گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2266 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 9344|ئىنكاس: 70

قوغلاشقا بولمايدىغان قىزلار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قوغلاشقا بولمايدىغان قىزلار





1. تارىخ فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان ھىيلە-نەيرەڭلەرنى تەتقىق قىلىدۇ، بۇنداق قىزلارنى قانداقمۇ ئالداپ بۇلالايسىز؟...





2. ماتىماتىكا فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، ئەتىدىن كەچكىچە ھېساپ ئىشلەۋېرىپ ھامان بىر كۈنى نېرۋىسىدىن ئازىدۇ.





3. كومپيوتېر فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، بۇنى كومپيوتېرنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىنىڭ قانچىلىك تېزلىكىگە قاراپلا بىلىۋالغىلى بۇلىدۇ.





4. خېمىيە فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، ئايرىلغاندا يۈزىڭىزگە كىسلاتا چېچىۋېتىلىش خەۋپى چوڭراق بۇلىدۇ.





5. ئىقتىساد فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، يانچۇقىڭىزنى قۇپقۇرۇق قىلىۋېتىدۇ.
6.تەنتەربىيە فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ،تاساددىپىي سۇقۇشۇپ قالسىڭىز.....





7. ئاكتىيورلۇق فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ رول ئېلىۋاتقان ياكى تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيسىز.





8. فىزىكا فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تەرەت قاچىسىنى توكقا ئۇلاپ قۇيۇپ ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر فىزىكا ئۇقۇغانلارمىش.





9. گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، ئۇلار سىزنى كۆرگەن ھامانلا ئادەم بەدىنى مودىلى سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ تۇرىۋېلىشى مۇمكىن.





10. ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ھەر تەرەپتىن ئەتىراپلىق يىتىشكەن ناتىقلىق قابىلىيتىگە ئىگە بۇلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا ئېرىشكىنىڭىز قىزنىڭ مەنسىتمىگەن كۈلكىسى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.





11. بىئولوگىيە فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، سىز ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت مۇھەببەت تەجىربىسىدىكى ئىشىلتىش قىممىتى قالمىغان ھامانلا تاشلىۋېتىلدىغان ئاق چاشقان.





12. مېدىتسىنا فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىدىغىنى ئۇچۇق-ئاشكارا ئادەم بەدىنىنى كۆزىتىش ۋە ھەرقايسى ئەزالارنى مۇۋاپىق مىقداردا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش.





مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى گېزىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەتىرگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-27 01:33  



ۋاقتى: 2011-10-5 10:27:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇن فاكولتېتىنىڭ قىزلىرىچۇ؟ ئۇلار بىلەن ئازارلىشىپ قالسىڭىز كېيىن دەۋاغا سۆرەپ چىقىپ دەلىل-ئىسپات دېگەننى تۆكۈۋېتىدۇ،پۇشايماننى شۇ ۋاقتا قىلىسىز.


ۋاقتى: 2011-10-5 10:31:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سزنې   قۇغلاسا  بۇلامدو

ئىملاغا دىققەت قىلغايسىز! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جەسسۇر2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-5 21:01  



ۋاقتى: 2011-10-5 10:34:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   شۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپتە ئۇقۇمىغان قىزلارنى قوغلىشىش ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل


ۋاقتى: 2011-10-5 12:12:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھا!!! ئوقۇمىغانلا قىزلارنى قوغلىشىڭ دەپسىزغۇ ئەتىرگۈل ؟!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-10-5 20:00:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇزات204 يوللىغان ۋاقتى  2011-10-5 12:12
ھاھا!!! ئوقۇمىغانلا قىزلارنى قوغلىشىڭ دەپسىزغۇ ئەتىرگۈ ...

ئۇقۇمىغان قىزلارنى قوغلىشىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ


ۋاقتى: 2011-10-5 21:03:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشىسى قوغلاشمىغانلا تۈزۈككەن شۇنداقمۇ باش ئاغرىقى تېپىۋالماي،بىزنى قوغلاشسا بولىدىغان ئوخشايدۇ قىزلار


ۋاقتى: 2011-10-5 21:19:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى ئالدىمغا كەلسە ھايت ھايىت قايت قايت  دەپ ئارقىسىغا ياندۇرۋىتىمەن


ۋاقتى: 2011-10-5 21:48:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىرگۈل يوللىغان ۋاقتى  2011-10-5 20:00
ئۇقۇمىغان قىزلارنى قوغلىشىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ

   ئەمسە قانداق قىزلارنى قوغلىشىمىز ؟   بىزنى تاڭسىڭدەك ياشىسۇن دىمەكچىما ؟


ۋاقتى: 2011-10-6 14:23:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىرگۈل يوللىغان ۋاقتى  2011-10-5 20:00
ئۇقۇمىغان قىزلارنى قوغلىشىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ

ئۇنداقتا مەن قىزلارنى قوغلاشماي ، كەپ قالسا قايت ،قايت دەپ قايتۇرىۋەتسەم بولغۇدەك.
بوپتۇ قىزلار مېنى قوغلاشسۇن، پۇرسەت بېرىمەن.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-4 11:12 , Processed in 0.210265 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش