گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1089 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 383|ئىنكاس: 7

نىمانچىلا تەس دەيمەن ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
34
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  412
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 449
تۆھپە : 107
توردا: 17
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2012-9-7
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 18:32:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نىمانچىلا تەس دەيمەن ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق





Yulghunjan




ئەي خالايىق تەس ئىكەن ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق،
ئادەت بولدى بىزلەرگە ئۆزىمىزنى غاجىماق.
قۇدرەت تېپىش يولىغا سالاي دېسەك ئارغىماق،
ئۈزەڭگىمۇ، ئىگەرمۇ، يوللاردا كۆپ ئاچىماق.
نېمانچىلا تەس دەيمەن، ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق!





سەۋەنلىكتىن مۇستەسنا بولالمايدۇ ھىچ مىللەت،
ھەركىمدە بار كەمچىللىك، ئۇنداق-مۇنداق بىر ئىللەت.
ئۇچسىمۇ ھەم كۆچسىمۇ ئالەم ئارا بەش قەۋەت،
ئېسىل-پەسلىك پەرقى يوق تىزىپ يۈرمە رەتمۇ-رەت.
نېمانچىلا تەس دەيمەن، ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق!


تەرەققىيات بولماسمۇ، ئۆزىمىزنى غاجىماي،
ئېچىلماسمۇ بۇ ئىقبال، ئۇيغۇرلۇقتىن ئاجىماي.
يېزىلماسمۇ ماقالە ئەجدادلاردىن داجىماي،
يارىمىسا يا باتۇر ياكى نوچى، ھاجىباي.
نېمانچىلا تەس دەيمەن، ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق!



يۇۋاش-يۇمشاق بولامىش، يىسە قوينىڭ گۆشىنى،
تۇغار ئىمىش ئانىلار ئەۋلاتلارنىڭ لۆشىنى.
نە كۈنلەرنى كۆرەتتۇق، يىسەك پاشا، لۆجىنى،
ئۇچارمىزمۇ خالايىق، يىسەك قۇشنىڭ تۆشىنى.
نېمانچىلا تەس دەيمەن، ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق!



ئۇلۇقلايمىش بەزىلەر ۋاتاشانى، رىگاننى،
ئاي، قۇياش دەپ بىلەرمىش فىرانسۇزنى، گېرماننى.
بىرەمدىكىن بىلمىدىم بىكارغىلا بىر ناننى،
كىم باقاركىن ئىشلىمەي ئوڭدا ياتقان ئىنساننى.
نېمانچىلا تەس دەيمەن، ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق!



كىچىككىنە يول تاپقان سېلىۋالسا قوساقنى،
يول بەرمىسە ھېچكىمگە قۇرۇپ ھەريان توساقنى.
مەڭنى بايقاپ توۋلىسا « تاپتىم ماۋۇ پوقاقنى!»
كىم بۇيرىغان بولغىيتى بىزگە مۇنداق چوقاقنى.
نېمانچىلا تەس دەيمەن، ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق!



ئەجدادىغا پۇت ئاتار نائەھلىلەر نەدە بار؟
نائەھلىگە قەيەردە كۈلۈپ باقار ئەتە بار؟
ئەنئەنىدىن تانغۇچى ئۇيغۇرۇم بار يەردە بار،
توۋا دەيمەن مىڭ توۋا، نەدە مۇنداق پەدە بار؟
نېمانچىلا تەس دەيمەن، ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق!



قىزىل، قوڭۇر، ساپ-سېرىق بويىۋېلىپ چېچىنى،
ئاننان ياكى جورجى بۇش قويۇۋېلىپ ئېتىنى.
پاساھەتتە رەڭ بىرىپ يېزىشسىمۇ خېتىنى،
ئۇيغۇرلۇقتىن تانالماس، يۇيالمايدۇ قېنىنى.
نېمانچىلا تەس دەيمەن، ئۇيغۇر بولۇپ ياشىماق!



ئاي بولساڭمۇ ئۆزەڭگە، كۈن بولساڭمۇ ئۆزەڭگە،
ئەل رايىغا بېقىپ قوي سۇقۇشتۇرماي ئۈزەڭگە.
تەمەننادىن يىراق بول ياغ تولمىسۇن كۆزەڭگە
ئەلنىڭ لەنەت تامغۇسى بېسىلمىسۇن تۆپەڭگە.
ئادەت بولسۇن سەن ئۈچۈن ئەلنى سۆيۈپ ياشىماق.



تۈزۈك قارا، ئۇيغۇردا شانۇ-شەۋكەت زەپەر كۆپ،
ئالەمشۇمۇل نەتىجە، تۆھپىلەر كۆپ، خەۋەر كۆپ.
رىقابەتلىك بەيگىدە پەللىلەرگە ئۆتەر كۆپ،
ئەل ئىشقىدا كۈنۇ-تۈن ھالالۇ تەر تۆكەر كۆپ،
يوللىرىغا نۇسرەتنىڭ گۈل-غۇنچىسى ئۈنەر كۆپ،
ئۇيغۇرۇمغا يار بولسۇن ئۈمىدۋار بوپ ياشىماق.



مەنبە:ساقلانما


Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  183
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 2
تىللا: 1143
تۆھپە : 217
توردا: 64
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-8-11
ئاخىرقى: 2012-11-12
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 20:10:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aa
ناھايىتى ياخشى يېزىلغان شېئرىكەن بۇ. ئۆزىڭىز يازدىڭىزمۇ؟  ئۆزىڭىز يازغان بولسىڭىز ھەققەتەن شېئىر يېزىشتا دىتىڭىز باركەن.
ھە-راسىت كۆسەنى ئەپەندى سىز كۇچالىق ئوخشىمامسىز؟ ئارتۇق سۇئال سوراپ قويغۇنۇمنى كەچۈرۈڭ، تەخەللۇسىڭىزغا قاراپ شۇنداق سورىغىم كەپ قالدى، ئەيىپكە بۇيرۇماڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-4 20:16  



يازمىلىرىم تورداشلارغا  ھوزۇر بېغىشلىيالىسا ئۆزەمنى بەخىت ھىس قىلاتتىم....

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  137
يازما سانى: 640
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3921
تۆھپە : 93
توردا: 1384
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2012-11-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 20:24:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ياخشى يېزىلغان شېئىركەن، ئۆزىڭىز يازغانمۇ؟


ئادەم ياخشى ئىش قىلالمىسىمۇ يامان ئىش قىلماسلىقى كىرەك

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  73
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3450
تۆھپە : 161
توردا: 360
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-10-30
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 23:15:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرغۇ ھەقىقەتەن ياخشىكەن،ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت،لىكىن ئۆزىڭىز يازدىڭىزمۇ ياكى ئاپتورى باشقىمۇ ئېنىق ئىزاھات بەرمەپسىز مەنبەسىگە.


كىشىگە كىشىنى مۇھتاج قىلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  412
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 449
تۆھپە : 107
توردا: 17
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2012-9-7
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 12:18:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېىرنى مەن يازمىغان ئاپتۇر Yulghunjan ئەسكەرتىلگەن، بەلكىم 7 يىل بولدى بولغاي ساقلاپ قويغىلى،
شۇڭا تورداشلاربىلەن بىرگە بەھرىمان بۇلۇش نىيىتىدە يوللاپ قويدۇم.






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆسەنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-6 12:20  



Rank: 4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3052
تۆھپە : 107
توردا: 197
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-30
ئاخىرقى: 2012-11-5
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 12:11:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قويغان ئەسەرلىرىڭىز بولسا ئايىمىغايسىز ...


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1213
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1188
تۆھپە : 12
توردا: 86
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-6-10
ئاخىرقى: 2012-11-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 20:41:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزلغان شېئر ئىكەن رەخمەت !
بۇ مۇنبەرگمۇ كىرىپ تۇرايلى ،باي خەلقى سىزنى قىزغىن قارشى ئالدۇ !!!!!!!!!!!!!!!!


Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  705
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 160
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-12-3
ئاخىرقى: 2012-11-5
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 22:17:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ! سالامەتلىك يار بولسۇن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-11-14 18:51 , Processed in 0.386010 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش