گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 276 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 152|ئىنكاس: 1

نىيەت ( ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
15
تېما
3
قىزغىنلىق
53
تىللا
158
تۆھپە
16
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-1 16:25:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                   نىيەت
                                                                    ( ھېكايە )

        قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى ، ھاۋا سوغۇق . تاكسى شوپۇرى تۇرسۇن بۈگۈن بۆلەكچىلا خوشال ئىدى . چۈنكى چۈشكىچە كىرا قىلىپ تاپقان پۇلى 300 سومدىن ئاشقان ئىدى . ماشىنىنى رېمۇنتخانىدىن ئېلىپ چىقىپ ، ئىككىنچى كۈنىلا شۇنچە پۇل تېپىپتۇ ، خۇدايىم بۇيرىسا ، كەچكىچە ئوبدان ماڭالىسا 700 سومدىن ئاشىدىغانلىقى ئېنىق . بۇنداق ئامەت دائىملا كېلىۋەرمەيدۇ . گاھىدا تاپقان پۇل ماي پۇلىغىمۇ چىقىش قىلمايدىغان ئىشلار بولۇپمۇ قالىدۇ . بۈگۈن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، كۆپرەك پۇل تېپىۋېلىش كېرەك .
       خۇددى تۇرسۇن بىلەن قېرىشقاندەك ، نېمىشقىدۇر چۈشتىن كېيىن ماشىنا توسقانلار دېيىشىۋالغاندەك ، قۇچىقىدا بالىسى بارلار ياكى بالا ئەگەشتۈرىۋالغانلار ۋە ياكى ھازىرلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك تۇرىدىغان ياشانغان كىشىلەر ئىدى . ئادەتتىكى ۋاقىتلار بولسىمىغۇ ،  ئۇلار ماشىنا توسىغىلى قولىنى كۆتىرىپ بولغۇچە ، ماشىنىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ توختىتىپ بولغان بولاتتى . ئەمما بۈگۈن ھېيت ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋامۇ پەۋقۇلئاددە سوغۇق . توختىماي كىرا چىقىدىغان بۇنداق كۈن ھەمىشە بولىۋەرمەيدۇ . قېرىلار ۋە بالىلىرى بارلارنىڭ مىس – مىسلىقى . ئۇلارغا ماشىنا توختىتىپ ، ئۇلار ماشىنىغا چىقىپ – چۈشۈپ بولغۇچە بىرمۇنچە ۋاقىت كېتىدۇ . ئۇششاق بالىلارغا كىرا ئالماي دېسە ، ئۇلارمۇ بىر كىشىلىك يەرنى ئىگىلەپ ئولتۇرۇشىدۇ . ئالاي دېسە تېخى بەزىلەرنىڭ : « ئىنساب قىلىڭ ئۇستام ، كىچىككىنە بالىغۇ ؟ » دېيىشلىرى بار . خۇدا ساقلاپ تېنچ ماڭسىغۇ تەلەي ، ئالىمادىس بىرەر كېلىشمەسلىك بولۇپ قالسا « كىرا ئالمىغانتى ، پىشانىسىكەن »  دېمەي ، « كىچىك بالىمۇ ئادەم » دەپ ئۇششۇقلۇق قىلىشقا ئارانلا تۇرىدۇ ، كىرا تۆلىمىگەندە خۇددى ئادەم ئەمەستەك . ئەتىگەندىن كەچكىچە مۇشۇنداق مېڭىشىمنى پۇل ئۈچۈنغۇ دېگەن بىلەن ، ھەممە خەق ھېيت ئويناۋاتقاندا ، باشقىلارنى بارىدىغان يېرىگە سالامەت ئاپىرىپ قويغانلىقىمغا رەھمەت ئېيتىشى كېرەك تېخى .
تۇرسۇن مۇشۇنداق خىياللار بىلەن بىرنەچچە يەردە ماشىنىسىنى توسقان ياشانغانلارنى ،  بالىلىرى بىلەن تۇرغانلارنى ، يۈك – تاقى كۆپرەك كىشىلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ ، يولنىڭ تېيىلغاقلىقىغا قارىماي ، ماشىنىسىنى غۇيۇلدىتىپ ھەيدىگىنىچە ، ئىككى ياققا نەزەر سېلىپ ئىتتىك كېتىۋاتاتتى . ناھىيە مەركىزىگە جايلاشقان تۆت كوچا دوقمۇشىغا كەلگەندە ، بىر جۈپ قىز – يىگىت ماشىنىنى توستى . ئۇ ئالدىراپ رولنى بۇراپ تورمۇزنى دەسسىدى  .  كېچىدىن ياغقان قار بىلەن ماشىنا مېڭىۋېرىپ سىلىقلىشىپ كەتكەن يولدا ماشىنا توختىماي ،  سېيرىلىپ  بارغىنىچە بىر چەتكە توختىتىپ قويۇلغان تاكسىغا « جاققىدە » سوقۇلدى . شۇئان ماشىنىنىڭ ئالدى چىراغلىرى جاراڭشىپ يەرگە چۈشۈپ ، سۇنۇقلىرى ماشىنىنىڭ ئالدىنى بىر ئالدى . تۇرسۇن ئالدىراپ ماشىنىدىن چۈشتى . 2000 سوم بىلەن تېخى تۈنۈگۈن ئەتىگەنلا رېمۇنتخانىدىن ئېلىپ چىققان ماشىنىنىڭ بىر تەرىپى گويا تۇرسۇنغا : « نەپسىنىڭ جاجىسى مانا شۇ ، پۇلغا توي ، ئىنسابنى ئۇنتۇغىنىڭغا توي ! » دېگەندەك ماكچىيىپ تۇراتتى . . .

                          _____مۇختار مۇھەممەتئىمىن نەزەر
           مەنبە : « كۈسەن مەدەنىيىتى » ژۇرنىلى 2011 - يىل 2 - سان بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جەسسۇر2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-1 18:24  



ئۆلۈكلەر ئۆلسە ئىدى ، دۇنيا تىرىكلەرگە قالاتتى . . .

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
30
قىزغىنلىق
571
تىللا
2160
تۆھپە
77
توردا
886 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 00:11:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئىسىت!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-22 00:47 , Processed in 0.104408 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش