكشۈرۈشتە 1-كەنتنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان سان بىلەن ساقچىخانىنىڭ نۇپۇسى تەڭ چىقماپتۇ.بۇ كەنتنىڭ شۇجىسى بىلەن مەكتەپ مودېرى توڭباۋ قىلىنىدىكەن.باشقا گەپ بولمىسا دەرھال ئاتلىنىڭلار!
-مېنىڭ پىكىرىم بارتى.بىز بازادىن مەكتەپكە كىلىپ،كىتىپ،تاماق يىيشكە كۈندە18 كوي كىتىۋاتىدۇ.ئالدىنقى قېتىملىق چارلاشقا چىققاندىمۇ مەكتەپتىن كەنتكە ئاپىرىپ،ئەكىلىپ قويۇدىغانغا ھەر بىر ئادەم ئون كوي بەرسەك شۇپۇرلار ئۇنىماي چىڭ بىچارە بولۇپ كەتتۇق.يېزا ئورگىنىدىكىلەر،مال دوختۇرلۇق پونكىتىكىلەر،سۇ پۇنكىتىكىلەر ئۆزىنىڭ ماشنىسىدا كىرا تۆلىمەي بېرىپ كېلىدىكەن.ماشنىسى يوق ئورۇنلارنىڭمۇ كىراسىنى شەخسىلەر تۆلىمەپتۇ.10-ئايغىچە بۇنداق قىلساق،بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەكمىز.كەنتكە بېرىپ كېلىدىغان كىرايىمىزنى مەكتەپ كۆتەرسە بولۇپتىكەن.
- شۇنداق قىلسۇن!! شۇنداق قىلسۇن!!!
-بىز مەكتەپكە رەڭ ئالىلى دېگەن،نەچچە ئاينىڭ ياقى ئىدارىگە تەستىقلىتالمايۋاتىمىز،سىز ئىدارىگە بېرىپ تەستىقلىتىپ كەلسىڭىز،چارلاشقا چىققان كىرايىڭلىنى مەكتەپ كۆتۈرىلى.
-......
-ئاناگۈلدىن باشقا ئىدارىگە بېرىپ پۇل تەستىقلىتىپ كېلىدىغانلار بارمۇ؟!
-......
ھېچكىمدىن ساددا چىقمىدى.ھەممەيلەن ئۈنسىز ھالدا مودېرغا ئەگىشىپ يىغىن زالىدىن چىقتى.ئايدىڭ كېچە.سىرتتا مارتنىڭ ئىزغىرىن شامىلى چىقىۋاتاتتى.بىرنەچچە ئوقۇتقۇچى يان تېلېفۇنىنى ئېلىپ كىملەرگىدور يېلىنىپ تېلېفۇن ئۇردى.يېقىن ئەتىراپتىن موتۇدا كېلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار موتۇلىرىنى ئوت ئالدۇرۇپ،بىردىن ئادەمنى مىندۈرۈپ،ھەرقايسى كەنتلەرگە يۈرۈپ كەتتى...
4
...
-ھوي،مەتنىيىزاخۇن،ئىشىكنى ئېچىڭ!ئىشىكنى!ئۆلدىمۇ نېمە بۇ خەق؟!
-…
-كۈندۈزى كەچكىچە ئېتىزدا ھېرىپ-ئېچىپ ئىشلەپ كەلگەندىن كېيىن مۇشۇنداق ئۇخلايدىغان گەپ.ھازىر سائەت ئىككى بولاي دەپتۇ.ئەتە مەن قانداق ئويغىنىپ،قانداق ئورنىمدىن تۇرىمەنكىن!يا ئەتە شەنبە بولغاندىن كېيىن دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرمىدى.
-خەلق مۇشۇنداق ئۆلۈكتەك ئۇخلاۋاتسا،رەھبەرلەر يەنە نېمىشقا ئەنسىرەيدىغاندۇ؟
-…
-دەرۋازىنى ھەرقانچە ئۇرساقمۇ ئويغانمايدىكەن،ئۆگۈزگە تاش ئاتىلى.
دەرۋازا ئالدىدا ئەمىنلىك ئۆي قۇرلۇشى ئۈچۈن ئەكىلىپ قويغان تاش بار ئىدى.ھەر-بىرىمىز بىرنەچچە تالدىن كىچىكرەك تاشنى ئېلىپ ئۆگۈزگە ئاتتۇق.ئىككى-ئۈچ مىنۇتلاردىن كېتىن ئۆينىڭ توكى ياندۇرۇلۇپ بېشىغا قارا تېرە تۇماق كېيگەن ئەللىك-ئاتمىش ياشلاردىكى كەكە ساقال بىر بوۋاي چاپان يېپىنىپ ھويلىغا چىقتى.
- كىممۇ؟!
-بىز،چارلاشقا چىققان.
-نېمە تۈگىمەيدۇ بۇ چارلىشىڭلار!قارىسام ھەممىڭلار ياش ئەر-ئاياللار ئىكەنسىلەر،ئۆيۈڭلاردا خوتۇن-بالىلىرىڭلار،كېچىدە قىلىدىغان ئىش-كۈشۈڭلارمۇ يوقمۇ ھەرقايسىڭلىنىڭ!
-بىزگىمۇ نېمە ئامال دەيلا،رەھبەرلىك چارلايسەن،تەكشۈرسەن دەۋاتسا ...
-تەكشۈرسەڭلىمۇ بۇنداق يېرىم كېچىدە خەقنىڭ ئۇيقىسىنى بۇزماي،ئۇخلاشتىن بۇرۇن تەكشۈرسەڭلا بولمامدۇ؟ئۆيگە كىرىڭلا.
-شۇنداق قىلساققۇ بولاتتى.لېكىن يېزىدىن ئۇخلاپ بولغاندا تەكشۈرسىلە دەپ ئورۇنلاشتۇردى.مۇئەللىم سىلە ئالدىدا ماڭسىلا،بىز مەھەللىدە كۈندە بار ئادەم.
-مەن قازناقنى تەكشۈرەي،مەتنىيىزكامنىڭ قىزى مېنىڭ ئوقۇغۇچۇم بولىدۇ.كېچىدە ياتاق ئۆيگە كىرمەي.
........
مانا شۇنداق قىلىپ 21-مارت تۈگەپ22-مارتنى كۈتىۋالدۇق.مەن كېچە سائەت ئىككى يېرىمدىن ئاشقاندا روھىم چىقىپ كەتكەندەك ھارغىن ھالدا ئۆيۈمگە قايتىپ كېلىپ كېيىملىرىمنىمۇ سېلىشقا ئۆلگۈرمەي تۆشەككە ئۆزەمنى ئاتتىم…
2008-يىل22-مارت
مەنبە: ئۆزۈم