گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

uqur
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 321 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 148|ئىنكاس: 5

ئانا تىلنى كۈيلەپ ئېيتقان ناخشا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوقلىما
10
 : رەسمى ئەزا
 دەرىجىسى : Rank: 1
 يوللانغان يازمىسى : 1
 نادىر تېمىسى :(0)
 جۇغلانما : 175
تۆھپە : 12
قىزغىنلىق : 28
تىللا : 106
قۇشۇلغان: 2011-10-4
يوقلىما: 2011-12-8

توردا يوق

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 00:17:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[


 : چوڭ باشقۇرغۇچى
 دەرىجىسى : Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20
 يوللانغان يازمىسى : 104
 نادىر تېمىسى :(0)
 جۇغلانما : 2821
تۆھپە : 161
قىزغىنلىق : 339
تىللا : 1878
قۇشۇلغان: 2011-6-21
يوقلىما: 2011-12-15

توردا يوق

ئەزا مېدالى
تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 00:31:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يوللاپسىز،ئانا تىلىمىزنى ھۆرمەتلەش،قوغداش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز،بۇ بۇرچىمىزنى سەمىمىي ۋە ئاكتىپلىق بىلەن ئادا قىلىشىمىز كىرەك.

ياخشى ناخشىلاردىن يەنە بىر-ئىككىنى قوشۇپ ئەۋەتمەپسىز،بۇنىڭدىن كېيىن ئامال بار شۇنداق قىلارسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جەسسۇر2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-6 00:33  



كىشىگە كىشىنى مۇھتاج قىلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن
 : چوڭ باشقۇرغۇچى
 دەرىجىسى : Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20
 يوللانغان يازمىسى : 389
 نادىر تېمىسى :(0)
 جۇغلانما : 4213
تۆھپە : 83
قىزغىنلىق : 669
تىللا : 2403
قۇشۇلغان: 2011-7-22
يوقلىما: 2011-12-16

توردا يوق

ئەزا مېدالى
تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 00:44:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا رەخمەت. بۇنىڭدىن كىيىنمۇ تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن


 : تۈھپىكار ئەزا
 دەرىجىسى : Rank: 2
 يوللانغان يازمىسى : 19
 نادىر تېمىسى :(0)
 جۇغلانما : 736
تۆھپە : 96
قىزغىنلىق : 150
تىللا : 321
قۇشۇلغان: 2011-9-29
يوقلىما: 2011-12-16

توردا بار

ئەزا مېدالى
رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 12:36:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش







ئانا تىلىم جان تىلىم





جەنابىي ھەق ياراتقاندا تەڭ يارالغان تىلىم سەن ،
ھەمدە جانۇ ــ جىسمىمگە قاندەك تارالغان تىلىم سەن .
زۇۋانىمنى ئوغۇز سۈتى بىرلە ئاچتىم ئۇيغۇر بوپ ،
ئۆمۈرلۈككە ساداقەتكە خاس قارالغان تىلىم سەن .

نامىم ئۇيغۇر !
ۋە شۇڭىمۇ تىلىم مەڭگۇ ئۇيغۇرچە
ئەلمىساقتىن مۇقەددەس ۋە ئۆز ئاتالغان تىلىم سەن !!!

ھىچ كىمنىڭ يوق ھەققى شۇڭا قوللانمايسەن دېيىشكە ،
كەلسىمۇ باشىمغا قىلىچ قاچمايدىغان تىلم سەن .

گەر چېپىلسام شېھىتتۇرمەن جەنابىي ھەق ئەمرىچۈن ،
ماڭا شۇنچە ئالىي شەرەپ نىشانلىغان تىلىم سەن .

سېنىڭسىز جىسمىممۇ جانسىز ، روھىممۇ مۇتلەق جانسىز ،
سەنسىز كۈنۈم جانغا زۇلۇم !
كۈيلەيدىغان تىلم سەن !

بايرىغىم سەن !
بارلىغىم سەن !
يارىغىم سەن !!
ئانامسەن !!!
سېنى تاشلاش مۇناپىقلىق !!!
قوغدايدىغان تىلىم سەن !!!

تىل دېمەك ــ مىللەت دېمەك ، گەر تىل يۇقالسامىللەتمۇ... !
يىمىرىلمەس بۇ ھەقىقەت !
ياشايدىغان تىلىم سەن!!!
تىل دېمەك _ مىللەت دېمەك ، گەر تىل يۇقالسا مىللەتمۇ .....!
جاننى تىكىپ قانلار كىچىپ قوغدايدىغان تىلىم سەن !!!

غەيرى تىلغا خۇشتار بولماق ــ قاغا يانتاق سۆيگىنى ،
سەن گۈلۈمسەن بۇلبۇل كەبى سايرايدىغان تىلىم سەن !

سەن گۈزەلسەن،سەن شىرىن سەن، ــ قىممىتىڭگە سۆز يەتمەس !
نامىڭ بىرلە تا ئەبىدى يايرايدىغان تىلىم سەن .

نەچچە مىڭ خىل تىل بىلىشتە كامالەتكە يەتسەممۇ ،
پەخىرلىنىپ چاڭ چاڭ چاڭ سۆزلەيدىغان تىلىم سەن !

شۇنچىۋالا قەدىرلىكسەن جاندىن ئېزىز ئانامدەك ،
جەنابىي ھەق رىزاسىنى كۆزلەيدىغان تىلىم سەن .

نىمە ئۇ گاھ ئىنگىلىزچە گاھى رۇس ۋە باشقىچە ... !
تا ئەبىدى پاكلىغىڭنى ساقلايدىغان تىلىم سەن !

نومۇسسىزلىق ، ۋىجدانسىزلىق ئانا تىلدىن چەتنىمەك ،
دۇنيا ئالتۇن تارتۇق قىلسا ئازمايدىغان تىلىم سەن .

ھەيرانىمەن ، ۋەيرانىمەن بىچارە نادانلارغا ،
بۇ دۇنيادا نەدە بۇلاي ئارزۇلايدىغان تىلىم سەن !

شۇم رەزىللەر جۆيلىشىدۇ ، ــ كارغا كەلمەس ، يوق قىلىپ ،
نى نى قىسمەت ۋە ھىكمەتلەر تولۇپ ــ تاشقان تىلىم سەن !

نىمە دىگەن ناھەقچىلىق ! ــ دەرس مۈنبىرى ساڭا تار !
چۈشەنسىچۇ ! ـــ مەرىپەتتە ئۇستاز بولغان تىلىم سەن !

سېنى چەكلەش ، سېنى يەكلەش ــ پىر ــ ئۇستازغا ھاقارەت !
نادانلىقنىڭ زەربىسىدىن ساقلايدىغان تىلم سەن .

تارىخ ئۆلمەس ، بەلكى شاھىت ! ــ مىسلى شەرەپ - شانىڭغا ،
ئالەمگە نۇر ، پاسىۋان بوپ داڭ چىقارغان تىلىم سەن !

ــ ئەۋۋەلى ئىڭڭە بىلەن دۇنياغا كەلگەندىن بېرى ،
ئىنسانچە ياشاش يۇلىنى خىتاپ قىلغان تىلىم سەن !

سەن بىلەن ئىلىم ــ بىلىمدە دىلى يۇرۇپ ئالەمچە ،
قانچىلاپ ئالىم ، زىيالى داۋان ئاشقان تىلىم سەن .

ئەنە مەھمۇت ، يۇسۇپ ھەمدە لۇتفى ناۋايى ، ... لارنىڭ ،
كىتابىغا جان ، گۈزەللىك بېغىشلىغان تىلىم سەن .

مۇندا گۇننار يارىڭ ( شۋىت ) ، گابائىن خان( نېمىس ) مۇ ،
ھەيران بولۇپ ھىكمىتىڭدىن ئالقىشلىغان تىلىم سەن .

تېخى گابائىن ساڭا زەپ ئاشىقلىقتا ، خوشلۇقتا ،
ئۆمۈر بۇيى ساڭا ئاتاپ كىتاپ يازغان تىلىم سەن .

بەلكى پۈتكۈل ھاياتىنى بېغىشلاپ بىرلا ساڭا ،
توي قىلماستىن كۆز يۇمۇشقا ئىلھام بولغان تىلىم سەن .

شۇنداق !
ئالىم سېنى سۆزلەر ، تارىخ بىلگەن نوچىمۇ !
كۈيلىمەككە ، سۆزلىمەككە زەپ ياراشقان تىلىم سەن !

بۇ ھەقىقەت ! ــ بىلگەن بىلۈر قەدىرىڭنى جان تىلىم !
بىلمىگەن شۇم نائەھلىلەر تۆھمەت قىلغان تىلىم سەن !

ۋەلىكىن كارۋان كېتىدۇ ، ئىتلار قاۋاپ قالىدۇ ،
ئىلىم سۆيگەن ھەقىقەتچى ھۆرمەت قىلغان تىلم سەن !
|
چۈشەنگەچ مەن بۇ مۇبارەك قىسمىتىڭنى جان تىلىم ،
بۇرچۇم بىلىپ تۇنۇتۇشنى قەلەم ئالغان تىلىم سەن .

شۇڭىمۇ يىل يەتتى ئونغا يىراق قىرلاردا ھامان ،
قىنالساممۇ بۇشاشمىدىم ، ئوتنى سالغان تىلىم سەن .

ــ ئوتقا مەپتۇندۇر سەمەندەر ، لاۋا ئوت بەختىدۇر ھەيھات !
شۇنچە تارتتىڭ مىھرىمنى سەن !
ياشنايدىغان تىلىم سەن !
ياشا !
ياشا !!
مىڭلاپ ياشا !!!
پاياندازىڭ مەن سېنىڭ !
كۆزۈمنىڭ گەۋھىرى كەبى ئاسرايدىغان تىلىم سەن !

بۇ ئاللاھىم بېغىشلغان پاك ئەقىدەم ، ۋەزىپەم ،
زەررىچىلىك تەتۈر باقسام بولمايدىغان تىلم سەن .

يازىمەن شۇڭا كىتابىم ، ۋەلىكىن كۆپ خىجىلمەن ،
تەسۋىرىڭنى مىڭ يىل يازسا پۈتمەيدىغان تىلىم سەن !

خەيرىيەت ، كۆپ سۆيۈنۈشتىن تۇتالمىدىم ئۆزۈمنى ،
شۇڭا جاننى مەرت ــ مەردانە پىدا قىلغان تىلىم سەن .

كۆرۈپ باققاي ئېزىز خەلقىم ، ئىلھامىمۇ بوپ قالار ،
شۇ ئارماندا ئاللاھقا كۆپ نىدا قىلغان تىلىم سەن .

سېنى شۇنچە سۆيىمەن ئەي ئانا تىلىم جان تىلىم !
سۆيگۈ گۈلزارىدا بۇلبۇل خەندان ئۇرغان تىلىم سەن !!!





ئاپتورى ــــ ئابدۇل قۇددۇس ئابدۇل ھافىز






ياشنىسۇن گۈللىسۇن ئۇيغۇر تىلى




(مۇخەممەس )
ئابدۇرېھىم زۇنۇن


بىل شۇنى، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۇتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى،
مەڭگۇ پاتماس زەر قۇياش، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى،
بىپايان تىل كۆكىدە چولپان، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى،
مەنىلەرگە باي، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى،
بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى.

ئانا تىل ھەردەم قۇۋم - مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى،
ئانا تىل پەن - مەرىپەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى،
ئانا تىل چوڭۇ- كىچىكنىڭ يۈرىكى، تاغ - يۆلىكى،
ئانا تىل ۋاستە - قۇرال ئالاقىدە، قەلىب ئەينىكى،
بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى .

پەنگە ئاشىق - بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم،
تارتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەر قاچان ئەنبەر تىلىم .
ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال - شېكەر، كەۋسەر تىلىم،
بولدى ئەل دۇشمەنلىرىگە تىغ - تەبەر، نەشتەر تىلىم،
ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى .

ئانا بىلەن كىردى ئېغىزغا، تىل - زۇۋانغا مەڭگۇ تەم،
قىلدى تىل ئاقىل، نادانلارغا بېرىپ ئىدراكۇ پەم،
تىل چېچېلغاننى يىغىپ قىلدى ھامان بىر يەرگە جەم
تىل بىمار، ئاجىز - ئورۇققا ئەم - داۋا، ئاچلارغا يەم
خاسىيەتلىك تىل تۇمار، قالقان - سىپەر ئۇيغۇر تىلى .

يۈرىكىمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام،
مەن ئىجات ئەتتىم مۇشۇ تىلدا، قىلىپ پەرۋاز داۋام،
مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدار بالام،
مۇشۇ تىل بەردى چىدام، مەردلىك، ۋاپادارلىق مۇدام،
قان قېرىنداشلارغا رىشتە، جانجىگەر ئۇيغۇر تىلى .

سۇ بىرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل - ئالتۇن بۇلاق،
ئۇ - چىراق، پەرۋانە بىز، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق،
ئانا تىل يىلتىز، ئوزۇق ئالغۇچى بىز _ نوتا - ئۇلاق،
ئانا تىلدا دەرس ئېلىپ، تاپتۇق ئەقىل، سەمرىپ قۇلاق،
بىزگە پۇتمەس كان، خەزىنە شام - سەھەر ئۇيغۇر تىلى .

قويدى تاڭ دۇنيانى شۇ تىلدا قىلىپ بۇلبۇل ناۋا،
تاپتى شۇ تىلدا پۈتۈلگەن كۈي - غەزەل يۈكسەك باھا،
ھەر تەرەپتىن ياغدى ئالقىش، مىڭ ياشا !دېگەن سادا،
مۇشۇ تىل شۆھرەتكە نائىل ئەيلىدى، سالدۇق ساما،
ئىپتىخارغا پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى .

شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان،
مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان،
مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ، ھەزرەت ناۋائىي تاپتى شان،
مۇشۇ تىلغا جان بىرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان،
مەڭگۇ ئەنگۇشتەر، يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى .

مۇشۇ تىل بىزگە جاھاندا تەڭدىشى يوق، بىباھا،
مۇشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرا، خاتا،
مۇشۇ تىل مەڭگۇ قەدىردان، مېھرى ئاتەش جان ئانا،
مۇشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمات، جاننى ئاتا،
پىر بولۇپ بىزگە ئۆگەتتى كەسىپ - ھۈنەر ئۇيغۇر تىلى .

ئانا تىل قالغان ئانامنىڭ ئانىسىدىن يادىكار،
ئانا تىلغا يۇغۇرۇلغان چىن غۇرۇر ۋە ئېپتىخار،
ئانا تىلنى ئاڭلىسام جۇتنى سېزەرمەن گۇلباھار،
ئانا تىل بار - ئەلمۇ بار، ھېكمەت، مۇھاببەت ... ھەممە بار،
بىزگە ئاش - ناندەك زۆرۇردۇر، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى .

بولغۇسى قەدرىم پاخال - خەس، بولمىسا گەر ئۆز تىلىم،
ئۆز تىلىم بار، ئاي، قۇياشتەك تۇرىدۇ پارلاپ دىلىم،
بارمۇ مەندەك باي جاھاندا، ئۆتتى شاد ھەر ئاي، يىلىم،
ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم،
ماڭا ئۇستاز، رەھنەما چىن ئىچ كۆيەر، ئۇيغۇر تىلى .

خىسلىتى يازغانغا پۇتمەس، تىل ھايات، بىزمۇ ھايات،
مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق، ئەل - يۇرت ئاۋات،
كۇنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات،
مەن بۇڭا دىل بەرگىنىمچۈن، ئارمىنىم بىخ ياردى شاد،
ئۇتتى مەيلىمنى، بېرىپ دىل، ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى .

تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تۇلپارىنىڭ، باش قاشلىما،
بولسا بىل كۆپ تىل، ئەقىل، كۈچ تاپ ھامان، يانپاشلىما،
بۇ قۇرالدىن پايدىلان ياخشى، كېيىن كۆز ياشلىما
شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ، ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما،
قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر، مۆتىۋەر ئۇيغۇر تىلى .

ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا،
شۇڭا مەن ئانا تىلىمغا قىلىمەن چىن ئىقتىدا،
ئانا تىلسىز گال، كېكەچ مەن، بولىمەن جاندىن جۇدا،
چىن يۇرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا :
سۈيىدە ئاق، ئوتىدا كۆي , گۆھەر ئۇيغۇر تىلى !


مەنبە:جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژورنىلى



ئەسكەرتىش:مەن يازمىغان ساقلانما ئەسەرلەر





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆسەنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-6 12:47  



 : رەسمى ئەزا
 دەرىجىسى : Rank: 1
 يوللانغان يازمىسى : 7
 نادىر تېمىسى :(0)
 جۇغلانما : 233
تۆھپە : 12
قىزغىنلىق : 44
تىللا : 126
قۇشۇلغان: 2011-10-6
يوقلىما: 2011-11-10

توردا يوق

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 23:32:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخايتى  ياخشى  بوپتۇ


گۇزەل باي ناملك  ناخشىنى  كانداك&n ...
 : ئالى ئەزا
 دەرىجىسى : Rank: 3Rank: 3
 يوللانغان يازمىسى : 246
 نادىر تېمىسى :(0)
 جۇغلانما : 3228
تۆھپە : 348
قىزغىنلىق : 753
تىللا : 1128
قۇشۇلغان: 2011-6-21
يوقلىما: 2011-12-16

توردا يوق

ئەزا مېدالى
تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى  مۇنبەر قىززىقچىسى
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 10:48:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-12-16 19:04 , Processed in 0.113873 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش