گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 266 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 113|ئىنكاس: 1

ئالدىدا ماڭساڭ تۇمشۇققا،ئارقىدا قالساڭ ئۇشۇققا يەيسەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
8
تېما
32
قىزغىنلىق
366
تىللا
1064
تۆھپە
277
توردا
22 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 23:39:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالدىدا ماڭساڭ تۇمشۇققا،ئارقىدا قالساڭ ئۇشۇققا يەيسەن
(ھېكايە )

-بۈگۈندىن باشلاپ بىر ئاي ھۆججەتنىڭ روھىغا ئاساسەن قايتا تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى بۇيىچە مەسىلە بايقاش ۋە مەسلە تېپىپ چىقىش ئېلىپ بارىمىز.ئاۋال ھەر-بىر يولداش ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.ئاندىن كۆپچىلىك بىرلىكتە بۇ يولداشتا مۇشۇ جەھەتتە ساقلانغان يەنە بىر مەسلىنى تېپىپ چىقىمىز.قېنى،قايسىڭلار ئاۋال ئۆزەڭلاردىكى مەسلىنى ئوتتۇرغا قويۇسىلەر؟
-....
-تۇرمايلى،ھەر كۈنى بىردىن ئادەم ئاۋال ئۆز-ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ چىقىدۇ ھەم كۆپچىلىكمۇ ئۇنىڭدىن بىر تۈرلۈك مەسىلە تېپىپ چىقىدۇ.
-......
-تۇرغۇن،سىز ئاۋال ئۆزىڭىزدىكى قايتا تەربىيە پائالىيىتى جەريانىدا ھېس قىلغان مەسلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈڭ،چالا قالغان جايلارنى كۆپچىلىك ئوتتۇرغا قويىدۇ.
    _ مەن ئۆزەمدە قانداق مەسلە بارلىقىنى پەقەت ئوقمۇدۇم جۇمۇ؟
    -بىر ئاي ئۆگۈنۈش قىلدۇق،يەنە ئوقمۇدۇم دېسەڭلار،يوقۇردىن تەكشۈرۈپ كەلسە بىرىنچى باسقۇچلۇق ئۆگۈنۈش مۇددىتىنى ئۇزارتىۋاتىدۇ.نېمە دېسىڭىز بىر نەرسە دەڭ؟
- مەندە بۇ جەھەتتە ساقلانغان ھېچقانداق مەسلە يوق دېسەم بولامدۇ؟
   -بۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ؟جەدىۋەلنىڭ‹‹ئۆزى ئوتتۇرغا قويغان مەسلە››دېگەن يېرىگە‹‹مەسلە يوق››دەپ يازغىلى بولمايدۇ.
   -دېمىسىمۇ مەسلە يوق تۇرسا،نېمە ئۈچۈن  شۇنداق دەپ يازغىلى بولمايدۇ؟
- مەسلە يوق دەپ يازساق،يوقۇردىن جەدىۋەلنى تەكشۈرۈپ ئۆگۈنۈش تەربىيە پائالىيىتىنى چۇڭقۇر ئېلىپ بارماپسىلەر،دەپ بىرىنچى باسقۇچلۇق ئۆگۈنۈش تەربىيە پائاليىتىنى قايتا ئېلىپ بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ.جەدىۋەلنىڭ تەلىپى بويىچە چوقۇم ھەر-بىر ئادەمدىن ئىككى تۈرلۈك مەسىلىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك.
   -ئەستا!  قانداق قىلارمىز ئەمدى؟
   -تۇرغۇن مۇئەللىم، بۇنداق ئولتۇرۇپ قورسىقىمىزنى قىينىغۇچە ‹‹ئۆگۈنۈشتىن ۋايسىدىم،ئۆگۈنۈشكە تازا ئاكتىپ پوزۇتسىيە تۇتمىدىم›› دەۋاتىمىزمۇ يا؟
-كاللىڭىزغا كېسەك چۈشۈپ كەتتىمۇ نېمە سىزنىڭ! بۇ دېگەن سىياسىي،ئوينىشىدىغان گەپ ئەمەس.
-ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟مۇشۇنداق ئولتۇرىمىزما؟
- مەن بىر ئويلىنىۋالاي،بۈگۈن باشقا بىرسىڭلار ئۆزۈڭلارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇرۇڭلار.
-ئۇنداق قىلساقمۇ بولىدۇ.قېنى،قايسىڭلار ئۆزۈڭلاردىكى مەسلىنى ئوتتۇرغا قۇيۇسىلەر؟
-ئەمىسە  سىلە باشلىق بولغاندىن كېيىن ئاۋال سىلىدىن باشلايلى.
- مەندىن؟!
- شۇنداق قىلىلى،ئاۋال چوڭامدىن كەلسۇن.
- مەن نېمە دەرمەن ئەمدى؟
- ئۆزلىرىنىڭ يولداشلارغا،خوتۇن- بالىلىرىغا يۈز كېلەلمەيدىغان مەسلىلىرىنى قويۇپ تۇرۇپ،يوقىرىغا يۈز كېلەلمەيدىغان مەسىلىلىرىنى دېسىلە بولىدۇ.
  - مېنىڭ يوقىرىغا يۈز  كېلەلمەيدىغان قانداق مەسىلەم بار؟
  - ئۆزلىرىنىڭ مەسلىلىرىنى ئۆزلىرى بىلمىسىلە،باشقىلار قانداق بىلىمىز.
  - يا بولمىسا،سىلە ئۆتكەندە تىرورچىلار دېگەن بىزدەك يالاڭتۆشلەرگە،بىزنىڭكىدەك قەلەندەر ئورۇنغا ھەرگىز ھۇجۇم قىلمايدۇ دېگەن سۆزلىرىنى يېزىپ قويمايمىزمۇ؟
- ھە مانا سىلىدىن بىر مەسىلە بايقالدى!
  - ھەي،ھەي كەلسە كەلمەس چاقچاق قىلماڭلار.
  - بۇنداق قورۇق تالاش-تارتىش قىلغۇچە،گۆشتىن ئىككى-ئۈچ كىلو ئەكىرىپ سېلىپ يىمەيمىزمۇ؟
   - ھەي مەمەت،كاللاڭلار نەدە سىلىنىڭ؟ بىز ما تىرورچىلارنىڭ گېپىنى قىلىۋاتساق،سىلە نېمە گۆش يىيىشنىڭ گېپىنى قىلىسىلەر؟
  -ئىككى-ئۈچ كۈندىن بېرى توختىماي يامغۇر يېغىپ پەقەت ئىسسىمىدىم.
بىز بۇ يەردە تىتىرەپ تۇرغان بىلەن تىرورچىلار بىر يەردە گۆش يەۋاتىدىغاندۇ ھەقىچان.
  - ئاداش ھەي،تىرورچىلار دېگەن گۆش يىمەيدۇ،مۇش يەيدۇ،ئۇلارنىڭ جاجىسى مۇش!!
  - پو ئاتماڭلار ئاداش،تىرورچىلار كېلىپ قاپتىمىش دېگەننى ئاڭلىساڭلار،چاشقان تۆشۈكىنى ساراي كۆرۈپ قاچارسىلەنمىكەن.
- بۇ ئاداش ھازىرمۇ كېچىسى خوتۇنى بىرگە چىقمىسا،تالاغا ئۆزى يالغۇز سىيگىلىمۇ چىقالمىغۇدەكمىشقۇ.
-چاقچاقنى قويۇپ،بۈگۈن بىر ئادەمنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تۈگۈتىۋاتساقچۇ؟
- مەن ھەممىڭلىدىن چوڭ ئىكەنمەن،مېنىڭ بېشىمدىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرىممۇ كۆپ،نەچچە قېتىم ئەلنىڭ ئالدىدا مېڭىپ تۇمشۇققا يىگەن،يەنە نەچچە قېتىم ئەلنىڭ ئارقىدا قېلىپ ئۇشۇققا يىگەن ئادەممەن. مەن بىر مەسلىھەت بېرەيمۇ؟
- بولسا شۇنداق قىلسىلا،چۈشتە گاڭبۇدا ئابدۇللا ئابدۇرېھىممۇ سىلىنى شۇنداق مۇئەللىم دەپ ناخشا ئېيتىۋاتاتتى.
- بىز بۇ ئىشقا بەك ئالدىراپمۇ كەتمەيلى،باشقىلارنىڭ كەينىدىمۇ قالمايلى.ئاۋال باشقا گۇرۇپپىلارغا قاراپ بېقىپ،ئۇلار قانداق مەسىلە تاپشۇرسا،بىزمۇ شۇنداقراق مەسىلە تاپشۇرمايمىزمۇ؟
- شوجاڭ قانچە ئادەمنى ئوپېراتسىيە قىلىپ بولدۇڭلار،دېسە نېمە دەيمەن ھېلى؟
- بىر ئادەمنى ئوپېراتسىيە قىلىپ بولدۇق،دەپ قويمامسىز.قېنى قانداق ئوفىراتسىيە قىلدىڭلار،دەپ جەدىۋەلنى تەكشۈرۈپ ئولتۇرماس.
- شۇنداق قىلساقمۇ قىلىلى.ئەمىسە باشقا گورۇپپىلارغا ھېچكىمنى تېخى ئوپېراتسىيە قىلىپ بولالمىدۇق،دېمەڭلا، شوجاڭنىڭ قۇلۇقىغا يىتىپ قالمىسۇن.
- شۇنداق قىلىلى.
- يائاللا!جاھاندا ئادەم ئۆزىدە يوق مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويۇشتىنمۇ تەس ئىش بارمىدۇ؟
- شۇنى دەيمەن،ئەجىلىمىزدىن ئون يىل بۇرۇن ئۆلىدىغان بولدۇق جۇمۇ.
- بايا مۆمىن مۇئەللىم ‹‹ ئالدىدا ماڭساڭ تۇمشۇققا،ئارقىدا قالساڭ ئۇشۇققا يەيسەن››دېگەن سۆز نېمە دېگەن دانا سۆز-ھە.
- شۇنى دەيمەن.
                     
        مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەتىرگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-6 00:57  



Rank: 3Rank: 3

تېما
13
قىزغىنلىق
325
تىللا
1350
تۆھپە
185
توردا
106 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 23:56:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامال يوق بەزىدە شۇنداق ئۆزىمىزنى مەجبۇرلاپ ئوپراتسىيە قىلمىز.ئۈگنىشكە تۇلۇق قاتناشقان بولساقمۇ  تۇلۇق قاتنىشالمىدىم دىگەندەك .....يوقنى بار قىلىپ .  ئوفراتسىيە ئەمەس ئوپراتسىيە دەيدىغاندىمىز

شۇنداق،بۇ تېمىدا ئىملا خاتالىقى كۆپرەككەن،تېما ئىگىسى بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلار،لىكىن سىزمۇ خاتا يېزىپسىز،قاتنىشاكمىدىم ئەمەس،قاتنىشالمىدىم،ئۇزىمىزنى ئەمەس،ئۆزىمىزنى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاراقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-30 18:44  



سۈكۈت قىلىش -ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان كىشلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-15 00:52 , Processed in 0.101192 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش